تىزىملىتىش |كىرىش

ئىنتىل تورىدەرۋازا › تېما كۆرۈش

ئارستوتىل ۋە ئېينىشتىيىن ئالەم قارىشىدىكى ئورتاقلىقلار

يوللىغۇچى: matematek| يوللانغان ۋاقتى: 2010-10-9 18:30| كۆرۈلۈشى: 52| ئىنكاس سانى: 0

ئارستوتىل ۋە ئېينىشتىيىن ئالەم قارىشىدىكى ئورتاقلىقلار
قاسىم سىدىق


ئېھتىمال بەزىلەر يۇقىرىقى سەرلەۋھىنى كۆرۈپ، مىلادىدىن ئىلگىرى ياشىغان ئارىستوتىل بىلەن بۈگۈنكى دەۋىردىكى ئىنسانىيەتنىڭ ئىدىيە تارىخىغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن ئالبېرت.ئېينىشىيىننىڭ ئالەم قاراشلىرىدا قانداقمۇ ئورتاقلىق بولسۇن؟ دەپ ھەيران قېلىشى مۇمكىن. پەلسەپەۋىي نۇقتىدىن ئېيىتقاندا، ئەھۋال دەل ئۇلارنىڭ ئويلىغىنىنىڭ ئەكسىچە.

ئارستوتىل بىلەن ئېينىشتىيىن ھەر ئىككىسىنىڭ ئالەم قارىشىدا «ئالەم چەكلىك، چىگرىسىز»، «ھەقىقىي بوشلۇق مەۋجۇت ئەمەس» دېگەن پەلسەپەۋىي ئىدىيە يادرولۇق ئورۇندا تۇرىدۇ. ئارىستوتىل 2500 يىل ئىلگىرىكى ئىلىم-پەن مۇھىتىدا «چەكلىك-چىگرىسىز» ئالەم ئىدىيىسىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرغا قويدى، ئېينىشتىيىن بولسا پەلسەپە-لوگىكا جەھەتتە ئارىستوتىل ئىدىيىسگە تەقلىد قىلدى ۋە 20-ئەسىر ئىلىم-پەن مۇھىتىنىڭ ئىلمىي مىتودولوگىيىسىگە ئاساسەن، بۇ ئالەم قارىشىنىڭ ماتېماتىكىلىق مودىللىرىنى تۇرغۇزدى. مەلۇم مەنىدىن ئېيىتقاندا، ئالەمشۇناسلىقتا ئېينىشتىيىننى ماتېماتىكىلاشقان ئارىستوتىل دېيىشكە بولىدۇ. يۇقىرىقى نۇقتىنەزەرلەرنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئارستوتىل ۋە ئېينىشتىيىن ھەر ئىككىسىنىڭ ئەسەرلىرىدىن يىتەرلىك دەلىللەرنى كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ.

1.   ئارىستوتىل: ئالەمدىكى جىىسملار چەكسىز ئەمەس، ئالەم شار شەكىللىك بولىدۇ①.

ئېينىشتىيىن: بىزنىڭ شار شەكىللىك ئالىمىمىز چەكلىكتۇر②.

2.   ئارىستوتىل: بىز ھەقىقىي بوشلۇقنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلمايمىز③.

ئېينىشتىيىن: ئاللىقانداقتۇر «ھەقىقىي بوشلۇق» مەۋجۇت ئەمەس④.

3.   ئارىستوتىل: بارلىق ھەركەتتىكى نەرسىلەر مەلۇم نەرسىگە نىسبەتەن ھەركەت قىلغان بولىدۇ⑤.

ئېينىشتىيىن: نىسپىيلىك- نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ ماھىيىتى⑥.

4.   ئارىستوتىل: زامان (ۋاقىت) ھەركەتنىڭ ئۆلچىمى. بارلىق مەۋجۇدات زامان ئىچىدە ۋە پۈتكۈل ئاسمان ئىچىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.⑦
ئېينىشتىيىن: زامان-ماكان ماددىنىڭ ئىپادىلنىش شەكلى ۋە كېڭىيىشچانلىقى   ⑧.
يۇقىرىقلاردىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، ئارستوتىل ئالەم قارىشى بىلەن ئېينىشتىيىن ئالەم قارىشى ئوتتۇرسىدا ئۇمۇمىي جەھەتتىن ۋە پەلسەپەۋىي نۇقتىدىن ئېيىتقاندا پىرىنسىپال پەرىق يوق. ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى ئالەمنى شارسىمان ۋە چەكلىك دەپ قارايدۇ. ھەر ئىككىسى ھەقىقىي بوشلۇق مەۋجۇت ئەمەس دەپ چۈشىنىدۇ، نىسپىيلىك ئىدىيىسىمۇ ھەر ئىككىسى ئۈچۈن ئورتاق. ئارىستوتىلنىڭ «زامان ھەركەتنىڭ ئۆلچىمى، بارلىق مەۋجۇدات زامان ۋە پۈتكۈل ئاسمان ئىچىدە مەۋجۇت بولىدۇ»، دېگەن كۆز قارشلىرى بىلەن ئېينىشتىيىننىڭ «زامان-ماكان ماددىنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى ۋە كېڭىيىشچانلىقى» دېگەن قاراشلىرى ھەمنەپەسلىككە ئىگە.
بىزگە مەلۇمكى، يۇقارقى نۇقتىنەزەرلەر ئېينىشتىيىن نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ يادروسىنى تەشكىل قىلىدۇ. ھالبۇكى، پەلسەپەۋىي ئىىديە سۈپىتىدىكى بۇ «يادرو» 20-ئەسىردىكى ئېينىشتىيىننىڭ ئىجادىيىتى ئەمەس، بەلكى مىلادىدىن ئىلگىرىكى ئارىستوتىلنىڭ ئىدىيۋىي مىراسى ئىدى. گالېلىي پىسا يانتو مۇنارىدىن ئىككى دانە شارنى تاشلىغاندىن كېيىن ئارىستوتىلنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاخرلاشتى. ئەپسۇسكى، ئارىستوتىل پەلسەپەۋىي ئىدىيىلىرى 20-ئەسىر ئىلمىي لىباسىنى كىيىپ، ئېينىشتىيىن سىياقىدا قايتا ئوتتۇرغا چىققاندا ئىنسانىيەت گويا تارىخنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كەتكەندەك قىلاتتى. يەنى، ئېينىشتىيىن «ئىدىيە  ئىنقىلابى» قوزغىدى دەپ قارىلىپ، يەر شارى قاتتىق «ھاياجانلاندى». لىللا گەپ قىلساق، ئېينىشتىيىن ئېرىشكەن شان-شەرەپ ماھىيەتتە، ئارىستوتىلغىمۇ ئوقۇلغان مەدھىيەدىن ئىبارەت. باشقىچە ئېيىتقاندا، ئېينىشتىيىن يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن ئالاقىدار نۇقتىلاردا مەيلى توغرا ياكى خاتا قىلغان دەپ قارالسۇن، بۇ باھالار ئۆز نۆۋىتىدە ئارىستوتىلغىمۇ ئورتاق بولىدۇ.
ئىلىم ئەھلىگە مەلۇمكى، كونكىرىت پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىيات قەدىمىگە قارىغاندا، پەلسەپەنىڭ تەرەققىيات قەدىمى تولىمۇ ئاستا بولىدۇ. مەن ئىنسانىيەت تېخى قەدىمقى يۇنان پەلسەپەسىنىڭ رامكىسىدىن چىقىپ كېتەلمىدى دەپ قارايمەن. ئۆزىنى «مەن مۇتەخەسستىن كۆرە تولىراق پەيلاسوپقا ئوخشايمەن» دەپ باھالىغان ئېينىشتىيىن دەل كىلاسسىك پەلسەپەۋىي رامكا ئىچىدىكى بىر شەخىس. ئۇنىڭ تەپەككۈر يۆنىلىشى ئارىستوتىل ئېقىمىنىڭ ئىدىيۋىي مىراسلىرىنى قايتا زاھىر قىلدى. ھالبۇكى، ئېينىشتىيىن پەيلاسوپ سۈپىتىدە ھېچقانچە يېڭى ئىدىيەنى ئوتتۇرغا قويغىنى يوق.
ئېينىشتىيىن كەڭ مەنىلى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ ئاۋانگارتى ئېرىنىست.ماخ دەپ مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. رىمان، فرىدمان، مىنكوۋىسكىي قاتارلىقلارنىڭ ئېينىشتىيىن تەلىماتىدا تۇتقان ئورنى ئىلىم ئەھلىگە مەلۇم. يۇقىرىقىلاردىن بىز ئېينىشتىيىن تەلىماتىنىڭ پەلسەپە ۋە ماتېماتىكىلق يىلتىزلىرى ئۈستىدە قايتا ئويلىنىشنىڭ ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز.
ئەلۋەتتە، ئارىستوتىل ۋە ئېينىشتىيىن ئالەم قارىشىدىكى ئورتاقلىقلار يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن نۇقتىلار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. بۇ پەقەت بىر مۇقەددىمە خارەكتىرلىك يازما بولىشى مۇمكىن.
بۇنىڭدىن باشقا، ئارىستوتىل ۋە ئېينىشتىيىن  ئالەم قارىشىدا خاسلىقلارمۇ يوق ئەمەس. خاس كۆز قاراشلار ئىچىدە ئېينىشتىيىننىڭ ھەممىسى توغرا، ئارىستوتىلنىڭ ھەممىسى خاتا بولۇپ كېتىشىمۇ ناتايىن.
يەنە قىستۇرۇپ قويۇشقا تىگىشلىك بىر نۇقتا شۇكى، ھەر ئىككىسنىڭ بىر پۈتۈن پەلسەپە-نەزەرىيە سېستىمىسىدا، ئاز بولمىغان زىددىيەتلەر مەۋجۇت بولۇپ، قىزىقارلىقى شۇكى، بۇ زىددىيەتلەرنىڭ بەزىلىرى ھەر ئىككىسى ئۈچۈن ئورتاق. بۇ نۇقتا ئەلۋەتتە مەخسۇس تېما تەلەپ قىلىدۇ.
ئېينىشتىيىن نىسپىيلىك نەزەرىيىسنى تەتقىق قىلغاندا بۇ نەزەرىيىدىكى ئالاقىدار ئۇقۇملارنىڭ ئاساسلىرى ۋە تارىخى يىلتىزلىرى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش زۆرۈر ئىكەن دەپ قارىدىم. يەنى، بىزگە «فىزىكا ئۇقۇمشۇناسلىقى» ۋە «فىزىكا ئۇقۇملىرى ئېتمولوگىيىسى» لازىمدەك قىلىدۇ. ھازىرقى زامان فىزىكىسى يەنىلا 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن تارتىپ تاشلىۋېتىلگەن «تەبىئەت پەلسەپەسى»قايتا مۇراجىئەت قىلمىسا بولمايدىغاندەك قىلىدۇ. «فىزىكا پەلسەپەسى»دىن ئىبارەت يېڭى پەننىڭ مەيدانغا كېلىشى فىىزكىنىڭ پەلسەپەگە موھتاجلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. دەرۋەقە، پەلسەپەدىن ئايرىلغان بۈگۈنكى دەۋىر فىزىكىسى ۋە ئالەمشۇناسلىقى خىلمۇ-خىل زىددىيەتلەرگە پېتىپ قالدى.
پايدىلانمىلار:

①«ئارىستوتىل ئەسەرلىرى»، جوڭگو خەلق ئونۋېرسىتىتى نەشىرياتى 1991-يىل نەشىرى، 2-توم. 280،321-بەتلەر

②«ئېينىشتىيىن ئەسەرلىرى»، سودا نەشىرياتى1979-يىل نەشىرى، 1-توم 148-بەت.
③«ئارىستوتىل ئەسەرلىرى»، 2-توم 110، 111-بەتلەر.

④«ئېينىشتىيىن ئەسەرلىرى»، سودا نەشىرياتى1979-يىل نەشىرى، 1-توم 590-بەت.

⑤«ئارىستوتىل ئەسەرلىرى»، 2-توم 226-بەت.

⑥«ئېينىشتىيىن ئەسەرلىرى»، سودا نەشىرياتى1979-يىل نەشىرى، 1-توم 455-بەت.

⑦«ئارىستوتىل ئەسەرلىرى»، 2-توم 111-بەت

    ⑧«ئېينىشتىيىن ئەسەرلىرى»، سودا نەشىرياتى1979-يىل نەشىرى، 1-توم

2010-يىل 10-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئۈرۈمچى
مەنبە: شەكىل نەزەرىيىسى تەتقىقات مۇنبىرى

يېڭى ئىنكاسلار

intil.cn 因特乐 知识信息网 Uyghur Office ( 新ICP备10003688号)|ئالاقىلىشىڭ

GMT+8, 2010-10-11 20:18.

Powered by Discuz! X1(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.