- جۇغلانما
- 2859
تىزىملاتقان2012-8-18
ئاخىرقى قېتىم1970-1-1
توردا سائەت
دوست
|
ئەسلى ماۋزۇ: ۋىندوۋس ئىشلەتمەي لىنۇكس ئىشلىتىڭ، ئىنتېرنىت ئىكسپلورېر ئىشلەتمەي ئوتتۈلكە ئىشلىتىڭ
ئەگەر، كومپيۇتىرىمغا ۋىرۇس يوقمىسۇن، ھۆججەتلىرىمنى خەقلەر كۆرۈپ قالمىسۇن، پاروللىرىم ئوغۇرلانمىسۇن دىسىڭىز كومپيۇتېرىڭىزنىڭ سىستىمىسىنى ھازىر ئۆزگەرتسىڭىزمۇ كىچىكمەيسىز. ئەڭ ياخشىسى، سىستىمىنى بىراقلا ئۆزگەرتىش، يەنى لىنۇكس سىستىمىسى ئىشلىتىش. لىنۇكس سىستىمىسىنىڭ (بۇ ھەقتە مۇنبىرىمىزدا ھەم مەخسۇس تىما بار، ئادرىسى: لىنۇكس )تارىخى ۋىندوۋستىن ئۇزۇن، لىكىن ئەينى ۋاقىتتا پەقەت تەتقىقاتچىلارلا ئىشلىتىپ كۆرۈنمە يۈز ئىشلەنمىگەن بولغاچقا كىشىلەرگە ئانچە تونۇشلۇق بولمىغان. لىكىن يىقىنقى يىللاردا ئىنتېرنىتتىكى ھەمكارلىقنىڭ ئاسانلىشىغا ئەگىشىپ لىنۇكس سىستىمىلىرى ئۇچقاندەك تەرەققى قىلدى. كۆرۈنمە يۈزنىڭ لايھىلىنىشى بەزى تەرەپلەردە ۋىندوۋسنىمۇ بىسىپ چۈشتى. لىنۇكسنىڭ بىر نەچچە ئادەمنى ئەڭ قىزىقتۇرىدىغان ئالاھىدىلىكى تۆۋەندىكىچە:
1. ئۇ يۇنىكس نى ئاساس قىلغان بولغاچقا، ھىسابلاش سۈرئىتى ناھايتى تىز، يەنى ۋىندوۋستىن ئىتتىك. دەل مۇشۇنداق بولغاچقا دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى 500 دانە سيۇپىركومپيۇتېر سىستېمىسىنىڭ 443 دانىسى لىنۇكس سىستېمىسى ئىشلىتىدۇ. دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك كومپيۇتىر بولمىش IBM نىڭ 2011- يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغان Sequoiaمۇ لىنۇكس ئىشلىتىدۇ. نوكىئانىڭ ئەڭ يىڭى چىققان يانفونىمۇ لىنۇكس ئىشلىتىدۇ، چوڭ تىپتىكى مۇلازىمەتتېرلەرنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك لىنۇكس/يۇنىكس ئىشلىتىدۇ.
2. ۋىرۇستىن خالى، ۋىرۇسخۇر ئىشلىتش ھاجەتسىز، ھەتتا مۇداپىيە تېمى (Firewall) ھەم ئىشلىتىش ھاجەتسىز. بۇنىڭ بىر سەۋەبى: سىستىمىنىڭ تۈزۈلۈشى ئۆزگىچە، ۋىندوۋسقا قارىغاندا كۆپ مۇكەممەل. يەنە بىر سەۋەبى، دۇنيادىكى 85% كومپيۇتىر ۋىندوۋس ئىشلىتىدۇ، شۇڭا ۋىرۇسخۇر ئىشلەيدىغان شىركەتلەر بولسۇن، ياكى خاككىرلار بولسۇن، ۋىرۇس ئىشلىگەندە ۋىندوۋس سىستىمىسىغا قارشى لايھىيلەيدۇ، بۇ ۋىندوۋس ئۈچۈن ياسالغان ۋىرۇسلار لىنۇكس سىستمىسىدا ئىشلىمەيدۇ، پالەچلا بولىدۇ.
3. پۈتۈنلەي ھەقسىز، دېتاللىرىدىن تارتىپ ھەقسىز، كودى ئوچۇق يۇقارقىلاردىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلىرى بار ئىدى، ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن ھەممىنى يىزىپ ئولتۇرمىدۇم، ئەگەر قىزىقسىڭىز بۇ توغرىسىدا ئىنتىرنېتتا كۆپ نەرسىلەر بار. لىنۇكس نىڭ ھەرخىللىرى بار، بۇنىڭ ئىچىدە كۆپچىلىككە تەۋسىيە قىلدىغىنىم ئۇبۇنتۇ سىستىمىسى، بۇنى ئىشلىتىش بەكلا قولايلىق، خۇددى ۋىندوۋسنى ئىشلەتكەندەكلا ئاسان ئىشلىتىسىز. ئەگەر لىنۇكسنى ئىچكىرلەپ ئۈگىنىش خىيالىڭىز بولسا، ئەڭ ياخشىسى gentoo نى ئۈگىنىڭ. ئۇبۇنتۇ نىڭ قانداقلىقىنى تۆۋەندىكى سىن-ھۆججەتلىرىدىن كۆرۈڭ:
http://v.youku.com/v_show/id_XMTI4NTc2MTA4.html
http://player.youku.com/player.php/sid/XMTI4NTc2MTA4/v.swf
http://www.tudou.com/v/N6KxzftbFWk http://www.tudou.com/v/3qbQa-txMws
قانداق قاچىلاش ھەققىدىكى بىلىملەرگە قىزىقسىڭىز، UKIJ نى، ئىلقۇتنى، ياكى ئۇبۇنتۇغا مۇناسىۋەتلىك تور بەتلەرنى زىيارەت قىلىڭ، بۇ ھەقتە توردا ھەم كۆپ ماتىرياللار بار.
ئەمدى، بۇ سىستىمىنى ئىشلەتكۈم يوق دەيدىغانلار بولسا، ھىچ بولمىغاندا تور-كۆرگۈچىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ، بۇ بەكلا ئاسان. سەۋەبنى يۇقاردا دىگىنىمدەك، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ۋىرۇس ۋىندوۋس ئۈچۈن ياسىلىدۇ، ھەم ۋىندوۋس ئىنتېرنىت ئىكسپلورېر، ئاۋتلۇك ( Outlook ,Internet Explorer)نى تارقىلىش ۋاستىسى قىلىدۇ. بۇلار خۇددى ئۆيىڭىزنىڭ دائىم ئىچىقلىق تۇرغان دىرىزىسىگە ئوخشايدۇ. يەنى ئۇ ۋىرۇس كىرىشنىڭ يولى. شۇڭا بولسا ئىنتېرنىت ئىكسپلورېرنى ئىشلەتمەي، كومپيۇتېرىڭىزغا ئوتتۈلكە (Firefox) قا ئوخشاش تور-كۆرگۈچ ئىشلىتىڭ، بۇنىڭدا كۆپ بىخەتەر بولىدۇ، ۋىرۇس ئاسان كىرەلمەيدۇ، ھەم ئارخىپ-پاروللىرىڭىز ئاسان باشقىلار تەرىپىدىن ئوغۇرلانمايدۇ. بۇ سۆزۈمنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە تۆۋەندە ئىسپات شەكلىدە BBC نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىنى بەردىم، كۆرۈپ بىقىڭلار
http://news.bbc.co.uk/2/hi/technology/8463516.stm
oghuzkb
2010-يىل، 1-ئاينىڭ 18-كۈنى |
باھالاش
-
3
باھا خاتىرىسى
-
|