سىن ھۈججەتلىرى ئارىسىدا AVI فورماتىدىكى ھۈججەتلەرنىڭ سۈزۈكلۈكى جەھەتتىن باشقا ھەرقانداق فورماتتىكى ھۈججەتلەردىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز ئەلۋەتتە.بۈگۈن روھلاننىڭ قۇتلۇق كۈنىگە ئېلىپ كەلگەن ئاددى سوۋغام بولسا:
دىتال ئىسمى:سىن ھۈججەتلىرىنى AVI فورماتىغا ئايلاندۇرغۇچ(AVI格式转换器)
رولى:باشقا فورماتتىكى سىن ھۈججەتلىرىنى سىزگە لازىملىق چوڭ-كىچىكلىك ئۆلچىمىدىكى سىغىمى ئىنتايىن كىچىك،سۈزۈكلۈكى ناھايىتى يۇقىرى بولغان AVI فورماتىغا ئايلاندۇرۇپ بېرەلەيدۇ،ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك.مېنىڭ ھىس قىلغىنىم بۇ تۈردىكى ئوخشاش فۇنكىسىيىدىكى دىتاللار ئارىسىدا بۇ بىر قەدەر ياخشىسى.باشقا دىتاللاردا ئايلاندۇرغاندا سۈزۈكلۈكىنى ئويلاشسىڭىز چىقارغان ھۈججەتنىڭ سىغىمى بەك چوڭ بولۇپ كېتىدۇ،سىغىمىنى ئويلاشسىڭىز سۈزۈكلۈكى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ،بۇنىڭ بىلەن بىرگە كود يېشىش ئالماشتۇرۇش سۈرئىتى بەكلا ئاستا.بىراق بۇ ئۇنداق ئەمەس،سۈزۈكلۈكى يۇقىرى،سىغىمى كىچىك AVI فورماتىدىكى لازىملىق ھۈججەتنى ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئايلاندۇرۇپ چىقىرىپ بېرەلەيدۇ.
چوڭلۇقى:10.6مېگابايت
خاراكتىرى:ھەقسىز(تىزىملىتىلغان)يېشىل دىتال،پىرىستىن يېشىپلا ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
قوللايدىغان فىلىم فورماتى ۋە شەكلى:RM/RMVB/VOB/AVI/MPEG/DAT/VCD/SVCD/DVD/ASF/WMV/MOV...等等 قاتارلىق فورماتتىكى سىن ھۈججەتلىرىنى سىغىمى كىچىك،سۈزۈكلۈكى يۇقىرى AVI فورماتىغا ئايلاندۇرالايدۇ.بۇنىڭدا ئايلاندۇرغان ھۈججەتلەرنى DVD,MP4 ،قول تېلىفون،كومپىيۇتىر قاتارلىق ئۈسكۈنىلەردە نورمال قويۇپ كۆرۈشكە بولىدۇ.خېلى كۆپ ئايلاندۇرغۇچلارنى سىناپ باقتىم،بىراق تېلىفون تونۇسا DVDئاپىراتى تونۇمايدىغان،DVDئاپىراتى تونۇسا تېلىفون تونۇمايدىغان ياكى ھەر ئىككىسى تونۇمايدىغان چىقىپ قالدى.بىراق بۇنىڭدا ئايلاندۇرۇلغان سىن ھۈججەتلىرىنى ھەرقانداق DVDئاپىراتى ۋە AVIفورماتىنى تونۇيدىغان قول تېلىفون نورمال تونۇيدۇ.
سۈرەتنىڭ چوڭ كىچىكلىكىنى 176x 144,220 x 176,240 x 180,320 x 240,352x288,480x320,512x384,640x480,720x576شەكىللىرىدە تەڭشەپ ئايلاندۇرۇشقا بولىدۇ.ئاۋازنىڭ چاستوتىسىنى خالىغانچە تەڭشەپ ئايلاندۇرالايسىز.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى ئادرىستىن دىتالنى چۈشۈرۈپ خالىغان جايغا پىرىستىن يىشىپ ھۈججەت قىسقۇچنىڭ ئىچىدىكى AVI转换器.exeدىگەننى تېپىپ ئىجرا قىلسىڭىز دىتالنىڭ ئىجرا كۆزنىكى نامايەن بولىدۇ.ئۈستىدىكى 视频输入(سىن ھۈججىتىنى كىرگۈزۈڭ)نىڭ ئاخىرىدىكى 查找文件 دىگەن خەتنى بېسىپ سىز ئايلاندۇرماقچى بولغان ئەسلى سىن ھۈججىتىنى كۆرسىتىپ بەرگەندىن كېيىن 输出文件 دىگەن خەتنى تاللاپ ھۈججەتنىڭ چىقىدىغان ئورنىنى بەلگىلەيسىز،بۇنى بەلگىلىمىگەن ۋاقىتتا چىققان يەنى ئايلاندۇرۇلغاندىن كېيىنكى ھاسىلى ھۈججەت ئەسلىدىكى مۇندەرىجىدىكى ئەسلى ھۈججەتنىڭ يېنىغا چىقىدۇ.سۈرەت ئاۋاز تەڭشەكلىرىنى ئۈستىدە كۆرسىتىلگەنلىرى بويىچە لازىملىقنى تاللاپ 开始转换 دىگەننى باسسىڭىزلا بولىدۇ.ئىشلىتىش مانا موشۇنداق ئاددىي.ئىشلىتىپ بېقىپ تەسىراتىڭىزنى قالدۇرارسىز.چۈشەنمىگەن جايلىرىڭىز بولسا دادىل سوراڭ،ھاجىتىڭىزگە قولۇم كۆكسۈمدە.
چۈشۈرۈڭ:
http://down.qiannao.com/space/fi ... 821031655.rar/.page
تېمىنىڭ ئەسلى مەنبەسى:روھلان بىلىملىرى(http://bilim.rohlan.biz/)، تېما ئادرىسى: http://bilim.rohlan.biz/thread-3476-1-1.html |