- توردا
- 161 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-12-25
- تىزىملاتقان
- 2011-1-4
- شۆھرەت
- 3899
- تىللا
- 1966
- تۆھپە
- 2438
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 13160
- ئالبوم
- 1
- بلوگ
- 3
- خاتىرە
- 1
- يازما
- 953
- تېما
- 221
- نادىر
- 1
- ھەمبەھر
- 4
- UID
- 1292
- تۆھپە
- 2438
- تىللا
- 1966
- شۆھرەت
- 3899
|
33 . پىراكتىكا ۋاقتىدا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ئاپتوموبىل ھەيدىگەن بولسا ھەمراھ بولغان خادىمنىڭ قانداق پىراۋىسى بولۇشى كېرەك؟
جاۋاب: پىراكتىكا ۋاقتىدا شوپۇرلار يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ئاپتوموبىل ھەيدىگەن بولسا، ئۇنىڭغا ماس ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئالغىنىغا ئۈچ يىلدىن ئاشقان شوپۇرلار ھەمراھ بولۇشى كېرەك. مىيىپلەرنىڭ مەخسۇس ئىشلىتىدىغان ئاپتوماتىك خوتلۇق يولۇچىلار ئاپتوموبىلى ھەيدىگەندە، كىچىك تىپتىكى ئاپتوماتىك خوتلۇق يولۇچىلار ئاپتوموبىلىدىن يۇقىرى ھەيدەشكە رۇخسەت قىلىنغان ماتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىگە ئىگە شوپۇرلار ھەمراھ بولۇشى كېرەك. جەدۋەل بويىچە ھەمراھ بولىدىغان خادىملارنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسى تۈرى تۆۋەندىكىچە:
ھەمراھ بولىدىغان شوپۇرلارنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسى
| پىراكىتىكا شوپۇرلارنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسى
| A1
| A1(چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى)
| A2
| A2(تىراكتۇر) | A1,A3
| A3(شەھەرلەردىكى ئاممىۋى ئاپتوبۇس)
| A1,A2,B1
| B1(ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى)
| A1,A2,B2
| B2 (چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى)
| A1,A2,A3,B1,B2,C1
| C1(كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل)
| A1,A2,A3,B1,B2,C1,C2
| C2(كىچىك تىپتىكى ئاپتوماتىك خوتلۇق ئاپتوموبىل)
| A1,A2,A3,B1,B2,C1,C2,C5
| C5(مىيىپلەر مەخسۇس ئىشلىتىدىغان كىچىك تىپتىكى ئاپتوماتىك خوتلۇق يولۇچىلار ئاپتوموبىلى)
|
34. قانداق ئەھۋالدا پىراكتىكا ۋاقتى ئۇزارتىلىدۇ؟
جاۋاب: شوپۇرلار 2013 – يىلى 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن كېيىن يېڭىدىن چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى، تىراكتور، شەھەرلەردىكى ئاممىۋى ئاپتوبۇس، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى، چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئالغان بولسا، پىراكتىكا مەزگىلىدە ئالتىدىن يۇقىرى 12 دىن تۆۋەن نۇمۇرى تۇتۇلغان بولسا، پىراكتىكا ۋاقتى بىر يىل ئۇزارتىلىدۇ. پىراكتىكا ۋاقتىنى ئۇزارتىش مەزگىلىدە تۆۋەندىكىدەك ئىزلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك: بىرىنچىدىن، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا بەلگىلىمىە بويىچە شوپۇر ھەمراھ بولۇشى كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، قايتا يەنە ئالتە نۇمۇرى تۇتۇلغان بولسا، پىراكتىكا ۋاقتىدىكى ماتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدەش بىكار قىلىنىدۇ؛ ئۈچىنچىدىن، نۇمۇر تۇتۇلۇش ۋاقتىدا 12 نۇمۇرى تۇتۇلغان بولسا دەرىجىسى تۆۋەنلىتىلىدۇ؛ تۆتىنچىدىن، پىراكتىكا ۋاقتى ئاياغلاشقاندىن كېيىن تەربىيەلەش ئىمتىھانىغا قاتنىشىشى كېرەك.
35. شوپۇرلار زەھەرگە چېتىلىپ قېلىپ، شوپۇرلۇق كىنىشكىسى كۈچتىن قېلىش ئەھۋاللىرى قايسىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟
جاۋاب: زەھەرگە چېتىلىپ قالغان شوپۇرلارنىڭ ئىككى خىل ئەھۋالدا شوپۇرلۇق كىنىشكىسى كۈچتىن قالىدۇ: بىرىنچىدىن، زەھەر ئىستىمال قىلغان، ئۇكۇل قىلىپ ئۇرغاندىن كېيىن ماتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدىگەن بولسا؛ ئىككىنچىدىن، مەھەللىدە زەھەر تاشلاۋاتقان، مەجبۇرىي ئايرىلىپ زەھەر تاشلاۋاتقان ياكى مەھەللىدە ساغلاملىقىنى تۈگىتىش تەدبىرلىرى ئىجرا قىلىنغان بولسا. شوپۇرلار زەھەرگە چېتىلىپ قالغاندىن كېيىن شوپۇرلۇق كىنىشكىسى كۈچتىن قالغاندىن كېيىن ئۈچ يىل ئىچىدە زەھەر چەكمىگەن، زەھەر ئۇرمىغان بولسا ياكى مەجبۇرىي زەھەر تاشلاتقۇزۇش تەدبىرى بىكار قىلىنىپ ئۈچ يىل توشقان بولسا، قايتىدىن شوپۇرلۇق كىنىشكىسىگە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
36 . چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچىلار، يۈك ئاپتوموبىللىرى شوپۇرلىرىنىڭ دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش تۈزۈمى قانداق بەلگىلەنگەن؟
جاۋاب: چوڭ، تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى، تىراكتور، شەھەرلەردىكى ئاممىۋى ئاپتوبۇس، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى، چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى بار شوپۇرلار قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلىپ، باشقىلارنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، نۇمۇر تۇتۇلۇش ۋاقتىدا 12 نۇمۇر تۇتۇلغان ياكى ئۇدا ئۈچ قېتىم نۇمۇر خاتىرىلەش ۋاقتىدا ئىنچىكە تەكشۈرۈشكە قاتناشمىغان بولسا شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنىڭ دەرىجىسى تۆۋەنلىتىلىدۇ، ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى ئەڭ يۇقىرى ئاپتوموبىل ھەيدەش سالاھىيىتىنى بىكار قىلىدۇ.
37 . پەرماندا بەلگىلەنگەن شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنىڭ دەرىجىسى تۆۋەنلىتىش تۈزۈمى قايسى خىلدىكى ئاپتوموبىللارنى كۆرسىتىدۇ؟
جاۋاب: شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى تۆۋەنلىتىش تۈزۈمى پەقەت چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى، تىراكتور، شەھەرلەردىكى ئاممىۋى ئاپتوبۇس، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى، چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، پەيدىنپەي تۆۋەنلىتىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا C1 گە تۆۋەنلىتىلىدۇ. كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل، موتسىكلىت قاتارلىق ئاپتوموبىل تىپلىرىدا دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش مەسىلىلىرى مەۋجۈت. ئەڭ مۇھىم ئەسكەرتىش شۇكى، دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىشتە، ھەر بىر قېتىملىق ماتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى تىپىدە ئەڭ يۇقىرى بىر ئاپتوموبىل تىپى بىكار قىلىنىدۇ، مەسىلەن، شوپۇرلار A1,A2شوپۇرلۇق كىنىشكىسى بولسا، 1 – قېتىم A1بىكار قىلىنىدۇ.
38 . چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچىلار، يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ پەيدىنپەي ماتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىشتە قايسى پىرىنسىپ قوللىنىلىدۇ؟
جاۋاب: چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى، تىراكتور، شەھەرلەردىكى ئاممىۋى ئاپتوبۇس، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى، چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىدە بەلگىلىمە بويىچە دەرىجىسى تۆۋەنلىتىلىدۇ، سىلىشتۇرما جەدۋەلدە تۆۋەنلىتىش دەرىجىسى كۆرسىتىلگەن:
تۆۋەنلىتىلگەندىن كېيىنكى ماتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى تىپى
| تۆۋەنلىتىشتىن بۇرۇنقى ماتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى تىپى
| A3,B1,B2
| A1
| A2,A3
| A1,A2
| B1,B2
| A2
| A3,B1,B2
| A2,A3
| C1
| A3
| B1
| A3,B1
| B2
| A3,B2
| B1,B2
| A3,B1,B2
| C1M
| B1
| B2
| B1,B2
| C1M
| B2
|
39. 123 – پەرمان ئىجرا قىلىنىشتىن بۇرۇن قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ نۇمۇر خاتىرىلەنگەن ۋە ۋەقە سادىر قىلغان بولسا، دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش ئىسپاتى قىلىشقا بولامدۇ؟
جاۋاب: قانۇندىكى بۇرۇنقىنى سۈرۈشتۈرمەسلىك پىرىنسىپىغا ئاساسەن، 123 – نۇمۇرلۇق پەرمان يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ نۇمۇر خاتىرىلەنگەن ۋە قاتناش ھادىسىسى پەيدا بولغان بولسا، دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش ئىسپاتى قىلىنمايدۇ. پەقەت 2013 – يىلى 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن كېيىن قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ نۇمۇر خاتىرىلەنگەن ۋە قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلغان ۋە ئىنچىكە تەكشۈرۈش خاتىرىس بولغان بولسا دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش ئىسپاتى قىلىشقا بولىدۇ.
40 . چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچىلار، يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرلىرىنىڭ پىراكىتىكا ۋاقتىدا 12 نۇمۇرى تۇتۇلغان بولسا قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؟
جاۋاب: چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچىلار، يۈك ئاپتوموبىللىرى شوپۇرلىرى پىراكتىكا ۋاقتىدا قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ 12 نۇمۇرى تۇتۇلغان بولسا، پىراكتىكا ۋاقتىدىكى شوپۇرلۇق سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ. ئەگەر بىكار قىلىنغان شوپۇرلۇق كىنىشكىسى سالاھىيىتى ئەڭ يۇقىرى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى تىپى بولمىسا، ھەمدە تۆۋەنلىتىش بەلگىلىمىسىگە ماس كەلسە، بەلگىلىمە بويىچە دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىشكە بولىدۇ.
41 . ماتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلىرىنىڭ ئۇچۇر ئۆزگىرىشى نىمە ئۈچۈن ئەنگە ئېلىنىدۇ، قانداق ئەنگە ئېلىنىدۇ؟
جاۋاب: ئۇچۇرنى ئەينەن ئىلتىماس قىلىش شوپۇرلارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتى. ج خ ئورگانلىرى شوپۇرلارنىڭ ئۇچۇرىنى توغرا ئىگىلىيەلىگەندىلا ئاندىن شوپۇرلارغا قارىتا قاراتمىلىق ھالدا ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلغىلى بولىدۇ. نۆۋەتتە كۆپ قىسىم تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر ۋە رايونلاردا شوپۇرلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئۆزگەرتىشكە ئىلتىماس قىلىشتا ئېنىق قانۇن – بەلگىلىمە بار، ئەنگىلىيە، ئامىرىكا، شياڭگاڭ قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردا شوپۇرلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئۆزگەرتىش بويىچە ئىلتىماس قىلىش تۈزۈمى چېڭىتىلغان، مەسىلەن شياڭگاڭدا شوپۇرلانىڭ ئۇچۇرىنى ئۆزگەرتىشتە جەزمەن 72 سائەتتە ئىلتىماس قىلىشى كېرەك، بولمىسا 2000 شياڭگاڭ دوللىرى جەرىمانە قويىلىدۇ، ئەنگىلىيەدە شوپۇرلارنىڭ ئادرىسى ئۆزگەرگەندىن كېيىن ئەگەر ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلمىسا 1000 فوندستېرلىڭ جەرىمانە قويىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن شوپۇرلارغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنىڭ توغرا، ھەقىقىيلىقىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شوپۇرلارنىڭ تېلېفون نۇمۇرى، ئالاقىلىشىش ئادرېسى قاتارلىق ئۇچۇرلاردا ئۆزگىرىش بولغاندا ھەمدە چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى، تىراكتور، شەھەرلەردىكى ئاممىۋى ئاپتوبۇس، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى، چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى ھەيدەيدىغان شوپۇرلارنىڭ ئىدارىسى قاتارلىق ئۇچۇرلاردا ئۆزگىرىش بولغاندا، ئۇچۇر بولۇپ، 30 كۈن ئىچىدە شوپۇرلۇق كىنىشكىسى تارقىتىدىغان ئاپتوموبىل باششقۇرۇش ئورۇنلىرىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك. ئەڭ مۇھىم ئەسكەرتىش شۇكى، بۇنىڭدىن كېيىن ج خ قاتناش ساقچى تارماقلىرى يانفون ئۇچۇرى ، پوچتىدىن خەت ئەۋەتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق شوپۇرلارغا قەرەلى ئۆتۈپ كىنىشكىنى ئالماشتۇرمىغان، قەرەلى ئۆتۈپ تەن سالامەتلىك تەكشۈرتمىگەن قاتارلىق ئۇچۇرھەمدە بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرلىرىنى ئۇقتۇرىدۇ. ئۆزىنىڭ ھوقۇق – مەنپەئەتىنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، شوپۇرلار ۋاقتىدا ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورۇنلىرىغا ئۆزىنىڭ ئۇچۇرى ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئەنگە ئالدۇرۇپ، ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقىلرىنىڭ ئەۋەتكەن ئۇچۇرىنى ۋاقىتىدا قوبۇل قىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى، تىراكتور، شەھەرلەردىكى ئاممىۋى ئاپتوبۇس، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى، چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرى بەلگىلىمە بويىچە ئىلتىماس قىلمىغان بولسا، ج خ قاتناش باشقۇرۇش تاماقلىرى 20 يۈەندىن يۇقىرى 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.
42 . ياشانغانلار ماتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدەشكە قارىتا قانداق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان؟
جاۋاب: 60 ياشتىن ئاشقانلار چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى، تىراكتور، شەھەرلەردىكى ئاممىۋى ئاپتوبۇس، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى، چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى، تىراللىبۇس، تىرامۋاي ھەيدەشكە بولمايدۇ. يۇقىرىقى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى بولسا، شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى تارقاتقان ئورۇنلارغا بېرىپ، كىنىشكىسىنى ئالماشتۇرۇشى، كىچىك تىپتىكى ماتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ياكى كىچىك تىپتىكى ئاپتوماتىك خوتلۇق ئاپتوموبىل پىراۋىسىغا ئالماشتۇرۇشى كېرەك. 70 ياشتىن ئاشقانلار تۆۋەن سۈرئەتلىك يۈك ئاپتوموبىللىرى، ئۈچ چاقلىق ئاپتوموبىل، ئادەتتىكى ئۈچ چاقلىق موتسىكىلىت، ئادەتتىكى ئىككى چاقلىق موتسىكلىت ۋە چاقلىق ئاپتوماتىك ماشىنىلارنى ھەيدىمەسلىكى كېرەك. ئۈچ چاقلىق موتسىكىلىت، ئادەتتىكى ئىككى چاقلىق موتسىكلىت شوپۇرلۇق كىنىشكىسى بولسا، شوپۇرلۇق كىنىشىكىسىنى تارقاتقان ئورۇنغا بېرىپ، شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئالماشتۇرۇشقا ئىلتىماس سۇنىشى يىنىك تىپتىكى موتسىكلىت شوپۇرلۇق كىنىشكىسىگە ئالماشتۇرۇشى كېرەك. ئەڭ مۇھىم ئەسكەرتىش شۇكى، 60 ياشتىن ئاشقان ماتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلىرى ھەر يىلى بىر قېتىم سالامەتلىك تەكشۈرتۈشى، ناھىيە دەرىجىلىك ياكى قىسىم، تۈەن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى داۋالاش ئاپپاراتلىرى چىقارغان ئالاقىدار سالامەتلىكىگە ئالاقىدار ئىسپاتنى تاپشۇرۇشى كېرەك.
43.شوپۇرلارنىڭ بەدەن شارائىتىدە ئۆزگىرىش بولغاندا مۇتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرى داۋاملىق ھەيدەۋەرسە بولامدۇ؟
جاۋاب:شوپۇرلاردا كېسەللىك قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بەدەن شارائىتىدە ئۆزگىرىش بولغان،لېكىن ھەيدەشكە رۇخسەت قىلىنىدىغان باشقا تىپتىكى ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى ھەيدەش شارائىتىگە ئۇيغۇن كەلسە، 30 كۈن ئىچىدە شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى تەكشۈرۈپ بەرگەن ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىغا بېرىپ ھەيدەيدىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى تىپىنى تۆۋەنلىتىپ بىرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ ئەگەر بەدەن شارائىتى (مەسىلەن: پۇت-قولنىڭ ھەرىكىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان نېرۋا سېستىمىسى كېسەللىكلىرى قاتارلىقلار) ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەشكە ئۇيغۇن بولمىسا، 30 كۈن ئىچىدە شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى تەكشۈرۈپ بەرگەن ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىغا بېرىپ بىكار قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئەسكەرتىشكە تىگىشلىكى شۇكى، ئەگەر بەدەن شارائىتىدە ئۆزگىرىش بولۇپ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەشكە بولمايدىغان ئەھۋالدا، يەنىلا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدىگەن بولسا، ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن 200 يۈەندىن يۇقىرى 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ھەيدەشكە رۇخسەت قىلىنىدىغان قاتناش ۋاستىسى تىپىنى تۆۋەنلىتىدۇ ياكى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى بىكار قىلىدۇ.
44.شوپۇرلۇق كىنىشكىسى تۇتۇۋېلىنغان، تۇتۇپ قېلىنغان ياكى ۋاقتىنچە تۇتۇپ قېلىنغان مەزگىلدە، كىنىشكىنى تولۇقلاپ بىجىرىشنى ئىلتىماس قىلىشقا بولامدۇ؟
جاۋاب:شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنىڭ ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ قېلىنغان،تۇتۇپ قويۇلغان ياكى ۋاقتىنچە تۇتۇپ قېلىنغانلىقى شوپۇرنىڭ تاشيول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى، قائىدە-بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى (مەسىلەن: ھارق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، مەست بولۇپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، ۋەقە سادىر قىلىپ قېچىپ كىتىش قاتارلىقلار) چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ، بۇ خىل قانۇنغا خىلاپ قىلمىش بىر قەدەر ئېغىر قىلمىش ھېسابلىنىدىغان بولغاچقا، 123-نومۇرلۇق پەرماندا شوپۇرلۇق كىنىشكىسى قانۇن بويىچە تۇتۇپ قېلىنغان، تۇتۇپ قويۇلغان ياكى ۋاقتىنچە تۇتۇپ قېلىنغان مەزگىلدە، ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى شوپۇرىنىڭ كىنىشكىنى تولۇقلاپ بىجىرىشنى ئىلتىماس قىلىشىغا بولمايدۇ، دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن. ئەگەر ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى شوپۇرى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى قانۇن بويىچە تۇتۇپ قېلىنغان، تۇتۇپ قويۇلغان ياكى ۋاقتىنچە تۇتۇپ قېلىنغان مەزگىلدە، يۇشۇرۇش، كۆز بويامچىلىق قىلىش ۋاستىلىرىنى قوللىنىپ شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى تولۇقلاپ ئالغان بولسا، ج خ ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى قايتۇرۇۋالغاندىن سىرت، شوپۇرغا 200 يۈەندىن يۇقىرى 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.
☆مەكتەپ ئاپتوموبىلىنىڭ بەلگە تاختىسى ۋە شوپۇرى☆ 45. مەكتەپ ئاپتوموبىلىنى ھەيدەش ئىجازىتىگە ئىلتىماس قىلىشتا قايسى شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك؟
مەكتەپ ئاپتوموبىلىنىڭ بىخەتەر يول يۈرۈشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، ئىجتىمائىي تەسىرى چوڭ بولغاچقا، مەكتەپ ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرىدىن بىر قەدەر يۇقىرى بولغان بىخەتەر يول يۈرۈش ئېڭى، تېخنىكا ماھارىتى بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. «مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نىزامى» ۋە 123-نومۇرلۇق پەرماندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مەكتەپ ئاپتوموبىلىنى ھەيدەش سالاھىيتىنى ئىلتىماس قىلىشتا ئالتە شەرتنى ھازىرلىشى كېرەك: بىرىنچى، مۇناسىپ ئاپتوموبىل تىپىنى ھەيدەش شوپۇرلۇق كىنىشكىسىگە ئىگە بولغان ھەمدە ئۈچ يىلدىن كۆپرەپ شوپۇرلۇق تارىخىغا ئىگە بولغان، يېشى 25 ياشتىن يۇقىرى بولۇشى، 60 ياشتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى؛ ئىككىنچى، ئۇدا ئۈچ نومۇر خاتىرىلەش مەزگىلىدە نومۇرى تولۇق تارتىلىش خاتىرىسى بولماسلىق؛ ئۈچىنچى،ئادەم ئۆلۈش ياكى ئېغىر يارىلىنىش كىلىپ چىققان قاتناش ۋەقەسى مەسئۇلىيەت خاتىرىسى بولماسلىق؛ تۆتىنچى،ھەراق ئىچىپ ياكى مەست بولۇپ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش خاتىرىسى بولماسلىق، يېقىنقى بىر يىل ئىچىدە يۇلۇچى توشۇش ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ نۇرمىدىن ئارتۇق ئادەم ئېلىش، بەلگىلەنگەن سۈرئەتتىن تېز ھەيدەش قاتارلىق قاتناش قانۇنىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش خاتىرىسى بولماسلىق؛ بەشىنچى،جىنايەت ئۆتكۈزىش خاتىرىسى بولماسلىق؛ ئالتىچى، سالامەتلىكى ياخشى، يۇقۇملۇق كېسەللىك، تۇتقاقلىق كېسىلى، روھى كېسىلى قاتارلىق بىخەتەر يول يۈرۈشكە تەسىرى يىتىدىغان كېسەللىك تارىخى، ھاراق ئىچىش، زەھەرلىك چىكىملىك چىكىش خاتىرىسى بولماسلىق. ئەسكەرتىشكە تىگىشلىكى شۇكى، يېشى تەلەپكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان، تولۇق 12 نومۇر تۇتۇلغانلىقى خاتىرىلەنگەن شۇنىڭدەك مەكتەپ ئاپتوموبىلى ھەيدەش سالاھيتىگە ئىلتىماس قىلىشنىڭ باشقا شەرتلىرىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان شوپۇرلارنىڭ مەكتەپ ئاپتوموبىلى ھەيدەش سالاھىتى بىكار قىلىنىدۇ.
46. مەكتەپ ئاپتوموبىلى ھەيدەش سالاھىتى قانداق ئىلتىماس قىلىنىدۇ؟
جاۋاب:بەلگىلەنگەن شەرتلەرنى ھازىرلىغان شوپۇرلار ئۆزى تۇرۇشلۇق ناھىيە دەرىجىلىك ياكى رايون تەسىس قىلىنغان شەھەر دەرىجىلىك ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى ئىلىماس سۇنۇپ،ئىلتىماس جەدۋىلىنى تولدۇرىدۇ ھەمدە تۆت تۈرلۈك ئىلتىماس ماتېرىيالى تاپشۇرىدۇ: ئىلتىماس جەدۋىلى تولدۇرىدۇ ھەمدە تۆۋەندىكى ئىسپاتلارنى يوللايدۇ: (1) ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ كىملىك ئىسپاتى؛ (2) ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى؛ (3) نوپۇسى تەۋە جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك ج خ ئورگىنى بەرگەن جىنايەت ئۆتكۈزمىگەن، زەھەرلىك چىكىملىك چەكمىگەنلىك توغرىسىدىكى ئىسپاتى؛ (4) ناھىيە ياكى قىسىمدىكى تۈەندىن يۇقىرى دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتى بەرگەن بەدەن شارائىتى توغرىسىدىكى ئىسپاتى. ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى بەش كۈن ئىچىدە ئىلتىماس قىلغۇچى تاپشۇرغان ماتىرىياللارنى تەكشۈرۈپ، شەرتكە ئۇيغۇن كىلىدىغان ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسىگە مەكتەپ ئاپتوموبىلى ھەيدەشكە رۇخسەت قىلىش ۋە مۇناسىپ ئاپتوموبىل تىپىنى ئىزاھلايدۇ.
|
|