تىزىملىتىش |كىرىش

ئىنتىل تورىدەرۋازا › تېما كۆرۈش

سىن ھۈججىتىنى كېسىپ ئۇلاش،فورمات ئالماشتۇرۇش دىتالى

يوللىغۇچى: arwah| يوللانغان ۋاقتى: 2010-10-8 01:03| كۆرۈلۈشى: 39| ئىنكاس سانى: 4

بۇ دىتال دوستلارغا بەلكىم تونۇش بولۇشى مۈمكىن،بىراق يەنىلا كۆپ قىسىم يېڭىدىن ئۈگىنىۋاتقان تورداشلارنىڭ ئۈگىنىۋىلىشى ئۈچۈن يوللاشنى لايىق تاپتىم
دىتال نامى:TotalVideo Converter-v3.11绿色破解版
چوڭلۇقى:5.73مېگابايت
خاراكتىرى:ھەقسىز يېشىل دىتال
رولى:ھەرخىل فورماتتىكى سىن ۋە ئاۋاز ھۈججەتلىرىنى ھەرخىل فورماتتىكى سىن ياكى ئاۋاز ھۈججەتلىرىگە فورمات ئالماشتۇرۇش،لازىملىق جايلىرىنى كېسىپ ئېلىش ياكى كېسىپ چىقىرىۋىتىش قاتارلىق ئىقتىدارلارغا ئىگە.سىن فورماتىدىن Rmvb. MPEG4. 3gp. Game Psp. MPEG1 . MPEG2. Ms ASF. Ms AVI.  FLVDVD mpeg . SVCD mpeg . VCD mpeg .avi .swf.gif.mov.fli, flc.WMV .asf.rm.DV .mkv.ogm
قاتارلىقلار،ئۈن فورماتىدىن:CD . mp3, mp2.wav.wma.ra.ogg.amr.ac3.au.swf.mp4 audio.aac. mmf.flac audioقاتارلىق ھۈججەتلەر ئارا فورمات ئالماشتۇرۇش،كېسىپ ئۇلاش مەشخۇلاتىنى تاماملىغىلى بولىدۇ.تاق ھۈججەتنى ۋە توپ ھۈججەتنى بىر بۇيرۇق بىلەنلا ئايدۇرۇشقا بولىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
1.ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى ئۇلانمىدىن دىتالنى چۈشۈرگەندىن كېيىن خالىغان مۇندەرىجىگە يېشىڭ.دىتال مۇندەرىجىسىنى ئېچىپ ئالدى بىلەن  绿化.batنى ئىجرا قىلىپ يېشىللاشتۇرىۋىتىمىز،كېيىنكى قەدەمدە regھۈججىتىنى ئىجرا قىلىۋىتىسىز.شۇنىڭ بىلەن بۇ دىتال سىزنىڭ يېشىل دىتالىڭىزغا ئايلىنىپ بولدى.ئەمدى خاتىرجەم ھالدا tvc.exeھۈججىتىنى ئىجرا قىلسىڭىز ياكى تىزلەتمە كونۇپكىسىنى ئۈستەل يۈزىگە چىقىرىۋېلىپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
2.tvc.exeھۈججىتىنى ئىجرا قىلسىڭىز دىتال كۆزنىكى ئېچىلىدۇ.新建任务نى بېسىپ ئەسلى ھۈججەتنى كۆرسىتىپ بەرگەندىن كېيىن سىزگە لازىملىق سىن ۋە ئۈن ھۈججەتلىرىنىڭ فورمات شەكلىنى تاللاش كۆزنىكى ئېچىلىدۇ،لازىملىق فورمات شەكلىنى تاللىسىڭىز ئايلاندۇرۇش مۇندەرىجىسىگە قوشۇلىدۇ.ئوڭ تەرەپ ئاستىدىكىرەك 输出文件دىن چىقماقچى بولغان ئورۇننى بەلگىلەيسىز.ئاستىدىكى 输出格式دىن چىقىرىدىغان فورماتنى بەلگىلەيسىز.ئاستىدىكى设定نى بېسىپ مۇناسىۋەتلىك تەڭشەكلەرنى تەڭشىسىڭىز بولىدۇ. ئەسلى ھۈججەتنى تولۇق ھالەتتە ئايلاندۇرماقچى بولسىڭىز بىۋاستە 立即转换نى باسسىڭىز ئايلاندۇرۇشقا باشلايدۇ.ئەگەردە كېسىپ لازىملىقنى چىقارماقچى بولسىڭىز سول ئوتتۇرىدىكى 起点نىڭ ئاخىرىدىكى 自动开始نىڭ ئالدىدىكى توغرا بەلگىسىنى ئېلىۋىتىمىز ۋە ئوتتۇرىدىكى ۋاقىت كىرگۈزۈش ئورنىغا ھۈججەتنىڭ بىزگە لازىملىق باشلىنىش ۋاختىنى كۆرسىتىمىز،.كېيىنكى قەدەمدە ئاستىدىكى 终点 نىڭ ئاخىرىدىكى 自动结束نىڭ ئالدىدىكى توغرا بەلگىسىنى ئېلىۋىتىپ ئوتتۇرىدىكى ۋاقىت ئورنىغا ئاياغلىشىدىغان ۋاقىتنى كۆرسىتىمىز ۋە 立即转换نى باسىسىز.شۇنىڭ بىلەن سىزگە لازىملىق ھۈججەت سىز بەلگىلىگەن مۇندەرىجىگە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تەييار بولىدۇ.

چۈشۈرۈڭ:
http://down.qiannao.com/space/fi ... 813517851.rar/.page

تېمىنىڭ ئەسلى مەنبەسى:روھلان بىلىملىرى(http://bilim.rohlan.biz/)، تېما ئادرىسى: http://bilim.rohlan.biz/thread-3482-1-1.html

يېڭى ئىنكاسلار

turan تۈنۈگۈن  11:39
سىن ھۈججىتىنى كېسىپ ئۇلاش،فورمات ئالماشتۇرۇش دېتالى دەپ ئالغاندىن سىن ھۈججىتىنى كېسىپ ئۇلاش،شەكىل ئالماشتۇرۇش دېتالى دەپ ئالغان بولسىڭىز بەك ياخش بولاتتى!!!!تىلىمىزدا فورمات دېگەنگە شەكىل دېگەن سۆز تۇرسا،نېمە قىلىمىز ئۇنداق دەپ ئېلىپ،بۇ خۇددى تىلىمىزدا ئوقۇغۇچى دېگەن سۆز تۇرسا سېتودىنت دەپ ئالغاندەكلا بىر ئىشقۇ بۇ!!!!!
arwah تۈنۈگۈن  22:34
ئېسىل گەپلەرنى قىلىپسىز!قاچانمۇ قۇتۇلارمىز موشۇنداق  قۇسۇرچىلىقتىن....،ئازراق بولسىمۇ تېمىنىڭ ئەجرى جاپاسى ئۈچۈن بولسىمۇ مەدەت ئېلھام بېرىپ قويساق نېمە بولىدۇ قېرىنداشلىرىم...يېڭى ئەزالار قورقۇپ قېچىپ كەتمىسۇن،ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ھەممە نەرسە يېڭىدىن باشلىنىدۇ.



بۇ تېمىنى ئاخىرىدا   arwah تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2010-10-9 04:25  

darwix 4  سائەت ئالدىدا
ئېسىل گەپلەرنى قىلىپسىز!قاچانمۇ قۇتۇلارمىز موشۇنداق ب ...
arwah يوللانغان ۋاقتى  2010-10-8 22:34


سىزمۇ دىققەت قىلىڭ.تۇراننىڭ دىگەن گىپىمۇ ئورۇنلۇق،خاتالىقنى كۆرسىتىپ بەرگەندىكىن قايتا سادىر قىلىشتىن ساقلانساق بولىدۇغۇ؟
arwah 1  سائەت ئالدىدا
سىزمۇ دىققەت قىلىڭ.تۇراننىڭ دىگەن گىپىمۇ ئورۇنلۇق،خا ...
darwix يوللانغان ۋاقتى  2010-10-9 01:37



ماقۇل،مەنمۇ دىققەت قىلاي،نۇرغۇنلىغان كومپىيۇتىرغا دائىر ژورنال ۋە كىتابلاردا موشۇ خىل نام بىلەن شەرھىلەنگەندىكىن «ئورتاق تىل»ئوخشايدۇ دەپتىمىنا ئۇنى....

intil.cn 因特乐 知识信息网 Uyghur Office ( 新ICP备10003688号)|ئالاقىلىشىڭ

GMT+8, 2010-10-9 05:55.

Powered by Discuz! X1(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.