تىزىملىتىش |كىرىش

ئىنتىل تورىدەرۋازا › تېما كۆرۈش

ئاۋاتار (Avatar) نىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز؟

يوللىغۇچى: Intil| يوللانغان ۋاقتى: 2010-10-7 19:02| كۆرۈلۈشى: 154| ئىنكاس سانى: 10

Avatar -  سىما، چىراي، قىياپەت، جامال، نىقاپ ، كۆرۈنۈشى  دېگەندەك مەنادىكى سۆز بولۇپ بۇ سۆز  ھىندىچە ئاتالغۇ ( 印度梵) دىن كەلگەن ئىكەن.   20- ئەسى فوكس شىركىتى  ( 20Century Fox) ئىشلىگەن ، داڭلىق رىژىسسور جامېس كامېرون (James Cameron ) رىژىسسورلۇق قىلغان ئىلمىي فانتازىيەلىك  3D فىلىم Avatar بىلەن   كەڭ تارالدى.
بۇ خەنزۇچىدا  阿凡达 دەپ يېزىلىدۇ . ئوقۇلىشى «ئافاندا»
تۆۋەندىكى رەسىم ۋە ئىككى فىلىمدىن بۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىۋېلىشىڭىز مۇمكىن.



avatar
名词 n.

1.【印神】下凡化作人形,降凡
2.化身;具体化,体现

Avatar
名词 n.

1.【电脑】(术语)指在虚拟实境中互动地呈现一个人


فىلىمنىڭ ناخشىسى

فىلىم خادىملىرى ۋە تونۇشتۇرۇش

بۇنى يوللىشىمدىكى سەۋەپ : فىلىمنىڭ ئۇيغۇرچە ئاۋازلىقىمۇ چىقىپتۇ، قاراڭغۇ بازاردىكى سىندىسكىلار قاتارىدا باركەم. دىسكا يۈزىدىكى خەت مۇنداق:  ئافەندا     يېڭى مەخلۇق ئاۋاتار.
بۇ  ھەقتە يەنە باشقا چۈشەنچىلەر بولسا تولۇقلاپ قويۇلسا بولىدۇ.
قوشۇمچە ھۆججەت: كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەت كۆرەلەيسىز. تىزىملاتقانمۇ؟تىزىملىتىش

يېڭى ئىنكاسلار

arwah 3  كۈن ئالدىدا
ئويغۇرچە ئاۋازلىقىنى بىر يوللىۋەتكەن بولسىڭىز ھە!مەنمۇ چۈشتىن كىيىن دېسكا بازىرىغا بېرىپ قارىغان ئىدىم بولمىسا،يولۇقتۇرالمىدىم
Intil 3  كۈن ئالدىدا
ئۇيغۇرچە دەپتۇ، بىراق قويسام ئېنگلىسچە ئىكەن.
heqyol تۈنۈگۈن  04:52
بۇ كىنونى كۆرسە بولىدىغان كىنو. مەن قايسى بىر توربەتتە خەتلىگى چىققانلىق خەۋىرنى كۆرگەنتىم. لېكىن چۈشۈرۈش -ئادېرسىنى قالدۇرماپتىكەن.
مەن بۇ كىنونىڭ تۈرك تىلىدا ئاۋاز بەرگىنىنى كۆرگەن ئىدىم. باش رولچىغا تۈركىيەنىڭ داڭلىق فىلمى بولغان كۇرتلار ۋادىسى پۇسۇدىكى پولات ئالەمدارغا ئاۋاز بەرگەن ئاۋاز ئارتىسى ئاۋاز بەرگەنكەن. دىققەت قىلىپ قايتىلاپ كۆرسە چۈشەنگىلى بولىدىكەن.
ئۇيغۇرچە ئاۋازلىقى بولمىسىمۇ ئۇيغۇرچە خەتلىك بولسىمۇ بولاتتى. ساقلاپ قويغانلار بولسا يوللاپ بەرگەن بولساڭلار، ياكى بوشلۇققا چىقىرىپ قويساڭلار باشقىلارمۇ ئورتاق كۆرسەك. تۈركچىدە چۈشەنمىگەننى ئۇيغۇرچىدا چۈشەنگىلى بولاتتى.
ئۇيغۇرچە ئاۋازلىقنى ئەڭ ياخشىسى كۆرمىگەن ياخشى، چۈنكى فىلمنىڭ ئەسلى مەزمۇنى بۇيىچە تەرجىمە قىلمايدىكەن، ياكى بولمىسا نۇرغۇن مۇھىم يەرلىرىنى چىقىرۋېتىدىكەن.
turan تۈنۈگۈن  18:08
http://orhun309.zone.gougou.com/edit/category_1838.htmlماۋۇ مېنىڭ شۈنلىي(چاقماق)تىكى ساقلانمىلىرىمدا ئاۋاتارنىڭ شاھ ئۇيغۇر تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىسى تەرجىمە قىلغان ئۇيغۇرچە خەتلىكى بار.ۋاقتىدا چۈشۈرۈۋالغايسىز!
Intil تۈنۈگۈن  23:33
ئىنكاس قايتۇرۇش turan نىڭ تېمىسى
ئۇ يەردىن بىز چۈشۈرەلمەيدىكەنمىز. ئىسمىنىمۇ كۆرەلمەيدىكەنمىز.  ( ئىسىم ۋە ئىم سوراۋاتىدۇ)


   
turan 8  سائەت ئالدىدا
ئەمىسە مەندە بار ئىدى،بىرەر بوشلۇق بولسا چىقىرىپ قوياي!!!قانداق بولامدۇ؟
turan 8  سائەت ئالدىدا
ئەمىسە مەن چ چ نىڭ بوشلۇقىغا يوللاپ بولۇپ ئەۋەتىپ بېرەي ئىنتىل ئەپەندى،قانداق بولامدۇ؟
Al-ak 7  سائەت ئالدىدا
مەندە ئۇيغۇرچە خەتلىكى بار. بىراق aviغا ئايلاندۇرۇپ قويۇپتىكەنمەن، dvdدا كۆرىمەن دەپ. سىغىمى 560مىگابايىت كېلىدىكەن...
Intil 7  سائەت ئالدىدا
بۇ يەردە ھەقسىز تور دىسكىسى بار http://www.yolyar.com/html/mail/index.htm
بۇ مېنىڭ  بوشلۇقۇمنىڭ ئادرىسى، يەككە يوللاش چەكلىمىسى 1G  بۇ ئۇلىنىششتىن كىرىپ ئىلتىماس قىلسىڭىز ماڭا نومۇر قوشۇلىدىكەن.    http://u.115.com/invite/a1c00347   
turan 1  سائەت ئالدىدا
ھە ماقۇل مۇشۇ بوشلۇققا چىقىرىپ قويسام بولىدىغان ئوخشايدۇ.

intil.cn 因特乐 知识信息网 Uyghur Office ( 新ICP备10003688号)|ئالاقىلىشىڭ

GMT+8, 2010-10-11 19:32.

Powered by Discuz! X1(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.