ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 2499|ئىنكاس: 9

android يېڭى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىسى

    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2012-11-13 17:40:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم كەمىنە قاراخاندىن تورداشلارغا جىددى سالام. گەپنى ئاۋۇتۇپ يۈرمەي نەق گەپنىلا قىلاي. ئالدىنقى قىتىمدىكى كىرگۈزگۈچ ھەققىدە پىكر تەكلىپ سىناق ئالغاندىن كىيىن كىرگۈزگۈچتە ساقلانغان بيىرقىسىم مۇھىم خاتالىقلارنى ھەل قىلىپ كۈچىمنىڭ بارىچە ئەلالاشتۇردۇم. (سىناققا قاتناشقان ئەزالارغا ھۆرمۈتۈمنى بىلدۇرمەن. رەخمەت سىلەرگە). كىرگۈزگۈچ ئاساسەن مۇقۇملاشقاندىن كىيىن بەيدۇ تەرەپ بىلەن كۆپ قىتىم ئالاقىلىشىش ئارقىلىق ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىپ بىرقىسىم bugلارنى تۈزەتتىم. شۇڭامۇشۇ سەۋەپتىن تارقىتىش ۋاقتى كىچىكتى. ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە بەيدۇ ئىگە تەرپنىڭ قوللىشىغا ئىرىشىپ ئىگە بوشلۇقىدىن چۈشۈرۈش تەمىنلەندى.
كىرگۈزگۈچ ھەققىدە:
كىرگۈزگۈچ بەيدۇ كىرگۈچتىن 百度输入法دىن ئۆزگەرتىپ ياسالغان بۇلۇپ ئېشلىتىش قولاي قالغان تەرەپلەرنى ئېرشلىتىپ كۆرۈپ باققايسىز.
1.خەنزۇچەخەتنى تۇلۇق مۇكەممەل كىرگۈزگىلى بولىدۇ.
2.پىنيىن ياكى ئىنگىلىزچە چوڭ-كىچىك ئارلاش كىرگۈزگىلى بولىدۇ.
3.ئۇيغۇر يېڭى يېزىق ھەرىپى كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ بىر يۈزىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
3.ئۇيغۇر لاتىن ھەرىپى ulyنى ئۆلچەملىك كىرگۈزۈش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان.
4.كېڭەيتىلگەن رايون ئۈچۈنمۇ ئايرىم ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى سەپلەنگەن.
5.بىركۇنۇپكا ياكى يانغا سىيرىش بىلەن كىرگۈزگۈچلەرنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
6.كىرگۈزگۈچ كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ تەگ رەڭگىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە ۋە خالىغان رەسىمنى تەگ رەسىمى قىلىشقا بولىدۇ.
7.يۇقۇرىدىكى كىرگۈزۈش شەكلىنىڭ ھەممىسى يانفۇننىڭ تىك يانتۇ ھالەتتە كىرگۈزۈشنى قوللايدۇ.
[قۇشۇمچە:ئىقتىدارچۈشەندۈرلىشى كىرگۈزگۈچنىڭ سىزبايقىمىغان نۇرغۇن ئىقتىدارلىرى بار.ھەرقانداق بىركۇنۇپكىغا ئىقتىدايۇشۇرۇنغان بۇلىشى مۇمكىن.1.ئۇيغۇرچە خەتلەرنى مـــــــانـــــامـــــاۋۇنـــــىــــڭـــــدەك سۇزۇپ يىزىشقا بۇلىدۇ. قالغىنى ئۆزىڭىز تىپىڭ]
كىرگۈزۈش ئۇسۇلى:
1.پىنيىن ياكى خەنزۇچە كىرگۈزۈش ئۈچۈن 拼音全键盘ياكى拼音拇指نى تاللاڭ.
2.پىنيىن ياكى ئىنگىلىزچە چوڭ-كىچىك ئارلاش كىرگۈزۈش ئۈچۈن 英文全键盘نى تاللاڭ.
3.ئۆلچەملەك ulyدا كىرگۈزۈش ئۈچۈن 英文拇指نى تاللاڭ.
4.ئاساسىي رايوندائۆلچەملەك ئۇيغۇركونا يىزىقىنى كىرگۈزۈش ئۈچۈن 笔画نى تاللاڭ.
5.كېڭەيتىلگەن رايوندائۆلچەملىك ئۇيغۇركونايىزىقىنى كىرگۈزۈش ئۈچۈن 五笔全键盘ياكى无比拇指نى تاللاڭ.



قاچىلاش ئۇسۇلى:بەيدۇ كىرگۈچگۈچنىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ. چۈشۈرۈش

ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ تىرەھۆججىتىنى قاچىلاڭ.چۈشۈرۈش

ئىگەتەرەپتىن چۈشۈرۈڭ:http://r6.mo.baidu.com/web/is/v/174

بەيدۇ كىرگۈزگۈچنى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن sdكارتىغا كىرىپbaiduناملىق ھۆججەتدادىنimeناملىق ھۆججەتدانغا كىرىپ ئەڭ ئاخىرداskins ناملىق ھۆججەتدانغا كۆچۈرۈپ قويسىز بۇلىدۇ.
Android目录:sdcard/baidu/ime/skins
ئاندىن يانفوندىن بەيدۇ كىرگۈزگۈچنىڭ تەڭشەك رايۇنىنى ئېچىپ 虚拟键盘设置نى تاللاپ 超级皮肤نى تاللاپ شۇنىڭ ئىچىدىن ئابىيام كۆچۈرگەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ تىرىسىنى تاللاپ قوزغۇلۇش ھالىتىگە ئەكەلسىز بۇلىدۇ.
كومپىيورتىردىن ئۇيغۇرچە تىرە ھۆججەتنى چۈشۈرەلمىگەنلەر بەيدۇ كىرگۈزگۈچنىڭ تەڭشەك رايۇنىنى ئېچىپ 虚拟键盘设置نى تاللاپ 超级皮肤نى تاللاپ شۇنىڭ ئىچىدە 点击进入皮肤布局商店دىن ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش تىرە ھۆججىتىنى تاللاپ چۈشۈرۇپ تاللاپ قويسىز بۇلىدۇ.
كىرگۈزگۈچكە مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر:
بىكەت چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن چىقىرىشقائىمكان بولمىدى.
---------------------
نۆۋەتتە كىرگۈزگۈچتە يەنىلا بىرقىسىم كەمچىلىكلەرساقلانغان بۇلۇپ تورداشلار تەكلىپ پىكىر بەرسە كىيىنكى نەشىردە بەيدۇ تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تۈزۈتىشكە تىرىشىمەن.
بولسا تورسداشلارنى بەيدۇ ئىگە تەرپ توربىتىن كىرگۈزگۈچ تىرە ھۆججىتىنى چۈشۈرۈش بىتىغا ياخشى تەكلىپ پىكىرلەرنى بولسا  خەنزچە كۆپ يىزىپ قۇيۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. چۈنكى مەن بەيدۇ تەرپ بىلەن قوللاش توغۇرسىدا بەك مۇنازىرلىشىپ كەتتىم.
بولسا بۇ خوشخەۋەرنى ياكى تېمىنى باشقا توربەتلەتگىمۇ يوللاپ قۇيىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن. قوللىغىنىڭلارغا رەخمەت.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qarahan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-14 11:55  

باھالاش

3

باھا خاتىرىسى

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-11-13 23:38:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىللا بولسا تارتىنمايمەن.
ۋاقتى: 2012-11-14 15:44:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىتال تىلىنىمۇ ئۇيغۇرچە قىلۋەتكەن بولساڭلار . بەيدۇ تورىدا تارقاتمىسا سىلى ئىنتىلدا ياكى ئالىپتا تارقاتساڭلار بەك ياخشى بۇلاتتى .
ۋاقتى: 2012-11-14 23:22:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كىرگۈزگۈچ بەك ياخشى چىقىپتۇ ، ئەرەپچە كۇنۇپكا تاختىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان بولسىڭىز بەك ياخشى بۇلاتتى.
ۋاقتى: 2012-11-15 15:03:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ 4.0.4  ئەجەپ خەتلەر ئۇلاشمىدا ؟ مەسىلەن ئە ھەرپى ئەرەپچىدەك ئۈستىدە ئەمزىسى با ،،،ئاشۇنداق چىقۋالدى

باھا سۆز

روتلاڭ، ئوڭشىلىپ قالار  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2012-11-16 23:23
ۋاقتى: 2012-11-16 23:23:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
xawkat521 يوللىغان ۋاقتى  2012-11-15 15:03
مىنىڭ 4.0.4  ئەجەپ خەتلەر ئۇلاشمىدا ؟ مەسىلەن ئە ھەرپى ئە ...

روتلاڭ، ئوڭشىلىپ قالار
ۋاقتى: 2012-11-18 11:21:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تازا ئىنىق بىلەلمىدىم. بۇ يەردىن چۈشۈرگەن ھوججەتنى تېلفۇنغا قاچىلامدۇق ياكى كومپىيۇتىرغىمۇ؟
ۋاقتى: 2012-12-5 12:08:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ تازا بىلەلمىدىم تېىىمۇ تەپسىلى چۈشەندۇرگىلى بولماسمۇ؟
ۋاقتى: 2013-2-6 18:51:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن يېقىندا بۇ كىرگۈزگۈچنى چۈشۈرۈپ قاچىلىۋالدىم،ھەم بەك ياقتۇردۇم.
مېنىڭ يانفونۇم تىگىدىن ئۇيغۇرچەنى تولۇق قوللىمايدۇ. يەنى يەتتە تال ھەرپ چىقمايدۇ، ھەرپلەر ئۇلانمايدۇ.
بىرىنجى قەدەمدە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلدىم. يەنى روت ھوقۇقىغا ئېرىشمەي، تۇرۇپ فونت قاچىلىدىم،چۈنكى قانچە قىلساممۇ روت ھوقۇقىنى ئالامىدىم، روم نى ئالماشتۇراي دىسەم خەتىرى بەك چوڭكەن،ھەم مېنىڭ تېلفونىمغا چۈشۈدىغىنى يوقكەن. شۇنىڭ بىلەن روتلىماي فونت قاچىلاپ ، مەخسۇس بىر فونت ئەپ نى ئىشلەتتىم.بىرىنجى قەدەمدە بۇ مەسىلىمۇ، ئاساسەن ھەل بولدى،يەنى فونت نىڭ ئىشى ھەل بولدى. ھەرپلەر تولۇق كۆرۈنىدۇ، لېكىن بەزى دېتاللاردا ئاساسىي رايوندا شۇنداق ياخشى ئۇلىنىدۇ، بەزىلىرىدە ئۇلانمايدۇ،لېكىندە كېڭەيتىلگەن رايوندا غىڭ قىلماي ئۇلىنىدۇ. بۇ ھەقتە ئايرىم تېما يوللايمەن.بۇ فونت نى چىقىرىپ قوياي دىسەم، ئاران 2 مب نى يوللىيالايدىكەنمەن، بۇ فونت ئەپ ك  ھۈججىتى شەكلىدە ،كاساپەت 6 م ب كېلىدىكەن.
شۇنىڭ بىلەن بەيدۇ كىرگۈزگۈچنى چۈشۈرۈپ قارىسام،ئۇيغۇرچە تېرىسى باركەن، بۇ ھەقتىكى تېمىنى بۇرۇن كۆرۈپتىكەنمەن، لېكىن دىققەت قىلماپتىكەنمەن،ئىزدەپ يۈرۈپ تاپتىم. قاچىلىدىم، بىرەر قۇر تەڭشەپ قارىسام،شۇنداق ياخشى، بەرىبىر تېلفونىم ئاساسىي رايوننى ئۇلىيالمىغاندىكىن، كېڭەيتىلگەن رايوننى ئىشلەتتىم، شۇنداق ياخشى ئۇلىنىشتا مەسىلە يوق، لېكىن ھەرپلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشىدە مەسىلە بايقىدىم.
ئاساسىي رايون كىرگۈزگۈچىدە:
1. مۈمكىن بولسا ل نىڭ ئۈستىگە لا نى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان  بولساق. يەنى ل نى بېسىپ تۇرۇپ قويۇۋەتسەك لا چىقسا دىمەكچى،ھازىر بۇ يەرگە - نى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپتۇق.
كېڭەيتىلگەن رايون كىرگۈزگۈچىدە،مەن بەك ئېھتىياجلىق بولغاچقا جىقراق قۇسۇر تاپاي.
1.تەكلىپ ھەرپنىڭ  سۆل تەرەپ بىرىنجىسىگە ،يەنى بېسىپ تۇرۇپ قويۇۋەتكەن چاغدىكى كۆڭۈلدىكى قىممىتىگە ھەرپنىڭ يالغۇز شەكلىنى بەرسەك،ھازىر بۇ يەردە سان،بەلگە،ياكى مۇناسىۋەتسىز ھەرپلەرگە ئورۇن بېرىلىپ قاپتۇ. كۆپۈنچە ھەرپلەرنىڭ يالغۇز ۋە ئاياق شەكىللىرى ئۇلىنىش كۆرۈنۈش ئۈنۈمىنى ھېساپقا ئالمىغاندا،ئاساسەن ئوخشاش. ھەم ئوقۇشتا،كۆرۈنۈشتە خاتالىق كۆرۈلمەيدۇ، پەقەتلا غ ھەرىپىگە سەل غەلىتە بولۇشى مۈمكىن. بۇنداق بولغاندا كىرگۈزۈش تېزلىكىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرغىلى بولۇدۇ.
2.بىر باسقاندىكى قىممىتىگە يەنى كونۇپكىنى چەككەندىكى كۆڭۈلدىكى قىممىتىگە ھەرپنىڭ باش شەكلىنى بەرسەك،ھازىرقى كىرگۈزگۈچتە يالغۇز شەكلى بېرىلگەن .چۈنكى ھەرپلەرنىڭ ئىشلىتىش چاستوتىسىدىن قارىغاندا باش شەكلىنىڭ ئىشلىتىلىشى كۆپرەك بولۇدۇ، ھەم باش ۋە ئوتتۇرا شەكلى كۆپىنچە ھەرىپلەرنىڭ ئاساسەن ئوخشاش كۆرۈنىدۇ(غ ھەرىپىنى ھېساپقا ئالمىغاندا)،ھەم كۆپىنچە ھەرىپلەرنى باش شەكلىدە يېزىۋەتكەندىمۇ، باش ۋە ئوتتۇرا شەكلىنىڭ كۆرۈنۈشى، ئوقولىشىغىمۇ بەك چوڭ توسالغۇ بولۇپ كەتمەيدۇ. ھەم كىرگۈزۈش تېزلىكىنى ھازىرقىدىن خېلىلا ئاشۇرغىلى بولۇدۇ.
3.تەكلىپ ھەرپنىڭ 2-،3- سىگە ئايرىم ئايرىم سولدىن ئوڭغا ئوتتۇرا ،ئاياق شەكلىنى ئورۇنلاشتۇرساق.
4. ھەرپ رايونىغا سان ۋە بەلگىلەرنى ئورۇنلاشتۇرمىساق. چۈنكى بۇ كىرگۈچتە سان ،بەلگە دىگەنلەرگە ئايرىپ كونۇپكا بەرگەنكەن.  تەكلىپ ھەرپنىڭ سانى كۆپ بولۇپ كەتسە،تاللاشقىمۇ ئاۋارىچىلىقكەن.كىرگۈزۈش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىۋېتىدىكەن.
مۈمكىن بولسا بۇ تەكلىپىمنى مۇۋاپىق كۆرسىڭىز ،يېڭى  نەشرىدە ئۆزگەرتىپ قويسىڭىز.
ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن. قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-2-7 14:17:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
afrasiyab يوللىغان ۋاقتى  2013-2-6 18:51
مەن يېقىندا بۇ كىرگۈزگۈچنى چۈشۈرۈپ قاچىلىۋالدىم،ھەم ب ...

بۇئىنكاسنى ئالىپقا يازغانغۇدەيمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-9 22:37 , Processed in 0.300103 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat