ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 1918|ئىنكاس: 21

ئۇيغۇرچىنىڭ لاتىنچە ئىپادىلىنىشى ئىسلاھ قىلساق قانداق؟

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئاپتونوم رايونلۇق تىل يىزىق كومېتىتىنىڭ بىزگە بەلگىلەپ بەرگەن ئۇيغۇرچىنىڭ لاتىنچە ئىپادىلىنىشى راس گەپنى قىلغاندا كۆپ ئوموملاشمىدى. نېمىشقا ئوموملاشمايدۇ؟ چۈنكى ئۇ بىزنىڭ ئادەتلىنىپ كەتكەن لاتىنچە يېزىش ئۇسۇلىمىزدىن كۆپ يىراقلاپ كەتكەن.  بىز ئەزەلدىن x  نى ش دەپ ئادەتلىنىپ كەتكەن، لېكىن تىل-كومېتىتى بولسا ئۇنى تەلەپپۇزى يېقىنمۇ كەلمەيدىغان خ ھەرىپىگە ئۇدۇللاپ قويغان.ئۇلار ھېچ بولمىسا نېمىشقا شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى دەپ بېرىشى كېرەكتە! ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە بىر نەچچە ھەرىپىنى كونۇپكا تاختىسى بىلەن بىۋاستە كىرگۈزگىلى بولمايدۇ. باشقا كىرگۈزچنىڭ ياردىمى ياكى، باشقا يەردىن كۆچۈرۈپ كېلىشتىن ئىبارەت ئۇسۇلنى قوللىنىمىز خالاس! مەسىلەنÉ Ö Ü قاتارلىق ھەرىپلەرنى بىز بىۋاستە كىرگۈزۈشكە ئامالسىزمىز. باشقا ئۇسۇلدىن پايدىلىنىشقا توغرا كېلىدۇ.
بىز نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرچىنى لاتىنچە ئىپادىلەشكە مەجبۇر بولۇپ قالدۇق؟ چۈنكى بىز تىل-يېزىقىمىزنى كومپىيۇتېر ۋە ياكى باشقا ئېلىكتورۇنلۇق ئەسۋابلارغا كىرگۈزۈشتە بەكلا قىيىنچىلىقتا قالدۇق، ھەتتا بەزى يەرلەرگە پەقەتلا كىرگۈزەلمىدۇق. بۇ ئىش ھېلىھەم ساۋاملاشماقتا. شۇڭا بىز ئۇيغۇرچىنىڭ ئۆزىنى كىرگۈزۈشتە ئامال بولمىغان ياكى قىينالغان ئورۇنلارغا ئۇيغۇرچىنى لاتىنچە  بىلەن ئىپادىلەپ تۇرۇشقا مەجبۇرمىز! شۇنداق بولغانىكەن لاتىنچە ئىپادىلىگەندە بىز قىينالماي كىرگۈزەلىشىمىز كېرەكتە، چۈنكى بىز قىينالغاچقا ئامال يوق مۇشۇنداق ئىپادىلىدۇق، لېكىن بىزنىڭ ئىپادىلىگەن بۇ لاتىنچىمىز كىرگۈزۈشتە نەدە ئاسان بولىدۇ؟!!  É Ö Ü ھەرىپلەرنى مەن كونۇپكا تاختىسىدىن بىۋاستە يازالمىدىم. ئۇنى باشقا يەردىن كۆچۈرۈپ كەلدىم. بىز قىينالغاچقا، قىينالمايلى دەپ ئىپادىلىگەن نەرسىمىز يەنە بىزنى قىيناۋاتىدۇ. بەزى پىروگىراممىلارنى لاتىنچە ئۇيغۇرچىلاشتۇرغاندا ئۇنىڭغا ئېنگلىزچە 26 ھەرىپتىن باشقا ھەرىپنى ئىشلەتكەندە قوللىمايدۇ. بىز يەنە نىم قىلىمىز ئاستى ئۈستىدە تون بەلگىسى بار ھەرىپلەرنى ئىشلىتىپ!  بىز ئەشۇ 26 ھەرىپتىن پايدىلىنىپ 32 ھەرىپىمىزنى ئىپادىلىيەلمەسمىزمۇ؟ ئۇ چاغدا ھەرقانداق يەرگە بىمالال يازالايمىزغۇ؟
سىلەر بۇرۇنقىسىنى ئىشلەتسەك بولىدۇ دېسەڭلارمۇ مەيلى، لېكىن سىلەر قاچان شۇنى ئۆلچەملىك كىرگۈزۈپ باققان؟ ئاستى ئۈستىدە تون بار ھەرىپلەرنى ئېرىنمەي ئىزدەپ كىرگۈزۈپ باققانمۇ؟ ھەقچان يەنە شۇ باشقا ھەرىپلەر بىلەن ئىپادىلەپ تۇرغانسىلەر؟
ھەرىپلەرنى ئاھاڭى ئۆز ئارا ماس كېلىدىغان قىلىپ بەلگىلىسەك، خەنزۇۋان ئۇيغۇرلارمۇ نەچچە سائەتتىلا ئۇيغۇرچىنىڭ ئەرەبچە يېزىلىشىنى ئۆگىنەلمىگەن بىلەن، لاتىنچە يېزىلىشىنى ئۆگىنىپ بولىدۇ ئەمەسمۇ؟

A ئا
B ب
C ئۆ
D د
E ئە
F ف
J ج
H خ
I ى
J ج
K ك
L ل
M م
N ن
O ئو
P پ
Q ق
R ر
S س
T ت
U ئۇ
V ئۈ
W ۋ
X ش
Y ي
Z ز
CH چ
GH غ
HG ھ
JH ژ
II ې
بۇنى مەن ئۆزۈم ئاتالمىش ئۆلچەملىك لاتىنچە ئىپادىلىنىشى بىلەن ھازىرقى ئادەتلىنىپ قالغىنىمىز بويىچە قايتا ئىپادىلەپ  باقتىم. لېكىن ئۆ،ې ھەرىپلىرىنى ياخشى ئىپادىلىيەلمىدىم. قېنى بىر مۇلاھىزە قىپ باقساق.
ۋاقتى: 2012-12-9 12:29:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى ئويلاپتىكەنسىز بىراخ بۇنى قانداخمۇ ئومۇملاشتۇرغىلى بولا......
ۋاقتى: 2012-12-9 13:32:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە ھازىرقى قالايمىقانچىلىقمۇ يىتىپ ئاشىدۇ،سىزبۇلاھىيەبۇيىنچە تىخىمۇ قالايمىقان قىلسڭىز قالايمىقان تىخىمۇ قالايمىقان بۇلۇپ تۈزۈلۈپ قىلىشقاھىچ كۆزۈم يەتمەيدۇ
ۋاقتى: 2012-12-9 13:33:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مەن قوللايمەن  لىكىن ئۇمۇملاشتۇرۇش  مەسىلىسى  شۇ  
men qollaymen  likin umumlashturush    mesilisi ..]
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-12-9 14:29:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرقى ئۇيغۇرلىرىمىز ئارىسىدىكى خەتنى لاتىنچە ئىپادىلەيدىغانلار ئاساسەن ئىككىگە بۆلىنىدۇ. بىرسى خەنزۇچە ئاھاڭنى ئاساس قىلىپ تۇۇرۇپ ئىشلىتىدۇ. بۇلار كۆپ سانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. يەنە بىر قىسمى ئۆلچەملىك لاتىنچە يېزىلىشى ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ. دەسلەپكى ئۆلچەملىك لاتىنچە ئىپادىلىنىشىنىڭ ئوموملاشماسلىقىنىڭ سەۋەبى خەنچە ئاھاڭ بويىچە كەرگۈزۈپ كۆنۈپ كەتكەنلەر ئۇنىڭغا ماسلىشىشى بىر قەدەر تەس. شۇڭا شۇلار ئاسانلا ماسلىشالايدىغان ھەم كونۇپكا تاختىسىدىن بىۋاستە كىرگۈزەلەيدىغان قىلىپ تۈزسەك بولىدۇ. ئەگەر بۇ كۆپچىلىكنىڭ ئىىديسىدىن ئۆتسە، ئۆلچەملىك لاتىنچىسىنى ئىشلىتىدىغانلار بىردەمدىلا ئۆزگەرتەلەيدۇ. چۈنكى ئۇلار شۇنداق ئىشقا نىسبەتەن ئاۋانگارىت كىشىلەر بولغاچقا، بۇنى ئۇلارغا تېڭىش كەتمەيدۇ. شۇنداق ئەمەسمۇ!
ۋاقتى: 2012-12-9 16:24:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مۇنۇ پىكىرنى قوش قوللاپ قۇۋۋەتلەيمەن. لىكىن مېىنىڭ ئازراق پىكىرىم Q نى يەنىلا چ دىسەك . مەن ئۆزۈم ئوقۇتقۇچى مۇشۇ كومپيۇتېردا ئالاقە قىلغاندا بولۇپمۇ QQ دا ئالاقە قىلغاندا  ئۆلچەمىلك لاتىن يېزىقىنى ئىشلەتسەم  دوسىتلىرىمنىڭ كۆپنىچىسى تۈزۈك ئوقۇيالمايدۇ . ( ئۇلارنىڭمۇ كۆپلىرى ئوقۇتقۇچى تېخى ) ، چۈنكى بۇ ئۆلچەملىك يېزىق پەقەت تور دۇنياسىدا تەشۋېق قىلىندى . لىكىن ئەمىلى ماتىريلالاردا تارقىتىلغىنى يوق . شۇڭا كۆپ سانلىقلار بۇنىڭدىن خەۋەرسىز ئىكەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ يېزا سەھرالىرىمىزدىن باشلاپ %90 ئادەم ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى  يەنى خەنزۇچە پىنيىننى بىلىدۇ . شۇڭا بۇ ئۆلچەملىك لاتىن يېزىقى دىگىنىمىز كۆپ سانلىقلارنىڭ ئوقۇش يېزىش ئادىتىگە ماس كەلمەيدىكەن . بۇيېزىق بىزنىڭ ئاساى يېزىقىمىز ئەمەس . پەقەت ئىمكان بومىغاندا يەنى ئۇيغۇر يېزىقى ئىشلىتىشكە ئامال بولمىغاندا ئىشلىتىدىغان يېزىق بولغاندىكىن ئۇنى ئېنگىلىز تىلى تەلەپپۇزى بىلەن بىردەك قىلىشنىڭ نىمە ھاجىتى . يەنىلا كۆپچىلىكنىڭ كۆنگىنى بويىچە پىنيىن تەلەپپۇزى بىلەن ئىپادىلىسەك ياخشىراق بولارمىكىن .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-12-9 17:59:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
dilkax125 يوللىغان ۋاقتى  2012-12-9 16:24
مەن مۇنۇ پىكىرنى قوش قوللاپ قۇۋۋەتلەيمەن. لىكىن مېىنىڭ ...

بۇ پىكىرمۇ بولىدىكەن. بىز ھەمكارلىشىپ ئورتاق بىر لاتىنچە ئېلىپبەنى تۈزۈپ چىقساق ۋە ئۇنى كەڭ تەشۋىق قىلساق بولاتتى. ئاممىباپ بولسا 1 يىلغا يەتمىگەن ئەھۋالدا ئوموملىشىپ بولاتتى. مانا ھازىر 10 يىل بولدى، ئىشلىتىۋاتقانلار قانچىلىك!؟
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-12-9 18:01:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
dilkax125 يوللىغان ۋاقتى  2012-12-9 16:24
مەن مۇنۇ پىكىرنى قوش قوللاپ قۇۋۋەتلەيمەن. لىكىن مېىنىڭ ...

Q  نى چ دەپ ئىپادىلىسەك ئۇ چاغدا ق ھەرىپىنى  k  بىلەن ئىپادىلىسەك بولىدۇ. ئۇ چاغدا ك ھەرىپىگە ماس كەلگۈدەك ھەرىپ چىقماي قالدۇ.
ۋاقتى: 2012-12-9 21:29:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس  شۇنداق  بەزى ھەرپلەرنى ئاسمان زىم پەرق بىلەن ئۆزگەرتىپتۇ سىز دىگەندەك .
( x  نى خ .  Q نى ق ھەرپىگە ) مەنمۇ قەتتى قۇبۇل قىلالامىدىم .
بىز ئەزەلدىن x  نى ش دەپ ئادەتلىنىپ كەتكەن، لېكىن تىل-كومېتىتى بولسا ئۇنى تەلەپپۇزى يېقىنمۇ كەلمەيدىغان خ ھەرىپىگە ئۇدۇللاپ قويغان.ئۇلار ھېچ بولمىسا نېمىشقا شۇنداق قىلغانلىغىنى چۈشەندۈرۈپ  قويسىكەن .....................
ۋاقتى: 2012-12-9 23:38:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە ھازىرقى قالايمىقانچىلىقمۇ يىتىپ ئاشىدۇ،سىزبۇلاھىيەبۇيىنچە تىخىمۇ قالايمىقان قىلسڭىز قالايمىقان تىخىمۇ قالايمىقان بۇلۇپ تۈزۈلۈپ قىلىشقاھىچ كۆزۈم يەتمەيدۇ


يۇقارقى پىكىرنى قوللايمەن
ۋاقتى: 2012-12-10 00:41:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ پىكىرنى ئىنتايىن قوللايمەن.....
بۇنىڭدىن بەش ئالتە يىل ئىلگىرى مىرشات لېتىپ ئەپەندى تۈزگەن بىر كومپيۇتېرغا دائىر كىتابنى (ئىسمىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن)كۆرگەن چېغىمدا،مىرشات لېتىپ ئەپەندى ھازىرقى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى لايىھىسى تېخى يولغا قويۇلمىغان ۋاقىتتا،ئۆزى بىر لايىھە تۈزۈپ چىقىپ، سىناق قىلىپ بېقىشىمىزنى تەۋسىيە قىپتىكەن....ئۇنىڭدا ئىپادىلەنگىنى:-
Cغ     VO ئۆ    VUئۈ   VAئە    VHھ   NGڭ    ۋە باشقىلار.....
مۇشۇ لايىھە مېنىڭچە ش ئۇ ئا ر تىل يېزىق كومتىتى لايىھىلىگەن لاتىنچە ئىپادىلەش شەكلىدىن كۆپ ياخشى دەپ ئويلايمەن......
ۋاقتى: 2012-12-10 03:22:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ پىكرىم:  قوڭاڭنى قىس! بۇرۇننىڭ ئۇچىنىلا كۆرمەي ئاقىۋەتنى ئويلاپ كۆر
ۋاقتى: 2012-12-10 11:48:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى تېلېكوم ۋە ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى تورىدىكى ئۇستازلار شۇنداقلا ئۇيغۇر كومپيۇتېر- تورچىلىقىدىكى سەردار- باھادىرلار بىردەكلىكككە كېلىپ قوللاپ جەزملەشتۈرگەن.
بۇنىڭدا بەزى ھەرىپلەرنىڭ بىريەردە كېلىپ قېلىش بىلەن مەنا ياكى ئوقۇلۇشى ئۆزگۈرۈپ كېتىش ئېھتىماللىقلىرى ئويلىشىلغانلىقى ئېنىق . سىزمۇ شۇ تەرەپلەرنى ئويلىشىپ تەتقىق قىلىپ بېقىڭ.
بۇ دېگىنىم پىكرىڭىزگە قارشى تۇرۇش ئەمەس ئەمما يازمىڭىزدا بەزىبىر گەپلەردە قاتتىق ئاچچىقلىنىش باركەن، ئىلمىي مۇنازىرەدە بۇنداق پوزىتسىيە بولمىغىنى ياخشى.
ۋاقتى: 2012-12-10 14:20:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
dolkun731 يوللىغان ۋاقتى  2012-12-10 03:22
مېنىڭ پىكرىم:  قوڭاڭنى قىس! بۇرۇننىڭ ئۇچىنىلا كۆرمەي ئا ...

ئەڭ ياخشى ئىنكاس، قوللايمەن.
ۋاقتى: 2012-12-18 13:42:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-11 09:56 , Processed in 0.156531 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat