ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 433|ئىنكاس: 7

روھلاندا 2-قېتىملىق دەرسلىك دېتالى تۈزۈش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Adil   [ئىشەنچلىك ئەزا]  实名认证 

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
339
تىللا
10811
شۆھرەت
733

شەرەپ تۆھپە تىرىشچان داڭدار ھەمكارلىق تەشۋىقات

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-14 00:45:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روھلاندا 2-قېتىملىق دەرسلىك دېتالى تۈزۈش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك قىرىنداشلار
2012-يىلى يىل بېشى قىشلىق تەتىلدە روھلان تور بېكىتىمىز ئۇيغۇر تورچىلىقىدىكى تۇنجى قىتىملىق دەرسلىك دىتالى تۈزۈش مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈپ دەرسلىكلەرنى ھەقسىز تارقاتقان ئىدى. بۇنىڭدىن جاپاكەش ئوقۇتقۇچى، ئۇستازلىرىمىز پايدىلانغان شۇنداقلا ھارغىن چىھرىدە خۇشاللىق، مەمنۇنلۇق جىلۋىلەنگەن ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك تېما ئادرىسى: http://www.rohlan.biz/thread-13149-1-1.html
تور بېكىتىمىز 2013-يىلى ئالدىنىقى قىتىملىق مۇسابىقىدىكى تەجرىبە ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ قىشلىق تەتىل مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ، كەڭ ئوقۇتقۇچى ئۇستازلارغا ئىقتىدارىنى، تېخنىكىسىنى كۆرسىتىدىغان مەيدان ھازىرلاش، ئۇيغۇر تورچىلىقى ۋە ھەر قايسى مەكتەپلىرىمىزدە ئانا تىلدا تۈزۈلگەن دەرسلىك دىتالى ئاز بولۇش مەسىلىسىنى ئازراق بولىسىمۇ ھەل قىلىپ، جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ يۈكىنى ئازراق بولسىمۇ يەڭگىللىتىش مەقسىتىدە روھلان تور بېكىتىمىزدە  2-قېتىملىق ئانا تىلدا دەرسلىك دىتالى تۈزۈش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدۇق.

روھلان تورىدا كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش يۇمشاق دېتالى لايىھەلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش لايىھەسى

(دىققەت: تۆۋەندىكى لايىھەنى تولۇق ئوقۇپ ئاندىن تەييارلىقنى باشلاڭ، يېرىم ئوقۇپ قالسىڭىز تەلەپلەر ئورۇندالماي قالىدۇ ياكى مۇسابىقە تەرتىپى قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ)

1. بۇ قېتىمقى دەرسلىك دىتالى تۈزۈش مۇسابىقىسىى ئۇيغۇر تىلىنى ئاساس قىلىپ، باشلانغۇچ، تۇلۇقسىز ۋە تۇلۇق ئوتتۇرا دىن ئىبارەت ئۈچ ئوقۇتۇش باسقۇچى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
1) لايىھەلەش تەلىپى: ئىجرا بولۇش مۇھىتى Windows xp مەشغۇلات سېستمىسىدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك, دەرسلىك دېتالى   authorware ، ppt ،  flash ... قاتارلىقلاردا تۈزۈلسە بولىدۇ،
شەرتى: چوقۇم دەرسلىك دېتالى بىلەن قوشۇپ، ئىشلەتكەن ، ئۆزى تەييارلىغان بارلىق خام ماتىرىياللارمۇ بىرگە قوشۇپ ئەۋەتىلىشى لازىم ، باشقا مەنبەلەردىن پايدىلانغان بولسا پايدىلانغان ماتىرىيال ئەسكەرتىلىشى كېرەك
2) يوللاش شەكلى: دەرسلىك دېتالى پۈتكەندىن كېيىن بېكىتىمىز مەخسۇس تەسىس قىلغان مۇسابىقە رايۇنى سەھىپىسىگە ئالدىغا مۇسابىقە دېگەن سۆزنى قوشۇپ دەرسلىك دېتالىنىڭ ماۋزۇسىنى تېما ماۋزۇسى قىلىپ ، تېما مەزمۇنىغا قايسى باسقۇچ، قايسى يىللىق، قايسى مەۋسۈمدىكى قايسى دەرس ئىكەنلىكىنى ئېنىق يېزىپ،  تېما قىلىپ يوللايدۇ.
تېما ئىچىگە دەرسلىك كۆرۈنمە يۈزىدىن گەۋدىلىك بولغان بىر قانچە پارچە رەسىمنى كەسمە ھالەتتە ئەۋەتسىلا بولىدۇ، دەرسلىك دېتالى ۋە ئۇنىڭغا ئىشلەتكەن بارلىق خام ماتىرىيالنى بېكىتىلگەن ئېلخەت ئادرىسىغا يوللاپ بېرىشى لازىم، باھالاشتىن  بۇرۇن دەرسلىكلەر توردا ئاشكارا ئېلان قىلىنمايدۇ. قاچىلاش، ئىشلىتىش ۋە ئۆچۈرۈشكە قۇلايلىق بولۇش، تور بەت شەكلىدىكى ئەسەرنى ئاممىباپ  web كۆز يۈگۈرتكۈچ ئارقىلىق كۆرگىلى بولۇش، ئەگەر يۇمشاق دېتالدا ئىجرا قىلىش ۋە قويۇشقا توغرا كەلسە يۇمشاق دېتالنىمۇ تەڭ تەمىنلەپ بېرىش كېرەك.
3)مۇسابىقىگە قاتناشقان ھەر بىر ئەزا مۇسابىقىگە ئەڭ كۆپ بولغاندا 5 دەرسلىك دېتالى قاتناشتۇرۇشقا بولىدۇ. (ئۇنىڭدىن كۆپ دەرسلىك دىتالى تەييارلىغانلارنىڭ ئاشقىنىنى روھلانغا ئادەتتىكى تىما شەكلىدە يوللاپ قويىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز)
4) دەرسلىك دېتالىنىڭ خەت نۇسخىسى چوقۇم ئەلكاتىپ ياكى ئويغان( ukij ) ، چىچەن كىرگۈزگۈچىسى، ئالىپ ئۇيغۇر كىرگۈزگۈچىسى قاتارلىق unicode ئۆلچىمىدىكى ئۆلچەملىك كىرگۈزگۈچنىڭ خەت نۇسخىسىدا تەييارلىنىشى لازىم، باشقا كىرگۈزگۈچلەردە يېزىلغان دەرسلىكلەر بولسا مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيتتى ئېلىپ تاشلىنىدۇ.
2. باھالاش كۆرسەتكۈچى
(1) سىياسى خاتالىق ۋە پەن ئۇقۇم خاتالىقى كۆرۈلگەن ئەسەرنىڭ باھالىنىش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىدۇ.
(2) ساختىلىق قىلمىشىنى قەتئى چەكللىنىدۇ،  ئەگەر بايقالسا شۇ ئەسەرنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتى ۋە مۇكاپاتقا ئېرىشىش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىدۇ.
(3) دەرسلىك دىتالى ھەر قانداق تور بىكەتتە ئېلان قىلىنمىغان بولىشى، ھەر قانداق ئېلان شەكلىنى ئالمىغان بولۇشى، باشقا تور بېكەتلەرنىڭ ئادرىسى ياكى ئۇلانمىسى كىرگۈزۈلمىگەن بولىشى كىرەك.
3.  ئەسەر لايىھەلەش
1) پايدىلانغان ماتېرىيال بولسا ئەسلى كېلىش مەنبەسىنى ئىزاھلاش كېرەك. مۇسابىقىگە قاتناشتۇرغان ئەسەردىن بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تالاش-تارتىشى كېلىپ چىقسا، مەسئۇلىيەتنى ئەسەر ئەۋەتكۈچى ئۈستىگە ئالىدۇ.
2) دەرسلىك دېتالىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بېتىگە روھلان تور بېكىتىمىز تەمىنلىگەن بۇ ئەسەرنىڭ مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغانلىقى ۋە قوللىغان ئىرپان ئېلىكتىرۇن چەكلىك شىركىتى قاتارلىقلارنىڭ ماركىسى قىستۇرۇلغان رەسىم ھۆججىتىنى دەرسلىك كۆرۈنمە يۈزى بىلەن ئوخشاش قىلپ قوشقان بولۇشى كېرەك.
قۇشۇمچە رەسىم ھۆججىتىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ
(5 نۇسخا رەسىمنىڭ قايسىسىنى قوشسىڭىز بولىدۇ):
http://pan.baidu.com/share/link?shareid=182291&uk=2265529970

4.  يوللاش ۋاقتى :2013 -يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە بولىدۇ.
5. كۆپ ۋاستىلىق دەرس دېتالى باھالاش: كۆپ ۋاستىلىق دەرس دېتالى مۇسابىقىسى خىزمىتىگە روھلان تورىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى ۋە بىر قىسىم مائارىپ سېپىدىكى تەتقىقاتچىلاردىن  باھالاش گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىنىپ باھالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
5.  يوللاشقا قۇيۇلىدىغان تەلەپ
مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ئەسەرنىڭ پىرىس ھۆججىتىدە ۋىروس بولماسلىقى، نۇرمال ئىجرا بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ئەسەرنى تىزىملاش جەدۋېلى (قۇشۇمچە 1) نى ئاپتۇر ئەستايىدىل تولدۇرۇپ، دەرسلىك دېتالى بىلەن بىرگە بېكىتىلگەن ئېلخەتكە  يوللاپ بېرىش كېرەك.
قوشۇمچە جەدىۋەلنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ:  
http://pan.baidu.com/share/link?shareid=184578&uk=2265529970


6.  مۇكاپات تەسىس قىلىش:
باھالاش گۇرۇپپىسىنىڭ باھالاش نەتىجىسىگە ئاساسەن، مۇشۇ كۆرسىتىلگەن ئەسەرلەرنىڭ ئارىسىدىن 1- 2-  3-دەرىجىلىك ۋە مۇنەۋۋەر مۇكاپاتنى باھالاپ چىقىدۇ. مۇكاپاتقا ئېرىشكەن شەخسىلەرنى ماددى مۇكاپاتلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
7.  مۇكاپات بۇيۇمى
1-دەرىجىلىك مۇكاپات:  1 نەپەر، مۇكاپاتى ئىرپان شىركىتى ئىشلەپ بازارغا سالغان قىممىتى 698يۈەنلىك تارىم 01 تىپلىق ئىرپان لۇغىتىدىن بىر دانە (ئىرپان شىركىتى تەمىنلىگەن)
لوغەتنىڭ تەپسىلاتىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ: http://www.irpan.com/Web/Product.aspx?id=30

قىممىتى 168 يۈەنلىك 13 خىل تىل-يېزىقتىكى 37 خىل لۇغەت كىرگۈزۈلگەن ئالپ كۆپ تىللىق لۇغەت يۇمشاق دېتالى ياكى ئالىپسوفت كۆپ تىللىق، ئەقلى ئىقتىدارلىق  كىرگۈزگۈچىسىنىڭ كەسپىي نەشرى(word تا ئاپتۇماتىك ئىملا توغرىلاش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك) دىن بىر نۇسخا
(ئادۋۇكات تورى http://www.aduwkat.com تەمىنلىگەن)


2-دەرىجىلىك مۇكاپات: 2نەپەر، مۇكاپاتى  Windows8 مەشخۇلات سسستېمسىنىڭ ھەقىقى نەشىرىدىن بىر نۇسقىدىن (32 بىتلىق ھەقىقىي نۇسخىسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسى ۋە سېتىۋېلىنغان تىزىملاش نۇمۇرى تور ئارقىلىق يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ)
قىممىتى 168 يۈەنلىك 13 خىل تىل-يېزىقتىكى 37 خىل لۇغەت كىرگۈزۈلگەن ئالپ كۆپ تىللىق لۇغەت يۇمشاق دېتالى ياكى ئالىپسوفت كۆپ تىللىق، ئەقلى ئىقتىدارلىق  كىرگۈزگۈچىسىنىڭ كەسپىي نەشرى(word تا ئاپتۇماتىك ئىملا توغرىلاش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك) دىن بىر نۇسخا
(ئادۋۇكات تورى http://www.aduwkat.com تەمىنلىگەن)


3-دەرىجىلىك مۇكاپات: 3 نەپەر. مۇكاپاتى 64 گىگابايتلىق بارماق دېسكا (بۇ مۇكاپاتنى گۇما دىيارى تور بېكىتىتەمىنلىگەن)
بارماق دېسكىنىڭ تەپسىلاتىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ: http://item.taobao.com/item.htm? ... Sbos&id=12811775572

قىممىتى 168 يۈەنلىك 13 خىل تىل-يېزىقتىكى 37 خىل لۇغەت كىرگۈزۈلگەن ئالپ كۆپ تىللىق لۇغەت يۇمشاق دېتالى ياكى ئالىپسوفت كۆپ تىللىق، ئەقلى ئىقتىدارلىق  كىرگۈزگۈچىسىنىڭ كەسپىي نەشرى(word تا ئاپتۇماتىك ئىملا توغرىلاش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك) دىن بىر نۇسخا
(ئادۋۇكات تورى http://www.aduwkat.com تەمىنلىگەن)


مۇنەۋۋەر مۇكاپات: 10 نەپەر،  ئىرپان شىركىتى بازارغا سالغان قۇتادغۇبىلىكنىڭ ئاۋازلىق نەشىرىدىن بىر دانە (ئىرپان شىركىتى تەمىنلىگەن)
قۇتادغۇبىلىكنىڭ ئاۋازلىق نەشرى ھەققىدە تەپسىلات: http://www.rohlan.biz/thread-17243-1-1.html
قىممىتى 168 يۈەنلىك 13 خىل تىل-يېزىقتىكى 37 خىل لۇغەت كىرگۈزۈلگەن ئالپ كۆپ تىللىق لۇغەت يۇمشاق دېتالى ياكى ئالىپسوفت كۆپ تىللىق، ئەقلى ئىقتىدارلىق  كىرگۈزگۈچىسىنىڭ كەسپىي نەشرى(word تا ئاپتۇماتىك ئىملا توغرىلاش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك) دىن بىر نۇسخا
(ئادۋۇكات تورى http://www.aduwkat.com تەمىنلىگەن)


7. مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېين بارلىق دەرسلىكلەر روھلان تورىدا ھەقسىز تەشۋىق قىلىنىپ تارقىتىلىدۇ ھەم ئىرپان ئېلىكترون شىركىتى قاتارلىق ھەمكارلاشقۇچىلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
8. دەرسلىك دېتالى ۋە دەرسلىك دېتالىغا ئىشلىتىلگەن بارلىق خام ماتىرىياللار تۆۋەندىكى ئېلخەتكە ئەۋەتىلسە بولىدۇ، ئېلخەت ئادرىسى: 2547753676@qq.com

بۇ قېتىملىق پائالىيتىمىزنى قوللىغۇچىلار:
بۇ قىتىملىق پائالىيتىمىزنى ئىقتىسادى جەھەتتىن قوللىغان ئىرپان ئېلىكترۇن چەكلىك شىركىتىگەئالاھىدە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.
بۇ قىتىملىق پائالىيتىمىزنى ئىقتىسادى جەھەتتىن  قوللىغان ئادۋۇكات تورىغا ئالاھىدە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.
بۇ قىتىملىق پائالىيتىمىزنى ئىقتىسادى جەھەتتىن  قوللىغان گۇما دىيارى تورىغا ئالاھىدە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.

بۇ قېتىملىق پائالىيتىمىزنى قوللايدىغان ۋە ھەمكارلىشىدىغان شىركەت، كارخانا ۋە تور بىكەتلەرنى داۋاملىق قىزغىن قارشى ئالىمىز، بىزنى قوللىغانلىقىڭىز، مىللى مائارىپىمىزنى قوللىغانلىقىڭىز، مىللىي مائارىپنى قوللىغانلىقىڭىز ئۆز پەرزەنتىڭىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزدۇر .
ھەر قايسى تور بىكەت ۋە بلوگلارنىڭ ئۆز تور بېكىتىدە ئېلان قىلىشنى، ئەسەر قاتناشتۇرۇشىنى، تەشۋىقات خىزمىتىدە ھەمدەمدە بولۇشىنى ئۈمىت قىلىمىز، قانچە كۆپ مائارىپچى بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدىن خەۋەردار بولسا، قانچە كۆپ مائارىپچى بۇ دەرسلىك دىتاللىرىدىن پايدىلىنالىسا  مانا بۇ بىزنىڭ نىشانىمىز، مانا بۇ سىزنىڭ بىزنى قوللىغانلىقىڭىزنىڭ نەتىجىسى!  
بىر قىسىم مۇسابىقە تەشۋىقات رەسىملىرى
http://www.rohlan.biz/forum.php? ... tid=18538&fromuid=1

تېما ئادرىسى:  http://www.rohlan.biz/thread-18536-1-1.html

ھۆرمەت بىلەن:روھلان تور بېكىتى     ئىرپان ئېلىكترون چەكلىك شىركىتى
2012-يىل 12-ئاينىڭ 10-كۈنى

1

باھا خاتىرىسى

روھلان تورى تور ئادرىسىنى Www.Rohlan.Com غا ئالماشتۇردى

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
500
تىللا
1241
شۆھرەت
1179

تىرىشچان ئىشەنچ دەلىللەنگەن ئەزا تەشۋىقات ئاكتىپ

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-25 00:36:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مۇسابىقىنى قوش قوللاپ قوللايمىز دە ..........  بىز مائارىپچىلارغا خوش خەۋەردە بۇ ......

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
635
تىللا
1023
شۆھرەت
1196

تەشۋىقات ئاكتىپ

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-25 18:35:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ  تەشۋىق قىلىپ قۇيۋاتىمەن
Adil   [ئىشەنچلىك ئەزا]  实名认证 

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
339
تىللا
10811
شۆھرەت
733

شەرەپ تۆھپە تىرىشچان داڭدار ھەمكارلىق تەشۋىقات

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-1 16:18:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇسابىقىگە  دەرسلىك ئەۋەتىش باشلاندى (2013-1-1)
http://www.rohlan.biz/forum.php? ... 19119&fromuid=1
روھلان تورى تور ئادرىسىنى Www.Rohlan.Com غا ئالماشتۇردى

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
530
تىللا
403
شۆھرەت
749
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-1 17:48:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇنجى ئەسەرنى كۆرۈشنى كۆتۈۋاتىمەن، بىراقلا چىقىرامسىلەر ، مۇسابىقە رايۇنىغا ئۇدۇللۇق يوللىنامدۇ؟
Adil   [ئىشەنچلىك ئەزا]  实名认证 

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
339
تىللا
10811
شۆھرەت
733

شەرەپ تۆھپە تىرىشچان داڭدار ھەمكارلىق تەشۋىقات

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-1 19:25:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alwasti1 يوللىغان ۋاقتى  2013-1-1 17:48
تۇنجى ئەسەرنى كۆرۈشنى كۆتۈۋاتىمەن، بىراقلا چىقىرامسى ...

دەرسلىكلەر باھاللىنىشتىن بۇرۇن ئاشكارىلانمايدۇ، پەقەت كۆرۈنمە رەسىمدىن بىر قانچە پارچىنىلا يوللايدۇ، باھالاش ئاخىرلاشقاندا بارلىق تېمىلارغا چۈشۈرۈش ئادرىسى قوشۇلىدۇ ۋە بىراقلا چۈشۈرۈش ئادرىسىمۇ تەمىنلىدۇ.
روھلان تورى تور ئادرىسىنى Www.Rohlan.Com غا ئالماشتۇردى

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
530
تىللا
403
شۆھرەت
749
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-2 19:24:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Adil يوللىغان ۋاقتى  2013-1-1 19:25
دەرسلىكلەر باھاللىنىشتىن بۇرۇن ئاشكارىلانمايدۇ، پەق ...

شۇنداق ئۇچۇر يوللانغاندا مۇشۇ تېمىدا بولسىمۇ ئۇچۇرىنى قالدۇرۇپ قويغايسىز.

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
500
تىللا
1241
شۆھرەت
1179

تىرىشچان ئىشەنچ دەلىللەنگەن ئەزا تەشۋىقات ئاكتىپ

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-8 01:43:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇسابىقە ئاياغلاشقىلى پەقەت 2 كۈنلا قاپتۇ................  قاتناشقىسى بارلار تىزراق تۇتۇش قىلىڭلار............
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2013-5-11 01:51 , Processed in 0.128308 second(s), 20 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش