ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 196|ئىنكاس: 1

Adobe CS2 رەسمىي نەشىرى يۈرۈشلۈكلىرى پۈتۈنلەي ھەقسىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1717
تىللا
1482
شۆھرەت
2567
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 13:49:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورخۇماردا دېيىلىشىچە Adobe CS2 رەسمىي نەشىرى يۈرۈشلۈكلىرى پۈتۈنلەي ھەقسىز ئىكەن، تور خۇمار مۇنداق دەيدۇ:

Adobe CS2 رەسمىي نەشىرى يۈرۈشلۈكلىرى پۈتۈنلەي ھەقسىز | Photoshop/Illustrator/Acrobat/Premiere

Adobe نىڭ يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرىنى تىلغا ئالغاندا، كۆپچىلىكنىڭ ئېسىگە تۇنجى بولۇپ كېلىدىغىنى Photoshop بولۇشى مۇمكىن. لايىھەلەش ساھەسىدە ھۆكۈمرانلىق ئورنىدا تۇرۇۋاتقان بۇ يۇمشاق دېتال تاكى ھازىرغىچە ئورنىنى تېخى بوشاتقىنى يوق. لېكىن، سۈرەت لايىھەلەشنى قىلچە بىلمەيدىغان تورداشلارمۇ ئارزۇلاپ قاچىلىۋالىدىغان بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ نەچچە مىڭ دوللار ئىكەنلىگىنى بەلكىم خېلى كۆپ تورداشلار بىلمەسلىگى مۇمكىن.

بىراق، بۈگۈن كىشىنى خۇشال قىلىدىغان يەنە بىر خەۋەر يېتىپ كەلدى! Adobe شىركىتى ھازىر ئورگان تەرەپتىن Creative Suite 2 Premium(قىسقارتىلىپ CS2 دەپ ئاتىلىدۇ) يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرىنى پۈتۈنلەي ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋە ئاكتىپلاشقا تەمىنلەپتۇ! بۇ تورداشلار ئۈچۈن، ھېچ بولمىسا ئاز بىر قىسىم تورداشلار ئۈچۈن ئالاھىدە خۇشخەۋەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ!
Windows 8 ھەقىقىي نەشىرى پەقەت 98 يۈەنگە تەمىنلەنگەندىن كېيىن، نۇرغۇن تورداشلار ئوغرىلىقچە ئىشلىتىۋاتقىلى 10 يىلدىن ئاشقان ساختا سىستېما بىلەن خوشلاشقان ئىدى، گەرچە نۇرغۇن يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئورنىغا ئىقتىدارى شۇنىڭ بىلەن تەڭ، ھەتتا ئېشىپ چۈشىدىغان ھەقسىز يۇمشاق دېتاللارنى دەسسەتكىلى بولسىمۇ، بىراق Adobe Photoshop نىڭ ئورنىغا دەسسەتكۈدەك تۈزۈك نامزات يوق ئىدى. بۇ ماڭا ئوخشاش ھەقىقىي نەشىردىكى مەشغۇلات سىستېمىسىدا ھەقىقىي نەشىردىكى يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلىتىشنى ئىستەپ يۈرگەن تورداشلار ئۈچۈن ئىلاجىسىزلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئەلۋەتتە.
ھازىر مانا ئاخىرى ئورگان تەرەپتىن Indesgn/InCopy/Audition/Premiere/Acrobat pro/Illustrator ۋە Photoshop لارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەقسىز Adobe CS2 يۈرۈشلۈكلىرى تەمىنلىنىپتۇ، بىر يۈرۈش CS يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ باھاسى 1.5 تۈمەندىن ئاشىدۇ، يالغۇز PS نىڭ ئۆزىلا 4000 سوم! گەرچە Adobe ھەقسىز تەمىنلەنگەن يۈرۈشلۈكلەر ئەڭ يېڭى CS6 بولمىسىمۇ، بىراق ھېلىھەم كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك دەرىجىدە دېيىشكە بولىدۇ.
ھەقسىز ھەقىقى نەشىردىكى Adobe CS2 يۈرۈشلۈكلىرى ھەققىدە:
نەچچە يىللار ئاۋال بىر لايىھەلىگۈچى ماڭا، Photoshop نىڭ %30 ئىقتىدارىنى بىلسىڭىز پۈتۈنلەي ھاجىتىڭىزدىن چىقالايسىز دېگەن ئىدى. گەرچە Adobe CS2 يۈرۈشلۈكلىرى نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىكى كونا مەھسۇلات بولسىمۇ، بىراق ئەمەلىيەتتە ئىقتىدار جەھەتتە ئەڭ يېڭى CS6 بىلەن ئۇنچە كۆپ پەرقمۇ يوق، خېلى كۆپ تورداشلارنىڭ ھاجىتىدىن تامامەن چىقالايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ يۈرۈشلۈكلەرنىڭ Windows نەشىرىدىن باشقا يەنە، Mac نەشىرىمۇ تەمىنلەنگەن. بۇ بىر قىسىم ئالما مەھسۇلاتلىرى بىلەن قىزغىن مۇھەببەتلىشىۋاتقان تورداشلار ئۈچۈن تېخىمۇ ھاياجانلىنارلىق خۇشخەۋەر ھېسابلىنىدۇ.
كىشىنى بىر ئاز ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان يېرى شۇكى، بۇ قېتىم ھەقسىز تەمىنلەنگەن Adobe CS2 يۈرۈشلۈكلىرى پۈتۈنلەي ئېنگلىزچە، ناۋادا سىزنىڭ ئېنگلىزچىڭىز ياخشى بولسا، ئۇنداقتا سىزگە So Easy، ناۋادا ئۇنداق بولمىسا، بەك ئەنسىرەشنىڭمۇ ھاجىتى يوق. ئىشقىلىپ دائىم PS ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان سىز ئۈچۈن، قايسى كۇنۇپكا ۋە تىزىملىكنىڭ نېمە ئىقتىدارى بارلىقى يادقا بولۇپ كەتتىغۇ دەيمەن؟ تېزلەتمە كۇنۇپكا ئارقىلىق PS ئوينايدىغان ئۇستىلارغىغۇ گەپ كەتمەس. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ قېتىملىق ھەقسىز تەمىنلەش پائالىيىتى قاچانغىچە داۋاملىشىدۇ بۇ تېخى ئېنىق ئەمەس. ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلىنغان بىر پارچە خەۋەردە دېيىلىشىچە، Adobe شىركىتى 2-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن باشلاپ CS2 يۈرۈشلۈكلىرى ۋە Acrobat 7 نىڭ ئاكتىپلاش مۇلازىمېتىرىنى توختىتىدىكەن، شۇڭا تورداشلارنىڭ يەنىلا ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
Adobe CS2 Premium گە ھەقسىز ئېرىشىش:
Adobe CS2 Premium كەسپىي نەشىرىنى چۈشۈرۈش بېتىگە كىرىپ، Adobe CS2 يۈرۈشلۈكلىرى ياكى يۈرۈشلۈكلەر ئىچىدىكى ئايرىم يۇمشاق دېتاللارنىڭ Windows ياكى Mac نۇسخىسىنى تاللاپ چۈشىرىۋالساق بولىدۇ. ھەر بىر مەھسۇلاتنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ھەقىقىي نەشىرىگە خاس بولغان قاچىلاش تەرتىپ نومۇرى بار.
بۇلار ئالما ۋە windows دا ئىشلەيدىغانلىرى:
Creative Suite 2
Acrobat 3D 1.0
Acrobat Standard 7.0
Acrobat Pro 8.0
Audition 3.0
GoLive CS2
Illustrator CS2
InCopy CS2
InDesign CS2
Photoshop CS2
Photoshop Elements 4.0/5.0
Adobe Premiere Pro 2.0
چۈشۈرۈش ئادرېسى ۋە تىزىملاش نومۇرى تۆۋەندىكى توربەتتە: http://www.adobe.com/downloads/cs2_downloads

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1655
تىللا
1683
شۆھرەت
2830

تەشۋىقات تۆھپە ئاكتىپ

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 17:44:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لىكىن فلەش يوق ئىكەن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2013-5-11 07:35 , Processed in 0.058056 second(s), 18 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش