ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 347 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 8698|ئىنكاس: 29

[Win8] خەلقئارالىق كېرىدت كارتىڭىز بولمىسىمۇ Windows 8 نى سېتىۋالايسىز

    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2012-12-30 23:32:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
   بۈگۈن win8 ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈن ئېتىبار باھالىق كۈنى . كۆپچىلىك پۇرسەتنى قولدىن بىرىپ قويماڭلار .ھەم ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇڭ باشقا تور بەتلىرىگىمۇ تەشۋىق قىلىپ قويۇڭلار . بۇ ھەممىمىز ئۈچۈندۇر!!



   بۇ تېما ئەسلى بىلوگىمنىڭ ئاپتورى گىك ئەپەندىنىڭ يازمىسى بولۇپ بىلوگىمدىن بۇ يەرگە چاپلاپ قويدۇم .
  ئەسلى مەنبە ئۇزتاج بىلوگى : http://www.uztaj.com/buy-windows8
خەلقئارالىق كېرىدت كارتىڭىز بولمىسىمۇ Windows 8 نى سېتىۋالايسىز

Windows 8 نىڭ تارقىتىلغىنىغىمۇ خىلى بولدى ، ئۇيغۇرچە تىل بولىقىمۇ تارقىتىلدى ، لىكىن خىلى ۋاقىتلار بولغان بولسىمۇ لىكىن  نۇرغۇن تورداشلىرىمىزدا خەلقئارالىق كېرىدت كارتىسى بولماسلىق سەۋەبىدىن PayPal دا ھىسابات ئاچالماي ھەقىقىي نۇسقىدىكى  Windows 8 نى سىتىۋالالماي يۈرمەكتە . مەن ئۆزۈم ئەزا بولغان بىرنەچچە مۇنبەرلەردە خەلقئارالىق كېرىدت كارتىڭىز بولمىسىمۇ Windows 8 نى سېتىۋالغىلى بولدىغانلىق توغرىسىدا باشقىلار كۆرسەتمىلەرنى بېرىپ كەلدىم ، لىكىن بۈگۈن قارىسام يەنە بەزى مۇنبەرلەردە PayPal  ھىساباتى يوق بولغاچقا نۇسقىدىكى  Windows 8 نى سىتىۋالالماي تېما يىزىپ باشقىلاردىن ياردەم سوراپتۇ ، بەزىلىرى بىۋاستە پۇل سىلىپ بېرىپتۇ ، قارانىيەت كومپيۇتېرچى بالىلار بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ 250 سوملاردىن ۋە ياكى ئۆز باھاسىدا ئىلىشىپ بېرىمەن دەپ پۇل ئىلىپ تاۋباۋدىن ئوغرى نەشىردىكى تىزىملاش نومۇرىنى باشقىلارغا ساتقىلى تۇرۇپتۇ ، باشقىلارغا خەقنىڭ ھەققىنى يىگۈزىۋاتقان شۇ ئۆلۈمتۈكلەرنىڭ قىلىقىغا ئاچچىقىم كىلىپ ئۇشبۇ يازمىنى يىزىپ ئولتۇردۇم (ھە راس بۇ يازمىنى كۆرۈشتىن بۇرۇن ئاۋۇ ئۈستىدىكى تۆت رەسىملك ئىلان تەشۋىقاتنى بىر كۆرۈۋەتكەيسىز) .

مەكتەپ ئاۋانگارتلىرى توربىتى بولسا سىرنت (cernet) تور بىكىتى ئاستىدىكى دۇنياغا داڭلىق يۇمشاق دىتاللارنى (لىكىن بۇ بىكەتتىكى يۇمشاق دېتاللارنىڭ تۈرى كۆپ ئەمەس )ئالى مائارىپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئىتىبار باھادا سىتىپ بېرىدىغان تور بىكەت بولۇپ ، مىكروسوفىتنىڭمۇ بۇ تور بىكەت بىلەن يۇمشاق دېتال سىتىش ھەمكارلىقى بار ، بۇ بىكەتتىكى يۇمشاق دېتاللار پەقەت ئالى مەكتەپتىكى ئوقوغۇچىلارغىلا سىتىلىدىغان بولغاچقا سىز دەسلەپتە تىزىملاتقان  سىز ئىشلەتكەن ئېلخەتنى چوقۇم مەلۇم ئونۋىرسىتتىن تىزىملاتقان بولىشىڭىز كىرەك (ئاساسلىقى ئېلخەت ئادرېسىدا edu بۆلىكىنىڭ بار يوقلىقىغا قارايدۇ) . لىكىن  Windows 8 نى سىتىشنى تىزلىتىش ئۈچۈن مەكتەپ ئاۋانگارتلىرى توربىتى  ھەرقانداق بىر ئۆز بىتىگە تىزىملاتقان ئەزاغا 248 يۈەندىن سىتىپ بىرىۋاتىدۇ . مەن ئۆزۈممۇ مۇشۇ بىكەتتىن سىتىۋىلىپ ئىشلەتتىم ، 16 يۈەن قوشۇپ بەرسىڭىز Windows 8 دىسكىسىنىمۇ بىللە قوشۇپ ئەۋەتىپ بېرىدۇ .

بۈگۈن مەلۈم مۇنبەردىكى ئىلزات ئىسىملىك قىرىندىشىمىزمۇ مەندىن ياردەم قىلىپ Windows 8  سىتىۋىلىشىپ بېرىشىمنى ئىيىتقانىدى ، مەن سىتىۋىلىش جەريانىمنى  رەسىملىك قىلىپ ئىشلەپ قويدۇم پايدىلانغايسىلەر .

ئاۋۋال مەكتەپ ئاۋانگارتلىرى توربىتىگە كىرىپ ئەزالىق ئىلتىماسى سۇنىمىز .(بىكەت ئادرېسى : http://shop.edu.cn/)  

ئاۋال ماۋۇ ئادرېسقا كىرىپ ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى ھەقسىز تىزىملىتىش ئۇلانمىسى باسساق تۆۋەندىكىدەك تىزىملىتىش بىتى ئىچىلىدۇ ، بۇ يەرگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرىمىزنى يازىمىز ، ئاندىن ئاستىدىكى تىزىملىتىش كونۇپكىسىنى باسىمىز .

تىزىملىتىش كونۇپكىسىنى باسساق بىزنىڭ تىزىملىتىشتا ئىشلەتكەن خەت ساندۇقىمىزغا جەزىملەش خىتىدىن بىرنى ئەۋەتىدۇ .

ئەگەر ئىلخەت تاپشۇرۇپ ئالمىغان بولساق ئاۋۇ رەسىمدىكى ئاستىدىكى كونۇپكىنى بىسىپ قايتا ئەۋەتكۈزسەك بولىدۇ .

ئىلخەتتە ئەۋەتكەن ئادرىس بويىچە تىزىملاش ئۇچۇرىمىزنى جەزىملەپ ئاكتىپلىساق تۆۋەندىكىدە بەت چىقىدۇ .

بۇ يەردىن سىتىۋىلىشنى ئىلتىماس قىلىش دىگەن كونۇپكىنى باسىمىز ، باسساق بىر رامكا چىقىپ شەخسى ئۇچۇرىمىزنى كىرگۈزىمىز (ئىسمىمىز ، يانفۇن نومۇرىمىز ، ئوقۇۋاتقان مەكتەپ <شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتى>، دىگەندەك ) ، ئاندىن شۇ تور بىكەتنى ئارىلاپ http://item.shop.edu.cn/brand/microsoft دىگەن ئادرېستىن ھەقىقى نەشىردىكى Windows 8 نى سىتىۋالساق بولىدۇ ، بۇ توربەتتىكى مەھسۇلاتلارنى سىتىۋالغاندا چىقىم قىلىشقا بولىدىغان ئۇسۇللاردىن

يۇقارقى رەسىمگە قارىساق بۇ بىكەتتىكى مەھسۇلاتلارنى خالىغان تور بانكا كەسپى ئىچىلغان بانكا كارتىسى ، ياكى ئالىپاي (支付宝)  ئارقىلىق سىتىۋىلىشقا بولىدۇ . بىز ئۆزىمىزگە قولاي بولغان پۇل تاپشۇرۇش ئۇسۇلىنى تاپشۇرۇپ جەزىملەپ پۇلنى تاپشۇرساق ئۈستىدە بىز تىزىملىتىشتا ئىشلەتكەن ئىلخەت ئادرېسىمىزغا بىر پارچە خەت ئەۋەتىدۇ ، بۇ خەتتە ھەقىقى نەشىردىكى Windows 8 نىڭ تىزىملاش نومۇرى (بۇ نومۇر پەقەت سىزگىلا مەنسۇپ ، سىزنىڭ بىردىنبىر قانۇنلۇق نومۇرىڭىز) ، Windows 8 نى توردىن قاچىلاش ئۇسۇلى ، ۋە سىزنىڭ بىر قىسىم شەخسى ئۇچۇرلىرىنى بار ، مەن سىتىۋالغاندىكى ئۇچۇرلار تۆۋەندىكىچە

مۇشۇ خەتتىكى ئۇسۇل ئارقىلىق توردىن قاچىلىۋالسىڭىز بولىدۇ .

خەيىر يازمىمىز تامام ، ئەگەر يۇقارقى باسقۇچلارنى چۈشەنمىگەن بولسىڭىز ئاستىغا ئىنكاس يىزىپ قالدۇرۇڭ ، سەينايىمىز سىزنىڭ ھەقىقي نەشىردىكى Windows 8 نى سىتىۋىلىشىڭىزدىن تارتىپ تاكى قاچىلاپ بولغۇچە ھەقسىز تېخنىكىلق ياردەمدە بولىدۇ .

مەنبە ئۇزتاج بىلوگى : http://www.uztaj.com/buy-windows8 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turpan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-31 14:14  

باھالاش

2

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2012-12-31 00:43:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت مەنمۇ مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە سېتىۋالدىم
ۋاقتى: 2012-12-31 11:35:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر ئىشلىتىۋاتقان ماركلىق كومىيوتېرمىنى ئىشلىتىۋاتقىنىمغا 3 يىل بولدى. يىڭى ئىلىش ئۇيۇم بار ئاللا بۇيرىسا.....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tanhakalip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-31 21:32  

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-12-31 11:47:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tanhakalip يوللىغان ۋاقتى  2012-12-31 09:35
ھازىر ئىشلىتىۋاتقان ماركلىق كومىيوتېرمىنى ئىشلىتىۋات ...

سىز يۇقارقى ئۇسۇلدا پەقەت تىزىملىتىش نومۇرى سىتىۋىلىپلا ئۇ تىزىملىتىش نومۇرى بىلەن سىستېما ئاكتىپلىمىسىڭىزلا كىيىنكى كومپيۇتېردا ئىشلىتەلەيسىز .....

ئەگەر يەنە ماركىلىق كومپيۇتېر ئىلىش نىيىتىڭىز بولسا  بۇندىن كىيىن چىقىدىغان ماركىلىق كومپيۇتېردا ھەقىقىي نەشىردىكى Windows8 بولىدۇ ، يەنە سىتىۋىلىپ قاچىلاشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق ...
ۋاقتى: 2012-12-31 11:56:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Omar14 يوللىغان ۋاقتى  2012-12-31 11:47
سىز يۇقارقى ئۇسۇلدا پەقەت تىزىملىتىش نومۇرى سىتىۋىلى ...

مەن يۇقارقى ئىنكاسىنى يىزىپ بوپ ئاۋانگەرتلار بىتىگە كىرىپ تىزىمىتىپ 15 يۇۋەن ئىتىبار بىلەن 233 يۇۋەنگە سىتىۋالدىم. مەن بۇنى چۇشۇرۇپ دىسكىغا ئۇيۇپ ساقلاپ كىيىن كومپىيوتېر ئالغاندا قاچىلىماقچى. قانداق قىلىپ چۇشۇرۇپ دىسكىغا ئويىۋالىمەن ياردەم قىلسىڭىز قىرىندىشىم.

باھا سۆز

windows8 ISO دەپ ئىزدەڭ ...  ۋاقتى: 2012-12-31 14:22
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-12-31 14:20:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tanhakalip يوللىغان ۋاقتى  2012-12-31 09:56
مەن يۇقارقى ئىنكاسىنى يىزىپ بوپ ئاۋانگەرتلار بىتىگە  ...

Windows 8 نىڭ iso ھۆججىتىنى خالىغان تور بىكەتتىن تاپالايسىزغۇ ..... شۇ يەردىن چۈشۈرۈپ  ئويۋالسىڭىز بولىدۇ
ۋاقتى: 2012-12-31 14:59:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۇشۇرۇپ دىسكىغا ئۇيۇش مەشغۇلاتى قىلۋاتىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tanhakalip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-31 21:42  

ۋاقتى: 2012-12-31 16:51:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقارقى تېمىنى يازغان قېرىندىشىمىزغا كۆپ رەھمەت.مەنمۇ مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق 215 يۈەنگە سېتىۋالدىم. ئەمدى سورايدىغان ياردىمىم ،  كومپىيۇتېرىمنىڭ قاتتىق دېسكىسىنى  ئالماشتۇرماقچى ئىدىم. (لىكىن ھازىرچە ئەمەس) يېڭى قاتتىق دېسكىنى سالساممۇ،ئەشۇ ئاچقۇچ نۇمۇرى ئىشلەمدۇ ياكى ئىشلىمەمدۇ ؟
ۋاقتى: 2012-12-31 17:01:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاشۇ ئاچقۇچ ئىشلەيدۇ. ئىشلىمىسە تىلفۇن قىلىڭ.4008203800غا ئاندىن مەن قاتتىق دىسكىنى ئالماشتۇرغان نۇمۇرنى ئالماشتۇرىمەن ياكى بىر تەرەپ قىلىپ بە دىسىڭىز بىر دەمدىلا قىلىدۇ.
ۋاقتى: 2012-12-31 19:02:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سېستىمىنى مۇۋاپىقىيەتلىك سېتىۋېلىپ چۈشۈردۈم.لىكىن iso قىلىپ ساقلىۋالاي دېسەم بولمىدى 未命名.jpg
ۋاقتى: 2012-12-31 21:24:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەلكىم تۇلۇق چۇشمىگەندۇ ياكى تورنىڭ سەۋەبى ياكى باشقا مەسىلىدۇ.
باشقا يەردىن چۇشۇرسىڭىزمۇ ئوخشاش.
[url=cn_windows_8_pro_vl_x86_dvd_917720.iso (2.42 GB) ]88888      32 بتلىك[/url]
ۋاقتى: 2012-12-31 22:06:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مۇشۇ توربەتتىن Win8 دىن ئككىنى سىتىۋالغان ، بىرنى ھازىر ئىشلتۋاتىمەن ، بىرنى زاپاس ساقلاپ قويدۇم !!!  
___________________________________________________________________________
ئايرىم تىما يىزىپ ئولتۇرماي مۇشۇ يەردىلا بىر سۇئالم بارتى سورۋالاي !
مەن Windows 8نى  مەۋھوم ئوپىك دىسكا ئوقۇغۇچىتا قاچىلغان Cدىسكام  44g ئىدى ، سىستمىنى قاچىلاپ بولغاندىن كىين 14G بوشلۇق قاپتۇ،
مىڭچە بۇ نۇرمال ئەمەس ! سىستىما بەك چوڭ قاچىلنامدۇ؟ ياكى مۇشۇنداق بولسا نۇرمالمۇ ؟
1.jpg

يەنە بىر سۇئال مەن ھازىر 32 بىتلىق سىتما ئشىلتۋاتىمەن ، 64 بىلىقىنى ئىشلەتسەم بولامدۇ؟
2.jpg
1.jpg

يەنە بىر سۇئال مەن بىرەر  دىتال قاچىلسام بىۋاسىتلا  تىلى ئىنگلىزچىغا ئۆزگۇرۇپ كىتىدۇ !!! سىتىما تىلى ئۇيغۇرچە بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zibibula تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-31 22:55  

ۋاقتى: 2012-12-31 22:27:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Omar14 يوللىغان ۋاقتى  2012-12-31 11:47
سىز يۇقارقى ئۇسۇلدا پەقەت تىزىملىتىش نومۇرى سىتىۋىلى ...


مەنمۇ مۇشۇ بەتتىن سېتىۋالدىم ئېلخەتكە پەقەت تەرتىپ نومۇرىنى ئەۋەتىپلا بېرىدىكەن شۇنداققۇ ھە بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyghuri تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-31 22:28  

باھا سۆز

ياخشى: 4.0
ياخشى: 4
شۇنداق  ۋاقتى: 2012-12-31 22:41
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-1-1 02:43:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tanhakalip يوللىغان ۋاقتى  2012-12-31 12:59
مەن تازا بىلمىدىممۇ يا؟دىمەكچى بولغىنىم مەن بۇگۇن سى ...

قاراڭ .... سىتىۋالغان  تىزىملىتىش نومۇرىڭىزنى  يانفۇن كارتىسىغا ئوخشاتساق سىز ئويۇپ ساقلىۋالماقچى بولغان سىستېما قاچىلىقىنىى  يانفۇنغا ئوخشىتىشقا بولىدۇ ،
سىز پەقەت كارتىلام سىتىۋالسىڭىز بۇ كارتىنى ھەرقانداق يانفۇنغا سىلىپ سۆزلەشكىلى بولىدۇ
بۇ يەردىكى يانفۇن دىگەننىڭ تورىنى يەنە سىستېمىنىڭ ھەر خىل نەشىرلىرىگە ئوخشىتىش مۇمكىن ....
شۇڭا سىز بەيدۇغا چىقىپ Windows ISO دەپ ئىزدەپ ۋىندوۋىسنىڭ قاچىلاش ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ دېسكىغا ئويۋالسىڭىز بولىدۇ .
ۋاقتى: 2013-1-1 11:02:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Omar14 يوللىغان ۋاقتى  2013-1-1 02:43
قاراڭ .... سىتىۋالغان  تىزىملىتىش نومۇرىڭىزنى  يانفۇن ك ...

مىكروسوفىت ئورگەان توردىن چۇشۇرۇپ (5سائەتتە چۇشۇپ بولدى) iso ھوججىتى ھاسىل قىلىپ دىسكىغا
ئۇيۇپ ساقلىۋالدىم.ئەمدى كومىيوتېر ئىلىپ قاچىلايمەن ئاللاھ خالىسا...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-9-5 11:32 , Processed in 0.178230 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat