مىكروسوفت Outlookكە تىزىملىتىپ ئۇيغۇرچىغا تەڭشەش ئۇسۇلى مىسرانىم مۇنبىرى قارلىق يازمىسى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار ،ياخشىمۇسىلەر بۈگۈن سىلەرگە مىكروسوفت Outlookقا تىزىملىتىپ ئۇيغۇرچغا تەڭشەش توغرىسىدا دەرس سۆزلەپ ئۆتىمەن. Outlookنى نېمە بولغىيدى دەپ ئويلىسىڭىز ،ئاددىي بىر جاۋاب:ئۇ ئېلخەت. ئەگەر تەپسىلىي بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ.
خوش قۇرۇق گەپنى تولا قىلماي ،باشلايلى: سىز ئالدى بىلەن www.outlook.com ماۋۇ توربېكەتكە كىرىڭ ئەگر ھېساباتىڭىز بولسا ئۇدۇل كىرىۋېرىڭ بولمىسا تىزىملىتىڭ .
ئەمدى ئاۋۇ يەرلارنى تولدۇرۇشقا باشلاڭ ,مەن تۆۋەندە بىر ئۈلگە كۆرسىتىپ ئۆتىمەن شۇنىڭغا قاراپ تولدۇرۇڭ.بىتەرلىك سوئالى جاۋابىڭىز چوقۇم 5ھەرپتىن كۆپ بولسۇن
يۇقىرىدىكى رەسىمنىڭ ئاستى تەرىپى:
پۈتۈن ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئەڭ ئاستىدىكى(接受)نى بېسىڭ. يان تېلفۇن نومۇرىمنى نېمىشقا كىرگۈزىدىغاندىمەن دەپ ئەنسىرمەڭ ،چۈنكى سىز پارولنى ئۇنتۇپ قاغاندا يان تېلفۇن ئارقىلىق قايتۇرۇپ ئەكىلىسىز ،خاتىرجەم تولدۇرۇۋېرىڭ
مۇۋاپپىقىيەتلىك تىزىملاتتۇق ،ئەمدى ئۇيغۇر تىلىغا تەڭشەيلى :
.
ئاشۇ چىشلىق چاقنى بېسىڭ ئاندىن:
چىققان كۆزنەكتىن (语言)دىگەننى بېسىڭ
. (语言)دىگەننى باسسىڭىز تىل تاللاش رويونى چىقىدۇ ،سەل ئاستىغا سۈرسىڭىز ئۇيغۇرچە دىگەن خەتنى كۆرىسىز ئاۋۋال ئۇيغۇرچە دىگەننى ئاندىن ساقلاشنى بېسىڭ
ھەيران قالغانسىز؟دۇنياۋى ئېلخەتتە ئۆز ئانا تىلىمىزنى كۆردۇق.
ئەمدى دوستلىرىڭىز بىلەن ئۇيغۇرچە خەت يېزىشىپ ئالاقە قىلىڭ ،ھا راست مەزكۇر ھېساباتنى يەنە تېخى ھەقىقىي نۇسخىدىكىwindows8 سېتىۋالغان بولسىڭىز شۇنىڭ بىلەن بىرگە باغلاپ ئىشلىتەلەيسىز.
مېنىڭ تور كۆرگۈچۈم 360تور كۆرگۈچى ئىدى ،شۇڭا ئۇيغۇرچە خەتنى چىرايلىق قىلىش ئۇسۇلىنى سۆزلىيەلمەي قالدىم.ئاللا خالىسا كىيىنكى قېتىم يەنە مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك دەرسلىك سۆزلەيمەن. ئەگەر قىلالىسىڭىز تور كۆرگۈچ IE9 نىڭ «Internet تاللانمىلىرى»(Internet 选项)غا كىرىڭ، ئاندىن «خەت نۇسخىسى» (字体)دېگەننى تاللاڭ.
«ھەرپ-بەلگە توپلىمى»(字符集)دىن «لاتىن يېزىقىنى ئاساس قىلىدىغان»(以拉丁文为基础)نى تاللاڭ.
«تور بەت خەت نۇسخىسى»(网页字符集)دىن ALKATIP UI (ياكى ALKATIP)نى تاللاڭ.
«جەزملەشتۈرۈش»(确定)نى بېسىپ، چېكىنىڭ.
قوشۇمچە ئىقتىدارلار (辅助功能)دىن، فورماتى (格式化)نى تاللاڭ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى 2- ۋە 3-ئەزانىڭ ئالدىغا توغرا بەلگىسى قويسىڭىز بولىدۇ،شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرچە نورمال چىرايلىق كۆرىنىدۇ.
شۇنداق قىپ ئىش تامام ۋەسسالام .مەزكۇر تىمىنى مىسرانىم مۇنبىرى قارلىق يازمىسى دەپ ئەسكەرتىپ ھەرقانداق مۇنبەرگە يوللىسىڭىز بولىدۇ. مېنىڭ Outlookھېساباتىم :jawlan0996@outlook.com
|