روھلاندا 2-قېتىملىق دەرسلىك دېتالى تۈزۈش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىدۇ

ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 673|ئىنكاس: 13

GHOSTXP نىڭ ئۇيغۇرچىسىنى ئوچۇق ئاشكارە تارقىتىشقا بولامدۇ ؟   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
305
تىللا
500
شۆھرەت
556
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-22 20:22:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار :
  مەن يېقىندا XP نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرگەنىدىم . لېكىن مۇشۇ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان XP نىڭ GHOST نۇسخىسىنى تاپالمىدىم . تورداشلار زادى قانداق ئويلاۋاتىدۇ بۇنى بىلمىدىم . ھەر قاچان GHSTXP نى توردا تارقىتىشنى ئەخلاقسىزلىق  يۈزى قېلىنلىق دەپ قارايدۇ ئېھتىمال ... بۇنى ئەخلاق نۇقتىسىغا ، ۋە ياكى ئىستىل مەسلىسىگە تاقاپ ، بەلكىم ئۆزىنى روھىي ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلىپ ، بىغەم ياشاۋاتقانلار ھېلىھەم يوق ئەمەس ئارىمىزدا ... مەن بۇ تېمىنى ئۇنداق ئۆز گېپىنى يورغىلىتىغان بىكار تەلەتلەر ئۈچۈن يازمىدىم ... بولسا قىسىپ ئولتۇرۇپ ئۆز ئورنىڭىز توغرىسىدا ئويلىنىپ بېقىڭ .  توردا ئوچۇق ئاشكارە GHOSTXP نى تارقىتىشنىڭ ئىستىل ۋە ياكى ئۇششاق چۈششىكىنى كۆپ ئويلاشمىدىم .مەنچە كومپىيوتېر بىلەن كۆپ ھەپىلەشكەنلەر بىلىدۇ . نىمىلا لازىم بولسا بەيدۇغا باسىمىز . GHOST  تېخى ئادەتتىكىسى  ،ھازىر XP نىڭ پۇللۇقىنى ئىشلىتىمەن دەيدىغىنى يوق ھېسابىدا ... شۇڭا ئاران ئۇيغۇرچە قىلغان سېستىمىمۇ ئېتىبارسىز بولۇپ قالىدۇ . كۆپىنچىمىز ئۇيغۇرچە سېستىما بولسا ياخشى دەيمىز . لېكىن ، يەنىلا بۇنىڭغا ئانچە ئېرەن قىلىپ كېتەلمەيمىز . قايسىسى قولايلىق بولسا شۇنىڭغا يۈگۈردۇق ، ھەممىسى خەنزۇچە بولغاچقا بەك ئۇستا بولۇپ كەتتۇق تۇڭگانچىغا ...
    بەزى تورداشلانىڭ  GHOST  قا نىسبەتەن تۇتقان پوزىتسىيەسىنى ئويلىشىپ بۇتېمىنى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن . XP نى تەرجىمە قىلغان يولداشلارمۇ مەنچە موشۇنداق بىر كۆرۈنمەس نۇقتىنى كۆزدە تۇتقان . مېنىڭ ئۈمىدىم ، موشۇ XP SP3 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى ئېلان قىلغان يولداشلارنىڭ ئەجرىگە كۆپ مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە ، بۇنى  GHOST ھالەتتە تارقىتىش .
    ئەھمىيىتى :
  كۆپىنچىمىزگە پەقەت كومپىيوتېر يېنىپ بەرسىلا بولدى . GHOSTXP  نىڭ بىخەتەرلىكى تۆۋەن بۇنى بىلىمىز . بىراق ئۇيغۇرچە  GHOSTXP تارقىتىش باشقىچە قىممەتكە ئىگە :
1.ئومۇملىشىپ كېتىۋاتقان شالغۇت تىللانىڭ ھەيۋىسىنى سۇندۇرغىلى بولىدۇ .
2.ئۇيغۇرچە سېستىمىلاغا بولغان ئىشەنچنى تۇرغۇزغىلى ، ئېھتىياجنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ .
3.خاتالاشمىسام ئۆزىمىزنى تونۇتقىلى بولىدۇ .
... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kerindax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-22 20:22  

تەمكىنلىك بىر خىل سەنئەت

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
481
تىللا
994
شۆھرەت
1090
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-22 23:33:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلخۇشنىڭ بار. 10 كويدىن بازارغا ساپتۇ.سېتىۋېلىڭ

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
120
تىللا
138
شۆھرەت
162

ئاكتىپ تىرىشچان سالاپەت پىداكار داڭدار

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-23 00:26:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرچە ۋىندوۋس 8 چىققان تۇرسا ، ئورگان تەرەپتىن ئىگە بولۇپ ،  مۇشۇنىڭغا كۈچەش كېرەك ھازىر ..

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
384
تىللا
626
شۆھرەت
700

تەشۋىقات ئاكتىپ

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-23 11:28:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەرقايسى  كىتاپخانلادا  بار

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
45
تىللا
195
شۆھرەت
100
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-23 14:20:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى ياخشىراق كۆرۈپ بېقىڭ بۇرادەر.
ئالىم ئەھەت بلوگىدىن كۆچۈرۈپ كىلىندى.


Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئورگان تەرەپتىن ئېلان قىلىنىپ ھەممەيلەن خۇشاللىققا چۆمگەن بۇ كۈنلەردە، ھەرقايسى تور بېكەتلەردىن تورداشلارنىڭ بۇ ھەقتە بەس-بەستە يازغان تېما ئىنكاسلىرىنى كۆرۈپ چىقتىم. ئەمما بەزى تور بېكەتلەرنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم. مەن گەپنى سەل باشتىن باشلاي.

Windows 7 خەنزۇچىدىن باشقا يەنە جۇڭگودىكى 7 مىللەتنىڭ تىل-يېزىقىنى بىر تەرەپ قىلالايتتى. ئۇلار زاڭزۇچە (藏语)، مۇڭغۇلچە (蒙古语)، يىزۇچە (彝语)، ئۇيغۇرچە (维吾尔语)، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 德宏傣文, 西双版纳新傣文, 八思巴文 لاردىن ئىبارەت. Microsoft نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىغا قانداق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى مەن بەش قولدەك ئوبدان بىلىمەن، ئورگان تەرەپ تىل بولىقىنى چىقىرىمەن دېسە، قائىدە بويىچە Windows قا كىرگەن تەرتىپ بويىچە ئويلىشىدۇ. ھېچبولمىغاندا جۇڭگودا خەنزۇچىدىن باشقا يەنە بىرەر تىلنى تاللايمەن دېسە زاڭزۇچە (تىبەت) ياكى مۇڭغۇلچىنى تاللىغان بولاتتى. زاڭزۇچە ۋە مۇڭغۇلچە يۇمشاق دېتاللارنىڭ تېخنىكىسىمۇ خېلە پىشىپ يېتىلگەن، بەزى دېتاللىرىنىڭ تېخنىكىسى تېخى بىزنىڭ ئالدىمىزدا. ئەلۋەتتە دۆلەتمۇ ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن نۇرغۇن مەبلەغ سېلىۋاتىدۇ. ئەمما مەيلى قانداقلا بولمىسۇن بۇ قېتىم ئورگان تەرەپ ئۇيغۇر تىلىنى ئالدىدا ئويلىشىپ، ئىلتىماسنى تەستىقلىدى، بۇنىڭ سەۋەبىنى كېيىن دەپ بېرەي. لېكىن كېيىن چوقۇم زاڭزۇچە (藏语) ياكى مۇڭغۇلچە (蒙古语)نىڭ ئىچىدىن بىرىنى تاللايدۇ.

Microsoft نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى بەلگىلەنگەن پىلاندىن بۇرۇن ئېلان قىلىۋېتىشىنى مەنمۇ بىلمىدىم. چۈنكى، تىل قوشۇشتىن پارسچە (ئىران)، ئۆزبېكچە (ئۆزبېكىستان)، قازاقچە (قازاقىستان)،…. تىل بولىقىنى ياكى ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى باشقا تىل بولىقى كۇرد (تۈركىيە، كۇردىستان)، پوشتۇ (پاكىستان، پەنجاپ)،…نى چۈشۈرۈپ سىناپ بېقىڭلار. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەرەبچە ۋە ئۇيغۇرچە تىل بولىقىدىن باشقا ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى تىل بولىقىنى تېخىچە ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. بەلكىم ئۇلار تەييار بولمىغان بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئۇلارغىمۇ ئاز قالدى.

ئەمدى گېپىمىزنىڭ مۇھىم مەزمۇنىغا كەلسەك، بۇ يەردە بەزى تور بېكەت (مۇنبەر ياكى بىلوگلار)نى ئاشكارە تىلغا ئالغۇم كەلمىدى، ئەمما بۇ تور بېكەتلەر Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قايتىدىن پىششىقلاپ ئىشلەپ، بەزى ئۇچۇرلارنى قوشۇپ، ئېنىق ئېيتقاندا پېتىغداپ ياكى بۇلغاپ بولغاندىن كېيىن بەيدۇ تور دىسكىسىغا يوللاپ، ئۆز تور بېكىتىدىن چۈشۈرۈش ئۇلانمىسىنى تەمىنلەپتۇ، ھەتتا ئۆز تور بېكىتىنىڭ ئېلانى سۈپىتىدە بىلوگىمغا ئىنكاس يېزىشقىمۇ ئۈلگۈرۈپتۇ. مەن نېمە ئويدا، سىلەر زادى نېمە كويدا؟ ئەمما بۇنداق قىلىشنىڭ ياخشى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان بەزى پىكىرى ئۆتكۈر تورداشلارمۇ بۇ ئىشقا ۋاقتىدا دىققەت قىلىپ، ئۇنداق قىلماسلىقنى تاپىلاپتۇ.

بۇنداق قىلمىش «Microsoft Windows 8 تىل ئارايۈزى بولىقىنى ئىشلىتىش ئىجازەتنامىسى»گە ئاشكارە خىلاپلىق قىلغانلىق بولۇپ، Microsoft بۇنداق قىلمىشنى ئەڭ ئېغىر كۆرىدۈ، ۋاقتى كەلگەندە قانۇنىي جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلالايدۇ. كېيىن تىل بولىقىنى توردىن چۈشۈرۈش تەمىنلەنگەندە، چۈشۈرۈشتىن ئىلگىرى «ئىشلىتىش ئىجازەتنامىسى»(ئۇيغۇرچە)نى توردىن كۆرەلەيسىز. ھەرقانداق ئادەمنىڭ تىل بولىقىنى ئۆز ئالدىغا قايتا پىششىقلاپ ئىشلەشكە، ئۆز ئېلانلىرىنى قوشۇشقا،…ئاشكارە تارقىتىشقا قەتئىي رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

يەنە بىرسى بۇ كەسپىي ئەخلاق جەھەتتىمۇ قەبىھ قىلمىشتۇر. ناۋادا Microsoft مەھسۇلاتلىرىغا زىيادە ئامراق بولساڭلار، مەن ئالاقىلىشىپ بېرەي، بېيجىڭدىكى Microsoft ئاسىيا-تىنچ ئوكيان قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىگە بېرىپ 1-2 ئايلىق پىراكتىكانت خىزمەتچى بولۇپ ئىشلەپ كېلىڭلار، كەسپىي ئەخلاق ۋە قىزغىنلىقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ كېلىڭلار. لېكىن، بۇنداق ئەخلاقسىزلىق قىلماڭلار. باشقىلار كۆرسە بۇلاردىمۇ بۇنداق ئىش بار ئىكەن ئەمەسمۇ دەپ ھەيران قالىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ ياخشى نام-ئاتاق ئەمەس.

يەنە مۇھىم بىرسى ھەممە ئادەم ئورگان تور بېكىتىدىن ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىسا، ئۇيغۇر تىل يېزىقىغا بولغان ئېھتىياجنى ۋە قىزغىنلىقنى ئېنىق بىلەلەيدۇ. بۇ Microsoft نىڭ باشقا مۇھىم مەھسۇلاتلىرىغىمۇ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى كېڭەيتىشكە بەلگىلىك پايدىسى بولىدۇ.

ئەگەر تور بېكىتىڭىز بولسا، ئازىراق ئېلان ئورنىدىن ۋاز كەچسىڭىزمۇ Windows 8 نى تەشۋىق قىلىپ قويۇڭ. مەن تېخى بارلىق ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەردە Windows 8 توغرىسىدا بەس-بەستە تەشۋىقات بولامدىكىن دەپ ئويلاپتىمەن. گەرچە چۆچۈرىنى خام سانىغان بولساممۇ، ھازىرمۇ كېچىكمەيسىز، تور بېكىتىڭىزدە ھازىرغىچە ئۈزۈلدۈرمەي ئىشلىتىۋاتقان Microsoft نىڭ ئاشۇ كىچىككىنە eot تېخنىكىسىنىڭ يۈزىنى قىلىپ بولسىمۇ، 2-3 ئاي تەشۋىق قىلىپ قويۇڭ. سېتىۋېلىشنى خالايدىغانلار ئېتىبار مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ سېتىۋالسۇن. ئىناۋەت كارتىسى سەۋەبىدىن سېتىۋالالمىغانلارغا ئىناۋەت كارتىسى بارلار ياردەملىشىپ ئېلىشىپ بەرسۇن. لېكىن ئىمكان بار پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلماڭ. چۈنكى دۇرۇس يۇمشاق دېتال سېتىۋالىمەن دەپ ئالدىڭىزغا كەلدى، بۇ ھەرگىزمۇ ئاسان ئەمەس. 250 يۈەن بەرسىمۇ 2 يۈەننى قايتۇرۇپ بېرىڭ. ئەجرىڭىزنى باشقا يەردىن تېپىڭ. بىرسىگە ياخشىلىق قىلسىڭىز، چوقۇم شۇ كىشى قايتۇرۇشى كېرەك دەيدىغان تامادا بولماڭ. ياخشىلىق ھامان ياخشىلىقتۇر، بەلكىم سىز ئويلاپ باقمىغان باشقا كىشىلەر تەرىپىدىن سىزگە قايتىشى مۇمكىن.

ياكى بۇ دېگەن تىجارەت دېسىڭىز، دوللارچى تونۇشلىرىڭىزغا دەپ قويۇڭ. مۇشۇ قارا سوغۇقتىمۇ 100 دوللار ئالماشتۇرسا، ئاران نەچچە پۇڭ ياكى نەچچە موچەن پايدا ئالىمەن دەپ بانكىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرىدۇ. ماۋۇ 40 دوللارلىق نەرسىنى ئېلىپ ساتىمەن دېسە گەپ يوق 1-2 دوللار پايدا ئالالايدۇ. ئۇلاردا دوللار چىقىم قىلالايدىغان نۇرغۇن كارتا بار.

ئارتۇق ۋاقتىڭلار بولسا، باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى بۇزىمەن دەپ يۈرمەي يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىڭلار، مەسىلەن: Windows 8 دۇكىنىغا ئەپ يېزىشنى مەشىق قىلىڭلار. شىركەت بولساڭلار Windows دۇكىنىغا تىزىملىتىشقا ياردەملىشىمەن. شەخس بولۇپ ئەپ يېزىپ قالساڭلار Windows دىكى ئۇيغۇرسوفت دۇكىنىدا ئېلان قىلىپ سېتىۋالساڭلار بولىدۇ.

تور بېكەتلىرىڭىزدە بىرنەچچە ئاي بولسىمۇ Windows 8 توغرىسىدا تەشۋىق قىلالامسىز-يوق؟ Microsoft بىزدىكى يۇمشاق دېتال قىزغىنلىقىنى بىر كۆرۈپ باقسۇن، قېنى مەرھەمەت.

wahed 实名认证 

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
248
تىللا
1139
شۆھرەت
872
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-23 20:25:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىڭىزغا كۆپ رەھمەت. ئۇيغۇر كۆمپيۇرچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا ھەممىمىزنىڭ ھەسسە قوشۇش مەجبۇرىيتىمىزبار. لىكىن 248 يۈەننى قىممەت كۆرۈپ Windows 8نى ئىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلارنىڭ قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سىپىۋاتقانلارمۇ يوق ئەمەس. قانداقلا بولمىسۇن Windows 8نىڭ ئۇيغۇرچا تىل بۇلىقىنىڭ چىقىشى ئۇيغۇر كومپيۇتىرچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىشى تەبىئى. ھەممىمىز ئازراقتىن قوللىساق يۇقىردا ئەيتىلغاندەك Microsoft نىڭ  باشقا مەھسۇلاتلىمۇئۇيغۇرتىلىنى قوللايدىغان بولۇشى مۈمكىن. ئۇيغۇرچە يۇمشاق دىتاللارنىڭ كۆپىيىشى ئۇيغۇر تىلىنىڭ قوللۇنىلىش دەرىجىسىنى ئازراق بولسىمۇ يۇقىرى كۆتىرەلەيدۇ...................

باھا سۆز

ياخشى: 4.0
kerindax  ياخشى: 4
قوللايمەن  يوللىغان ۋاقتى 2012-12-24 14:36:10

Rank: 2

تۆھپە
22
تىللا
17
شۆھرەت
11
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-23 23:33:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
wahed يوللىغان ۋاقتى  2012-12-23 20:25
تىمىڭىزغا كۆپ رەھمەت. ئۇيغۇر كۆمپيۇرچىلىقىنىڭ تەرەققى ...

ماۋۇ ناھايتى ياخشى تېما بوپتۇ،ھەممىمىز  ئورتاق كۈچ چىقارساق بولغۇدەك ،.

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
305
تىللا
500
شۆھرەت
556
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-24 14:29:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mohsin يوللىغان ۋاقتى  2012-12-23 00:26
ئۇيغۇرچە ۋىندوۋس 8 چىققان تۇرسا ، ئورگان تەرەپتىن ئىگە  ...

  بۇنداق بىر تەرەپلىمە قارىسىڭىز بولمايدۇ . ھازىرقى XP نى ئاللىبۇرۇن ھاجىتىمىزدىن چىقالمايدىغان بولۇپ قالدى ، زاماندىن قالدى .... دېمەكچىمۇ ؟ قانداقلا بولمىسۇن ئۇنىڭ ئەينى دەۋىردىكى ھۆكۈمرانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماڭ .خۇددى ئالىم ئەھەت ئەپەندى ئېيتقاندەك ، ئاۋال  Win8 نىڭ نېمىشقا ئارىمىزدا ئۇنچىبەك ئالقىش قوزغىيالمىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئويلاپ بېقىڭ.
تەمكىنلىك بىر خىل سەنئەت

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
305
تىللا
500
شۆھرەت
556
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-24 14:34:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
taxna5005 يوللىغان ۋاقتى  2012-12-23 14:20
بۇنى ياخشىراق كۆرۈپ بېقىڭ بۇرادەر.
ئالىم ئەھەت بلوگىدى ...

  ئالىم ئەھەت ئەپەندىنىڭ قىلغانلىرىغا ئاپىرىن ئېيتىمەن . ھەم ئۇ ئۇستازنىڭ مەقسەت مۇددىئالىرىغا ئاللاھ ئاسانلىق بەرسۇن .

كۆڭلىڭىزگە كەلسىمۇ دەۋېرەي ، سىز مۇشۇ كۆچۈرۈپ ئېلىنغان مەزموننى قانچى قېتىم ئوقۇپ چىقتىڭىز .
تەمكىنلىك بىر خىل سەنئەت

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
892
تىللا
978
شۆھرەت
1457

تەشۋىقات ئاكتىپ تۆھپە

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-24 15:50:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز دىگەندەك بولسىغۇ ياخشى بولاتتى ، بۇنىڭمۇ سەۋەبى با ؟

ئىلگىرى ئۇيغۇرچە xp نى تەرجىمە قىلىپ تارقاتقانغا مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن تارقاتماسلىققا مەجبۇربولغان ، بۇنى كۆپلىگەن تورداشلار بىلىدۇ ، يەنە شۇ نەشېر ھوقوقى مەسىلىسى بۇدىگەن چوڭ ئىش  ئىگەتەرەپنىڭ رۇخسىتى بولمىسا خالىغانچە ئۆزگەرتىپ تارقىتىشقا بولمايدۇ ،
ناۋدا بىرەر قىرىندىشىمىز  ئىگەتەرەپتىن  نەشىرھوقوقىنى سىتىۋالسا ،ئاندىن بىزمۇ خەن يولداشلارغا ئوخشاش خالىغانچە ئۆزگەرتىپ ياساپ تارقېتالايمىز ، بۇئىشلار ئاسان ئەمەس .
ئەڭ ياخشىشى  قانۇنلۇق مەھسۇلات بولغان win8نىڭ ھەقىقى نۇسخىسىنى سېتىۋىلىپ ئېشلىتىڭ
كۆپ تىل بىلىش شەرەپ _ئاناتىلنى بىلمەسلىك نۇمۇس..........

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
45
تىللا
195
شۆھرەت
100
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-24 19:55:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kerindax يوللىغان ۋاقتى  2012-12-24 14:34
ئالىم ئەھەت ئەپەندىنىڭ قىلغانلىرىغا ئاپىرىن ئېيتىم ...

ئۈچ قېتىم ئۇقۇپ چىقتىم، ھازىر win8 نىڭ ھەقىقى ئۇيغۇرچىسىنى ئىشلىتىۋاتىمەن.
نىمە دىمەكچى؟

باھا سۆز

ياخشى: 3.0
kerindax  ياخشى: 3
مېنىڭ بىرەرىنى بىرنەرسە دەۋېلىش مەقسىتىم يوق ، چۈشەنسىڭىز  يوللىغان ۋاقتى 2012-12-25 13:46:21

دەلىللەنگەن

ھەقىقەت

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
1334
تىللا
7480
شۆھرەت
2244

ئاكتىپ تەشۋىقات دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 03:18:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداشلارنىڭ سوغۇققانلىق بىلەن ئىلمىي مۇنازىرە قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن .

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
50
تىللا
109
شۆھرەت
84
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 09:29:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەنجەر يوللىغان ۋاقتى  2012-12-26 03:18
تورداشلارنىڭ سوغۇققانلىق بىلەن ئىلمىي مۇنازىرە قىلىش ...

ئەسسالام تورداشلار ۋىندوۋس 8 دە خەت ئويۇش ماشىنىنى تونۇتقىلى بولارمۇ ۋىندوۋس7گە پەقەتلا تونۇتالمىدىم  مەسلەھەت بەرسەڭلار

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
47
تىللا
34
شۆھرەت
55
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-19 23:43:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شارلار يوللىغان ۋاقتى  2012-12-26 09:29
ئەسسالام تورداشلار ۋىندوۋس 8 دە خەت ئويۇش ماشىنىنى تو ...

مۇمكىن بولسا ئورگان تورىغا يوللىسىڭىز قېرىندىشىم بۇنداق بولغاندا پۈتۈن ئۇيغۇرلارئۈچۈن كاتتا ئشتىن بىرنى قىلغان بولسىز ئوبدان ئويلاڭ   . . .  !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2013-2-3 10:36 , Processed in 0.116542 second(s), 18 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش