ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!
گەرچە ھۆججەتنى توپ بىر تەرەپ قىلىش (处理文件) تېخنىكىسى توغۇرلۇق جىق نەرسە بىلىپ كەتمىسەممۇ، تېخى نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا مۇنبەرگە يوللىغان ***** سۆزۈم بويىچە كەچ بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۆزۈمنى ئۆزۈم سوراپ بۇ توغۇرلۇق تېما يوللاش نىيىتىگە كەلدىم. ئەگەر خاتا كەتكەن بولسام، ياكى قاملاشتۇرالمىغان بولسام، بىلىدىغان تورداشلارنىڭ بىلىمىنى ئايىماسلىقىنى سورايمەن.
ئۇنداقتا بۇ تېمىنى بۆلۈپ يېزىپ باقاي. بۈگۈن بىرىنچى بۆلىكىنى يوللاي.
********************************
ھۆججەتنى توپ بىر تەرەپ قىلىش (1) 处理文件
بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان ھۆججەتنى توپ بىر تەرەپ قىلىش (处理文件)ئاساسلىقى- كېڭەيتىلگەن نامى bat بولغان ھۆججەت ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. (مەخسۇس پروگرامما تۈزۈش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى بۇ يەردە سۆزلەپ ئولتۇرمىدىم. بۇ توغۇرلۇق مەخسۇس دېتالدىن ئاددى بولسىمۇ بىرنى ياساپ باققان، ھازىر تاپالماي قالدىم. تاپالىسام ئۇنىمۇ يوللاپ قويارمەن بولمىسا.)
处理文件 نىڭ ئاساسلىق رولى بولسا ئاپتوماتىك ھالدا بىر قانچە بۇيرۇقنى ئارقا ئارقىدىن ئىجرا قىلىش بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
ئۇنداقتا بۇ ئاساسلىقى نېمىگە ئىشلىتىلىدۇ؟
مەسىلەن : wps يۇمشاق دېتالىنى قوزغاتقان ۋاقتىمىزدا،
C:\>cd wps
C:\WPS>spdos
C:\WPS>py
C:\WPS>wbx
C:\WPS>wps
يۇقىرقىدەك بۇيرۇقلارنى چوقۇم ئىجرا قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇنداقتا بۇنىڭغا قارىتا مەخسۇس بىر ئىجرا ھۆججەت پروگراممىسىنى يېزىپ، ئاپتوماتىك ئىجرا قىلىدىغان قىلساق، بۇ ئۇسۇلنى ئۆگەنگىڭىز بارمۇ ؟
ئاۋال تۆۋەندىكى كودنى خاتىرە دەپتەرگە يېزىپ، كېڭەيتىلگەن نامىنى bat قىلىپ ساقلاپ، ئاشۇ ھۆججەتنى قوش چېكىپ ئىجرا قىلىپ ئۈنۈمىنى كۆرۈپ بېقىڭ. ئەگەر بۇنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرەلىگەن بولسىڭىز، بۇ دەرسنىڭ كەينىگە قىزىقىپ قېلىشىڭىزغا ئىشەنچىم بار ئىنشائاللاھ!يۇقىردىكى كودنى سىنىغانلار ئۈنىمىنى كۆرسىڭىز، قانداق نەتىجە چىقتى بۇ توغۇرلۇق ئىنكاس قالدۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ.
ئەسلى مەنبە: تىرىشچانلار تورى : http://tirish.cn/bbs/viewthread.php?tid=1825
داۋامىنى ساقلاشنى خالىسىڭىز مۇشۇ تور بەتتىن كۆرۈڭ، داۋامى تولۇقلاپ يوللىنىدۇ. ھازىرلا كۆرۈشنى خالىسىڭىز ئەسلى مەنبەگە كىرىپ كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ.
|