ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 679|ئىنكاس: 19

windows8 نى سورىغۇچىلارغا   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تۆھپە
236
تىللا
335
شۆھرەت
418

تۆھپە

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-16 01:42:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىنتىل ئەھلى!!!
win8  نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى تارقىتىلىشنىڭ كاتتا خوشاللىق پەيتلىردە بىر قىسىم تورداشلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى يوللاپ بەرسىڭىز...
ghost قىلىپ ئەۋەتىپ بەرسىڭىز... دىگەندەك تىمىلار  كۆپىيىپ قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا قارتا رەدىيەلەرمۇ بۇلىۋاتىدۇ ئەلۋەتتە.
بىز ئادەتتە بىرەر ئىملا خاتا بۇلۇپ قالسا شۇنچىلىك سوزلەپ كىتىمىزكى ئاشۇ تىمىنى لىققىدە تولدۇرۋىتىمىز . ئويلاپ باقايلى ئانا تىلىمىزدا كۆزنەك سېستىمىسى 5 يىل بۇرۇن تارقىتىلسا سىز كۆمپىيوتېرنى ھازىرقىدىن قانچىلىك كۆپ نەرسىلەرنى بىلگەن بۇلاتتىڭىز !!! 8 يىل بۇرۇن بولسىچۇ؟
مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم : ئانا تىلنىڭ ھۆرمىتى ۋە ھۇزۇرى ئۇچۇن بولسىمۇ ئازراق قوللاپ قۇيايلى!ۋە كەلگۇسى ئۇيغۇرچە دىتاللارنىڭ كۆپلەپ چىقىشىغا  شارائىت ھازىرلاپ بىرەيلى!
windows8  نىڭ ئۇيغۇرچە چىقىشىغا باشلامچىلىق قىلغان ئالىم ئەھەت ئەپەندىنىڭ توۋەندىكى سوزلىرىنى تەپسىلى كۇرۇپ چىقىڭ

مەن نېمە كويدا، سىلەر نېمە كويدا؟

Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئورگان تەرەپتىن ئېلان قىلىنىپ ھەممەيلەن خۇشاللىققا چۆمگەن بۇ كۈنلەردە، ھەرقايسى تور بېكەتلەردىن تورداشلارنىڭ بۇ ھەقتە بەس-بەستە يازغان تېما ئىنكاسلىرىنى كۆرۈپ چىقتىم. ئەمما بەزى تور بېكەتلەرنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم. مەن گەپنى سەل باشتىن باشلاي.

Windows 7 خەنزۇچىدىن باشقا يەنە جۇڭگودىكى 7 مىللەتنىڭ تىل-يېزىقىنى بىر تەرەپ قىلالايتتى. ئۇلار زاڭزۇچە (藏语)، مۇڭغۇلچە (蒙古语)، يىزۇچە (彝语)، ئۇيغۇرچە (维吾尔语)، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 德宏傣文, 西双版纳新傣文, 八思巴文 لاردىن ئىبارەت. Microsoft نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىغا قانداق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى مەن بەش قولدەك ئوبدان بىلىمەن، ئورگان تەرەپ تىل بولىقىنى چىقىرىمەن دېسە، قائىدە بويىچە Windows قا كىرگەن تەرتىپ بويىچە ئويلىشىدۇ. ھېچبولمىغاندا جۇڭگودا خەنزۇچىدىن باشقا يەنە بىرەر تىلنى تاللايمەن دېسە زاڭزۇچە (تىبەت) ياكى مۇڭغۇلچىنى تاللىغان بولاتتى. زاڭزۇچە ۋە مۇڭغۇلچە يۇمشاق دېتاللارنىڭ تېخنىكىسىمۇ خېلە پىشىپ يېتىلگەن، بەزى دېتاللىرىنىڭ تېخنىكىسى تېخى بىزنىڭ ئالدىمىزدا. ئەلۋەتتە دۆلەتمۇ ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن نۇرغۇن مەبلەغ سېلىۋاتىدۇ. ئەمما مەيلى قانداقلا بولمىسۇن بۇ قېتىم ئورگان تەرەپ ئۇيغۇر تىلىنى ئالدىدا ئويلىشىپ، ئىلتىماسنى تەستىقلىدى، بۇنىڭ سەۋەبىنى كېيىن دەپ بېرەي. لېكىن كېيىن چوقۇم زاڭزۇچە (藏语) ياكى مۇڭغۇلچە (蒙古语)نىڭ ئىچىدىن بىرىنى تاللايدۇ.

Microsoft نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى بەلگىلەنگەن پىلاندىن بۇرۇن ئېلان قىلىۋېتىشىنى مەنمۇ بىلمىدىم. چۈنكى، تىل قوشۇشتىن پارسچە (ئىران)، ئۆزبېكچە (ئۆزبېكىستان)، قازاقچە (قازاقىستان)،…. تىل بولىقىنى ياكى ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى باشقا تىل بولىقى كۇرد (تۈركىيە، كۇردىستان)، پوشتۇ (پاكىستان، پەنجاپ)،…نى چۈشۈرۈپ سىناپ بېقىڭلار. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەرەبچە ۋە ئۇيغۇرچە تىل بولىقىدىن باشقا ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى تىل بولىقىنى تېخىچە ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. بەلكىم ئۇلار تەييار بولمىغان بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئۇلارغىمۇ ئاز قالدى.

ئەمدى گېپىمىزنىڭ مۇھىم مەزمۇنىغا كەلسەك، بۇ يەردە بەزى تور بېكەت (مۇنبەر ياكى بىلوگلار)نى ئاشكارە تىلغا ئالغۇم كەلمىدى، ئەمما بۇ تور بېكەتلەر Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قايتىدىن پىششىقلاپ ئىشلەپ، بەزى ئۇچۇرلارنى قوشۇپ، ئېنىق ئېيتقاندا پېتىغداپ ياكى بۇلغاپ بولغاندىن كېيىن بەيدۇ تور دىسكىسىغا يوللاپ، ئۆز تور بېكىتىدىن چۈشۈرۈش ئۇلانمىسىنى تەمىنلەپتۇ، ھەتتا ئۆز تور بېكىتىنىڭ ئېلانى سۈپىتىدە بىلوگىمغا ئىنكاس يېزىشقىمۇ ئۈلگۈرۈپتۇ. مەن نېمە كويدا، سىلەر زادى نېمە كويدا؟ ئەمما بۇنداق قىلىشنىڭ ياخشى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان بەزى پىكىرى ئۆتكۈر تورداشلارمۇ بۇ ئىشقا ۋاقتىدا دىققەت قىلىپ، ئۇنداق قىلماسلىقنى تاپىلاپتۇ.

بۇنداق قىلمىش «Microsoft Windows 8 تىل ئارايۈزى بولىقىنى ئىشلىتىش ئىجازەتنامىسى»گە ئاشكارە خىلاپلىق قىلغانلىق بولۇپ، Microsoft بۇنداق قىلمىشنى ئەڭ ئېغىر كۆرىدۈ، ۋاقتى كەلگەندە قانۇنىي جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلالايدۇ. كېيىن تىل بولىقىنى توردىن چۈشۈرۈش تەمىنلەنگەندە، چۈشۈرۈشتىن ئىلگىرى «ئىشلىتىش ئىجازەتنامىسى»(ئۇيغۇرچە)نى توردىن كۆرەلەيسىز. ھەرقانداق ئادەمنىڭ تىل بولىقىنى ئۆز ئالدىغا قايتا پىششىقلاپ ئىشلەشكە، ئۆز ئېلانلىرىنى قوشۇشقا،…ئاشكارە تارقىتىشقا قەتئىي رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

يەنە بىرسى بۇ كەسپىي ئەخلاق جەھەتتىمۇ قەبىھ قىلمىشتۇر. ناۋادا Microsoft مەھسۇلاتلىرىغا زىيادە ئامراق بولساڭلار، مەن ئالاقىلىشىپ بېرەي، بېيجىڭدىكى Microsoft ئاسىيا-تىنچ ئوكيان قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىگە بېرىپ 1-2 ئايلىق پىراكتىكانت خىزمەتچى بولۇپ ئىشلەپ كېلىڭلار، كەسپىي ئەخلاق ۋە قىزغىنلىقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ كېلىڭلار. لېكىن، بۇنداق ئەخلاقسىزلىق قىلماڭلار. باشقىلار كۆرسە بۇلاردىمۇ بۇنداق ئىش بار ئىكەن ئەمەسمۇ دەپ ھەيران قالىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ ياخشى نام-ئاتاق ئەمەس.

يەنە مۇھىم بىرسى ھەممە ئادەم ئورگان تور بېكىتىدىن ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىسا، ئۇيغۇر تىل يېزىقىغا بولغان ئېھتىياجنى ۋە قىزغىنلىقنى ئېنىق بىلەلەيدۇ. بۇ Microsoft نىڭ باشقا مۇھىم مەھسۇلاتلىرىغىمۇ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى كېڭەيتىشكە بەلگىلىك پايدىسى بولىدۇ.

ئەگەر تور بېكىتىڭىز بولسا، ئازىراق ئېلان ئورنىدىن ۋاز كەچسىڭىزمۇ Windows 8 نى تەشۋىق قىلىپ قويۇڭ. مەن تېخى بارلىق ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەردە Windows 8 توغرىسىدا بەس-بەستە تەشۋىقات بولامدىكىن دەپ ئويلاپتىمەن. گەرچە چۆچۈرىنى خام سانىغان بولساممۇ، ھازىرمۇ كېچىكمەيسىز، تور بېكىتىڭىزدە ھازىرغىچە ئۈزۈلدۈرمەي ئىشلىتىۋاتقان Microsoft نىڭ ئاشۇ كىچىككىنە eot تېخنىكىسىنىڭ يۈزىنى قىلىپ بولسىمۇ، 2-3 ئاي تەشۋىق قىلىپ قويۇڭ. سېتىۋېلىشنى خالايدىغانلار ئېتىبار مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ سېتىۋالسۇن. ئىناۋەت كارتىسى سەۋەبىدىن سېتىۋالالمىغانلارغا ئىناۋەت كارتىسى بارلار ياردەملىشىپ ئېلىشىپ بەرسۇن. لېكىن ئىمكان بار پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلماڭ. چۈنكى دۇرۇس يۇمشاق دېتال سېتىۋالىمەن دەپ ئالدىڭىزغا كەلدى، بۇ ھەرگىزمۇ ئاسان ئەمەس. 250 يۈەن بەرسىمۇ 2 يۈەننى قايتۇرۇپ بېرىڭ. ئەجرىڭىزنى باشقا يەردىن تېپىڭ. بىرسىگە ياخشىلىق قىلسىڭىز، چوقۇم شۇ كىشى قايتۇرۇشى كېرەك دەيدىغان تامادا بولماڭ. ياخشىلىق ھامان ياخشىلىقتۇر، بەلكىم سىز ئويلاپ باقمىغان باشقا كىشىلەر تەرىپىدىن سىزگە قايتىشى مۇمكىن.

ياكى بۇ دېگەن تىجارەت دېسىڭىز، دوللارچى تونۇشلىرىڭىزغا دەپ قويۇڭ. مۇشۇ قارا سوغۇقتىمۇ 100 دوللار ئالماشتۇرسا، ئاران نەچچە پۇڭ ياكى نەچچە موچەن پايدا ئالىمەن دەپ بانكىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرىدۇ. ماۋۇ 40 دوللارلىق نەرسىنى ئېلىپ ساتىمەن دېسە گەپ يوق 1-2 دوللار پايدا ئالالايدۇ. ئۇلاردا دوللار چىقىم قىلالايدىغان نۇرغۇن كارتا بار.

ئارتۇق ۋاقتىڭلار بولسا، باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى بۇزىمەن دەپ يۈرمەي يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىڭلار، مەسىلەن: Windows 8 دۇكىنىغا ئەپ يېزىشنى مەشىق قىلىڭلار. شىركەت بولساڭلار Windows دۇكىنىغا تىزىملىتىشقا ياردەملىشىمەن. شەخس بولۇپ ئەپ يېزىپ قالساڭلار Windows دىكى ئۇيغۇرسوفت دۇكىنىدا ئېلان قىلىپ سېتىۋالساڭلار بولىدۇ.

تور بېكەتلىرىڭىزدە بىرنەچچە ئاي بولسىمۇ Windows 8 توغرىسىدا تەشۋىق قىلالامسىز-يوق؟ Microsoft بىزدىكى يۇمشاق دېتال قىزغىنلىقىنى بىر كۆرۈپ باقسۇن، قېنى مەرھەمەت.
ئالىم ئەھەت بىلوگىدىن ئېلىندى

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
642
تىللا
1231
شۆھرەت
1315
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-16 16:26:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك تېمىدىن بىرنى ئۇلىنىش قىلغانلىقىڭىزغا رەھمەت! مېنىڭچە بولسا ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىدىكى باشقۇرغۇچىلارلا ئەمەس، ھەر بىر ئەزا تەپسىلى كۆرۈپ چىقىپ، ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسىلىدىن بىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ. ئۇچۇر دەۋرىنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇر كومپيوتېر تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىمۇ بەلگىلىك باسقۇچتا تۇرىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئۆزىمىزنىڭ ئەخلاق قارشىمىزنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي نەشرىدىكى  Windows 8 نى سېتىۋېلىپ ئىشلىتەيلى!!! باشقىلارنىڭ ئەمگەك مىۋىسىنى قەدىرلەشنى، مىللىتىمىزنى ئىسىل ئەنئەنىسىگە ۋارسلىق قىلىشنى ئۇنۇتمايلى...
تىرىشقىنىڭ ئېلىشقىنىڭ، بەسلەشكىنىڭ تەڭلەشكىنىڭ.

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
71
تىللا
78
شۆھرەت
71
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-16 16:34:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
windows8 ئوغۇرلانغان نەشىرنى ئىشلىتىش خەقنىڭ ھەققىنى يىيىش دىگەنلىك . باشقىلارنىڭ ھەققىدىن تاكى شۇ كىشى ئۆتمۈگىچە ياراتقۇچىمۇ ئۆتمەيدۇ . سېتىۋېلىشتا قىينالسىڭىز مىنى ئىزدەڭ ھەقسىز ئېلىشىپ بېرىمەن 248 يۈئەنگە . مەندە VISA ئىناۋەت كارتىسىدىن بىرقانچىسى بار . 550934544 چ چ ، 18699177737 تېلفون

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
260
تىللا
354
شۆھرەت
431
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-16 17:25:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك تېما بوپتۇ .  بۇرۇنراخ ئۇقۇغان بولسام سىناخ نۇسقىسنى ئىشلىتىمەن دىگۈچە ئەسلى نۇسخىسىدىن بىرنى سېتىۋالاركەنمەن . 250 كويلۇق نەرسىنى دەپ 500 كويلۇق گەپ ئىشتىۋالغاندەك بوپ قالدىم

ئۆز ئارا تەشۋىق قىلايلى . جايلاردىكى كومپىيۇتېر ساتىدىغان دوسلار دۇكىنىڭلارغا كىچككىنە ئېلان چىقىرىپ قۇيۇڭلار ئەمدى ، بۇ خەۋەرنى تۇرغا چىقىپ  ئۇقۇيالمىغانلارمۇ خەۋەر تاپسۇن ...
خاتا بېسىلسا بىر قەدەم، ئېلىپ كىلەر مەڭگۇلۇق ئەلەم.

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
384
تىللا
626
شۆھرەت
700

تەشۋىقات ئاكتىپ

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-16 18:31:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تەكلىپ  بوپتۇ
Omar14 实名认证 

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
551
تىللا
635
شۆھرەت
946

شەرەپ تۆھپە سالاپەت پىداكار داڭدار ئىشەنچ

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-16 18:36:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنتىلدىكى تىل بولىقى ئۆچۈرۈلدىمۇ .......

باھا سۆز

Intil  قايسى تىل بولىقى؟ خىپ- خوپ يوللىغان تېمىنى دېمەكچىمۇ؟  تەپسىلاتى ئىنكاس يوللىغان ۋاقتى 2012-12-16 21:15:36

Rank: 4

تۆھپە
214
تىللا
172
شۆھرەت
315

تەشۋىقات

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-16 19:47:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  گەپ ھەقىقەتەن ياخشى  گەپ بولدى  دوسلار  ئۆزىمىزنىڭ ئىتىۋارىنى  ئۆزىمىز  قىلمىساق  باشقا  ئىتىۋارىمىزنى قىلمايدۇ  .

Rank: 4

تۆھپە
269
تىللا
219
شۆھرەت
432
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-16 20:31:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bahtim3 يوللىغان ۋاقتى  2012-12-16 19:47
بۇ  گەپ ھەقىقەتەن ياخشى  گەپ بولدى  دوسلار  ئۆزىمىزنىڭ ئ ...

مخنې بەك خۇش قىلۋەتـىڭىز  مەن كومپىيۇتېر ھەۋەسكارې ئېدىم، بەش يىلنىڭياغى سنغاننەچە ئون كومپىيۇتۇرنى بۇزۇپ_ تۇزەپ. دىگەندەك ئېشلاربىلەن مەغۇل بولدۇم  مەن ئانا تىلىمىزدىكى سستىمنى خەلە كۆپ قاچىلاپ باققان  بولساممۇ كۇڭۇلدىكىدەك ئۇيغۇرچە بىر سىسمغا ئېرشەلمەي  كەلدىم win8 قانداراق بىزياخشى كۆردىغان بۇرۇنقى ئويۇن دىتال قوللاش دىگەندەك  يەرلەرنى قاچىلاپ ئىشلەتكەن  تورداشلار بىر چۇشەنچە بەرسەڭلار ئىلگىرى سىناق نۇسقىسنى قاچىلاپ ئويۇنغا ماس كەلمەي   xpغا قايتىپ كەلەگەن
hiyalhan   [ئىشەنچلىك ئەزا]  实名认证 

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
323
تىللا
646
شۆھرەت
599

تەشۋىقات

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-16 20:53:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ باشقا تور بېكەتلەردە تەشۋىق قىلىپ قۇياي  . بۇنداق ئوبدان گەپلەر ئاز ئۇچرايدۇ . . .
ئۇيغۇرۇم ، ئىملايىڭنى توغرىلاپ بولالمىساڭمۇ ، توغرىلاشقا تىرىش !!!
Intil 实名认证 

ئاتامان

بېكەت باشلىقى

Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32

تۆھپە
17824
تىللا
22312
شۆھرەت
30890

دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-16 21:15:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Omar14 يوللىغان ۋاقتى  2012-12-16 18:36
ئىنتىلدىكى تىل بولىقى ئۆچۈرۈلدىمۇ .......

قايسى تىل بولىقى؟ خىپ- خوپ يوللىغان تېمىنى دېمەكچىمۇ؟

باھا سۆز

kusan  ئۇچۇرلۇپ بولغان ئوخشايدۇ مەن ئاۋاي كۆرگەن ھازىر قارىسام يوق  يوللىغان ۋاقتى 2012-12-16 21:25:08
ئەتە ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك ياخشى ئەمەللەردە بول.
Intil 实名认证 

ئاتامان

بېكەت باشلىقى

Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32

تۆھپە
17824
تىللا
22312
شۆھرەت
30890

دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-16 21:30:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kusan گە:  تېمىدىكى گەپنىڭ ئورامىدىن  ۋە Omar14 نىڭ ئىنكاسىدىن ئىنتىلدا شۇنداق تېما بارلىقىنى پەرەز قىلىپ ئىزدىسەم ، خىپ- خوپنىڭ شۇ تېمىسى باركەن ، ئۆچۈرۈۋېتىپ تېما ئىگىسىگە ئۇچۇر يوللاپ قويدۇم.
ئەتە ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك ياخشى ئەمەللەردە بول.
turpan 实名认证 

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
3363
تىللا
3335
شۆھرەت
6289

ئاكتىپ تىرىشچان ئىشەنچ دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-16 21:48:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
rasuz يوللىغان ۋاقتى  2012-12-16 20:31
مخنې بەك خۇش قىلۋەتـىڭىز  مەن كومپىيۇتېر ھەۋەسكارې ئې ...

مىنىڭچە سىز ئەتىلا بېرىپ سېتىۋېلىڭ .
سىز ھەممىدىن بەكرەك  ئھېتىياجلىق . يازغان ئىنكاسىڭىزغا بىر قاراڭە.

  مۇشۇ ئىملا توغرىسىدىكى ئىنكاس تېمىلارنى كۆرمىدىڭىزمۇ ؟ ئالدىرىماي بىر ئىملا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ ئاندىن يوللىسىڭىز ،بىزمۇ ئوقۇشتا قىينالمايمىز -ئەمەسمۇ ؟
مال-دۇنيا دوستۇڭ  بولماس ھېچقاچان
svkvt 实名认证 

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
769
تىللا
1771
شۆھرەت
1786
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-16 22:40:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
turpan يوللىغان ۋاقتى  2012-12-16 21:48
مىنىڭچە سىز ئەتىلا بېرىپ سېتىۋېلىڭ .
سىز ھەممىدىن بەك ...

سىزلا ئەمەس بەلكى ھەممىمىز سېتىۋالايلى. قانچە كۆپ سېتىلسا شۇنچە ياخشى چۈنكى ئالىم ئەھەتنىڭ بىلوگىدە دىيلگەندەك  ئۇيغۇرچە بولىقىنى قانچە كۆپ چۈشۈرسەك باش شىركەتمۇ كېيىنىكى نۇسخسىلىرىدە يەنە بىزنىڭ ئانا تلىمىزنىڭ ئويلىشىدۇ. ناۋادا بەلگىلىك ئىشلەتكۈچى بولمىسا ، نۇرغۇن دوسلىرىمىزنىڭ ئانا تېلىمىزنىڭ مەشغۇلات سستىمىسىغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن قىلغان ئەمگىكىنى يوققا چىقرىمىز. مومكىن بولسا تور بېتى بارلا  تور بېتىگە  تور بېتى يوقلار دوسلىرىغا تەۋسىيە قىلسۇن.

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
277
تىللا
335
شۆھرەت
475
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 00:02:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
svkvt يوللىغان ۋاقتى  2012-12-16 22:40
سىزلا ئەمەس بەلكى ھەممىمىز سېتىۋالايلى. قانچە كۆپ سېت ...

ياخشى گەپ بۇلدى ئۇيغۇرچە تۇربەتتىكى بارلىق ghost  سىستىمىلارنى ئوچۇرۋەتسەك بۇلاتتى

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
234
تىللا
460
شۆھرەت
462
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 17:15:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي مەن باي بولغان بولسام win8دىن 1000زاكاس قىلىپ تارقىتىپ بىرەتتىم جۇما ھەي.........

باھا سۆز

ياخشى: 5.0
turpan  ياخشى: 5
سىزمۇ دەريا سۈيى ئىچكەنلەردىنمۇ-نىمە ؟  يوللىغان ۋاقتى 2012-12-18 00:38:37
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2013-2-3 10:06 , Processed in 0.121104 second(s), 20 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش