- جۇغلانما
- 222
تىزىملاتقان2013-2-3
ئاخىرقى قېتىم1970-1-1
توردا سائەت
دوست
|
قىممەتلىك ۋاقتى ۋە ئىقتىسادىنى سەرپ قىلىپ خەلقئارالىق تور ئۇچۇر دۇنياسىدا بوغۇن كەبى تىنىمسىز پەرۋاز قىلىۋاتقان تورخۇمار قېرىنداشلار، ياخشىمۇ سىلەر!
ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىش، تەرەققىي قىلىش جەريانىدا نۇرغۇن ئەگرى-توقاي جەريانلارنى بېسىپ ئۆتتى، ئەڭ دەسلەپتىكى ئوقۇلغۇ(پىنيىن) يېزىق ئاساسىدىكى كاككۇك تورلىرىدىن باشلانغان بۇ كىچىك ئېقىن، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە تەرەققىي قىلىپ مەيلى تېخنىكا، مەيلى ئۇچۇر زاپىسى، مەيلى زىيارەتچىلەر جەھەتتىن بولسۇن غايەت زور دەرىجىدە زورىيىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ مانا بۈگۈنكىدەك جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان ھازىرقى ھالەتكە كەلدى. بۇ جەرياندا ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى قۇرۇلۇش(مەيدانغا كېلىش)، چوڭ بولۇش، يېقىلىش ، يەنە ئورنىدىن تۇرۇش، پېشىپ يېتىلىش...ئارقىلىق ئۆزىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى،مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە ھاياتى كۈچىنى تور دۇنياسىغىلا ئەمەس پۈتۈن جەمئىيەتكە نامايان قىلدى .
بىراق شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈش لازىمكى، بېكەتلەرنىڭ سانى كۆپ بولۇش، تور بېكەتلىرىمىز ئارىسىدا ھەمكارلىق كەم بولۇش، خەن ياكى ئىنگىلىز يېزىقىدىكى تور بېكەتلەردىكىدەك نوپۇزلۇق مۇلازىمەت بېكەتلىرى ئىجىتىمائى ئالاقە بېكەتلىرى بولماسلىق،كەسپىي بېكەتلەر تەرەققىي قىلالماسلىق، توردىكى لازىملىق ئۇچۇرلارنى لازىم بولغاندا تاپقىلى بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرمۇ ساقلانماقتا.
يۇقارقى مەسىلىلەرگە قارىتا ئاز تولا بولسىمۇ ياندىشىش مەقسىتىدە بىلتاپ تورىمىز ئۇيغۇر خەلقئارالىق تور ئۇچۇر كاتۇلۇگى مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى. يەنى توردىكى ئۆزىڭىز ياقتۇرغان، ياكى ئەھمىيەتلىك دەپ قارىغان ۋە ياكى ئۆزىڭىز ئەجىر سىڭدۈرۈپ يازغان تېمىلىرىڭىز ئەمدى بۇ چەكسىز خەلقئارالىق تور دۇنياسىدا كۆمۈلۇپ ياكى يوقاپ كەتمەيدۇ!
يەنى سىز ئەشۇنداق ئەھمىيەتلىك تور ئۇچۇرلىرىنىڭ ئۇلىنىش ئادرېسىنى بىلتاپ خەلقئارالىق تور ئۇچۇر كاتالوگىغا تەۋسىيە قىلىپ قۇشۇپ قويسىڭىزلا ۋاقتى كەلگەندە ئىزدەش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ قايتا كۆرەلەيسىز. شۇنداقلا باشقىلار سىز يوللىغان ئاشۇ ئەھمىيەتلىك ئۇچۇرلاردىن ، سىزمۇ باشقىلار يوللىغان قىممەتلىك ئۇچۇرلاردىن تەڭ بەھرىمان بولالايسىلەر.
قېنى ئۇنداقتا بىلتاپ ئۇچۇر كاتالوگىغا قىممەتلىك ئۇچۇرلار مەنزىلىنى تەۋسىيە قىلىپ، باشقىلار بىلەن تور ئۇچۇرلىرىدىن تەڭ بەھىرلىنىڭ.
ھۆرمەت بىلەن بىلتاپ خەلقئارالىق تور ئۇچۇر كاتالوگى
ئادرېسىمىز: www.biltap.com بۇ يازمىنى ئاخىرىدا turan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-4 12:41
|
|