- جۇغلانما
- 13158
تىزىملاتقان2011-8-26
ئاخىرقى قېتىم1970-1-1
توردا سائەت
دوست
|
ئۇچۇر دەۋرىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كومپيۇتېر ئائىلىلەرگىچە ناھايىتى تېز ئومۇملشتى، كومپيۇتېرلرغا
ئورنىتىلغان مەشغۇلت سىستېمىسىدىن ھەر خىل يۇمشاق دېتاللرغىچە ھەممىسى دېگۈدەك ئىنگلىزچە، خەنزۇچە قاتارلىق تىللردا
بولۇپ، كومپيۇتېر ئۆگىنىش ئارزۇسى بار ئەمما ئۇيغۇر تىلىدىن باشقا تىلنى بىلمەيدىغان كىشىلەرگە كومپيۇتېر ئىشلىتىشتە تىل
جەھەتتىكى توسالغۇ سەۋەبىدىن قىيىنچىلىق تۇغۇلدى. تىل قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن كىشىلەر ھازىر مودا
بولۇۋاتقان مەشغۇلت سىستېمىسى ۋە ھەر خىل يۇمشاق دېتاللرنى يەرلىكلەشتۈرۈپ، ئۇيغۇرچە ئارايۈز بىلەن كەڭ ئىشلەتكۈچىلەرگە
سۇنۇپ، ئۇلرنىڭ تىل بىلمەسلىك تۈپەيلىدىن كومپيۇتېر ئىشلىتەلمەسلىكتەك قىيىنچىلىق مەلۇم دەرىجىدە ھەل قىلىندى. بۇنىڭ
بىلەن ئارايۈزى ئۇيغۇرچە بولغان يۇمشاق دېتاللر ئىشلەتكۈچىلەرگە زور قۇليلىقلرنى ئېلىپ كەلدى.
ئەڭ دەسلەپتە ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەرگە تونۇشلۇق بولغان مەشغۇلت سىستېمىلىرىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ
يەرلىكلەشتۈرۈش ئىلىپ بېرىلغان سىستېما مىكروسوفت شىركىتىنىڭ WindowsXP مەشغۇلت سىستېمىسى بولۇپ ، ئارايۈزى
بىلىك-ئىنتىل تەرجىمە گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ تارقىتىلغان. بۇ سىستېمىدا ئۆز نۆۋىتىدە يېزىق ۋە
ئارايۈز كۆرۈنۈشى ئوڭدىن سولغا توغرىلىنىپ ئۇيغۇر ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تىل ئىشلىتىش ئادىتىگە ليىقلشتۇرۇلدى.
يۇقىرىقىغا ئوخشاش سودا خاراكتېرىدىكى يۇمشاق دېتالنى ئۇيغۇر تىلىدا يەرلىكلەشتۈرۈش ئىلىپ بېرىش ، شۇ يۇمشاق دېتال
ئىشلەپچىقارغۇچىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئىلىپ بېرىش بىرقەدەر مۈشكۈل بولۇپ، بۇ خىل ئامىل ۋە يۇمشاق
دېتال شىركەتلىرىنىڭ بىزدىكى بازارغا كۆز تىكمەسلىكى كۆپلىگەن نادىرى يۇمشاق دېتاللرنى ئۆز ئانا تىلىمىزدا ئىشلىتەلمەسلىكتەك
ئەھۋالنى شەكىللەندۈردى، سودا خاراكتېردىكى يۇمشاق دېتاللرنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇپ يۇمشاق دېتاللرنى
ئۆز ئانا تىلىمىزدا ئىشلىتىش ئۈچۈن كەڭ ھەۋەسكارلر ئوچۇق كودلۇق يۇمشاق دېتالغا دىققەت قىلىشقا باشلىدى.
ئوچۇق كودلۇق يۇمشاق دېتال ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە.
ئوچۇق كودلۇق يۇمشاق دېتال(OSS) بولسا مەنبە كودىنى ئىشلىتىشكە بولىدىغان، ئىگىدارچىلىق قىلغۇچى مەلۇم دەرىجىدىكى
ھوقۇقلرنى ساقلپ قىلىش بىرگە ئوچۇق مەنبە كېلىشىمى ئاستىدا، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۆگىنىش ، ئۆزگەرتىش ، يۈكسەلدۈرۈش
شۇنداقل يۇمشاق دېتال سۈپىتىدە قايتا ئېلن قىلىشىغا يول قويۇلغان يۇمشاق دېتاللرنى كۆزدە تۇتىدۇ. بىزگە تونۇشلۇق بولغان
ئوچۇق كودلۇق يۇمشاق دېتاللردىن Linux ,LibreOffice,OpenOffice, Firefox, Wordpress قاتارلىقلرنى تىلغا ئىلىپ ئۆتۈشكە
بولىدۇ.
ئوچۇق كودلۇق يۇمشاق دېتالنى ئىشلىتىشنىڭ ئەھمىيىتى.......................
بۇلردىكى ئەڭ چوڭ پەرق يەنىل ھەقلىق ۋە ھەقسىز، ئۆزگەرتىش جەھەتتىكى بېرىلگەن ئەركىنلىك دەرىجىسىدە دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.
سودا خاراكتېردىكى يۇمشاق دېتاللر ئىشلىتىش جەھەتتە ئىشلەتكۈچىلەرگە ئىنتايىن قۇليلىقلرنى ئىلىپ كەلسىمۇ ، سېتىلىش
باھاسىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن ئادەتتىكى ئىستېمالچىلرغا ئىقتىسادى بىسىم ئىلىپ كۈلىدۇ. بۇ نەشر ھوقۇقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت
بېرىدىغان تەرەققىي قىلغان ئەللەردە تېخىمۇ ئۆز ئەكسىنى تاپقان، ئوچۇق كودلۇق يۇمشاق دېتال گەرچە ئىشلىتىش جەھەتتە بەزى
قۇليسىزلىقلرنى ئىلىپ كەلسىمۇ ، پۈتۈنلەي ھەقسىز ۋە ئۆزىگە ماسلشتۇرۇپ ئۆزگەرتكىلى بولىدىغان ئالھىدىلىكى بىلەن كۆپىنچە
ئىستېمالچىلر بۇ ئىشلىتىش جەھەتتىكى قۇليسىزلىقلرغا يول قويىدۇ.
بىزدە ئوچۇق كودلۇق يۇمشاق دېتال بىلەن سودا خاراكتېردىكى يۇمشاق دېتالدىكى ئەڭ چوڭ پەرقنىڭ بىرى بولغان ھەقسىز ۋە
ھەقلىق بولۇش ئۆز ئەكسىنى تاپمىغان ، بۇنىڭ ئاساسى سەۋەبلىرىدىن بىرى بولسا سودا خاراكتېردىكى يۇمشاق دېتالنىڭ ئىجازەتسىز
كۆپەيتىلىپ ئەرزان باھادا تۆكمە قىلىپ سېتىلىشى ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ بىزنىڭ ئانا تىلىمىزدىكى يۇمشاق دېتاللر
تەرەققىياتىغىمۇ ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئامىللردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. بىز بۇ جەرياندا يول قويغىنىمىز بولسا بولسا ئۆز
تىلىمىزدىكى يۇمشاق دېتالنى ئىشلەتمەسلىكتىن ئىبارەت يەنى ئانا تىلىمىزدىكى يۇمشاق دېتاللرنىڭ تەرەققىياتىنى ئاستىلىتىپ
قويىدىغان تەرىپى.
تۆۋەندە ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان ھەم ئىشلىتىلىپ كېلىنىۋاتقان بىر قىسىم ئوچۇق كودلۇق يۇمشاق دېتال
ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.
ئىشخانا يۈرۈشلۈك دېتاللىرىدىن دۇنيادىكى نۇرغۇن تىللردا ئاشكارا تارقىتىلىدىغان OpenOffice نىڭ X.3 نەشرىدىن باشلپ
ئۇيغۇر تىلىنى تولۇق قوللشقا ئېرىشكەن بولۇپ ھەمدە ئارايۈزى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ئۇيغۇرچە ھەقسىز ئىشخانا
يۈرۈشلۈك دېتالىنىڭ يوق بولۇش تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى. ئۇيغۇر ئىشلەتكۈچىلەر ئۆز ئانا تىلىدىكى ئارايۈزدە ئۆزىنىڭ ئىشخانا
ئىشلىرىنى كومپيۇتېردا بىمالل بىر تەرەپ قىلليدىغان بولدى.
2010-يىلىدىكى Oracle شىركىتىنىڭ Sun Microsystem شىركىتىنى سىتۋىلىشى بىلەن مەيدانغا كەلگەن OpenOffice بىلەن
مەنبەداش بولغان يەنە بىر ئىشخانا يۈرۈشلۈك دېتالى LibreOffice نىڭ 3.3 نەشرىنىڭ ئارايۈزىمۇ تولۇق تەرجىمە قىلىنغان.
يۇقىرىقى ئىككى خىل ئىشخانا يۈرۈشلۈك دېتالى ھازىر دۇنيادا ئىشلىتىلىۋاتقان مەشغۇلت سىستېمىلىرىدىن ،Windows، Linux
MacOS مەشغۇلت سىستېمىلىرىنىڭ 32 خانىلىق ۋە 64 خانىلىق نەشرلىرىدە بىمالل ئىجرا قىلىنىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر كومپيۇتېر
ئىشلەتكۈچىلەرگە ئىشخانا يۈرۈشلۈك دېتالىنى ئۆز تىل-يېزىقىدا تاللپ ئىشلىتىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى.
يۇقىرىقى سىستېما ۋە ئىشخانا يۈرۈشلۈك دېتاللىرىدىن باشقا ئادەتتە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان يۇمشاق دېتاللردىن نۇرغۇنلىرى ئۇيغۇر
كومپيۇتېر ئىجادكارلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ ، بۇ دېتاللرنىڭ ئىگە تەرەپ قوللشقا ئېرىشىپ
ئىشلىتىلىۋاتقانلىرىمۇ خېلى كۆپ.بۇلردىن، توركۆرگۈلەردىن Firefox، Google Chrome، ھەقسىز لۇغەت دېتالى Lingoes،
يۇمشاق دېتال چۈشۈرۈش دېتالى BitComet، Emule، ئارخىپ دېتالى 7zip، تەرجىمە ياردەمچىسى Poedit قاتارلىقلرنى تىلغا ئىلىپ
ئۆتۈشكە بولىدۇ.
...................
يېقىندا تەرجىمە قىلىنغانلردىن ھازىر يانفوندا كەڭ ئىشلىتىلىۋاتقان،ئىشلەتكۈچلەر تەرىپىدىن ئالقىشلىنىۋاتقان گۇگىل
(Google) شىركىتىنىڭ يانفون مەشغۇلت سىستېمىسى ئاندىرويىد (Android) ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىجادىيەتچىلىرى تەرىپىدىن
ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىنىپ دەسلەپكى قەدەمدە ئۇيغۇرچىنى قوللشقا ئېرىشكەن بولۇپ، دەسلەپكى قەدەمدە مەھسۇلتلىشىپ ئۇيغۇر
ئىشلەتكۈچىلەر ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفون ۋە پەد ئىشلىتەلەيدىغان بولدى.
يان تېلېفون سىستېمىلىرىدىن http://www.cyanogenmod.com دىكى رۇم ھۆججىتىنى تەرجىمە قىلىش ئاساسىدا يەرلىك
ئۇچۇرلرنى قوشۇپ يېڭىدىن رۇم ھۆججىتى ياسالغان بولۇپ ئۇلر ئاساسلىقى HTC-HD2،LG P920،Google،Nexus
، One،Samsung-Vibrant،MOTO defy me525 (mb525)،MOTO defy me525+ (mb525+) mb526، 华为 U8800
sony تېلېفوننىڭ سىستېمىسى 2.2 دىن يۇقىرى بولغان يانفونلىرى، تاختا كومپيۇتېرلردىن SamsungP1000 قاتارلىقلردىن
ئىبارەت بولۇپ ، ئۇندىن باشقا ئۇيغۇر تىلىنى ئىگە تەرەپتىن قولليدىغان ھۆججەت باشقۇرۇش دېتالى Open intents file manager
ۋە قول چىراغ پروگراممىسى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ ھازىر گۇگىلنىڭ يۇمشاق دېتال بازىرىدىن چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىلى
بولىدۇ.
...................
يۇقىرىقىلردىن باشقا دۇنياغا داڭلىق بولغان ئوچۇق كودلۇق مەشغۇلت سىستېمىسى Linux سىستېمىسىنىڭ بىر تۈرى بولغان
Ubuntu Linux مۇ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ مەشغۇلت سىستېمىسىمۇ ئوچۇق كودلۇق بولۇش سۈپىتى بىلەن
ھەر قانداق ئىشلەتكۈچى خالىغانچە كومپيۇتېرىغا ئورنىتىپ ئىشلىتەلەيدۇ، بۇ سىستېما دۇنيادىكى نۇرغۇن تىللردا ھەرخىل ئارايۈز
كۆرۈنۈشىدە كەڭ تارقالغان سىستېمىلرنىڭ بىرى. كۆپلىگەن Linux مەشغۇلت سىستېمىلىرى ئىچىدە ئەڭ ئالقىشقا
ئېرىشىۋاتقانلىقىدىن بىرى ئۇبۇنتۇ (Ubuntu) بولۇپ، ئۇنىڭ Gnome ئاساسىدىكى ئارايۈزى 90% تەرجىمە قىلىنغان
بولۇپ(ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت ئەپەندى تەرىپىدىن 2005-يېلى ئۇيغۇرچىلشتۇرۇلغان) ، بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر
ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۆز تىل-يېزىقىدا ئەڭ مودا مەشغۇلت سىستېمىلىرىنى ئىشلىتىش ئىمكانىيىتى تۇغۇلدى. بۇ مەشغۇلت
سىستېمىسىمۇ ئۇيغۇر ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تىل ئىشلىتىش ئادىتىگە ليىقلشتۇرۇلغان بولۇپ، ئىنتېرنېت ئىشلىتەلەيدىغان ھەر
قانداق ئىشلەتكۈچى تورىدىن ھەقسىز چۈشۈرۈپ، كومپيۇتېرىغا ئورنىتىپ ياكى نۇر دىسكىغا ئويۇپل كومپيۇتېرغا ئورناتماي تۇرۇپمۇ
بىمالل ئىشلىتەلەيدۇ. ھازىرقى ئەڭ يېڭى نەشرى 12.04 بولۇپ2012-يىلى 4- ئاينىڭ 26-كۈنى ئېلن قىلىنغان، بۇ نەشرىنىڭ
تەرجىمىسى 96% تاماملنغان بولۇپ، ياردەم ئۇچۇرىدىن باشقا ھەممە ئۇچۇرلر ئاساسى جەھەتتىن تەرجىمە قىلىنغان. تۆۋەندە
ئۇبۇنتۇ لىنۇكىس(Ubuntu Linux) سىستېمىسىنىڭ تەرجىمىسى توغرىسىدا تەپسىلىي توختىلىپ ئۆتىمىز.
داۋامى بار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tawlan12 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-25 19:28
|
|