يانفۇن ۋىروسخورى بىلەن تونۇشىۋېلىڭ
تورداشلارنىڭ كۆپ قىسمى كومپىيوتىرغا قاچىلاپ ئىشلىتىدىغان ۋىروسخورلار بىلەن تونۇش بولسىمۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفۇنلارغا قاچىلاپ ئىشلىتىدىغان يانفۇن ۋىروسخورلىرى بىلەن تېخى ناتونۇش . يانفۇن ۋىروسخورى بىلەن 360 يانفۇن ياردەمچىسى ، 91 يانفۇن ياردەمچىسى ، ئالتۇنتاغ يانفۇن قوغدۇغۇچىسى ....... قاتارلىق بىخەتەرلىك دېتاللىرى خارەكتىر جەھەتتىن پەرقلىنىدۇ .
تۆۋەندە مەن كۆپچىلىكنىڭ ھوزۇرىغا روسىيەنىڭ دۇنياغا داڭلىق 1-قاتاردىكى كاباسىجى ( 卡巴斯基 ) ۋىروسخورىنىڭ ئاندوروئىد يانفۇن نۇسخىسىنى ئىشلىتىشنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن .
بۇ ۋىروسخورنىڭ يانفۇن نۇسخىسىنىڭ سىغىمى كىچىك بولۇپ ھەر قانداق ماركىدىكى ئاندوروئىد مەشغۇلات سېستىمىلىق ئەقىلىي ئىقتىدارلىق يانفۇنلارغا قاچىلاپ بىمالال ئىشلەتكىلى بولىدۇ . سىز بۇ دېتالنى چۈشۈرۈش ئۇلانمىسىدىن چېكىپ كومپىيوتىرغا چۈشۈرىۋالغاندىن كېيىن يانفۇن بىلەن كومپىيوتىرنى ئۆز ئارا ئۇلاپ مەزكۇر دېتالنى يانفۇنىڭىزغا قاچىلاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ . يانفۇنىڭىزغا روت ھوقۇقى ئېلىش كەتمەيدۇ .
چۈشۈرۈش ئادرىسى : مائوس بىلەن مۇشۇ خەتنى توككىدە چېكىڭ ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا خەنجەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-14 21:56
|