ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 299|ئىنكاس: 7

ئاۋازلىق فىلىمنىڭ چىقىش يولى قەيەردە؟   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
61
تىللا
59
شۆھرەت
62
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-12 00:32:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر كىنو فىلىملىرىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ئاۋازلىق فىلىملەردىن باشلاندى. دەسلىپىدە تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىلىرىنىڭ قولىدىن چىققان بولسا، تېخنىكا تەرەققىي قىلىپ شەخسىيلەرمۇ ئاۋاز بېرىدىغان بولۇپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن قالايمىقانچىلىق باشلاندى.
تېلىۋىزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ شىتاتلىق تەرجىمانلرىى ۋە ئاۋاز ئارتىستلىرى بار بولغاچقىمىكىن، تەرجىمىلىرى ناھايىتى سۈپەتلىك چىقىپ كەلگەن ئىدى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇنداق سەرخىل تەرجىمىلەر ئازلاپ كەتتى، ئۇنىڭغا ئۇلىشىپلا شەخسلەر تەرجىمە قىلغان فىلىملەر تارقىلىشىقا باشلىدى.
شەخسىيلەر تەرجىمە قىلغان فىلىملەرنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلماقچى ئەمەسمەن، سۈپەتلىك چىقىۋاتقان تەرجىمە فىلىملەرمۇ بار، بىراق ئەخلەت فىلىملەر چىدىغۇسىز دەرىجىدە كۆپ. كىنودىكى پىرسوناژلارنىڭ ھەرىكىتىگە قاراپلا ئاۋاز بېرىش، ئەسلى مەزمۇندىن چەتنەپ مەنتىقىگە لوگىكىغا چۈشمەيدىغان دېئالوگلارنى بايان قىلىش ئەھۋالى كىشىنى راستلا بېزار قىلىدۇ.


يۇقاردىكىلەر ئاق بۈركۈت تورىدىكى توردىشىمىز سۈرخاننىڭ بايانىلىرىنىڭ بىر قىسىمى . ئەسلىي مەنبە  : http://www.akburkut.com/eza/forum.php?mod=viewthread&tid=3819

ئاۋازلىق فىلىملەرنىڭ چىقىش يولى قەيەردە ؟
بۇ مەسىلىنى بىر قانچە نوقتىدىن تەھلىل قىلىشقا توغرا كىلىدۇ .

    يەرئاستى تەرجىمە گۇرۇپىللىرى يەنى پۇتۇن بىر كىنونى ئىككى ئادەم ياكى كۆپ بولسا ئۈچ تۆت ئادەملا تەرجىمە قىلىپ پۈتتۈرۈش .
    ئىقتىساد تېخنىكا مەسىلىسى .
    پىرىسلاش مەسىلىسى يەنى بىر دىسكىغا 10 دەك كىنونى پىرىسلاپ سېتىش .
    تورغا يوللاش مەسىلىسى بىر كىنونى تورغا يوللىغاندىن كىيىن ئەسلىدىكى چاپاق فىلىم تېخىمۇ چاپاق بۇلۇش.
    ئاۋاز بىلەن سۈرەت بىردەك بولماسلىق مەسىلىسى.
    دىئالوگ مەزمۇنغا ماس كەلمەسلىك مەسلىسى.
    ئېكراننىڭ ئۇ يەر بۇ يەرلىرىگە ئاساسلىق ئاستى تەرەپكە ئېلان قىستۇرۇش مەسلىسى.
    فىلىمنىڭ سۈزۈكلىك مەسىلىسى.
    ۋە باشقىلار



ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق فىلىملەرنى ئادەتتە كىملەر كۆرىدۇ ؟
مىنىڭچە بۇ بىزگە ناھايىتى ئېنىق . ئادەتتە :

    شۇ فىلىمنىڭ تىلىنى ئاساسلىق ئىنگىلىزچە ۋە خەنزۇچىنى تازا ياخشى بىلىپ كەتمەيدىغان ياكى پەقەت بىلمەيدىغانلار.
    ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىمنى خېتى بىلەن كۆرۈشكە كۆنۈپ بولالمىغانلار.
    بىر قىسىم ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق فىلىمنى كۆرۈشكە ئامراق كۆرۈرمەنلەر.
    ۋە باشقىلار



جۈملىدىن مەنمۇ ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق فىلىملەرنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرىمەن . بۇرۇن پات-پات دەيخانىلاردىن ئىجارە ئېلىپ كۆرەتتىم ، يېڭى فىلىم چىقسىلا كۆرۈپ بولاتتىم . بارا - بارا كۆرمەس بولدۇم . سەۋەبلەر يۇقاردا دىيىلگەندەك .

ئەمدى قانچىلىغان تورداشلار ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق سۈزۈك فىلىملەرنى توردا ، يانفۇندا ، ۋە باشقا ئۈسكۈنلەردە كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ ؟

مۇشۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى بىز . شۇڭا بىز ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق فىلىملەرنى توپلاشنى قارار قىلدۇق . ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق سۈزۈك فىلىملەرنى توپلاپ ، توردا ھەقسىز كۆرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى پىلانلىدۇق .

نۇرغۇنلىغان تورداشلاردا ئۇزاقتىن بۇيان ساقلاپ كىلىۋاتقان ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق فىلىملەر بار ئەلۋەتتە . بىز شۇ تورداشلاردىن قۇلىدا بار بولغان ئۇيغۇرچە فىلىملەرنى باشقا تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى سورايمىز  . بۇ يەردە ھېچقانداق ئىقتىسادىي مەنپەت كۆزدە تۇتىلمايدۇ .

ئۇيغۇرچە سۈزۈك فىلىملەردىن مىسال :
http://ali.ug/

ئەسكەرتىش : بارلىق فىلىملەرنى توردا ھەقسىز كۆرۈشكە تەمىنلەيمىز !

تېما يوللاش كۆزنىكىدە بىۋاستە يېزىشىم ، ئىملا خاتلىقى بولسا كەچۈرگەيسىلە .
ئالاقىلىشىش چ چ : 348581707
ئېلخەت : ali@mail.ali.ug

ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق فىلىملەر ئۈچۈن تۆھپە قۇشۇڭ ، ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق فىلىملەرنى توردا ، يانفۇندا بىۋاستە كۆرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن دوستلىرىڭىزغىمۇ تەشۋىق قىلىپ قۇيۇڭ . رەھمەت!

كىچىككىنە قىسقا سۇئال :
تېلۋىزىيە ئىستانسىدا ئىشلەيدىغانلار بولسا ياكى دوستلىرىڭلار بولسا سوراپ بەرگەن بولساڭلار ، شۇلار تەرجىمە قىلغان ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق فىلىملەرنى باشقىلارغا تەمىنلەپ بېرەمدۇ يوق ؟

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
466
تىللا
410
شۆھرەت
733
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-12 12:47:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
http://ali.ug/  ماۋۇ توربەتتىكى فىلىملەر قۇيۇلمايدىيا؟

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
360
تىللا
683
شۆھرەت
717
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-12 20:21:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرچە تەرجىمە فىلىم، دەپ ئالسىڭىز بوپتىكەن.

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
453
تىللا
431
شۆھرەت
680
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-12 23:11:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى گەپكەن ،مەنمۇ ئىزدەپ باقاي،تىپىلىپ قالسا .....

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
495
تىللا
1196
شۆھرەت
1152

تىرىشچان ئىشەنچ دەلىللەنگەن ئەزا تەشۋىقات ئاكتىپ

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-13 00:22:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەتنىڭ 2008-يىلى دەششەت سۈزۈك نۇسقىسى
https://uyghur-archive.com/intil/home/forum. ... 5%D9%85%DB%95%D8%AA

غىرىپ-سەنەم   ئالامەت سۈزۈك نۇسقىسى
https://uyghur-archive.com/intil/home/thread-11407-1-1.html

يول باشلىغۇچى  ئىنىقلىقى ئىنتايىن يۇقىرى
https://uyghur-archive.com/intil/home/thread-11401-1-1.html

ياخشىمۇ سىز نەسىردىن ئەپەندىم
https://uyghur-archive.com/intil/home/thread-11400-1-1.html

يۇقارقى فىلىملەرنىڭ سىغىمى 3.5 گىگابايىت، ئۇيغۇرچە، ئىنىقلىقى يۇقىرى بولغاچقا سىغىمى ئىنتايىن چوڭ.
irpan 实名认证 

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
781
تىللا
1427
شۆھرەت
1717

تىرىشچان

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-13 12:49:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىقىش يولى نەدە بولاتتى ئون سومغا تۆت تىن ساتىدىغان يۈزى قېلىن دەيچىلەردە،

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
528
تىللا
392
شۆھرەت
745
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-13 15:11:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق فىلىملەرنى بۇنداق ھەقسىز قىلىۋەتسەك ئۇنىڭ چىقىش يولىنى بوغقان بولىمىز.
شەخسلەرنىڭ فىلىم تەرجىمە قىلىپ ئاۋاز بېرىشىنى قوللايمەن، ئۇيغۇرچە ئاۋازلىقى خەتلىكتىن ياخشى دەپ قارايمەن.  تەرجخمە، ئاۋاز سۈپىتى مەسىلىسى بارا- بارا ياخشىلىنىشى مۇمكىن.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1625
تىللا
1603
شۆھرەت
2749

تەشۋىقات تۆھپە ئاكتىپ

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-13 18:40:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alwasti1 يوللىغان ۋاقتى  2012-11-13 15:11
ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق فىلىملەرنى بۇنداق ھەقسىز قىلىۋەتسە ...
ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق فىلىملەرنى بۇنداق ھەقسىز قىلىۋەتسەك ئۇنىڭ چىقىش يولىنى بوغقان بولىمىز.

ئويلىنىشقا تىگىشلىك.                           
ئاندىرويىد ۋە ئالما ئويۇنى ياساشقا قىزىقىدىغانلار بارمۇ؟
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2013-3-7 00:50 , Processed in 0.108747 second(s), 17 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش