ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم قېرىنداشلار :
ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىنىڭ كۈندىن - كۈنگە كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ مۇنبەردىن پايدىلىنىدىغانلارمۇ بارغانسىرى كۆپەيمەكتە ، بۇ ناھايىتى ياخشى ئەھۋال . جۈملىدىن بىزنىڭ ئىنتىل سەيناسىمۇ ھەم شۇنداق . مىنىڭ بايقىشىمچە يېقىننىڭياقى سەينانى زىيارەت قىلىدىغان ئادەم سانى خېلى مۇقۇملاشتى . مانا بۇنىڭ ئۆزى ئىنتىل سەيناسىنىڭ كومپىيوتىر تورچىلىقىدا مۇئەييەن بىر ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ .
................................
بۇلارنى دىمىسەممۇ ئاخىرىنى پەرەز قىلىپ بولدۇڭلار .
خوش ،بۈگۈن دىمەكچى بولغىنىم :
1) باشقا مۇنبەردىن پايدىلىنىش قىممىتى بار تېمىلارنى يۆتكىگەندە ،مەنبەنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ .مۇئەللىپى سىز بولمىغانكەنسىز ،باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ ؛
2) تېما يوللىغاندا تېمىنىڭ مەزمونىغا دىققەت قىلىڭ . تېمىنى يوللىغانكەنسىز باشقىلار پايدىلىنىشى ئۈچۈندۇر . تۆت قۇر خەتنى يېزىشتىن قاچسىڭىز مۇجمەل تېما ھەممەيلەننى زېرىكتۈرۈپ قويىدۇ . ئىملاغا دىققەت قىلىڭ ! ئىملا مەسىلىسى ھېلىھەم تېخى تەلتۈكۈس ھەل بولۇپ كەتمىدى .تىل -يېزىق خۇسۇسەن سىز بىر ئادەمنىڭ ئەمەس بەلكى بارلىق ئويغۇر مىللىتىنىڭ .
3) ياردەم تېمىسى يوللىغانلار بىر دىققەت قىلساڭلار ! ياردەم تېمىسى يوللىغانىكەنسىز ،تېمىڭىزغا ئىگە بولۇڭ . ئاخىرىسىدا بىر خۇلاسە چىقىرىڭ .تېمىڭىز ھەل بولدىمۇ يوق ؟ قايسى ئۇسول بويىچە ھەل بولدى ؛ھەل بولمىغان بولسا نىمە ئۈچۈن ھەل بولمىدى .ئىزاھلاڭ .بۇنىڭ ئۆزى سەينانىڭ جەۋھىرى. كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل پاراسىتى ...................
4) ھەل بولۇنۇپ بولغان،ۋاقتى ئۆتكەن ھەم ساقلاش قىممىتى بولمىغان تېمىلىرىڭىزنى ئاكتىپ ھالدا مۇشۇ تېما ئاستىغا ياكى باشقۇرغۇچىلارغا ئۇچۇر شەكلىدە يەتكۈزسىڭىز ،ئۆچىرىۋېتەيلى . ئۆچىرىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى چوقۇم ساقلاش قىممىتى بولمىغان .تېخنىكىغا چېتىلمايدىغان تېما بولىشى كېرەك . بۇنداق قىلىشىمىز ئەزالارنىڭ سەينانىڭ ئىزلەش ئىقتىدارىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە !!
سەينانىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ، ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشىايلى !!
|