- جۇغلانما
- 13209
تىزىملاتقان2011-8-26
ئاخىرقى قېتىم1970-1-1
توردا سائەت
دوست
|
LibreOffice ناھايىتى قالتىس پۈتۈنلەي ھەقسىز ئىشخانا يۇمشاق دېتالى. LibreOffice نى لىنۇكس، Windows،Mac OS … قاتارلىق نۇرغۇن مەشغۇلات سىستېمىسىنى قوللايدۇ. تىل بولىقى ئاساسەن تولۇق بولۇپ، ئورگان بېتىدە ئۇيغۇرچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن تىلنىڭ بولىقى تەمىنلەنگەن.
تۆۋەندە LibreOffice Writer ئارايۈزىنى ئاددىيلاشتۇرۇش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.
قورال ئىستونىدىن ”视图/View“ نى تاللاپ ”标尺/Ruler“ ۋە ”Tex Boundaries/正文边界“ نى بىكار قىلىمىز.
قورال ئىستونىدىن ”视图/View“ نى تاللاپ ”Status bar/状态栏“ نى بىكار قىلىمىز.
قورال ئىستونىدىن ”视图/View“ نى ئاندىن ”Toolbars/工具栏“ نى تاللاپ ”Find, Navigation/查找,标准“ بۇ ئىككىسىنى بىكار قىلىمىز.
ئۇسلۇب ئالماشتۇرۇش سەۋەبىدىن LibreOffice Writer تەگلىك رەڭگى باشقا رەڭگە يەنى ئۇسلۇب رەڭگىگە ئۆزگىرىپ سىزنى بىئارام قىلغان بولسا، قورال ئىستونىدىن ”Tools/工具“ نى ئاندىن ”Options/选项“ نى تاللاپ ”Appearance/外观“ تۈرىدىن ”Document background/文档背景色“ بەلگىلەش ئارقىلىق بەت تەگلىك رەڭگىنى، ”Applications background/应用程序背景色“ بەلگىلەش ئارقىلىق قورال ئىستونى رەڭگىنى ئۆزگەرتەلەيسىز.
بۇ ئۇسۇل بىلەن ئاددىيلاشتۇرۇلغان LibreOffice Writer ئارايۈزى رەسىمدىكىدەك:
مەن LibreOffice نى ھەممە كىشىنى ماڭا ئوخشاش ئاددىيلاشتۇرسۇن دېمەكچى ئەمەس، بەلكى LibreOffice نى يېڭى ئىشلىتىپ كۆنەلمەي قانداق ئىشلىتىشنى بىلەلمىگەنلەرگە پايدىسى تېگىپ قالار دېگەن مەقسەتتە بۇ يازمىنى تەييارلىدىم.
مەنبە: ئۇيغۇر ئۇبۇنتۇ تورى |
|