ICP بىجىرىشتىن ياردەم سورايمەن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئىنتىل ئەھلى! مەن كەسپىي ئىشلىرىم ئۈچۈن بىر تور بەت قۇرماقچى بولۇپ، قوشنا شەھەردىكى بىر تونۇشۇمنىڭ مەسلىھەتى ۋە ياردىمى بىلەن تور نامى ۋە بوشلۇق ئىلتىماس قىلغان ئىدىم (بۇ ئىككىسىنى شۇ بۇرادەر ئۆزى ئالاقىلىشىدىغان ئەنخۇيدىكى بىر ئورۇندىن مەن ئەۋەرتىپ بەرگەن راسخۇت بىلەن بىجىرىپ بەرگەن ئىدى). ICP بىجىرىشكە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى مەن ئۆزۈم تولدۇرۇپ، تور نامى ۋە بوشلۇق ئىلتىماس قىلغان شۇ ئورۇنغا يوللاپ بەرگەن ئىدىم. ئارىدىن ئىككى ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتتى. ھازىرغىچە ئون نەچچە قېتىم سۈرۈشتۇرگەن بولساممۇ، «تەستىقلىنىۋاتىدۇ....، ساقلا، قايتا يوللۇدۇق، ساقلا....»دىن باشقا جاۋاب يوق! شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ۋاكالىتەن تور نامى ۋە بوشلۇق ئىلتىماس قىلىپ بەرگەن بۇرادەرگە بۇ ھەقتە مەسلىھەت سالسام، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ئىش بىلەن ئالاقىسى يوقلىقىنى، ساقلىشىم كېرەكلىكىنى ئېيتىپ، پېشىنى قېقىپ رەنجىگەن ھالدا ئالاقىنى ئۈزۈپ كېتىپ قالدى. ئەمدى، مېنىڭ كەسىپ ئەھلىلىرىدىن بىلمەكچى بولغىنىم:
1.مۇشۇنداق ئەھۋالدا مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟ بۇ ئىشتا ھېلىقى ۋاكالەتچى بۇرادەرنىڭمۇ مەسئۇلىيىتى بارمۇ-يوق؟
2. دىيارىمىزدا بۇ مۇلازىمەت يوقتىكىدەك ھەم ئۆزىمىز ئىلتىماس قىلساق بولمايدىغاندىكىدەك مەن ئالدىنقى قەدەملەرنى مۇشۇنداق بېسىپ بولۇپتىمەن. سىلەرنىڭچە، مەن ئۇلارغا ئالدىنىپ قالدىممۇ-يوق؟ ICP بىجىرىشكە راستىنلا مۇشۇنداق كۆپ ۋاقىت كېتەمدۇ؟
3.ئەگەر ئالدانغان بولسام، بىجىرىپ بولغان بوشلۇق ھەم تور نامىغا باشقا ئورۇندىن تېزرەك چىقىدىغان ICP بىجىرپ ئىشلەتسەم بولىۋېرەمدۇ؟
شۇڭا ئىنتىلدىكى كەسىپ ئەھلى قېرىنداشلىرىمنىڭ ئازراق ۋاقتىنى چىقىرىپ، ماڭا مۇشۇ ھەىتە بىر مەسلىھەت بېرىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.
|