ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 828|ئىنكاس: 13

مۇرادىلسوفت كىرگۈزگۈچ 1.0 نۇسخىسى QQ دىمۇ ئىشلەيدۇ

    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
  ئەسسالام ھۆرمەتلىك تورداشلار
  مەن دوستۇڭلار مۇرادىلجان.
  نەچچە كۈن تىرىشىش ئارقىسىدا يۇنىكودسىز يۇمشاق دېتاللار ئۈچۈن مۇرادىلسوفت كىرگۈزگۈچنىڭ 1.0 نۇسخىسىنى تۈزۈپ چىقتىم.
تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئىشلىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
  كۆرۈنمە يۈز رەسىملىرى:






ئاساسلىق ئىقتىدارلىرى:
يۇنىكودنى قوللىمايدىغان يۇمشاق دېتاللارغا ئېنگىلىزچە ھەرپ-بەلگىلەرنى باستۇرمىغان ھالەتتە ئۇيغۇرچە، ئېنگىلىزچە، پەش-چېكىت، سان-سېفىرلارنى كىرگۈزگىلى بولىدۇ.

ئالاھىدىلىكى:
سىغىمى كىچىك، قاچىلاشنىڭ ھاجىتى يوق.
بىرەر يەرگە يېشىپ ئۈستەل يۈزىگە تېزلىتىش بەلگىسىنى چىقىرىپ قويسىڭىزلا كۇپايە.
باشقا يۇنىكودسىز كىرگۈزگۈچلەرگە ئوخشاش كۆزنەكلىك ئەمەس، بىر يېزىپ بىر كۆچۈرۈشتىن خالىي بولىسىز.
ئاپتوماتىك كىرگۈزمەكچى بولغان كۆزنەكنى تاپىدۇ.
ئۇيغۇرچە يۇنىكودلۇق خەت نۇسخىسىغا توغرىلانغان.
ئېنگىلىزچە ھالەتتە باشقا كىرگۈزگۈچلەر بىلەن ھەرپ تاختىسى كونتروللىقىنى تالاشمايدۇ.
يۇنىكودلۇق كىرگۈزگۈچلەر بىلەن بولغان ماسلىشىشچانلىقى ياخشى.
xp,win7,win8 قاتارلىق سېستىمىلاردا (32خانىلىق ۋە 64 خانىلىق) خىزمەت قىلالايدۇ.
QQقاتارلىق يۇنىكودنى قوللىمايدىغان ياكى ئۇيغۇرچىنى سۈزىۋېتىدىغان يۇمشاق دېتاللاردا ئۇيغۇرچە خەت يوللىغىلى بولىدۇ

بەلكىم QQ دا ئۇيغۇرچە خەت يوللاش تورداشلار بەكرەك قىزىقىدىغان تېما بولۇشى مۇمكىن.
  مەن بۇنىڭ ئىشلىتىلىشىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي.
  بۇ كىرگۈزگۈچ يېڭى ئېرا نىڭ تارقاتقان كىرگۈزگۈچىگە ئوخشىمايدۇ.
  يېڭى ئېرا نىڭ تارقاتقان يۇمشاق دېتالى ئۇيغۇرچە كونا يېزىقنى رەسىم شەكلىدە ئەۋەتىش ئارقىلىق نورمال كۆرۈنۈشنى ئىشقا ئاشۇرغان
لېكىن بۇنداق قىلغاندا ئەگەر سىزنىڭ كومپىيۇترېڭىز ئېقىم پۇلى ھېسابلىسا، رەسىم بەك كۆپ ئېقىم مىقدارىنى يەپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تور شارائىتى ياخشى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا رەسىم بارمايدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىشى مۇمكىن.

تۆۋەندە ئاۋال بىر نەچچە پارچە QQ دا ئۇيغۇرچە پاراڭلاشقان سۈرەتلەتنى كۆرسىتىپ ئۆتەي:


http://bbs.muradilsoft.com/data/ ... dbyzb4qd2wdxvgf.png


ئەمدى بۇنى تەڭشەشنىڭ ئۇسۇلىنى سۆزلەپ ئۆتەي
---------------------------------------
1.بىزنىڭ فونتىمىز ئېنگىلىزچە بىلەن ئۇيغۇرچىنى تەڭ قوللىغاچقا ئاۋال ئەنسىرىمەي بۇ فونتنى كومپىيۇتېرغا قاچىلايمىز
xp1.1  غا قاچىلاشنىڭ ئۇسۇلى(win7 دىن كېيىنى نەشىرلىرىدە فونتنى ئېچىپ قاچىلاشنى باسسىلا كۇپايە)
مېنىڭ كومپيۇتېرېم يەنى 我的电脑نى ئېچىپ ئادرىس كۆزنىكىگە
C:\Windows\Fonts
دېگەن مەزمۇننى كۆچۈرۈپ ئېنتىرنى باسساق بىر كۆزنەك ئېچىلىدۇ
كىرگۈزگۈچ بار ھۆججەت خالتىسىنىڭ ئىچىدە muradilsoft.ttf ناملىق ھۆججەت بار، شۇنى ئوڭ تاق چېكىپ كۆپەيتىش يەنى 复制 دېگەننى سول تاق چېكىپ، ئابايىقى ئېچىلغان فونت كۆزنىكىنىڭ ئىچىگە چاپلايمىز يەنى 粘贴.
ئاندىن QQ نى قايتا قوزغىتىپ، پاراڭ كۆزنىكى ئىچىدىكى خەت نۇسقىسى تەڭشەيدىغان جايدىن muradilsoft دېگەن خەت نۇسقىسىغا تەڭشىسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ.
پاراڭ سالغاندا چوقۇم ئىككىلا تەرەپتە فونت ياكى كىرگۈزگۈچ بىلەن فونت بولۇشى كېرەك، شۇندىلا ئىككىلا تەرەپكە نورمال كۆرۈنىدۇ.
muradilsoft دېگەن فونتتا باشقا خەنچە ۋە ئېنگىلىزگە خەتلەتمۇرمۇ توغرا تونۇيدۇ، شۇغا ئەنسىرىمەي شۇ خەت نۇسخىسىغا توغرىلىسىڭىز بولىدۇ.
دېتال قوزغالغاندا ۋىروسخورلارنىڭ توسۇشىغا ئۇچرىشى مۇمكىم، بىز 360 قا يوللاپ قويدۇق، تېز ۋاقىتنىڭ ئىچىدە ھەل بولۇشىغا تىلەكداشمىز
يۇمشاق دېتالدا ھېچقانداق ۋىروس يوق، ئاق تىزىملىككە كىرگۈزۈپ خاتىرجەم ئىشلىتىڭ.
http://www.muradilsoft.com/down/down_01.html
بۇ جايدىن چۈشۈرۈڭ.

بىز ئەڭ ياخشى ئەمەس، لېكىن ئەڭ ياخشى بولۇش ئۈچۈن تىرىشىمىز!
-مۇرادىلسوفت
مۇرادىلسوفت كومپيۇتېر تېخنىكا مۇنبىرى
bbs.muradilsoft.com

باھالاش

2

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2013-1-14 18:37:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇمتالنى ناھايىتى ياخشى تۇزۇپسىز .  چۈشەندۇرشىڭىزمۇ ئەتراپلىق ۋە ئىنچىكە بوپتۇ،
تەكلىپ : مۇشۇ سېستىمىڭىزنىڭ يانفۇن نۇسقىسنىمۇ بىر ئىشلەشكە تىرشىپ باقسىڭىز!  

بىر ئىش چ چ  دا كوتىلداشقاندا قارشى تەرەپمۇ بۇ فونت  نى قاچىلاشقا توغرا كىلىدۇ دەپسىز ، ئادەتتە ئەلكاتىپ،ئالىپ،خىيال مۇ بۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بۇلىدىغۇ  (ھەرە كىپكىنى ھەرىلىگەندەك بوپ قالدىمۇ قانداق؟)   باشقا تەرەپلىرى ياخشى بوپتۇ، بۇندىن كىيىن يەنە مۇشۇنداق بىلىملىرڭىزنى ئايىمىغايسىز ، يەنىمۇ يېڭى - يېڭى  يۇمتاللارنى ھۇجۇتقا كەلتۇرشىڭىزگە تىلەكداشمەن،
ۋاقتى: 2013-1-14 18:52:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تۇزۇلۇپتۇ
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-1-14 19:19:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
katiwash يوللىغان ۋاقتى  2013-1-14 18:37
يۇمتالنى ناھايىتى ياخشى تۇزۇپسىز .  چۈشەندۇرشىڭىزمۇ ئە ...

توغرا دەيسىز، باشقا كىرگۈزگۈچلەردىمۇ بولىدۇ،
لېكىن بۇ كىرگۈزگۈچ باشقا كىرگۈزگۈچلەردىن قولايلىقمىكىن دەپ قارايمەن،
كۆچۈرۈپ، چاپلاپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق
ۋاقتى: 2013-1-14 21:00:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۆزلەشكەن مەزمۇنلار كوت-كوتلاردا يەنىلا رەسىم شەكىلدە ئەۋەتىلەمدۇ؟
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-1-14 21:03:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ablkim يوللىغان ۋاقتى  2013-1-14 21:00
سۆزلەشكەن مەزمۇنلار كوت-كوتلاردا يەنىلا رەسىم شەكىلدە ...

ياق خەت شەكلىدە ئىۋەتىلىدۇ، رەسىم شەكلىدە ئىۋەتسە بەزى ۋاقىتلاردا بارمايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ قالىدۇ، ھەم خەتنىڭ مەلۇم قىسمىنى كېسىپ ئالغىلى بولمايدۇ
ۋاقتى: 2013-1-14 21:26:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇمتالنى ناھايىتى ياخشى تۇزۇپسىز .  چۈشەندۇرشىڭىزمۇ ئەتراپلىق ۋە ئىنچىكە بوپتۇ،  مەن بىرقانچە يۇنىكودسىز يۇمشاق دېتاللار غا خەت يېزىپ سىناپ باقتىم ، ئازراق خەتلەرنى يېزىش ئۈچۈن خېلى قۇلايلىقكەن .

شەخسىي تەكلىۋىم : يۇنىكودسىز يۇمشاق دېتاللار غا ئۇزۇنراق خەت يازغاندا  قۇر تاشلاتقىلى بولمايدىكەن .

ھىس قىلىشىمچە  بۇكىرگۈزگۈچ ئارقىلىق 58 ھەرپلا يازغىلى بولىدىكەن .   مۈمكىن بولسا كۆزنەكنى  خەت يازغانچە كەڭرىيدىغان ، مەلۇم چەككە يەتكەندە ئاپتۇماتىك قۇر تاشلايدىغان ،   يازماقچى بولغان خەتلىرىمىزنى تۇلۇق يېزىپ بۇلۇپ ئاندىن يوللايدىغان بولسا ،
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-1-14 21:39:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
dihanogli يوللىغان ۋاقتى  2013-1-14 21:26
يۇمتالنى ناھايىتى ياخشى تۇزۇپسىز .  چۈشەندۇرشىڭىزمۇ ئە ...

چېچەن كىرگۈزگۈچنى ئىشلىتىپ باققىنىڭىز بارمىكىن بىلمىدىن، بۇكىرگۈزگۈچ ئېنتىرنى بېسىش ئارقىلىق بىر سۆز ياكى بىر نەچچە سۆزدىن كىرگۈزىلىدۇ.
خەت يازماقچى بولغان رايونغا ئېلىپ كېلىپ، مائۇسنى ئوڭ تاق چېكىپ، خەت يېزىشنى باشلىسىڭىز بولىدۇ.
مەلۇم دەرىجىگىچە كەڭىيىدۇ، توشاي دېگەندە ئېنتىرنى بېسىۋېتىپلا ئۇلاپ كىرگۈزسىڭىز بولىۋېرىدۇ
ۋاقتى: 2013-1-14 23:21:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە بولغاندا ھەممىمىز بوشلۇقنى ئىشلىتىپ كۆنۈپ قالغان ، شۇڭا ئىنتېر كۇنۇپكىسىنىڭ ئورنىغا سىزمۇ بوشلۇق كۇنۇپكىسىنى ئىشىلەتكەن  بولسىڭىز .

باھا سۆز

ياخشى: 5.0
ياخشى: 5
ئەگەشتىم.  ۋاقتى: 2013-1-15 15:40
ۋاقتى: 2013-1-14 23:32:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاپا  چىكىپسىز قىرىندىنشىم  تىخىمۇ تىرىشىنىڭ
ۋاقتى: 2013-1-15 13:47:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى ئىشلەپسىز. لېكىن 360 بۇنى ۋىروس دەپ ئۆچۈرۈۋەتتى. بولسا بىر تەكشۈرۈپ باقسىڭىز.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-1-15 16:02:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
afrasiyab يوللىغان ۋاقتى  2013-1-15 13:47
ناھايىتى ياخشى ئىشلەپسىز. لېكىن 360 بۇنى ۋىروس دەپ ئۆچۈر ...

360 قا يوللاپ قويدۇق. تەستىق كۈتىۋاتىمىز. بۇنىڭدا ۋىروس يوق، 360 ۋىروسخورىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈشىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە ئاق تىزىملىككە قوشىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ.
ۋاقتى: 2013-1-15 20:13:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ﻲ» (ئاياق ي) نىڭ ئورنىغا «ﯥ» (ئاياق ې)  چىقىۋالىدىكەن.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-1-15 20:17:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yasin417 يوللىغان ۋاقتى  2013-1-15 20:13
«ﻲ» (ئاياق ي) نىڭ ئورنىغا «ﯥ» (ئاياق ې)  چىقىۋالىدىكەن.

ھەقىقەتەن شۇنداق ئەھۋال مەۋجۇدكەن، تۈزىتىش كىرگۈزىمىز.
رەھمەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-27 23:59 , Processed in 0.163280 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat