تىزىملىتىش |كىرىش

ئىنتىل تورىدەرۋازا › تېما كۆرۈش

巨 نى قانداق ئاتايمىز؟

يوللىغۇچى: Sezgurboy| يوللانغان ۋاقتى: 2010-10-9 18:42| كۆرۈلۈشى: 97| ئىنكاس سانى: 8

巨  نى كاتتا دېسەك بولامدۇ يوق؟ بىز دەپ كىلىۋاتقان « گىگانت » ئۇيغۇرچە گەپمۇ؟

يېڭى ئىنكاسلار

turan 4  كۈن ئالدىدا
زور دەپ ئاتىساق بولامدىكى،«گىگانت»دېگەن ئىنگىلىزچە سۆزلۈك.
turpan 4  كۈن ئالدىدا
بىر كىنو بولىدىغان 巨人دەپ بۇنى «گىگانت ئادەم »دەپ تەرجىمە قىلغانغۇ دەيمەن .سىزدىگەندەك «كاتتا» دەپ ئالساق ،ناھايىتى ماسلاشقىدەك .«كاتتا كىشى »ياكى «كاتتا ئەرباب »
گىگانت سۆزىنىڭ مەنبەسىنى بىلمەيدىكەنمەن .بۇمۇ بەلكىم تىلىمىزدىكى « نورمال »دىگەن سۆز بىلەن ئېنگىلىزچىدىكى «normal” دىگەن سۆزدەك .«نورمال »دىگەن ئاتالغۇ زادى ئۇيغۇرچە سۆزمۇ ياكى سىرتتىن قوبۇل قىلىنغانمۇ ؟
arwah 4  كۈن ئالدىدا
巨 سۆزىنى «كاتتا»دەپ تەرجىمە قىلىش مۇۋاپىق بولماس.يەنىلا گىگانت دەپ تەرجىمە قىلساق مۇۋاپىق.گىگانت سۆزىنى «ھەيۋەت»«ناھايىتى چوڭ،يوغان»دەپ چۈشىنىش مۈمكىن.
darwix 3  كۈن ئالدىدا
巨 خىتىنى كونكىرىتنى شارائىتقا بىقىپ ،كونكىرت تەرجىمە قىلىش كىرەك.مەسلەن:巨人نى بەھەيۋەت دەپ ئالساقمۇ بولىدۇ.تەرجىمىدە ئۆلۈك تەرجىمىدىن ساقلىنىش كىرەك، تەرجىمە جانلىق بولۇشى كىرەك، ھەرقانداق بىر تىلدا يات تىللارنىڭ ئارىلىشپ قىلىشى نورمال ئىش، لىكىن ئامال بار ئۆز تىلىمىزغا ماسلاشتۇرغان ئاساستا يات تىللارنى قوبۇل قىلىپ لۇغەت تەركىۋىنى موللاشتۇرۇش كىرەك بۇ تېمىنى ئاخىرىدا   darwix تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2010-10-10 02:59  

بۇ تېمىنى ئاخىرىدا   darwix تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2010-10-10 03:00  

    • arwah: قوللايمەنشۆھرەت + 6 2 تىللا + 2 5 تۆھپە + 2 10
afrasiyab 3  كۈن ئالدىدا
بۇنى كاتتا،چوڭ،زور،بۇيۇك،گىگانت دىگەنلەرنى كونتېكسقا قاراپ تاللاپ ئىشلەتسە بولۇدىغۇ دەيمەن. مۇقىم مۇشۇ بولۇدۇ دىسەك بەزىدە قاملاشماي قالىدۇ...
نورمال دىگەن بىزچە ئەمەس. بىزچىسى ئادەتتىكىچە   بولۇدىغۇ دەيمەن. يەنى ئادەتلەنگەن بويىنچە، ئادەت بويىنچە    دىگەنلىكمىكىن دەپ ئويلانمەن.ئادەتلەنگەن نەرسە نورمال بولۇدۇ.   ئادەتتىن ھالقىغان بولسا نورمال بولمايدۇ. يەنى ئادەت بۇزۇلىدۇدە،غەلىتىلىك كېلىپ چىقىدۇ.
    • arwah: قوللايمەنشۆھرەت + 6 2 تىللا + 2 5 تۆھپە + 2 10
Intil 3  كۈن ئالدىدا
巨型化        نى    كۆلەملىشىش، كاتتىلىشىش، زورىيىش.
  巨型电脑  كاتتا كومپيۇتېر، كۆلەملەشكەن كومپيۇتېر  دېسەك قايسىسى توغرا بولار؟
Nida 3  كۈن ئالدىدا
xinjiang Normal University شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى
يۇقىرىدىكى «نورمال» سۆزىنى بىز «ئادەتتىكى» دەپ چۈشەنسەك، ياكى شۇنداق تەرجىمە قىلساق ھەرگىز بولمىغىنىدەك، 巨 سۆزىنىمۇ ئوخشىمىغان ئورۇندا ئوخشىمىغان سۆز بىلەن تەرجىمە قىلىشىمىز لازىم. ھەربىر تىلنىڭ لۇغەت تەركىبىدە چەت تىللاردىن كىرگەن سۆزلەر بار بولىدۇ، بۇ نورمال ئىش، «ئۇيغۇرسوفت» شىركىتىنىڭ ئىستاستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، تىلىمىزدا ئىشلىتىلىۋاتقان چەت تىلدىن كىرگەن سۆزلەر 2000 دىن ئاشىدىكەن (ئېسىمدە قالغىنى خاتا بولمىسا).
iskilit 3  كۈن ئالدىدا
مەن  ،غايەت زور ، ھەيۋەت ، كاتتا ، گىگانىت ، شۇ دەرىجىدە چۈشىنىمەن ،باشقا تورداشلارنىڭ پىكىرى قانداقكىن

intil.cn 因特乐 知识信息网 Uyghur Office ( 新ICP备10003688号)|ئالاقىلىشىڭ

GMT+8, 2010-10-13 04:00.

Powered by Discuz! X1(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.