- توردا
- 14 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-1-28
- تىزىملاتقان
- 2011-12-13
- شۆھرەت
- 83
- تىللا
- 77
- تۆھپە
- 57
- ھوقۇقى
- 30
- جۇغلانما
- 319
- ئالبوم
- 0
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 0
- يازما
- 19
- تېما
- 1
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 3483
- تۆھپە
- 57
- تىللا
- 77
- شۆھرەت
- 83
|
تورخانا رەسمىيىتىنى بىجىرىش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋال ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق مەھەللە كومتىتى ياكى ئىجتىمائى رايۇنغا كىرىپ تۇنۇشتۇرۇش ئېلىپ ئاندن ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق ساقچىخانىغا بېرىپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش تارىخىڭىز بامۇ يوقمۇ بۇ توغىرلىق ئىسپات ئالىسىز. ئاندىن ناھيە (شەھەرلىك) مەدىنيەت تەنتەربىيە رادىئو تېلۋېزىيە ئىدارىسىغا بارىسىز. تورخانا ئېچىش ئىجازەتنامىسىنى شۇ يەردىن بىجىرىدۇ، ئاساسلىق باشقۇرۇدىغان ئورۇننىڭ بىرسىمۇ شۇ. بىجىرىشنى توختىتىۋەتمىگەن بولسا شۇلار سىزگە تەييارلايدىغان ماتىرياللارنى، كىيىنكى قەدەمدە ماڭىدىغان يۇلىڭىزنى دەپ بىرىدۇ. ئۇ يەردىن چىقىپ ناھيە (شەھەرلىك) جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ ئۇچۇر باشقۇرۇش ئىشخانىسىغا كىرىسىز، ئۇلار سىزگە تېلگىراف شىركىتگە بېرىپ ھەق تاپشۇرۇپ IP ئادرىسى ئېلىپ كىلىشڭىزنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. مۇشۇ ئادرىسقا ئاساسەن سىزنىڭ تورخانىڭىزدا كىملەر تورغا چىقتى، قەيەر بىلەن ئالاقىلاشتى ........ دىگەندەك ئىشلارنى ئۇ؛ار ھەر ۋاقىت نازارەت قىلىپ تۇرىدۇ. ئاندىن سىز ئوت ئۆچۈرۈش ئەتىرتىگە بېرىپ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش نەتىجسىنى ئېلىپ كىلىسىز. سەھيە ئىدارىسىغا بېرىپ ئۆزڭىزنىڭ ۋە تورخانىدا ئىشلەيدىغانلارنىڭ سلامەتلىكى تەكشۈرتۇپ سالامەتلىك كىنىسكىنى بىجىرىسىز. ئاممىۋى سورۇن بولغاچقا يۇقۇملۇق كىسەل بارمۇ-يوق دىگەن. بۇ رەسمىيەتلەرنى بىجىرىپ بولغاندىن كىيىن يەنە مەدىنيەت تەنتەربىيە رادىئو تېلۋېزىيە ئىدارسىنىڭ مەدىنيەت بازارلىرىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىغا ئەكەلسىڭىز بىجىرىشنى توخىتىۋەتمىگەن بولسا ئۇلار سىزگە بىجىرىپ بىرىدۇ. بۇ جەرياندا سىز ۋىلايەتلىك ج خ ، مەدىنيەت ئىدارىللىرىغىمۇ بېرىشىڭىز مۇمكىن.
مىنىڭ تەكلىپىم، سىز ئەڭ ياخشىسى كومپىيۇتېر ساتىدىغان چوڭراق شىركەتلەر بىلەن كۆرۇشۇپ بېقىڭ. شۇلاردىن بىر نەچچە يۇز دانە كومپىيۇتېرنى سېتىۋالسىڭىز رەسمىيەتنى سىزگە ۋاكالىتەن شۇلار بىجىرىپ بەرگە ئاسانراق توختايدۇ. ئەم مۇھىم مەسلە مەبلەغ يىتەرلىك بۇلىشى كېرەك. 300 مىڭنى خەجلەپ تورخانا ئاچماچى بولسىڭىز يەنە زاپاس ئاز بولغاندىمۇ بىرە يۇز مىڭنى زاپاس ئېلىپ قويمىسڭىز ئەڭ ياخشىسى باشقا ئىش قىلغىنىڭىز ياخشى. مەن بۇرۇن ئېچىپ باققان. بېشىمدىن ئۆتكەن ئىشلار بۇ |
|