ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 57|ئىنكاس: 0

facebook قانداق پايدىغا ئېرىشىشى كېرەك؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
75
تىللا
93
شۆھرەت
93
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 20:16:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىليونىلىغان ئۇچۇرلارنىڭ ئىچىدىن ئىشلەتكۈچىلەرگە پايدىلىق بولغان مەزمۇننى تاسقاپ،ئىشلەتكۈچىلەرگە سۈنۈش، facebook قا ئېلان قىلىنغان ئەڭ چوڭ جەڭ. لېكىن بۇ دەل facebook نىڭ google دىن ئېشىپ چۈشىدىغان ئاچقۇچلۇق مەسىلە بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
80968323.jpg

تېڭشۈن پەن-تېخنىكىسى ئۇچۇرى: بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى خەۋىرى، سىرتقى ئاخپارات ئورگانلىرىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، تۇنجى قېتىم ئاشكارە پاي چاقىرىشتىن كېيىن بىر يىلغا يېققىن ۋاقىتتىن كېيىن، ئىجتىمائىي ئالاقە تورى facebook چوڭ بىر قىيىنچىلىققا يەنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كۈندە ئېلان قىلغان نەچچە يۈز مىليونلىغان رەسىملىرى، ياخشى كۆرۈش بەلگىلىرى ۋە ھالەت يېڭىلىقىرى ئىچىدىن ئىشلەتكۈچىلەرگە قانداق قىلىپ ئىزدىمەكچى بولغان مەزمۇنىنى ھەم توغرا ھەم تېز كۆرسىتىشكە دۇچ كەلدى.

  ئەخلەت ئۇچۇرلارنىڭ ئىچىدىن گۆھەرنى ئىزدەش facebook ئۈچۈن ئېيتقاندا ئەڭ چوڭ مەسىلە، لېكىن بۇ دەل facebook غا پايدا ئېلىپ كېلىپ، google نىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغان پەلەمپەي بولۇپ، جاھاندىكى ئىزدەش بازىرىنىڭ نوچىسى قىلىشى مۇمكىن.

  كېيىنكى شەنبە كۈنى كەچتە بىرەر كىنونى كۆرمەكچى بولغىنىڭىزدا google دىن ئىزدىسىڭىز بىر مۇنچە ناتونۇش ئادەملەر تەۋسىيە قىلغان كىنولارنى چىقىرىپ بېرىدۇ، لېكىن facebook سىزنىڭ دوستلىرىڭىز تەۋسىيە قىلغان كىنولارنى ھەمدە قانچىلىك دەرىجىدە ياخشى كۆرىدىغانلىقلىرىغىچە كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. بۇ مۇلازىمەت ۋال سىتىرىت كوچىسى ۋە ئېلان ئىگىلىرىنى تېخىمۇ خوش قىلىدۇ.

  بازار تەكشۈرۈش شىركىتى IDC نىڭ ئازالىز خادىمى كارىستىن ۋېيدىي (Karsten Weide)مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن:«ئەگەر facebook ئىزدەش مۇلازىمىتىگە كۈچەشنى توغرا كۆرسە، google مىسلى كۆرۈلمىگەن جەڭ ئېلان قىلىشنى كۈتىۋالىدۇ.»

  تور ئېلان پايدىسىنىڭ زور قىسمى ئىزدەش مۇلازىمىتىدىن كىرىدۇ، بۇمۇ دەل google نىڭ ئىزدەش ئېلان كىرىمىنىڭ facebook نى ئون قاتلىشىنىڭ سەۋەبى. بۇمۇ facebook نىڭ ئىزدەش مۇلازىمىتىنى ئارزراقلا كەڭەيكەندىن كېيىن، شىركەتكە زور دەرىجىدە كىرىم ئېلىپ كەلگەنلىكىنىڭ سەۋەبى بولالايدۇ. تەۋەككۈل مەبلەغ خادىمى بىل تەي (Bill Tai)مۇنداق دەپ كۆرسەتتى:«بەك كۆپ ئۇچۇر، يول باشلىغۇچى، ئىزدەش بولغاندا ئۇلارنىڭ ناھايىتى يوقۇرى قىممىتى بولىدۇ. facebook نىڭ ناھايىتىمۇ زور ئۇچۇرلىرى بار، لېكىن ئۇ ئۇچۇرلار بەكلا قالايمىقان».

مەنبە: facebook قانداق پايدىغا ئېرىشىشى كېرەك؟
http://bbs.muradilsoft.com/forum ... id=22&fromuid=1
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2013-2-3 10:10 , Processed in 0.100850 second(s), 19 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش