ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 1246|ئىنكاس: 13

مىكروسوفت 360

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۇ چوقۇم مىكروسوفتنىڭ مەھسۇلاتى ئەمەس مىكروسوفت 360  "ياماق ۋەقەسى" گە ئىپادە بىلدۈردى : ئۇ چوقۇم  مىكروسوفتنىڭ مەھسۇلاتى ئەمەس 360  مىكروسوفتنىڭ قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ سەرخىللاشتۇرۇش يامىقى ئېلان قىلغان ۋەقە نۆۋەتتە يېڭى ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلدى . مىكروسوفت ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بۇ ۋەقەگە ئىپادە بىلدۈرۈپ ئۇ (KB360018) چوقۇم  مىكروسوفتنىڭ مەھسۇلاتى ئەمەس دېدى . مىكروسوفت بۇ ۋەقەنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا ئاخبارات ۋاستىلىرىغا بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى ھازىرچە ئاشكارىلىيالمايمىز دەپ بىلدۈردى . بۇ قېتىملىق "ياماق ۋەقەسى" 360 نى يەنە بىر قېتىم خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى . ئىگىلىنىشىچە ، 360 بىخەتەرلىك مۇھاپىزەتچىسى (360 安全卫士) يېقىندا ئابونتلىرىغا  KB360018  ناملىق "يۇقىرى خەتەرلىك يوچۇق يامىقى" نى ئېلان قىلغان ، لېكىن ئابونتلار بۇ ياماقنى قاچىلىغاندىن كېيىن 360 نىڭ تور كۆرگۈ مەھسۇلاتلىرى مەجبۇرىي ھالدا قاچىلانغان .   
   
ئاخبارات ۋاستىلىرى بۇ ۋەقەنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن مىكروبلوگدا غۇلغۇلا كۆتۈرۈلدى ، تورداشلار 360 نىڭ "***KB"غا ئوخشايدىغان يالغان ياماقنى ئېلان قىلىشىنى "يالغان يارلىق يەتكۈزۈش" ، بۇ ئۆزىنىڭ تور كۆرگۈسىنى مەجبۇرىي ئورنىتىش ئۈچۈن قىلىنغان ساختىلىق دەپ ئەيىبلىدى . چەتئەلنىڭ نوپۇزلۇق تېخنىكا تور بېكىتى systemexplorer ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشىدىن كۆرۈنۈشىچە ،KB360018 نىڭ رەقەملىك ئىمزاسى 360 شىركىتى بولۇپ ، بۇ ھۆججەت 360 تور كۆرگۈسىنىڭ قاچىلاش بوغچىسى ئىكەنلىكى ئايان بولدى .   
  
بۇ ئۇقتۇرۇش مىكروسوفتنىڭ دەلىللىشىگە ئېرىشتى . مىكروسوفت ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بۇ ۋەقەگە ئىپادە بىلدۈرۈپ ئۇ (KB360018)چوقۇم مىكروسوفتنىڭ مەھسۇلاتى ئەمەس دېدى . مىكروسوفت بۇ ۋەقەنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا ئاخبارات ۋاستىلىرىغا بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى ھازىرچە ئاشكارىلىيالمايمىز دەپ بىلدۈردى .  
   
كەسپىي خادىملارنىڭ دېيىشىچە "***KB" مىكروسوفتشىركىتى ئۆزىنىڭ ياماق ھۆججەتلىرىگە(hotfix) قويىدىغان  مەخسۇس ئىسىم ، 360 ئېلان قىلغان KB360018  بولسا ئىسىم قويۇش قائىدىسىدە  مىكروسوفتقا ئوخشاپلا قالماستىن ، ھۆججەت نامى windows-kb360018-v4-x86 دىمۇ  مىكروسوفتنىڭ ياماق ھۆججىتىگە ئىسىم قويۇش قائىدىسىنى تەقلىد قىلغان ، بۇ ئارقىلىق كۆز بويامچىلىق قىلىپ ئابونتلارنى ئۆز مەھسۇلاتىنى قاچىلاشقا ئازدۇرغان . ھازىرغا قەدەر ، 360  مىكروسوفتنىڭ جاۋابىغا ئاساسەن ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى ،لېكىن "ياماق ۋەقەسى" بارغانسېرى ئەۋج ئېلىۋاتىدۇ ، كىشىلەر مىكروسوفتنىڭ بۇ ئىشنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغىنغا زور قىزىقىش بىلدۈردى .(بۇئايشەم)      

مەنبەسى : نۇرلان تورى
ۋاقتى: 2013-1-8 23:55:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن شۇڭا 360 دىگەن بۇ بىر نىمىنىڭ نىمىلىرىگە يېقىنمۇ بارمايمەن ،دەھشەت ئۆچ باشقىلارنىڭ كۆمپىيوتېرلىرىدا كۈرۈپ قالساممۇ ئىگىسىگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ يۇيىۋىتىمەن.
ۋاقتى: 2013-1-9 12:01:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
chaqmaq137 يوللىغان ۋاقتى  2013-1-8 23:55
مەن شۇڭا 360 دىگەن بۇ بىر نىمىنىڭ نىمىلىرىگە يېقىنمۇ بار ...

مەن مۇشۇ قاسماققا كۈنۈپ قاپتىمەن....  ئادەتتە ۋىن 7 دە قايسى خىل  ۋىروسخورنى ئىشلەتسەك بۇلار ؟ بىرەر ياخشى ۋىروسخورلاردىن تەشۋىق قىلمامسىز دوستۇم !؟ سىزنىڭ باھانىڭىزدا مۇشۇ قاسماقتىن بىر قۇتۇلسام ..
ۋاقتى: 2013-1-9 13:25:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
360دىگەن بىر ئەخلەت
ۋاقتى: 2013-1-9 16:59:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىللەر ئۇنداق دىگەن بىلەن مىنڭ ئىنىم 360نى جىنىدىن ئەزىز كۆردۇ!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-1-9 20:24:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
orman يوللىغان ۋاقتى  2013-1-9 16:59
سىللەر ئۇنداق دىگەن بىلەن مىنڭ ئىنىم 360نى جىنىدىن ئەزى ...

ئەمسە ئىنىڭىزگە ئېيتىڭ .
تېزراق 360دىن ئايرىلسۇن ، 360 شىركىتى ۋەيران بوپكەتسە ئۇكىڭىزدىن ئايرىلىپ قالماڭ يەنە ....
ۋاقتى: 2013-1-10 00:48:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
chaqmaq137 يوللىغان ۋاقتى  2013-1-8 23:55
مەن شۇڭا 360 دىگەن بۇ بىر نىمىنىڭ نىمىلىرىگە يېقىنمۇ بار ...

مېنىڭكىنى يۇيىۋېتەلمەيسىز.......
ۋاقتى: 2013-1-10 02:12:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ شۇ ،360نى ھەرگىز يۇيۇۋەتمەيمەن .
نىمىشقا دەڭ؟  مەن بۇنىڭدىن ياخشىراقىنى بىلمەيمەن ھەم تاپالمىدىم .
بۇ ئەبگانى ياخشى دەپ ماختىغىنىم ئەمەس ،بىر دۆۋە ئەخلەتلەر ئىچىدىكى باشقىلاردىن بىر ئاز ياخشىراقى مۇشۇ.خالىمىساممۇ ئىشلىتىپ تۇراي

نىمىلا دىگەن بىلەن باشقىلاردىن ياخشى . بەلكىم جۇڭگودىكى ئەڭ ياخشى نەرسە مۇشۇنچىلىك بولا ........
ۋاقتى: 2013-1-10 23:34:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەيسەر يوللىغان ۋاقتى  2013-1-9 12:01
مەن مۇشۇ قاسماققا كۈنۈپ قاپتىمەن....  ئادەتتە ۋىن 7 دە ق ...

توردىن ئىزىدىسىڭىز  ۋىروسخور دىگەن تولا گەپ ،بولمىسا رۈيشىڭنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بۇلىدۇ ئاجىز بولسىمۇ سىزگە ھىچقانداق ئاۋارىچىلىق كەلتۈرمەيدۇ بۇ شىركەت ھىچ بولمىسا سەككىز-ئون يىللىق تارىخى بار بارلىق مەھسۇلاتى ھەقسىز ،AVASt  ئىشلەتسىڭىزمۇ بۇلىدۇ كاباسجى ئىشلەتسىڭىزمۇ بۇلىدۇ بۇ ۋىروسخورلارنىڭ ھەقسىز نۇسخىسىنى ھىچ بولمىغاندا بىر ئايدىن ئۈچ ئايغىچە ھەقسىز نۇسخىلىرىنى تاپالايسىز ،360نىڭ بولمايدىغان يىرى ھەرگىز ئىشلەتكۈچىنى ئويلىمايدۇ پەقەت ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنىلا ئويلايدۇ ھە دىسىلا ئۆزىنىڭ نەرسىلىرىنى مەجبۇرى تاڭىدۇ ئىشلەتمەيمەن دىسىڭىزمۇ بىكار،ۋىروس تۇتۇشىمۇ چاغلىق ئىشقىلىپ جىددى لازىم بولغاندا كارغا كەلمەي ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىدۇ.

باھا سۆز

ياخشى: 5.0
ياخشى: 5
رەخمەت قىرىندىشىم ، مەن سىناپ باقاي ..  ۋاقتى: 2013-1-14 04:02
ۋاقتى: 2013-5-22 10:04:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستلار! نىمىقشقا مىكروسوفتنىڭ ئۆزىنىڭ ۋىرۇسخورىنى ئىشلىتىپ باقمايسىلەر؟؟؟
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-5-23 00:05:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
timtas007 يوللىغان ۋاقتى  2013-5-22 10:04
دوستلار! نىمىقشقا مىكروسوفتنىڭ ئۆزىنىڭ ۋىرۇسخورىنى ئى ...

مەن بار دەپ ئاڭلىمىدىم .
بولسا چۈشۈرۈش ئادېرىسىن يوللاپ قويۇڭ تەڭ ئىشىلتىپ كۆرەيلى .
ۋاقتى: 2013-5-23 08:46:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقتى: 2013-5-23 08:46:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياكى بولمىسا ئورگان تەرەپ تور بېكىتى!!!
http://windows.microsoft.com/zh- ... essentials-download

باھا سۆز

ياخشى: 5.0
ياخشى: 5
ياخشى .  ۋاقتى: 2013-5-23 13:43
ۋاقتى: 2015-8-19 14:32:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
timtas007 يوللىغان ۋاقتى  2013-5-23 08:46
ياكى بولمىسا ئورگان تەرەپ تور بېكىتى!!!
http://windows.microsoft.com/ ...

ئوغرى نەشىردىكى سېستىمىلارغا ماس كەلمەمدىكىن دەپ ئويلايمەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-11 15:37 , Processed in 0.274315 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat