تىزىملىتىش |كىرىش

ئىنتىل تورىدەرۋازا › تېما كۆرۈش

يەنە بىر ئېسىل دىتال «ئويۇن چۈشۈرۈش ئۇستىسى»

يوللىغۇچى: arwah| يوللانغان ۋاقتى: 2010-10-9 23:57| كۆرۈلۈشى: 60| ئىنكاس سانى: 0

بۈگۈن تونۇستۇرماقچى بولغىنىم ئالدىنقى قېتىم يوللىغان ئويۇن چۈشۈرۈش تولانمىسىدىنمۇ ئېسىلراق ئويۇنخۇمار ئاغىنىلەرنىڭ ئېسىل دىتالى.بەلكىم بۇ دىتالنى ئىشتىلىپ باققانلار ئاساسەن يوق دىيەرلىك ياكى بەك ئاز.ئۇنداقتا نەزىرىڭىز تۆۋەندىكى قۇرلاردا بولسۇن:
دىتال نامى:ئويۇن چۈشۈرۈش ئۇستىسى(ئۆزەم باغلاشتۇرۇش تەرجىمە قىلىۋالدىم) خەنزۇچە نامى:集结乐游戏大师3.0.6.0
چوڭلۇقى:4.82مېگابايت(پىرىسلانغاندىكى سىغىمى)
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
1.چۈشۈرۈپ قاچىلايسىز،قاچىلىغاندىن كېيىن ئويۇنلارنى چۈشۈرۈش ئورنىنى تاللاش ۋە لاھىيىلەش كۆزنىكى ئۆزىلا چىقىدۇ،خالىغىنىڭىز بويىچە تەڭسىۋالسىڭىز بولىدۇ.ئاندىن سول تەرەپتىكى تىزىملىككە قارىسىڭىز تەۋسىيە،چۈشۈرۈلگەنلەر،تور ئويۇنلىرى،يەرلىك ئويۇنلار،ئارام ئويۇنلىرى،قەرت تۈرىدىكى ئويۇنلار،ئويۇن ۋەيگۇا(نېمە دەپ تەرجىمە قىلىشنى بىلەلمەي قالدىم ماۋۇنى)لىرى،ئويۇن ئۇلاش سۇپىسى،ئورتاق كۆپ ئىشلىتىدىغان قوراللار،ئالاقىلىشىش قوراللىرى،ئۈن-سىن قويۇش دىتاللىرى،پايچىك ئاكسىيە دىتاللىرى قاتارلىق چوڭ مۇندەرىجىلەرنىڭ تۇرغانلىقىنى ،ھەربىر مۇندەرىجىگە كىرسىڭىز سىزگە لازىملىق ھەرقانداق ئويۇن ۋە كۆپ ئىشلىتىدىغان بارلىق دىتاللارنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ چوقۇم ھاياجانلانماي قالمايسىز....
چۈشۈرمەكچى بولغان ئويۇن ياكى دىتاللارنى چىكىپ مائۇسنىڭ ئوڭ كونۇپكىسىنى ئېچىپ قارىسىڭىز ئىجرا قىلىش دەمسىز،چۈشۈرۈش دەمىسز،نەشىرىنى يېڭىلاش دەمسىز،ئۈستەل يۈزىگە تىزلەتمە چىقىرىش دەمسىز...ھەممىسى بار،شۇلاردىن لازىملىقىنى تاللاپ مەشخۇلاتىڭىزنى داۋاملاشتۇرسىڭىز بولىدۇ.چۈشۈرۈش سۈرئىتى شۇنلېيدىن تېز بولسا تېزكى ئاستا ئەمەس.چۈشۈرۈش سۈرئىتىگە خالىغانچە چەك قويۇپ چۈشۈرەلەيسىز.
2.ئەمدى ئوتتۇرا ئۈستىگە قارىسىڭىز دىتاللار تىزىملىكى،چۈشۈرۈش ۋەزىپىسى،ئىگە تور بىكەت ئۇلانمىسى....قاتارلىقلارنى كۆرىسىز،شۇلاردىن لازىملىق تۈرگە كىرىپ مەشخۇلاتىڭىزنى داۋاملاشتۇرالايسىز.
3.ئوڭ تەرەپ ئەڭ ئۈستىگە قارىسىڭىز本地添加(يەرلىك قوشۇش)،“挂机锁قولۇپلاش)(保密(مەخپيەتلىك ساندۇقى),(لاھىيىلەش)设置دىگەنلەرنى كۆرىسىز،بۇلارنى چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرمىساممۇ سىزلەرگە ئېنىققۇ بۇلار.
مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرۈپ ئىشلىتىپ باققان ئەلا،قېنى تۆۋەندىكى ئادرىستىن چۈشۈرۈپ كۆرۈپ بېقىڭ،ئويۇن ئوينىمىسىڭىز يۇقىرىدا دىيىلگەن باشقا دىتال تۈرلىرىدىن پايدىلانسىڭىزمۇ بولىدۇ.سىزنىڭ رازى بولۇشىڭىزغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىمەن.
تۆۋەندىكىنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ:
چۈشۈرۈڭ
تېمىنىڭ ئەسلى مەنبەسى:روھلان بىلىملىرى(http://bilim.rohlan.biz/)، تېما ئادرىسى: http://bilim.rohlan.biz/thread-3778-1-1.html بۇ تېمىنى ئاخىرىدا   arwah تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2010-10-10 23:59  

يېڭى ئىنكاسلار

intil.cn 因特乐 知识信息网 Uyghur Office ( 新ICP备10003688号)|ئالاقىلىشىڭ

GMT+8, 2010-10-11 20:19.

Powered by Discuz! X1(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.