ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 1167|ئىنكاس: 0

ئۆگىنىش ھەققىدىكى ھېكمەتلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
* مىننەتسىز ياشاشنى قۇياشتىن ئۆگەن.

* ئۈمىد ئاسمىنىدا چاقناپ پارلاق نۇر چېچىشنى يۇلتۇزدىن ئۆگەن.

* سەبىي قەلبلەرگە ئۈمىد نۇرلىرىنى چېچىشنى قاراڭغۇ ئۆيلەرگە ئۈن – تىنسىز يورۇقلۇق ئاتا قىلىۋاتقان، ئۆزىنى بېغىشلاش روھى كۈچلۈك بولغان شامدىن ئۆگەن.

* تىز پۈكمەي قەيسىرانە ياشاشنى قارىغاي روھىدىن ئۆگەن.

* بەرداشلىق بېرىشنى، تەۋرەپ قالماسلىقنى، قەيسەرلىكنى دېڭىزدىكى خادا تاشلاردىن ئۆگەن.

* پاكلىقنى ئاپئاق قارلاردىن، ئاپئاق پاختىلاردىن، ئاپئاق ئانا سۈتىدىن ئۆگەن.

* گۈزەللىكنى، تەبىئىيلىكنى سەھەرنىڭ ساپ ھاۋاسىدىن، چەكسىز كەتكەن دالىلاردىن، ئېرىق بويىدا ئۆسكەن ياۋا گۈللەردىن ئۆگەن.

* ۋاقىتنى قەدىرلەشنى، ھاياتقا ئەھمىيەت بېرىشنى، مېھرىبانلىقنى ئېقىن سۇلاردىن، تاڭنىڭ ئېتىشىدىن، قۇياشنىڭ ئىللىق پارلىشىدىن ئۆگەن.

* ئۆزۈڭنى داۋاملىق يېتىلدۈرۈپ، تاكامۇللاشتۇرۇشنى سەلبىي ئىشلاردىن ئىبرەت، ياخشى ئىشلاردىن ئۈلگە ئېلىپ ئۆگەن.

ئىشقىلىپ ئەتراپىڭدىكى ھەربىر شەيئى سەن ئۈچۈن بىر ئەينەكلىك رول ئوينايدۇ. سەن بۇ ئەينەكتىن بەزىدە ئۆز ئەكسىڭنى كۆرسەڭ، بەزىدە ئۆزگىلەر ئەكسىنى كۆرىسەن. بەزىدە ياخشى ئىشلارنى كۆرسەڭ، بەزىدە ناچارلىقلارنى، كىشىنى يىرگەندۈرىدىغان پاسسىپ، بولمىغۇر ئىشلارنى كۆرىسەن…

قىسقىسى، ئۆزۈڭ يولۇققان ھەرقانداق ئىشنى ئەقىل ئىشلىتىپ ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، تۇرمۇشۇڭنى كۈندىن – كۈنگە رەڭدارلىققا، گۈزەللىككە پۈركەپ سوغۇققانلىقنى ئۆگەن.

تەييارلىغۇچى: ساجىدە خېلىل

‹‹شىنجاڭ ياشلىرى›› ژۇرنىلىدىن ئېلىندى
~~~~~~~~
بىر كۆرمىسىڭىز ئۇخلىيالمىغىدەك ھىكمەتلەر

قۇيمىچى بىخوت ئادەمگە ، ئوغرى بىپەرۋا ئادەمگە ، بۇلاڭچى قورقۇنچاق ئادەمگە ، ساختىپەز ھاماقەت ئادەمگە ئامراق كېلىدۇ .
شۇنى ئۇنتۇشقا بولمايدۇكى جەڭ مەيدانىدىكى ئوقيا تېگىپ ئۆلمىگەن قەھرىمان ، زىياپەت ئۈستۈلىگە تىزىلغان ھاراقتا ئۆلىدۇ
ئەخلاق ئانىلىق ئۇرۇق ، ئېتىقاد ئاتىلىق ئۇرۇق . بۇ ئىككىسى بىرلەشسە ئىنسانىي كامىللىق تەۋەللۇت بولىدۇ .
بەخىت ئىچىدە ياشاۋېتىپمۇ بەخىت ئىزلەش ھېسقىلمىغان ئەڭ چوڭ ھەقىقى بەخىتسىزلىكتۇر . سەن ئۆزۈڭنىڭ قۇرۇق قول گادايلىقىڭدىن ھەسرەتلەنمە . سېنىڭ ئەقلى ھۇشۇڭ بىلەن بەش ئەزايىڭ ھاياتلىقتىكى ھىچنەرسىگە تەڭ قىلغۇلى بولمايدىغان ئەڭ زور بايلىقىڭ .

خورلۇقتا قالغان ۋاقىتنى ئۇنۇت . لېكىن شۇ خورلۇق قالدۇرغان ساۋاقنى ئەستىن چىقارما !

ئەقىلنى سېتىپ پۇل تېپىش ، ھەقىقى زىرەك تەدبىركار ئادەمنىڭ ئىشىدۇر .
دۇنيادا ئادەمنى ئەڭ چارچىتىدىغان ئىش ئەھمىيەتسىز خىيالغا چۆمۈش ھەم ئۈنۈمسىز ئىش قىلىش .

كۆزگە ئىلماسلىقنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى گەپ قىلماي تۇرۇۋېلىش .

ھەقىقەتكە تەلپۈنگەن يۈرەك ھەقىقى ھالدا ھەقىقەتنىڭ ساداسىنى ئاڭلىيالايدۇ .
مۈشكۈلات ئالدىدا ئېگىلمىگەن باش ھاراق ئالدىدا ئېگىلىدۇ . قېلىچ ئالدىدا تۆكۈلمىگەن ياش مۇھەببەت ئالدىدا تۆكۈلىدۇ .

سەن ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرغىچە قۇربانلىق بېرەلەيدىغىنى پەقەتلا ئانا .
ئادەم ئەڭ بىزار بولغان نەرسىگە بەزىدە ئىنتايىن مۇھتاج بولىدۇ . پەقەت دوستىنلا مەدەت تىلىمەي ، دۈشمىنىگە قاراپ ئالغا باسالايدىغان ھەقىقى زېرەل ئادەمدۇر .
رىقابەت مۇنداق ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ : بىلىم ئىقتىدار رىقابىتى ، يەنە بىرى خوشامەت سوغا سالام رىقابىتى ، بۈگۈنكى رىقابەت دەۋرىدە بۇ ئىككىسى تەڭلا مەۋجۈت .

قۇلدارلار ، بايلار ۋەيران بولۇپ تەس كۈنگە قالغاندا ، ئىككى ئىشتىن قاتتىق پۇشايمان يەيدۇ : بىرى يوقسۇللاردىن خەۋەر ئالمىغىنىغا ۋە جەمىيەتكە تۆھپە قۇشالمىغىنىغا ، يەنە بىرى تازا قېنىپ ئەيىش – ئىشرەت ۋە راھەتتە ياشىيالمىغىنىغا .

بەزىلەرنىڭ كۆزى توق لېكىن قۇسقى ئاچ . پارىخورنىڭ بولسا قوسقى توخ كۆزى ئاچ كېلىدۇ .

سەن چۈشەندۈرەلمىگەنكەنسەن ئاغزىڭنى يۇم . مكتىھەم مۆتىھەمدىن قورقىدۇ .

ھەرقانداق شەكىلدىكى چېكىدىن ئاشقان يېقىنچىلىق ئادەمنى ناھايىتى ئاسانلا بىزار قىلىدۇ . سەن ئۆزۈڭنى بىلەلمىسەڭ باشقىلار تەرىپىدىن قاتتىق باشقۇرۇلىسەن . 

ئارام ئېلىشنى بىلمەي دائىملا ئىشلەيدىغان ئىشۋاز بىر بولسا ئېغىر قىيىنچىلىقى بار نامرات كىشى . بىر بولسا بالدۇر ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغۇچى .

ئاياللارنىڭ ھكرمىتى ۋە ئىززىتى تىكلەنمىگەن ئائىلىدە ھەققانىيەتچى ۋە ۋىجدانلىق پەرزەنىتلەر يېتىشىپ چىقالمايدۇ . ئەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى تۇرغۇزۇلمىغان ئائىلىلەردە ئىقتىدارلىق ، جۈرئەتلىك ، مەسئۇلىيەتچان پەرزەنت چىقمايدۇ .

سېنى ھۆرمەتلەيدىغان ، سۆيىدىغانلار نەدە بولسا شۇ يەردە ياشا !

ھازىر ئۇچۇر ۋاستىلىرى راۋانلاشتى بىراق سالام خەت يەنىلا ئۆزىنىڭ قىممىتىنى يوقاتقىنى يوق . ئۇنى يەنە خالىغان ۋاقىتتا كۆرگىلى بولىدۇ . ئۇ دوستلۇق رىشتى ، ھىسىيات كۆۋرۈكى ، ۋە زىمىستان قىشتىكى ھارارەتلىك ئوت ، تومۇز ئىسسىقتىكى مۇزدەك سۈزۈك بۇلاق سۈيى .
ئادەتتىن تاشقىرى باغرى يۇمشاق كىشى ھىچقانداق ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمايدۇ . 
كىمكى ھاراق سورۇنىدا ياكى ئادەم ئەڭ كۆپ سورۇندا ۋىجدان ، غورۇر ھەققىدە قۇرۇق گەپ قىلىدىكەن سەن ئۇنۇڭدىن سەگەكلىك بىلەن ئاگاھ بول !

ئاياللارنى قەدىرلىمىگەن ئەرلەر ، پەرزەنىتلىرىنى تەربىيلەشنى بىلمىگەن ئاياللار مەڭگۈ ھكرمەتكە ئېرىشەلمەيدۇ .

ئۆزىنى ھەرقانداق ۋاقىتتا تۇتىۋېلىش ئادىمىيلىك بىلەن ھايۋاننىڭ ئوتتۇرسىدىكى زور پەرىقتۇر . );
كۆپ بىلىم بىلمىسىمۇ لېكىن چوڭقۇر تەپەككۈر قىلالايدىغان ئادەم ھەقىقى ئالىم دىيىشكە مۇناسىپ .
يۈرەك ئوڭشالمىغىچە ئادەم ئوڭشالماس ، يۈرەك ساغلام بولمىسا ئادەم خاتىرجەم ياشىيالماس .

دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنى ئاياللار ، بەخىت – سائادىتىنى ئەرلەر يارىتىدۇ .
جەمىيەتنىڭ بۇزۇلۇشى قانۇننى توغرا ئىجرا قىلمىغانلىقتىن ، چېكىنىشى مائارىپنى ھەقىقى قوللىمىغانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ .

بالىلارغا قاراپ جەمىيەتنى ، ئەۋلاتلارغا قاراپ ۋەتەننىڭ كەلگۈسىنى كۆرگىلى بولىدۇ .

ھايۋانلارنىڭ ئەخمەقلىقى دۆتلىكىدىن كۆرۈلسە ، ئادەملەرنىڭ ئەخمەقلىقى دورامچىلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ .
دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قۇرقۇنۇچلۇق ۋاقىت ئادەم ئۆزىدىن زېرىككەن ۋاقتىدۇر .

جەمىيەتنى تۈزەش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزۈڭنى ئاڭلىق تۈزەت ، كېسەلنى ئۇرۇپ – سوقۇپ تۈزەتكىلى بولمىغاندەك يامان ئىللەتنى تىللاپ تۈزەتكىلى بولمايدۇ . پەقەت ئادەملەر ئاڭلىق ھالدا ئۆز ئۆزىنى تۈزىشى كېرەك .

ئۆزۈڭنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بولساڭ ئويناپ – كۈلۈپ يايراۋاتقانلارنىڭ ئارىسىغا ئەمەس بەلكى مۈكۈنۈپ يىغلاۋاتقانلارنىڭ ئارىسىغىمۇ بېرىپ ياشاپ باق .

مەنبە :سەلكىن
~~~~~~~
ئورۇنلۇق جاۋاب ئالماقچى بولساڭ، يوللۇق سۇئال سورا .

ئادەملەر ئىككى نەرسىنىڭ قەدرىگە يەتمەيدۇ. بىرى ، تەن ساقلىق يەنە بىرى بوش ۋاقىت.

ئاق كۆڭۈل، پاك بولغانلار ئادەمنىڭ ياخشىراقىدۇر. ھەقنى سۆزلەشتىن قورۇقمايدىغان ، ئۆزى پاك
ۋە كۆزى پاك كىشىلەرلا ئنسان دېگەن نامغا لايىقتۇر
.

تەنھا ئادەم دەرتكە داۋا تاپالماس . ………… ئەلشىر ناۋايى

بىلىمنى نېمىشقا بىلىم دېگەنلىكنىڭ مەنىسىنى بىل .بىلىم بىلگەن ئەردىن كېسەل يىراقلىشىدۇ. بىلىمسىز كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە كېسەل كېلىدۇ.كېسەلنى داۋالىمىسا ئادەم تىزلا ئۆلۇپ كېتىدۇ. …..يۈسۈپ خاس ھاجىپ.

ئۆزەڭنىڭ مېھنىتى بىلەن كەلگەن بىر تىيىن ، باشقىلار بەرگەن خەزنىدىن ئەلا.

يامانلىق قىلماسلىقنىڭ ئۆزى ياخشىلىق قىلغانغا باراۋەر. ..

گۆھەر پاتقاققا چۆشۈپ كەتكەن تەقدىردىمۇ قىممىتىنى ۋە ئۆز باھاسىنى يۇقاتمايدۇ.

كىشىلەرنىڭ ئەيىبىنى ساڭا سۆزلەپ بېرىدىغان كىشى،سېنىڭ ئەيىبىڭنىمۇ باشقىلارغا سۆزلەپ بېرىدۇ……..
ئەلشىر ناۋايى

بېشىغا تاج كەيگۈچى ھەقىقىي پادىشاھ ئەمەس ، بەلكى تاجغا ئېھتىياجى يوق كىشى ھەقىقىي پادىشاھتۇر…….. ئېمىر ھۆسەيىن سەبورى

ئەگەر ساڭا ئېغىر كۈنلەر كەلسە بۇمۇ ئۆتۈپ كېتەر دەپ سەۋر قىل . دۇنيانىڭ ئىشلىرى شۇنداق بولىدىغانلىقىنى چۈشەن . ھەر بىر جاپا – مۇشەققەتكە ھەسرەت چېكىپ ئۆزەڭنى ئالدۇرۇپ قويما ………. مەھمۇد قەشقەرىي

ھەسەل بىلەن شاراپ ، ھىجران بىلەن ۋىسالغا ئۇخشايدۇ . ئۇنى تېتىپ كۆرمىگەن كىشى قايسى تاتلىق ، قايسى ئاچچىق
بۇنى نەدىن بىلسۇن !؟
….. ئەلشىر ناۋايى

بىر ئادەمنى كۈزىتىشتە ، ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭ قانداق مۇھەببەت باغلايدىغانلىقىغا قاراش كېرەك . …. ئالىسۋاس
ئادەم چىرايلىق بولغانلىقى ئۈچۈن سۆيۈملۇك بۇلالمايدۇ.سۆيۈملۇك بولغانلىقى ئۈچۈنلا چىرايلىق بۇلىدۇ ….. لېۋ تولىستوي

مەنبە:ھىكمەتلەر كىتاۋىدىن ئېلىندى

~~~~~~~~
ئىككى جۈمىلىلىك ھايات دەستۇرى
ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ، لېكىن تەكەببۇر بولماڭ؛

ئىززىتىڭىزنى ساقلاڭ، لېكىن ئۆزىڭىزنى چوڭ تۇتماڭ؛

ئۆزىڭىزنى سۆيۈڭ، لېكىن قالتىس ھېسابلىماڭ؛

كەمتەر بولۇڭ، لېكىن ئۆزىڭىزنى كەمسىتمەڭ؛

ئۆزىڭىزنى ئەيىبلەڭ، لېكىن ھاقارەتلىمەڭ؛

ئۆزىڭىزگە تايىنىڭ، لېكىن شەخسىيەتچى بولماڭ؛

ئۆزىڭىزنى ئەركىن تۇتۇڭ، لېكىن مەيلىڭىزچە ئىش كۆرمەڭ؛

قەتئىي بولۇڭ، لېكىن جاھىل بولماڭ؛

جانلىق بولۇڭ، لېكىن شاللاق بولماڭ؛

باتۇر بولۇڭ، ئەمما قارام تەلۋە بولماڭ؛

تەمكىن بولۇڭ، لېكىن جۈرئەتسىز بولماڭ؛

سەگەك بولۇڭ، لېكىن گۇمانخور بولماڭ؛

مەردانە بولۇڭ، لېكىن قوپال بولماڭ؛

ياۋاش بولۇڭ، لېكىن دۆت بولماڭ؛

ئېھتىياتچان بولۇڭ، لېكىن چەكتىن ئاشۇرىۋەتمەڭ؛

يومۇرلۇق بولۇڭ، لېكىن چاكىنا بولماڭ؛

سۆزمەن بولۇڭ، لېكىن مۇغەمبەرلىك قىلماڭ؛

ساددا بولۇڭ، لېكىن گۆدەكلىك قىلماڭ؛

مۇلايىم بولۇڭ، لېكىن قارىغۇلارچە ئىش كۆرمەڭ؛

چاقچاقچى بولۇڭ، لېكىن باشقىلارنىڭ دىلىنى رەنجىتمەڭ؛

~~~~~~~~~~
مۇۋاپپەقىيەتنىڭ 17 تۈرلۈك پىرىنسىپى

بۇ مۇۋاپپەقىيەت پىرىنسىپلىرى دۇنياغا داڭلىق، مۇۋاپپەقىيەت قازانغان نەچچە يۈز زاتنىڭ ئۆمۈرلۈك تەجىربىسىدىن ئېلغاپ ئېلىنغان پىرىنسىپلاردۇر .

بۇ پىرىنسىپلار تۈۋەندىكىچە:

1.ئېنىق نىشان تۇرغۇزۇش .

2.ئاقىللار كوللېكتىپىنى تەشكىللەش.

3.كىشىنى جەلىپ قىلىدىغان خارەكتېر يېتىلدۈرۈش.

4.ئىشەنچتىن پايدىلىنىش.

5.كۆپرەك بەدەل تۆلەش .

6.ئالغا ئىنتىلدىغان روھنى يىتىلدۈرۈش.

7.ئاكتىپ روھى ھالەتنى يىتىلدۈرۈش .

8.قىزغىنلىقنى ساقلاش.

9.ئۆزىنى تۇتىۋېلىش.

10.توغرا تەپەككۇر قىلىش.

11.دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش.

12.كوللىكتىپنىڭ روھىنى ئۇرغۇتۇش.

13.ئوڭۇشسىزلىق ۋە مەغلوبىيەتتىن تەجىربە-ساۋاق ئۆگۈنۈش.

14.ئىجاتچانلىق قابىليىتىنى يىتىلدۈرۈش.

15.سالامەت بۇلۇش.

16.ۋاقىتتىن ۋە پۇلدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش.

17.كائىنات قانۇنيىتىنىڭ كۈچىدىن پايدىلنىش.
~~~~~~~~~~~~~~~~~
مۇۋەپپەقىيتىڭىز ئۈچۈن 50 جۈمىلە
1.ھەر كۈنى ئۈزىڭىزگە بىر قېتىم «مەن يارايمەن!»دەڭ.
2.ئىسىڭىزدە بولسۇن،ھەربىر كۈن ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ گۈزەل كۈندۇر.
3.قۇياشقا يۈزلىنىڭ شۇندىلا ئۈمۈتسىزلىكنىڭ سايىسى كۆز ئالدىڭىزدىن يۇقىلىدۇ.
4. سىز ھاۋارايىنى ئۆزگەرتەلمەيسىز،ئەمما ئۆزىڭىزنىڭ ھاۋارايىغا بولغان بىزار بۇلۇش كەيپىياتىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيسىز.
5.ئوي-پىكىرىڭىز ھەركىتىڭىزنى بەلگىلەيدۇ،ھەركىتىڭىز ئادىتىڭىزنى بەلگىلەيدۇ،ئادىتىڭىز مىجەز-خاراكتىرىڭىزنى بەلگىلەيدۇ،مىجەز-خاراكتىرىڭىز تەقدىرىڭىزنى بەلگىلەيدۇ.
6.ئىرىشكەنلىرىڭىز بىلەن ھىساپلاشماي توختىماي تەر تۆكىۋېرىڭ،بىر كۈنى پايدىسىنى كۆرىسىز.
7.قىش كەلدى.شۇنداقلا باھار بىزگە تېخىمۇ يېقىنلاشتى.
8.ئىلكىڭىزدە بارىدا قەدىرلەڭ،ئايرىلىپ قالغاندا پۇشايمان قىلماڭ.
9.ھەر ۋاقىت كەينىڭىزدىكى ئىشىكنى يېپىپ مېڭىڭ.(يەنى بۇرۇنقى نەتىجە ۋە سەۋەنلىكلىرىڭىز ئۆتمۈشكە مەنسۇپ،ئۇلارنى ئۇنتۇپ كىتىڭ.)
10.ئۈمىد قانچە چوڭ بولسا،ئۈمىدسىزلىكمۇ شۇنچە چوڭ بۇلىدۇ.
11.ئەگەر ئايدىن ئايرىلىپ قالغىنىڭىزغا يىغلاپ ئۆزىڭىزنى يوقىتىپ قويسىڭىز،ئۇنداقتا يۇلتۇزلاردىنمۇ قۇرۇق قالىسىز.
12. تىرىشىپ ئۆگىنىڭ بىلىملىك بۇلىسىز.تەنقىتتىن قۇرقماڭ، غەيرەتلىك بۇلىسىز.ئويلاپ سۆزلەڭ،ئىناۋەتلىك بولىسىز.بىرسىنى تاللاڭ،خاتىرجەم بولىسىز.
13.دوستىڭىزنى توغرا تاللاڭ،بىر ئۆمۈر خوشال ئۆتىسىز.جۆرىڭىزنى توغرا تاللاڭ،بىر ئۆمۈر بەخىتلىك ئۆتىسىز.كەسپىڭىزنى توغرا تاللاڭ،بىر ئۆمۈر مۇۋەپپەقىيەت ئىچىدە ئۆتىسىز.
14.نۇر چېچىش پەقەت قۇياشقىلا خاس ئەمەس،سىزمۇ نۇر چاچالايسىز.
15.ئەخمەقلەر تىنى ئارقىلىق روھىنى باشقۇرىدۇ،دانالار روھى ئارقىلىق تىنىنى باشقۇرىدۇ.
16. ئالتۇن ھامان پارقىرايدۇ.
17.خوشاللىق بىر خىل پۇزۇتسىيە،بىر كىشى خوشال يۈرۈشنى چىن دىلىدىن نىيەت قىلسىلا چۇقۇم خوشال يۈرەلەيدۇ.
18.خوشال ئۈتۈشنىڭ سىرى:ئۆزىڭىزنىڭ سەۋەنلىگى ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى جازالىماڭ.باشقىلارنىڭ سەۋەنلىگى ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى جازالىماڭ.ئۆزىڭىزنىڭ سەۋەنلىگى ئۈچۈن باشقىلارنى جازالىماڭ.
19.بىزنىڭ نۇرغۇن كۆڭۈلسىزلىكلىرىمىزنىڭ مەنبەسى:ئۆزىمىزنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇشتىن يەنى سېلىشتۇرغاندا ئۆزىمىز ئىگە بولامىغان نەرسىگىلا ئېسىلىۋېلىپ،ئېرىشكەنلىرىمىزگە سەل قارىغانلىقىمىزدىن كىلىدۇ.
20.ئۇنچىۋالا قايغۇرۇپ كەتمەڭ،ھاياتىڭىزدا مەلۇم نەرسىلەرنى يوقىتىپ قويۇش-بەلكىم ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشتۇر.ئېزىپ قېلىش-بەلكىم يېڭى يول ئىزلەشتۇر.
21.ئاچچىقلىنىش-باشقىلارنىڭ خاتالىقى ئۈچۈن ئۆزىنى جازالاشتۇر.
22.بەخىتكە ئېرىشىشنىڭ چارىسى-ئىلكىدە بارىنى قەدەرلەش،ئىلكىدە بولمىغانلارنى ئۇنتۇپ كىتىش.
23.سىز مۇھەببەت ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا ئېرىشەلەيسىز،شۇنداقلا ئۆچمەنلىك ئارقىىلىق پۈتۈن دۇنيادىن ئايرىىلىپ قالىسىز.
24.ئاچكۆزلۈك-ئەڭ ھەقىقى نامراتلىق.قانائەت بولسا ئەڭ ھەقىقى بايلىق.
25.ئەتىكى ئۈمىد بىزگە بۈگۈنكى ئازاپنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ.
26.خۇشاللىقتىن باشقىلار بىلەن تەڭ بەھرىلەنگەندىلا تېخىمۇ خۇشال بولغىلى بۇلىدۇ.
27.خۇشاللىق ئېرىشكەنلىرىڭىزنىڭ كۆپلىكىدىن ئەمەس،بەلكى ھىساپلاشقانلىرىڭىزنىڭ ئازلىقىدىندۇر.
28.ئادەمنىڭ ھەقىقى قىممىتى ئېزىقتۇرۇشقا ئۇچرىغان ئاشۇ قىسقىغىنە مىنۇتلاردا بەلگىلىنىدۇ.
29.بېشىڭغا ھەر بالا كەلسە ئۆزەڭنىڭ خۇي-پەيلىدىن كۆر.
30.مەيلى قايسى ۋاقىتتا باشلاڭ،ئەڭ مۇھىمى باشلىغاندىن كىيىن توختاتماي داۋاملاشتۇرۇڭ.
31.مەيلى قايسى ۋاقىتتا ئاخىرلاشتۇرۇڭ،ئەڭ مۇھىمى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كىيىن پۇشايمان قىلماڭ.
32.ئادەم ئەگەر قورقۇنچاق بولسا ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى بولىدۇ.ئادەم ئەگەر باتۇر بولسا ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى دوستى بولالايدۇ.
33.ئەڭ زور ئۈمىد ۋە بارلىق كۈچىڭىز بىلەن تىرىشىڭ،ئەمما ئەڭ يامان ئاقىۋەتكىمۇ تەييارلىق قىلىپ قۇيۇڭ.
34.ھۇرۇنلىق،ئىرادىسىزلىك ۋە بىكارچىلىق ئەقىلىنى داتلاشتۇرىدۇ.
35. ھەربىر ئىشنى ئوخشىمىغان تەرەپلەردىن كۈزىتىش ۋە تەھلىل قىلىش شۇنداقلا ھەر ۋاقىت ئۆزىنى باشقىلارنىڭ ئورنىدا قويۇپ ئويلىنىپ بېقىش كېرەك.
36.ئۈمۈدلۈك ئادەم ئازاپنى خۇشاللىققا،«دوۋزاق»نى «جەننەت»كە ئايلاندۇرالايدۇ.
37.بارلىق غەلبىلەر ئۆزىنى بويسۇندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ غەلبىنىڭ ئالدىدا ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ.بارلىق مەغلۇبىيەتلەر ئۆزىنى يوقىتىپ قۇيۇشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ مەغلۇبىيەتنىڭ ئالدىدا ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ.
38.خۇدا كىشلەرنىڭ ئەخمەقلىقىدىن ئەسلا ئاغرىنمايدۇ،ئەمما كىشىلەر دائىم خۇدانىڭ تەڭسىزلىگىدىن ئاغرىنىدۇ.
39.دۇنيادا ئادەمنى ئەڭ ھارغۇزىدىغىنى كۈنلەرنى بىكارچىقتا مەنىسىز ئۆتكۈزۈشتۇر.
40.ھاياتىڭىزدىكى بىرىنچى ياشلىقنى خۇدا ئاتا قىلىدۇ،ئىككىنچى ياشلىقنى ئۆزىڭىزنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق قولغا كەلتۈرىسىز.
41.ئوي-پىكىر ئۈشكىگە ئوخشايدۇ،كۈچنى مەلۇم نوقتىغا مەركەزلەشتۇرگەندىلا ئاندىن تىشىپ ئۆتكىلى بولىدۇ.
42.ئادەم ئۆزىنىڭ نىشانىنى يوقىتىپ قويمىسىلا ئۆزىنى يوقىتىپ قويمايدۇ.
43.ئەگەر تاڭنى مەدھىيلىگەن بولسىڭىز،ئۇنداقتا قاراڭغۇ كېچىنىمۇ قۇچاقلاپ قويۇڭ.
44.ھاياتلىقى مۇھىمى تۇرغان ئۇرنىڭىز ئەمەس،يۈزلەنگەن نىشانىڭىز.
45.ئۇچالايدىغان ۋاقتىڭىزدا ئۇچۇشتىن ۋاز كەچمەڭ،سۆيەلەيدىغان ۋاقتىڭىزدا سۆيگىدىن ۋاز كەچمەڭ.
46.ھاياتلىق بەك قىسقا،بۈگۈن ۋاز كەچكەنلىرىڭىزگە ئەتە ئېرىشەلىشىڭىز ناتايىن.
47.تالانت بىر پىرسەنت ئىلھام بىلەن99پىرسەنت تىرىشچانلىقنىڭ يىغىندىسىدۇر.
48. بىز ئادەملەر بەك ئەخمەق،دائىم ئېرىشكەنلىرىمىزنى قەدىرلىمەي ئەكىسچە ئېرىشەلمىگەنلىرىمىز ئۈچۈن ھەسرەت چېكىپ يۈرىمىز.
49.ئاۋال ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز كۆزگە ئىلغاندىلا،باشقىلار ئاندىن سىزنى كۆزگە ئىلىدۇ.
50.ئۈمىدلىكلەر ئاپەت ئىچىدىكى پۇرسەتنى كۆرەلەيدۇ،ئۈمىدسىزلەر پۇرسەت ئىچىدىكى ئاپەتنى كۆرىدۇ
~~~~~~~~~~~~~~~~~
ﺩﯨﯟﺍﻧﯘ ﻟﯘﻏﺎﺗﯩﺖ ﺗﯜﺭكتىن ﻣﺎﻗﺎﻝ-ﺗﻪﻣﺴﯩﻠﻠﻪﺭ

«ئۇي بولىدىغان كالا موزاي چېغىدىنلا بەلگىلىك»(684-بەت)
«خامان تەپمەك سۈندۈكنىڭ ئىشى ئەمەس»(682-بەت)
«گۆرىستاندا ئۆي بولماس،توپىلاڭ يەردە ئوۋ بولماس»(671-بەت)
«ئات قاشقىسى ئاي بولماس»(660-بەت)
«بېشىم ئامان بولسا دېڭىزدىن سۇ ئىچىمەن»(641-بەت)
«غاز توپى باشلامچىسىز بولماس»(634-بەت)
«قىز بىلەن چېلىشما،تۇغمىغان بايتال بىلەن چېپىشما»(619-بەت)
«ياخشى سۆز قەدەھكە ئىگە قىلىدۇ.»(615-بەت)
«چوخچا تاشتا ئوت بولماس،تازچاقتا ئۇيات بولماس»(613-بەت)
«يەر باستۇرۇغى تاغ،خەلق باستۇرۇغى بەگ.»(609-بەت)
«ئۆز ئىشىغا پۇختا،باشقىلارغا يۆلەنمەيدىغان ئادەم قىشلاققا(تاغنىڭ ئوتى مول،قارى ئاز بولغان
كۈنگەي تەرىپىگە)ئىگە بولغان ئادەمگە ئوخشايدۇ.»(607-بەت)
«ھەرقانچە ئەخمەق بولسىمۇ ھەمراھ ياخشى»(598-بەت)
«بەخىتسىز قۇدۇققا چۈشسە،قۇم ياغار.»(598-بەت)
«كۆسەي ئۇزۇن بولسا قول كۆيمەس»(584-بەت)
«قىردىكى قىرغاۋۇلنى ئوۋلايمەن دەپ،ئۆيدىكى توخۇنى قولدىن چىقىرىپ قويما.»(583-بەت)
«ئۆيدىكى موزاي ئۆكۈز بولماس»(582-بەت)
«بۆرىنىڭ ئورتاق،قۇزغۇننىڭ دەرەخ بېشىدا»(572-بەت)
قۇيرۇقىغا ئېسىلىپتۇ)»(571-بەت)
«ئۆلگۈسى كەلگەن چاشقان مۈشۈكنىڭ تاشىغىنى قاشلايدۇ.(چاشقاننىڭ ئۆلگۈسى كەلسە مۈشۈكنىڭ
«كىشىنىڭ پەزىلىتى ئۆزىنىڭ تىلى بىلەن بىلىنىدۇ.»
«بەخىت بەلگىسى بىلىم.»(557-بەت)
«تاۋغاچ خاننىڭ تورقىسى تولا،ئۆلچىمەي پىچماس»(556-بەت)
«قارغىنىڭ قېرىىسنى كىم بىلەر،كىشىنىڭ ئالىسىنى كىم تاپار.» (554-بەت)
«قۇلان پادىسى يول باشلىغۇچىسىز بولماس.»(554-بەت)
«تلەمچىگە بەر مىڭ ياڭاق،تايانغىلى بەر تاياق.»(544-بەت)
«يۇۋاش بىلەن ئېيتىش،ئېغىرىڭنى كۆتىرەر،ئەسكى بىلەن تەڭ بولما،سېنى يەرگە قارىتار.»(540-بەت)
«خاننىڭ ئىشى بولسا خېنىمنىڭ ئىشى قېلىپ تۇرار.»(533-بەت)
«قوغۇن تالانسا،ئىگىسىمۇ ئىككى قولى بىلەن تالار.»(534-بەت)
«قېرىلارنىڭ سۆزى بىكارغا كەتمەس،تال-چىۋىق باغ يېشىلمەس.»(532-بەت)
«قېرىنداش دېسە قارىمىغان،قۇدا دېسە قاراپتۇ.»
«ئوت تۈتۈنسىز بولماس،يىگىت گۇناھسىز بولماس.»(521-بەت)
«قىلىقلىناي دېسە قىزىل كېيەر،ياراي دېسە يېشىل كېيەر»(512-بەت)
«قاينام دەريا كېچىكسىز بولماس.»(507-بەت)
«ئاچ ئالدىراڭغۇ،توق بىغەم.»(503-بەت) بۇ ئوغۇزچە ماقال
«تۆشۈك سۇدا بىلىنەر.»(503-بەت)
«تېزەك قاردا ياتماس،ياخشى-يامان قېتىلماس»(502-بەت)
«بالا ئەقىلسىز.»(501-بەت)مەنىسى:بالىدا ئەقىل يوق.
«پىچاق ھەرقانچە ئىتتىك بولسىمۇ،ئۆز سېپىنى يۇنالماس.»(499-بەت)
«قوغاق بېشىنىڭ سىيرەك بولغىنى ياخشى.»(499-بەت)
«قۇرۇق قۇشۇن ئېغىزغا يارىماس،قۇرۇق سۆز قۇلاققا ياقماس.»(497-بەت)
«ياياقنىڭ ئېتى چۇرۇق،كۈچى ئوزۇق.»(492-بەت)
«بېلىقنىڭ ئۆزى سۇدا،كۆزى تاشقىرىدا»(491-بەت)
«قۇدۇقتا سۇ بار،ئىت بۇرنى تەگمەس»(485-بەت)
«گەجگە يېغىرى ئوغۇلغا قالار»(479-بەت).
«ئۇ كېچىكنى سۇ ئېلىپ كەتتى»(479-بەت)
«چېقىر كۆز ئىت ئاتقا باراۋەر كېلەر،چېقىر كۆز ئات ئىتقىمۇ باراۋەر كەلمەس».(471-بەت)
«كۆك تۆمۈر بىكار تۇرمايدۇ،تەككەن يېرىنى يارىلايدۇ»(468-بەت)
«بارىدا مىس،يوقىدا ئالتۇن»(467-بەت)
«سۆگەتكە ئەۋرىشىملىك،قېيىنغا قاتتىقلىق يارىشار»(462-بەت)
«قارا بولۇتنى يەل ئاچار،ھۆكۈمەت ئىشىكىنى پارا ئاچار.»(459-بەت)
«قىرىق يىلغىچە باي بىلەن كەمبەغەل تەڭلىشىدۇ»(454-بەت)
«كۈنگە باقسا كۆز قامىشار»(442-بەت)
«كۈل پۈۋلىگىچە،چوغ پۈۋلىگەن تۈزۈك.»(439-بەت)
«قۇل يىغا،ئىت بۆرە»(439-بەت)
«ئەدەپ-ئەردەم بېشى تىل»(438-بەت)
«قىشنىڭ زىياپىتى ئوت»(433-بەت)
«بوش(تۇرغان) نەرسىگە ئىگە بولماس»(431-بەت)
«بېخىل كىشىنىڭ داڭقى چىقماس».(427-بەت)
«تەسكەيدە قار ئۆكسىمەس،قويدا ياغ ئۆكسىمەس»(426-بەت)
چىرايلىق قىزغا سۆز كېلەر.(419-بەت)
«دەرەخ ئۇچغا يەل تېگەر،چىرايلىق قىزغا سۆز كېلەر»دېگەن تۈرىمۇ بار.
بۈك-باراقسان سۆگەتكە قۇش قونار،
«يېغىنى سەل چاغلىسا باشقا چىقار»(401-بەت)
«ئۇلۇغنى ئۇلۇغلىسا بەخىت تاپار.»(400-بەت)


مەرىپەت تورىدىن يىغىلغان
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-11 03:03 , Processed in 0.132082 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat