ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 2163|ئىنكاس: 7

بوۋاققا ھەقىقي ئىسىم قويۇش قائىدىسى

    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يېڭى ھاتاتلىق دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن كېيىن ئالدى بىلەن ئاتا-ئانىنىڭ دۇچ كېلىدىغىنى قايسى ئىسىمنى قويۇش،قايسى تەرتىپ بىلەن قويۇش مەسلىسىدۇر.قويۇلدىغان ئىسىم قۇلاققا يىقىملىق بولغاندىن سىرت، مەنىسىنىڭ ياخشى بولىشى ئالدىنقى شەرت قىلىندۇ.
بۇ ھەقتە پەيغەمبىرىمىز<<سىلەر قىيامەت كۈنى ئۆزەڭلار ۋە ئاتا-ئاناڭلارنىڭ ئىسمى بىلەن چاقىرسىلەر.شۇڭا،ئىسىملارنى ياخشى قويۇڭلار>>.دېگەن(سۇنەنۇ ئەبى داۋۇتتىن)
تۆۋەندە ئىسىم قويۇش ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىللەرنى قىسقىچە چۇشەندۇرىمىز:
1.بۇۋاق تۇغۇلغاندا خوش-خەۋەر يەتكۈزۈش ھەم مۇبارەكلەش
خەلىقىمىزنىڭ ئەنئەنىلىرىدىن بىرى بۇۋاق تۇغۇلغاندا خوش-خەۋەر يەتكۈزۈش ۋە مۇبارەكلەش. ئەگەر بىرىنىڭ ئايالىنىڭ يەڭگىگەنلىكىنىدىن خەۋەر تاپقان كىشى ھامان ئۇ كىشىگە خوش-خەېەر يەتكۈزۈشگە ئالدىرايدۇ.بۇ،ئۇ كىشىگە خۇرسەنلىك ئاتا قىلش بىلەن بىرگە ئۇ كىشى بىلەن شۇنداقلا ، ئائىلىلەر ئارا دوسلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ كۈچىيىشىگە پايدىلىق .ئەگەر كېيىن خەۋەر تىپىپ قالسا ،ئەر-ئايالنى مۇبارەكلەيدۇ.بۇۋاققا ئاللاھتىن ئۇزۇن ئۆمۈر،ئنىساپ-تەۋپىق.بەخىت-سائادەت تىلەپ خوشاللىقىنى بۇلدۇردۇ.چۈنكى،بۇھەقتە مۇنۇ ئايەت بار.<<بىز ئۇنىڭغا(ئىبراھىمنىڭ ئايالى سارەگە) ئىسھاق (ئىسىملى) بالىسىنىڭ بولىدىغانلىقى بىلەن ۋە ئىسھاقتىن كېيى كىلىدىغان يەئقۇب
(ئىسىملىك نەۋرىسى بولىدىغانلىقى)بىلەن خوش بىشارەت بەردۇق>>(سۈرە ھۇد 71-ئايەت)
بۇۋاق تۇغۇلغان ھامان( كىم بولسا بولىۋېرىدۇ) قۇلىقىغا ئەزان ئېيتىلدۇ.
ئەبۇ رافئئ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: مەن پاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئوغلى ھەسەن ئىبنى ئەلىنى تۇغقاندا رەسۇلۇللاھنىڭ ئۇنىڭ قۇلىقىغا ئەزان(نامازدا ئېيتىلدىغان) ئېتتقانلىقىنى كۆرگەن.(جامىئۇت تىرمىزىي،سۈنەنۇ ئەبى داۋۇد تىن)
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:پەيغەمبىرىمىز نەۋىرسى ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تۇغۇلغان كۈنى ئۇنىڭ ئوڭ قۇلىقىغا ئەزان، سول قۇلىقىغا تەكبىر ئېتقان (شۇئەبۇلئىماندىن).
2.ئېغىزلاندۇرۇش
<<ئېغىزلاندۇرۇش>> دېگىنىمىز. چاينالغان نەرسىنى بۇۋاقنىڭ ئاغىزىغا سېلىپ ئاغزىنى ھەرىكەتلەندۇرۈش دېگەنلىكتۇر. بۇۋاق شۇ نەرسىنى يۇتقىچە ئۇنى ئوڭ-سولغا ئاستا-ئاستا ھەرىكەتلەندۇرۇپ تۇرۇشتۇر. بۇنىڭ ھېكمىتى،شۇكى بۇ ئارقىلىق بالىنىڭ ئېغىز بوشلۇقى تىل ھەركىتى ئارقىلىق كۈچلىندۇ.شۇنىڭ بىلەن ئانىسىنى ئىمىشتە قىينالماي ياخشى ئېمەلەيدۇ. بۇۋاقنى ئېغىزلاندۇرغاندا ئەڭ ياخشىسى سالىھ،تەقۋا كىشىنىڭ ئېغىزلاندۇرغىنى ياخشى. بۇھەقتە مۇنداق ھەدىس شەرىق بار:ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:مىنىڭ پەرزەنتىم تۇغۇلغاندا،ئۇنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ يىنىغا ئېلىپ باردىم،پەيغەمبىرىمىز ئۇنىڭغا ئىبراھىم دەپ ئىسىم قويۇپ بولۇپ،خورما بىلەن ئېغىزلاندۇردى ۋە ئۇ بالا ئۈچۈن بەركەت تىلەپ دۇئا قىلدى(سەھىھۇلبۇخارىي،سەھىھۇلمۇسلىم ۋە مۇسنەدۇ ئەھمەدتىن)
3.بۇۋاققا ئىسىم قويۇش؛
بۇۋاق يەتىنچى كۈنى ئىسىم قويۇلدۇ.(تۇغۇلغان كۈنى ئىسىم قويۇلمىغان بولسا)
پەيغەمبىرىمىز :<<،بارلىق تۇغۇلغان بۇۋاق ئەققىسىگە گۆرە قۇيۇلغان.7-كۈنى(قوي)بۇغۇزلىندۇ.ئىسىم قۇيۇلىدۇ.چېچى چۈشۈرۈلىدۇ>>(جامىئۇتتىرمىزىي،مۇسنەدۇ ئەھمەد تىن). <<يەنە بىر ھەدىستە:باھارلىق تۇغۇلغان بۇۋاق ئەققىسىگە گۆرە قۇيۇلغان.7-كۈنى قوي بوغۇزلىنىدۇ،چېچى چۈشۈرۈلىدۇ،ئىسىم قۇيۇلدۇ دېيىلگەن.>>(سۇنەنۇ ئەبى داۋۇد،سۇنەنۇننەسەئىي، سۇنەنۇئىبنى ماجە،مۇسنەدۇ ئەھمەدتىن)
ئىسىم قۇيۇشتا ئادەتتە بىلىملىك،تەقۋا كىشىنى چاقىرتىپ قۇيۇلىدۇ. ئەگەر زۆرۈر بولۇپ قالسا،ئاتىسى ئۆزى قويسىمۇ بولىۋېرىدۇ.ئىسىم قويغۇچى ئىمكانيەتنىڭ يېتىشىچە تاھارەت ئېلىپ ئاندىن ئىسىم قويغان ياخشى. ئىسىم قويغۇچى(بۇۋاق تۇغۇلۇپلا ئىسىم قويماقچى بولسا، بۇۋاقنى قولىغا ئېلىپ،خورمىنى ياكى شۇنىڭدەك تاتلىق يىمەكلىكنى ئاغىزىدىن چايناپ ئاندىن بۇۋاقنىڭ ئاغىزىغا سېلىپ ئېغىزلاندۇرۇپ بولۇپ،ئاندىن ئىسىم قويىدۇ) ئەئۇۋزۇ بىللاھى مىنەششەيتانىررەجىم، بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىيم دەپ بولۇپ ،ئاندىن ئىسىم قويىدۇ.مۇسۇلمان بۇۋاقنىڭ ئىسمى پالانى بولسۇن دەيدۇ.ئاندىن بۇ دۇئانى ئوقۇيدۇ.ئەللاھۇممە بارىك فيھى ۋەلاتەزۇررەھۇ،ئەللەھۇممە ئەئىنھۇ ئەلە زىكرىكە ۋەشۇكرىكە ۋە ھۇسنى ئىبادەتىكە. تەرجىمىسى:ئى ئاللاھ ،بۇۋاققا زىيان زەخمەت يىتىشتىن ساقلاپ ئۇنىڭغا(ئۆمرىگە)بەركەت ئاتا قىلغايسەن،ئى ئاللاھ، بۇۋاقنىڭ سېنى زىكرى قىلشىغا.ساڭا تەشەككۈر ئېيتىشىغا،ئىبادىتىڭنى ياخشى قىلىشىغا ياردەم بەرگەيسەن.
4.بۇۋاقنىڭ ئەقىقىسىنى قىلىش
ئەقىقە دېگەنلىك بۇۋاق تۇغۇلۇپ يەتىتىنچى كۈنى قوي سويۇپ بۇۋاقنى قۇتلۇقلاشتۇر.
بۇ ھەقتە پەيغەمبىرىمىز:<<بۇۋاقنىڭ ئەقىقىسىنى قىلىپ،ئۇنىڭ ھەققىدە ئاللاھقا ئاتاپ قان ئاققۇزۇڭلار،شۇ ئارقىلىق بۇۋاققا كېلىدىغان ئازارنى يىراق قىلىڭلار>>دېگەن.(سەھىھۇلبۇخارىي،جامىئۇت تىرمىزىي،سۇنەنۇ ئەبى داۋۇد،سۇنەنۇ ئىبنى ماجى،مۇسنەدۇ ئەھمەد ۋە سۇنەنۇددارمىدىن)
ۋە يەنە پەيغەمبىرىمىز 7-كۈنى بۇۋاققا ئىسىم قويۇشنى،(شۇ ئارقىلىق) ئازارنى يىراق قىلىشنى ۋە ئەقىقە قىلىشنى بۇيرىدى.(،جامىئۇت تىرمىزىيدىن)
پەيغەمبىرىمىز ئوغۇل پەرزەنگە ئىككى قوي،قىز پەرزەنتكە بىر قوي ئەقىقە قىلىسىمىزنى بۇيرىدى.(،جامىئۇت تىرمىزىي،سۇنەنۇ ئىبنى ماجە دىن)
<<پەيغەمبىرىمىز ھەر قانداق بۇۋاق ئەققىسگە گۈرە قويۇلغان.يەتىنچى كۈنى ئەقىقىسى قىلىندۇ،ئىسىم قۇيۇلدۇ(ئەگەر بىرىنچى كۈنى ئىسىم قويۇلمىغان بولسا)، چېچى چۈشۈرۇلدۇ>>دېگەن.(،جامىئۇت تىرمىزىي،مۇسنەدۇ ئەھمەد تىن)
پەيغەمبىرىمىز :<<ئوغۇل پەرزەنتگە ئىككى قوي،قىز پەرزەنتگە بىر قوي ئەقىقە قىلش كېرەك. سىلەرنى بۇۋاقنىڭ ئوغۇل قىز تۇغۇلۇپ قىلىشى ئەقىقەدىن توسۇو قويمىسۇن >> دېدى.(،جامىئۇت تىرمىزىي، سۇنەنۇ ئەبى داۋۇد،سۇنەنۇننەسەئىي، سۇنەنۇئىبنى ماجە ۋە مۇسنەديد دارىمىدىن)
بىر قوي ئەقىقە قىلش توغۇرسىدىمۇ مۇنداق ھەدىس بار.پەيغەمبىرىمىز ھەسەن ئىبنى ئەلىينىڭ ئەقىقسى ئۈچۈن بىر قوي ئۆلتۈرگەن.(،جامىئۇت تىرمىزىي دىن)
يۇقىرىقى ھەدىسلەردىن ئوغۇل پەرزەنت ئۈچۈن ئىككى قوي ئەقىقە قىلشنىڭ ئەۋزەللىكى،بىر قوي ئەقىقە قىلسىمۇ بولدىغانلىقى مەلۇم.
ئەقىقە قىىلشنىڭ ۋاقتى توغىرسىدا مۇنداق ھەدىس بار.پەيغەمبىرىمىز:<<7-،14-،ۋە21- كۈنىلىرى ئەقىقىسى قىلىنىپ قوي بۇغۇزلىنىدۇ>> دېگەن.(سۇنەنۇلبەيھەقى،سۇيۇتىنىڭ جامىئۇسسەغىردىن)
ئەقىقە قىلىندىغان قوي قوشقار بولىشى،ئاقساق،چولاق بولماسلىقى شەرت قىلىندۇ.
ئەقىقە قىلىش بولسا،بۇۋاقنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن بېشىغا كېلىدىغان ھەرخىل ئاپەتلەردىن قۇتۇلۇپ قىلىش ئۈچۈن قىدىيە بېرىش بولۇپ،ئىسمائىل ئەلەيھىسىسالامغا كەلگەن ئۆلۈمنى بىر قوچقار قۇربانلىق قىلىش بىلەن قۇتقۇزۇپ قىلىنغانلىقى كۆزدە تۇتۇلغان.قوي بوغۇزلاش تەرتىپى توغۇرسىدا مۇنداق ھەدىس شەرىف بار.پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دېگەن:<<ئەقىقىنىڭ قويىنى بۇۋاقنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ تۇرۇپ بىسمىللاھى ،ئى ئاللاھ.بۇ قوينى سەن ئۈچۈن سويدۇم،پالانى بۇۋاقنىڭ ئەقىقىسى دەپ بوغۇزلاڭلار>>دېگەن(سەھىھ ئىبنى ھىببان،مۇسنەدۇ ئەبى يەئلا، سۇنەنۇلبەززار ۋە سۇنەنۇ ئىبنى مۇنزەر دىن)
ئەقىقە قىلغاندا ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان دوستلىرىنىڭ ئەقىقە مۇراسىمىغا چاقىرىپ خوشاللىققا ئۇلارنى شېىك قىلسا بولىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا ئەقىقە كۆشىدىن يېقىنلىرىغا،پېقىرلارغا سەدىقە بېرىش كېرەك.چۈنكى،ئۇ مۇراسىم تۆۋندىكى قائىدىگە ئۇيغۇن زىياپەتلەر قاتارىدا:
1.ئەلقىرا(ئىككى مېھماننىڭ زىياپىتى)
2.تۆھپە (يوقلاپ كىرگەن مېھماننىڭ زىياپىتى)
3.خۇرس(تۇغۇلغان بۇۋاق زىياپىتى)
4.مەئدۇبە(چاي زىياپىتى)
5.ۋەلىمە(توي زىياپىتى)
6.ئەقىقە(بۇۋاق تۇغۇلۇپ يەتتىنىچى كۈنى قوي سۇيۇلدىغان زىياپەت)
7.غەدىرە(خەتنە زىياپىتى)
8.ۋەزىمە(ماتەمدارلارغا بېرىلدىغان تاماق)
9.نەقىئە(سەپەردىن قايتىش زىياپىتى)
10.ۋەكىرە(قۇرۇلۇش پۇتتۇرۇش زىياپىتى)
5.بۇۋاقنىڭ چېچىنى چۈشۈرۈش
پەيغەمبىرىمىز دەۋىردە بۇۋاق تۇغۇلۇپ يەتىتىنچى كۈنى چېچى چۈشۈرۈلۈپ چېچىنىڭ ئېغىرلىقىدا كۈمۈش سەدىقە قىلىناتتى.بۇ توغرىدا مۇنداق ھەدىس شەرف بار.پەيغەمبىرىمىز قىزى پاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا:<<ئى پاتىمە، ھەسەننىڭ چېچىنى چۈشۈرۈڭ.چاچنىڭ ئېغىرلىقىدا كۆمۈش سەدىقە قىلىڭ>> دېگەن.(،جامىئۇت تىرمىزىي،مۇۋەتتا مالىكتىن)
بۇنىڭ ھېكمىتى تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپلەردە كۆرۈلدۇ.
1.تىببى ھىكمەت:چاچنى دەسلەپتە چۈشۈرۈش ئارقىلاق بالنىڭ باش تېرىسىنى كۈچلەندۈرۈش.چاچ چىقىدىغان تۆشۈكچىلەرنى ئېچىش،شۇ ئارقىلىق بالىنىڭ كۆرۈش،پۇراش ۋا ئاڭلاش تۇيغۇلىرىنى يېتىلدۇرۈش قاتارلىقلار.
2.ئىجتىمائىي ھىكمەت:كۈمۈش سەدىقە قىلىش ئارقىلىق كەمبەغەللەرگە ياردەم قىلىش كۆزدە تۇتۇتىلدۇ.شۇنداقلا كىشىلەر ئارسىدا بىر-بىرگە كۆيۈنۈش ۋە رەھىم-شەپقەت قاتارلىقرنىڭ ئاساسى بەرپا بولىدۇ.
بۇۋاقنىڭ ۋېۋىنى ئۇ يەر بۇ يەرلىرىنى چۈشۈرۈش ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان <،ئادىللىق>>دېگەن ئۆلچەمگە توشمايدۇ.ئىنسان باشقىلارغا ئادىللىق قىلىش بۇيرۇلۇش بىلەن بىرگە،ھەتتا ئۆز بەدىنىدىكى ئەزالارغىمۇ ئادىللىق قىلىشقا بۇيرۇلغان.شۇڭا باشنىڭ بىر قىسمىنى قالدۇرۇپ قويۇش چاچقا قىلىنغان ئادالەتسىزلىك ھېساپلىندۇ.چۈنكى.ھەدىس شەرفتە پەيغەمبىرىمىز كۇكۇلا قويۇشنى چەكلىگەن ئىدى.(سەھىۇلبۇخارىي،سەھىھۇلمۇسلىم،،جامىئۇت تىرمىزىي،سۇنەنۇ ئەبى داۋۇد،سۇنەنۇننەسەئىي،سۇنەنۇ ئىبنى ماجە ۋە مۇسنەدۇ ئەھمەد تىن) يەنەپەيغەمبىرىمىز سايە بىلەن ئاپتاپ ئارسىدا ئولتۇرۇشتىن چەكلىگەن.(سۇنەنۇ ئىبنى ماجەدىن)
پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دېگەن:<<سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئاياغ كىيسە،ئوڭ پۇتۇدىن باشلىسۇن.ئاياغنى سالماقچى بولسا ،سول پۇتىدىن باشلىسۇن.ئاياغنى ئىككى پۇتىغا بىراقلا كىيسۇن ياكى بىراقلا سېلىۋەتسۇن>>(سەھىھۇلبۇخارىي،سەھىھۇلمۇسلىم،،جامىئۇت تىرمىزىي،سۇنەنۇ ئەبى داۋۇد،سۇنەنۇ ئىبنى ماجە،مۇسنەدۇ ئەھمەد ۋە مۇۋەتتا مالىكتىن)
بۇنىڭدىكى ھىكمەت شۇكى،ھەربىر مۇسۇلماننىڭ جەميەتتە كۆرۈنۈشى رەتلىك،پاكىزە،باشقىلارغا ياخشى تەسىر بېرىدىغان بىجىرىم ھالەتتە يۈرۈشى تكىتلىندۇ. مالىك ئىبنى نەزلە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:مەن رەسۇلۇلاھىنىڭ يىنىدا ئولتۇراتتىم.رەسۇلۇللاھ مىنىڭ كىيمىمىنىڭ كونا-يرتىق ئىكەنلىكنى كۆرۈپ<<مال-مۈلۈكۈڭ بارمۇ؟>>دېدى.مەن:مال-مۈلۈكۈم كۆپ دېدىم.رەسۇلۇللاھ:<<.ئەگەر ئاللاھ ساڭا مال-مۈلۈك بەرسە،ئۇنىڭ ئەسىرى كۆرۈلۈشى(كىيىم-كېچىكىڭ ياخشى بولۇشى) كېرەك >>دېگەن(سۇنەنۇننەسەئىي،سۇنەنۇ ئەبى داۋۇد،مۇسنەدۇ ئەھمەد تىن)
شۇڭا چېچىنىڭ ئۇ يەر بۇ يەرلىرىنىڭ چۈشۈرۈلمەي قىلىشى بۇۋاقنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن تازا ياقتۇرۇلماي قېلشىغا سەۋەپ بولۇپ قالىدۇ.
بۇۋاقلارنىڭ چېچى ئۈچۈن تۆۋەندىكى ھەدىستە:پەيغەمبىرىمىز بىر بۇۋاقنىڭ چېچىنىڭ يېرىمىنى چۈشۈرۈپ،يېرىمى چۈشۈرمىگنلىكنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن چەكلىدى.ۋە<<بۇۋاقىنىڭ چېچىنى پۇتۇنلەي چۈشۈرۈڭلار ياكى پۇتۇنلەي قويۇڭلار>>دېگەن.(سۇنەنۇننەسەئىدىن)
ياراتقان ئىگەم ھەممىمىزگە ئىنساپ ئاتا قىلغاي.باللارنى كۇيۇمچان،ئەقىللىق-زېرەك،ئىمانىنى كامال قىلغاي.

باھالاش

2

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2012-11-5 15:53:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە قىرىندىشىم.ئاللاھ ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن.
ۋاقتى: 2012-12-5 17:56:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى مۇكاپاتلاپ قويغۇم بار ئىدى ، ئەمما ۋاقىت چەكلىمىسىگە ئۇچرىدۇم .
ۋاقتى: 2013-9-13 21:12:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
birhon ئەپەندى مۇنداق تەۋسىيە قىلىدۇ
ساپ تۈركچە ئىسىملار:
ئەرلەر ئۈچۈن:

تۈرك
ئۆزتۈرك
كۆكتۈرك
كۆكتاغ
كۆكتىغ

تۇغ
توغان
بايتۈرك
باشتۈرك
باشقارا
باسمىل
باسار
پاتماس
تايماس

تالماس
ئالماس
ھارماس
يانماس
قالماس
ماناس
باخشى
پولات
تۆمۈر
تۇپراق
تاش
يانار (جانار)
ئەراي (ئەرئاي)
ئەرگۈن (ئەركۈن)
تەڭرىقۇل
تەڭرىقۇت
يالقۇن
دولقۇن

بۇلۇت
بوران
پۇتاق (بۇداكوف، بۇ ئىسىمنى رۇسلارمۇ قوبۇل قىلغان)
تۇرغۇن (تۇرگېنېف، بۇ ئىسىمنى رۇسلارمۇ قوبۇل قىلغان)
پاقلان (باكلانوف، بۇ ئىسىمنى رۇسلارمۇ قوبۇل قىلغان)
قوشقار (كېشكاروف، بۇ ئىسىمنى رۇسلارمۇ قوبۇل قىلغان)
بارس (بورىس، بۇ ئىسىمنى رۇس ۋە باشقا مىللەتلەرمۇ قوبۇل قىلغان)
سۇتۇق (سۇدۇكوف، بۇ ئىسىمنى رۇسلارمۇ قوبۇل قىلغان)
يور (نۇرچاچ دېگەن مەنىدە، رۇسلار «يۇرى» دەپ ئىشلىتىدۇ)
ئېقىن، ئاقىن (رۇسچە «ئاكىن» دەپ ئىشلىتىلىدۇ)
....
....
يۇقىرىقى ئىسىملارنىڭ ھەممىسىگە
جان
بەگ
زات
باي
ەم\وم\ۇم\ىم\... قوشۇمچىلىرىنى قوشۇش ئارقىلىق يېڭى ئىسىم ياساپ قويسا بولىدۇ...

ۋەھاكازالار



سۈپ تۈركىيچە ئايالچە ئىسىملار:
ئاي

ئايچېچەك
چېچەكئاي
ئايبوتا

ئاييورۇق
يورۇقئاي

ئايقىز
قىزاي

ئايتۇرسۇن
تۇرسۇناي

ئايدالا

ئايتولۇن

تولۇناي
ئايتۈرۈك
تۈركاي
چېچەك
ياپراق
سۈزۈك
غۇنچە
غۇنچەم
يامغۇر
ياغمۇر
ئاقچېچەك
كۆكچېچەك
كېپىنەك
نازۇك
نازۇكئاي
نازۇكۇم (نازۇگۇم، نۇزۇگۇم)
ئايدان (ئايدىن)
ئايسۇ
ئايسۇلۇ
ئايتەن
بانۇ
بەرنا
بېكە
بۇرچ
جانسۇ
چولپان
دېڭىز
دۈيگۈ (تۇيغۇ)
ئولجاي
سۆيۈم (سەۋىم)
گۈزەل
گۈزەلاي (گۈزەلئاي)
ئايگۈزەل
غۇنچاي (غۇنچىئاي)
.....
يۇقىرىقى ئايالچە ئىسىملارنىڭ ھەممىسىگە بېكە\بەكە\بۆگە....  وم\ەم\ۇم\ىم\... قوشۇمچىلىرىنى قوشۇش ئارقىلىق يېڭى ئىسىملارنى ياساپ قويسا بولىدۇ.



دىنىي خەلقئارالىق ئىسىملار (بۇ ئىسىملار بىرەر مىللەتكە تەۋە ئەمەس، پۈتۈن ئىنسانىيەتكە تەۋە ئورتاق ئىسىملاردۇر)

ئادەم (ئادام)
ھاۋا (ھەۋۋا، ئەيۋا، ئىۋا، ئىۋ...)
يەھيا (يوھان، جون، جوھان، يوھاننىس، ئىۋان، ئىۋانوف، ئىۋانوۋىچ...)
يۈسۈپ (يۈسۈف، جوۋزىف....)
ئىبراھىم (ئابراھام)
1. ئەرەنچە: ئىسكەندەر (ئالېكساندېر)
2. ئايالچە: ئىسكەندەرىيە (ئالېكساندىرا)

ئىسھاق (ئايزاك... ئايزاك نيۇتوننىڭ ئىسمى)
نۇھ، نوھ (نويا، ....)
ھارۇن (ئەرىن..)
مۇسا (موۋزىس)
ئەيسا (جىزەس)

مەسىھ (مەسايە)
بۇنيامىن (بېنجامىن)
مەريەم، مارىگۈل، مارىيەم، بۈمەرىيەم، بۈۋى مەرىيەم، بى بى مەرىيەم بابامەرىيەم (مەرى، مارى، مارىيا، مارىيە....)
باباخان
خانبابا
ئەلىبابا
ياقۇپ (جەيكوب، جاكوب، ياكوۋ، ياكوف....)
مۇھەممەد (مەھمەت، مەمەت، مەت، مىت... دېگەن ۋارىيانتلاردا ئۆزگەرتىپ قويۇش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ!!!)
----------------------------

.......
جۇڭگودا، رەسمىي ئورۇنلاردا (پۇل-مۇئامىلە، خىزمەت، ئوقۇش... قاتارلىقلاردا) خەنسوچە ئىسىم ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدىغان بولغاچقا، ئىسىم قويۇش بىلەنلا بولماي، ئىسىمنىڭ قايسى خەتلەر بىلەن قانداق يېزىلىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن:
1. سەت خەتلەرنى، سەت مەنىلىك خەتلەرنى تاللىماسلىق، مەنىسى گۈزەل خەتلەرنى تاللاپ تىزىمغا ئالدۇرۇش كېرەك، مەسىلەن:
تۇرغۇن دېگەن ئىسىمنى تۈكرۈكتىكى 吐 بىلەن يازغۇزماي، تۇپراقتىكى 土، ياكى تۈركتىكى 突 بىلەن يازغۇزسا مۇۋاپىق....
2. ئۇيغۇرچە ئىسىملارنى خەنسوچە نوپۇسقا ئالدۇرغاندا بوغۇم سانىنى كۆپەيتىۋەتمەسلىك ياكى بەك كۆپەيتىۋەتمەسلىك كېرەك، مەسىلەن:
ئايشەمگۈل دېگەن 3 بوغۇملۇق ئىسىمنى 阿依夏木古丽 دەپ ئالتە بوغۇملۇق تىزىملاتماي  阿仙古 دەپ ئۈچ بوغۇملۇق ياكى 阿仙古丽 دەپ تۆت بوغۇملۇق تىزىملىتىش كېرەك...

3. خەلقئارالىق ياكى ئەرەبچە ئىسىملارنى يازمىسىنى ئاساس قىلىپ غەلىتە خەتلەر بىلەن تىزىملاتماي، خەلقئارالىق ياكى ئەرەبچە ئىسىملارنى تىزىملاش قائىدىسى بويىچە تىزىملاش كېرەك. مەسىلەن:
مۇھەممەد 穆罕默德  (خاتا شەكلى: 买买提)

ئەلى 阿里 (خاتا شەكلى: 艾力)
بۈمەرىيەم 布玛丽亚母 (خاتا شەكلى: 布买热叶木)
ئادىل 阿迪尔 (خاتا شەكلى: 阿迪力)
مۇكەررەم 牡开然 (خاتا شەكلى: 木开热木)
ۋاھاكازالار....

---------------------

ئىسىمنىڭ مەنىسى:

90 پېرسەنت ئۇيغۇرلار ئەرەبچە، يەھۇدىچە ياكى ئىنگلىزچە ئۇقمايدۇ. شۇڭا بۇ ئىسىمنىڭ قانداق مەنىسى بار ئىكەن دەپ ئەرەبچە، يەھۇدىچە، لاتىنچە ياكى ئىنگلىزچە مەنىسىنى سۈرۈشتۈرۈپ قويغاننىڭ پايدىسى يوق. كۆپ سانلىق ئۇيغۇرلار چۈشەنسە، مەنىسى شۇ. ھېچكىم چۈشەنمەيدىغان ئىسمىمنىڭ پالانچى تىلدا مانداق مەنىسى بار دېگەننىڭ ھەممىسى قۇرۇق گەپ. ئىسمىمنىڭ مانداق مەنىسى بار دەپ پەخىرلەنگەن تەقدىردىمۇ كىشىلەر ئۇ ئىسىمنى ئۆزگەرتىپ، ئۇ مەنىسى چىقمايدىغان قىلىپ قويىدۇ.
مەىسلەن: فاتىمە دېگەن ئىسىمنىڭ مەنىسى ياخشى دەپ پەخىرلەنسىڭىزمۇ، پاتىگۈل، پاتىخان، پاتەك، پاتى.... دىن ئۇ مەنە ھەرگىز چىقمايدۇ، ئىشەنمىسىڭىز، ئەرەبلەردىن سوراپ بېقىڭ.
تىلدىكى سۆزلەر بىرەر تاۋۇشنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن مەنا ئۆزگەرتىدۇ. مەسىلەن، ئات، ئاش، ئال، ئاس، ئاق،... ھەممىسىنىڭ بىرلا تاۋۇشى ئوخشىمىغاچقا باشقا مەنىنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەردۇر. سىز «ئابدۇرەشىد» دېگەن ئىسىمنى رىشىت دەپ، پالانچى مەنىسى بار دېيەلمەيسىز.
پەقەت ۋە پەقەت ساپ تۈركىيچە، ساپ ئۇيغۇرچە ئىسىملارنىلا خەق ئۆزگەرتىپ تەلەپپۇز قىلمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئىسىملارنىڭ مەنىسىنى ھەممە ئۇيغۇر بىلىدۇ، بىرەر تاۋۇشى ئۆزگەرسە مەنىسى ئۆزگىرىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، شۇڭا چوڭ-كىچىك ھەممەيلەن ئەسلى تاۋۇشلىرى بىلەن تەلەپپۇز قىلىدۇ.
مەسىلەن، مۇھەممەد نى مەمەت، مەت، مەھمەت، دەۋالغىنى بىلەن «ئالماس» ياكى «تۆمۈر» نى ھېچكىم ئۆزگەرتىپ تەلەپپۇز قىلمايدۇ، چۈنكى «مۇھەممەد» نىڭ مەنىسىنى كۆپ كىشى ئۇقمايدۇ، بىرەر ئىككى تاۋۇشى ئۆزگىرىپ كەتسە نېمە بولىدىغانلىقىنى ھەم ئۇقمايدۇ، شۇڭا خالىغانچە قىڭغىرلاشتۇرۇپ تەلەپپۇز قىلىدۇ..... ۋاھاكازلار...

....

ئەڭ ئاخىرىدا، كۆپىنچە ھاللاردا نوپۇس تىزىملاش ۋە پىلانلىق تۇغۇت ئورگاندىكى يېڭى تۇغۇلغان ئادەملەرنىڭ ئىسمىنى تىزىملاشقا مەسئۇل خادىملار ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتىدا ئەمەس، دورىگەرلىك ياكى سېستىرالىقتا ئوقۇغانلار بولغاچقا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمىنى تىزىملايدىغان خەت جەدۋىلىدە بار تۆت بەش خەتنى ئېلىپلا خالىغانچە تىزىملاپ قويىدۇ. سىزنىڭ بالىڭىزنىڭ ئىسمىنىڭ قۇلاققا قانداق سەت ئاڭلىنىشى بىلەن كارى بولمايدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانىلار ئالدى بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىسمىنى تىزىملاشقا ئىشلىتىدىغان خەت جەدۋىلىدىن، ئۆز پەرزەنتىمىزنىڭ ئىسمىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان توغرا خەتلەرنى تېپىپ، ماۋۇ خەتلەر بىلەن تىزىملاپ بېرىڭ دېسەك بولىدۇ.
ۋاقتى: 2013-9-13 21:13:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باللىرڭىزغا ئىسىم تاللىۋېلىڭ.

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ: ﺑﯘ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘﺯ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘﺯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﺭﻩﭘﭽﻪ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﺸﻰ ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﭖ.
ﺋﻮﻏﻮﻝ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ
ﺋﺎﺩﻩﻡ : ﺑﯘﻏﺪﺍﻱ ﺋﯚﯕﻠﯜﻙ، ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﺎﺗﺎ، ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯩﺒﺮﺍﻧﯩﻴﭽﻪ ﻗﯩﺰﯨﻞ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺋﯩﺒﺮﺍﮬﯩﻢ : ﺋﯩﺒﺮﺍﻧﯩﻴﭽﻪ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﺋﺎﻣﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺋﻪﺟﯟﻩﺩ : ﺳﯧﺨﻰ، ﺋﯧﺴﯩﻞ، ﺋﯘﻟﯘﻍ.
ﺋﯧﮭﺴﺎﻥ : ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ، ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺶ.
ﺋﻪﮬﻤﻪﺩ : ﻣﻪﺩﮬﯩﻴﯩﻠﻪﺷﻜﻪ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ، ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﺷﻜﻪ ﻻﻳﯩﻖ.
ﺋﯩﺪﺭﯨﺲ : ﺑﯩﺮ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ.
ﺋﻪﺩﮬﻪﻡ : ﻗﺎﺭﺍ، ﺋﯩﺸﻜﻪﻝ.
ﺋﻪﺩﯨﺐ : ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ، ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ، ﺋﻪﺩﻩﭖ- ﺋﻪﺧﻼﻗﻠﯩﻖ.
ﺋﯩﺮﺷﺎﺩ : ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﯩﻤﻪﻙ، ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻤﺎﻕ.
ﺋﯘﺳﺎﻣﻪ : ﻳﻮﻟﯟﺍﺱ.
ﺋﯩﺴﮭﺎﻕ : ﺋﯩﺒﺮﺍﻧﯩﻴﭽﻪ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ، ﻛﯜﻟﯩﺪﯗ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺋﻪﺳﻪﺩ : ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻥ.
ﺋﯩﺴﻼﻡ : ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﻤﺎﻕ، ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻕ، ﺑﺎﺵ ﺋﻪﮔﻤﻪﻙ.
ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻞ : ﺋﯩﺒﺮﺍﻧﯩﻴﭽﻪ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ، ﺍﻟﻠﻪﻧﯩﯔ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﻳﺪﯗ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺋﯩﻘﺒﺎﻝ : ﻛﻪﻟﻤﻪﻙ، ﺑﺎﺷﻠﯩﻤﺎﻕ، ﻳﯧﻘﯩﻨﻼﺷﻤﺎﻕ، ﺑﻪﺧﺖ، ﺭﺍﯞﺍﺝ ﺗﺎﭘﻤﺎﻕ.
ﺋﻪﻛﺮﻩﻡ : ﻣﻪﺭﺩ، ﺳﯧﺨﻰ.
ﺋﯩﻠﻴﺎﺱ : ﺑﯩﺮ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ.
ﺋﯩﻤﺎﻡ : ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ (ﺧﻪﻟﯩﭙﻪ)، ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ، ﭼﻮﯓ ﻳﻮﻝ.
ﺋﻪﻣﯩﺮ : ﺷﺎﮬﺰﺍﺩﻩ، ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬ، ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻥ، ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ، ﺭﻩﺋﯩﺲ.
ﺋﻪﻣﯩﻦ : ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﻠﯩﻚ، ﺳﺎﺩﯨﻖ، ﯞﺍﭘﺎﺩﺍﺭ، ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭ، ﺗﯩﻨﭻ، ﺭﺍﺳﺘﭽﯩﻞ، ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ، ﺩﻭﺳﺖ، ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﯘﭼﻰ.
ﺋﻪﻧﻪﺱ : ﻣﯘﻻﻳﯩﻢ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ، ﺋﯩﻨﺎﻕ ﺋﯚﺗﻤﻪﻙ، ﺋﯜﻧﺴﻰ- ﺋﯜﻟﭙﻪﺕ ﺋﺎﻟﻤﺎﻕ، ﺑﯩﺮ ﺳﺎﮬﺎﺑﻪﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ.
ﺋﻪﻧﯟﻩﺭ : ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻧﯘﺭﻟﯘﻕ، ﺑﻪﻙ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻚ، ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ.
ﺋﻪﻳﻴﯘﺏ : ﺋﯩﺒﺮﺍﻧﯩﻴﭽﻪ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ، ﺗﻪﯞﺑﻪ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؛ ﺑﯩﺮ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ
ﺑﺎﺳﯩﺖ : ﻣﯘﻻﻳﻢ.
ﺑﺎﻛﯩﺮ : ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻥ، ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﯩﺴﻰ، ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ.
ﺑﯩﻼﻝ : ﻧﻪﻣﻠﯩﻚ، ﺳﯘ، ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﯘﺋﻪﺯﺯﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ.
ﺳﺎﺑﯩﺖ : ﻣﯘﺳﺘﻪﮬﻜﻪﻡ،ﻣﯘﻗﯩﻢ، ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻥ.
ﮬﺎﻓﯩﺰ : ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﯘﭼﻰ، ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻤﻨﻰ ﻳﺎﺩﻟﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ.
ﮬﺎﻣﯩﺪ : ﮬﻪﻣﺪ ﺋﯧﻴﺘﻘﯘﭼﻰ، ﺍﻟﻠﻪﻧﯩﯔ ﻧﯧﻤﯩﺘﯩﮕﻪ ﺷﯜﻛﯜﺭ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ.
ﮬﻪﺳﻪﻥ : ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺋﻪﺧﻼﻗﻠﯩﻖ.
ﮬﯘﺳﻪﻳﻦ : ﮬﻪﺳﻪﻧﻨﯩﯔ ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺷﻪﻛﻠﻰ.
ﮬﻪﻣﺰﻩ : ﻳﻮﻟﯟﺍﺱ.
ﮬﻪﻳﺪﻩﺭ : ﻳﻮﻟﯟﺍﺱ.
ﺧﺎﻟﯩﺪ : ﺑﺎﻗﯩﻲ، ﻣﻪﯕﮕﯜ.
ﺧﻪﻟﯩﻞ : ﺩﻭﺳﺖ، ﻧﻪﺳﯩﮭﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ، ﺳﺎﺩﯨﻖ، ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ، ﺋﻮﺭﯗﻕ(ﺋﺎﯞﺍﻕ)، ﭘﯧﻘﯩﺮ.
ﺩﺍﯞﯗﺩ : ﺋﯩﺒﺮﺍﻧﯩﻴﭽﻪ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﺩﺍﻥ (ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ) ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺯﺍﻛﯩﺮ : ﺍﻟﻠﻪﻏﺎ ﺯﯨﻜﯩﺮ- ﺗﻪﺳﺒﯩﻴﮭ ﺋﯧﻴﺘﻘﯘﭼﻰ، ﺋﯧﺴﯩﺪﻩ ﺗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ، ﺯﯦﺮﻩﻙ.
ﺯﯗﻟﻔﯩﻘﺎﺭ : ﺋﻪﻟﯩﻲ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘﻧﯩﯔ ﻗﯩﻠﯩﭽﯩﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ.
ﺭﻩﺟﻪﺏ : ﮬﯩﺠﺮﯨﻴﯩﻨﯩﯔ 7- ﺋﯧﻴﻰ.
ﺭﯗﺳﺘﻪﻡ : ﭘﺎﺭﯨﺴﭽﻪ ﺟﻪﺳﯘﺭ، ﺑﺎﺗﯘﺭ، ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺭﻩﺷﺎﺩ : ﺗﻮﻏﺮﺍ، ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ، ﮬﯩﺪﺍﻳﻪﺕ ﺗﺎﭘﻤﺎﻕ، ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻙ.
ﺯﺍﮬﯩﺮ : ﻧﯘﺭﻟﯘﻕ، ﻳﯜﺯﻯ ﻳﻮﺭﯗﻕ، ﺭﻩﯕﮕﻰ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ.
ﺳﺎﻟﯩﻢ : ﻗﯘﺗﯘﻟﻐﯘﭼﻰ، ﺑﯧﺠﯩﺮﯨﻢ.
ﺳﻪﺋﯩﺪ : ﺗﻪﻟﻪﻳﻠﯩﻚ، ﺧﯘﺷﺎﻝ.
ﺳﻪﻻﻡ : ﺗﻪﺑﺮﯨﻚ، ﺗﯩﻨﭽﻠﯩﻖ، ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ.
ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ : ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬ، ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﻪﺕ، ﮬﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻕ، ﮬﯚﺟﺠﻪﺕ.
ﺳﯘﻟﻪﻳﻤﺎﻥ : ﻗﯘﺗﯘﻟﻐﯘﭼﻰ، ﺳﺎﻏﻼﻡ.
ﺳﻪﻳﻴﯩﺪ : ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ، ﺩﺍﮬﯩﻲ، ﺧﻮﺟﺎﻳﯩﻦ.
ﺳﯩﺮﺍﺝ : ﭘﺎﻧﯘﺱ، ﻛﯜﻥ، ﭼﯩﺮﺍﻍ.
ﺷﺎﻛﯩﺮ : ﺷﯜﻛﯜﺭ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ، ﺗﻪﺷﻪﻛﻜﯜﺭ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﮔﯜﭼﻰ، ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ﺋﯧﻴﺘﻘﯘﭼﻰ.
ﺷﻪﺭﻩﻑ : ﺋﺎﻟﯩﻴﺠﺎﻧﺎﺏ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ، ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ، ﺷﺎﻥ- ﺷﻪﺭﻩﭖ، ﭘﻪﺧﯩﺮ، ﺋﯩﮕﯩﺰ ﺟﺎﻱ.
ﺷﻪﺭﯨﻒ : ﺋﯧﺴﯩﻞ، ﺋﺎﻟﯩﻴﺠﺎﻧﺎﺏ، ﻣﯘﻧﻪﯞﯞﻩﺭ، ﺋﺎﻗﺴﯚﯕﻪﻙ، ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺋﻪﯞﻻﺩﻯ.
ﺷﻪﺋﺒﺎﻥ : ﮬﯩﺠﺮﯨﻴﯩﻨﯩﯔ 8- ﺋﯧﻴﻰ.
ﺷﻪﯞﻛﻪﺕ : ﻛﯜﭺ- ﻗﯘﯞﯞﻩﺕ، ﺷﻪﯞﻛﻪﺕ، ﺟﯜﺭﺋﻪﺕ.
ﺳﺎﺑﯩﺮ : ﭼﯩﺪﺍﻣﻠﯩﻖ، ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﻠﯩﻚ.
ﺳﺎﺩﯨﺮ : ﺳﯘﺩﯨﻦ ﻗﺎﻳﺘﻘﯘﭼﻰ، ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ.
ﺳﺎﺩﯨﻖ : ﺋﯩﺨﻼﺳﻤﻪﻥ، ﺭﺍﺳﺘﭽﯩﻞ.
ﺳﺎﻟﯩﮭ : ﻳﺎﺧﺸﻰ، ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ، ﺋﯘﺑﺪﺍﻥ، ﻻﻳﯩﻖ، ﺗﯜﺯ.
ﺗﺎﺭﯨﻖ : ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻣﯧﮭﻤﺎﻥ، ﭼﻮﻟﭙﺎﻥ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻯ.
ﺗﺎﻟﯩﺐ : ﺋﯩﺰﺩﻩﻧﮕﯜﭼﻰ، ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ، ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ.
ﺗﺎﮬﺎ : ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ.
ﺗﺎﮬﯩﺮ : ﭘﺎﻙ، ﭘﺎﻛﯩﺰ. ﺗﺎﺯﺍ (ﻛﯩﺮ ﺋﻪﻣﻪﺱ).
ﺗﻪﻟﺌﻪﺕ : ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﻩ، ﺳﯩﺮﺗﻘﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ، ﺳﯩﺮﺗﻘﻰ ﻗﯩﻴﺎﭘﻪﺕ.
ﺋﺎﺑﯩﺪ : ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ، ﭼﻮﻗﯘﻧﻐﯘﭼﻰ، ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ.
ﺋﺎﺩﯨﻞ : ﺋﺎﺩﯨﻞ، ﮬﻪﻗﻘﺎﻧﯩﻲ، ﺗﻮﻏﺮﺍ، ﺋﯩﻨﺴﺎﭘﻠﯩﻖ.
ﺋﺎﺭﯨﻒ : ﺋﺎﻟﯩﻢ، ﺗﻮﻧﯘﻏﯘﭼﻰ، ﭼﯩﺪﺍﻣﻠﯩﻖ، ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﻠﯩﻚ، ﺗﻮﻧﯘﭖ ﻳﻪﺗﻜﯜﭼﻰ.
ﺋﺎﺳﯩﻢ : ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﯘﭼﻰ، ﻗﻮﻏﺪﯨﻐﯘﭼﻰ، ﺗﻮﺳﻘﯘﭼﻰ.
ﺋﺎﻛﯩﻒ : ﯞﯗﺟﯘﺩﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﯜﭼﻰ، ﺑﺎﺵ ﭼﯚﻛﯜﺭﯛﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﯜﭼﻰ، ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺗﯘﺭﻏﯘﭼﻰ.
ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ : ﻗﻮﺷﯘﻣﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﺗﯜﺭﮔﯜﭼﻰ، ﭼﯩﺮﺍﻳﯩﻨﻰ ﺑﻪﻙ ﭘﯜﺭﯛﺷﺘﯜﺭﮔﯜﭼﻰ، ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻥ.
ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ : ﻳﺎﯞﺍ ﻏﺎﺯ، ﺋﻪﺟﺪﯨﮭﺎ.
ﺋﻪﺭﻩﻓﺎﺕ : ﺯﯗﻟﮭﻪﺟﺠﻪ (ﮬﯩﺠﺮﯨﻴﯩﻨﯩﯔ 12- ﺋﯧﻴﻰ) ﻧﯩﯔ 9- ﻛﯜﻧﻰ ﮬﺎﺟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﯗﺷﻰ ﭘﻪﺭﺯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺟﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ.
ﺋﯩﺮﻓﺎﻥ : ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ، ﺋﯩﻠﯩﻢ، ﺑﯩﻠﯩﻢ، ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ،
ﺋﻪﺯﺯﺍﻡ : ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﻠﯩﻚ، ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻥ.
ﺋﯩﺰﺯﻩﺕ : ﻏﯘﺭﯗﺭ، ﻛﯜﭺ- ﻗﯘﯞﯞﻩﺕ، ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ، ﺷﺎﻥ- ﺷﻪﺭﻩﭖ.
ﺋﯩﺴﻤﻪﺕ : ﮔﯘﻧﺎﮬﺴﯩﺰﻟﯩﻖ، ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﺑﻮﻟﯘﺵ، ﻗﺎﻧﺎﺋﻪﺗﻠﯩﻨﯩﺶ، ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺗﯘﺭﯗﺵ.
ﺋﻪﻟﯩﻲ : ﺋﯜﺳﺘﯜﻥ، ﺋﺎﻟﯩﻲ، ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ، ﺋﯘﻟﯘﻍ.
ﺋﺎﻣﻤﺎﺭ : ﻛﯚﭖ ﺋﯩﻤﺎﺭﻩﺕ ﺳﺎﻟﻐﯘﭼﻰ، ﺋﯩﻤﺎﻧﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ، ﺋﯧﻐﯩﺮ- ﺑﯧﺴﯩﻖ، ﺳﺎﻟﻤﺎﻕ، ﮬﺎﻳﺎﺗﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯩﺶ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﻏﯘﭼﻰ
ﻏﺎﺯﯨﻲ: ﻏﺎﺯﺍﺕ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ، ﺟﻪﯓ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ.
ﻏﺎﻟﯩﺐ : ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ، ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ، ﺯﻩﭘﻪﺭﮔﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﯜﭼﻰ.
ﻓﺎﺗﯩﮭ : ﭘﻪﺗﯩﮭ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ، ﺋﺎﭼﻘﯘﭼﻰ، ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯘﭼﻰ، ﺟﻪﯕﺪﻩ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ، ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ.
ﻓﺎﺭﯗﻕ : ﮬﻪﻕ ﻧﺎﮬﻪﻗﻨﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﻐﯘﭼﻰ، ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺧﻪﻟﯩﭙﻪ ﮬﻪﺯﺭﯨﺘﻰ ﺋﯚﻣﻪﺭﻧﯩﯔ ﻟﻪﻗﯩﻤﻰ.
ﻓﻪﺭﮬﺎﺕ : ﺧﯘﺷﺎﻝ، ﺷﺎﺩﻻﻧﻐﯘﭼﻰ، ﺳﯚﻳﯜﻧﮕﯜﭼﻰ.
ﻓﻪﻳﺴﻪﻝ : ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ ﻗﯩﻠﯩﭻ، ﺗﻮﻏﺮﺍ ﮬﯚﻛﯜﻡ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﯘﭼﻰ، ﻗﺎﺯﻯ، ﮔﯘﯞﺍﮬﭽﻰ.
ﻗﺎﺳﯩﻢ : ﺗﻪﻗﺴﯩﻢ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ.
ﻛﻪﺭﻩﻡ : ﺳﯧﺨﯩﻠﯩﻖ، ﻣﻪﺭﺩﻟﯩﻚ، ﻣﻪﺭﻩﮬﻤﻪﺕ، ﺧﻪﻳﺮ- ﺋﯧﮭﺴﺎﻥ.
ﻛﻪﺭﯨﻢ : ﺳﯧﺨﻰ، ﻣﻪﺭﺩ، ﺷﻪﭘﻘﻪﺗﻠﯩﻚ، ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﺪﻭﺳﺖ، ﮬﯚﺭﻣﻪﺗﻠﯩﻚ، ﺋﯧﺴﯩﻞ، ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﻠﯩﻚ.
ﻛﻪﻣﺎﻝ : ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ، ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ، ﻛﯚﯕﯜﻟﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ، ﻛﺎﻣﺎﻟﻪﺕ.
ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ : ﻣﻪﺩﮬﯩﻴﯩﻠﻪﺷﻜﻪ ﺋﻪﺭﺯﯨﻴﺪﯨﻐﺎﻥ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ ﺧﯩﺴﻠﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺯﺍﺕ.
ﻣﻪﮬﻤﯘﺩ : ﻣﻪﺩﮬﯩﻴﯩﻠﻪﻧﮕﯜﭼﻰ.
ﻣﯘﺧﺘﺎﺭ : ﺗﺎﻟﻼﻧﻐﺎﻥ.
ﻣﯘﺭﺍﺩ : ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ، ﻣﯘﺩﺩﯨﺌﺎ، ﺋﺎﺭﺯﯗ.
ﻣﻪﺳﺌﯘﺩ : ﺑﻪﺧﺘﻠﯩﻚ، ﺑﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﻚ، ﺗﻪﻟﻪﻳﻠﯩﻚ، ﺧﯘﺷﺎﻝ.
ﻣﻪﺋﺴﯘﻡ : ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻖ ﯞﻩ ﺭﻩﺯﯨﻠﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ، ﺳﺎﻗﻼﻧﻐﯘﭼﻰ.
ﻣﻪﻧﺴﯘﺭ : ﻏﺎﻟﯩﺐ، ﻳﻪﯕﮕﯜﭼﻰ، ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ.
ﻣﯘﺋﻤﯩﻦ : ﺋﯩﻤﺎﻧﻠﯩﻖ، ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﯜﭼﻰ، ﺍﻟﻠﻪﻏﺎ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ.
ﻧﺎﺳﯩﺮ : ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﻪﺭﮔﯜﭼﻰ.
ﻧﺎﻳﯩﻒ : ﺋﯩﮕﯩﺰ.
ﻧﻪﺯﯨﺮ : ﺋﻮﺧﺸﯩﻐﯘﭼﻰ.
ﻧﯩﺌﻤﻪﺕ : ﻧﺎﺯﯗﻧﯧﻤﻪﺕ، ﻣﻪﺭﮬﻪﻣﻪﺕ، ﺋﯩﻠﺘﯩﭙﺎﺕ.
ﻧﯩﻴﺎﺯﯨﻲ : ﭘﺎﺭﯨﺴﭽﻪ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﻣﻪﺷﯘﻕ، ﻣﻪﮬﺒﯘﺏ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﮬﺎﺷﯩﻢ : ﺷﻮﺭﭘﯩﻐﺎ ﻧﺎﻥ ﭼﯩﻠﯩﻐﯘﭼﻰ، ﺑﯘﺯﻏﯘﻧﭽﻰ، ﺗﺎﺭﻣﺎﺭ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ.
ﻳﺎﺳﯩﺮ : ﺋﺎﺳﺎﻥ، ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ، ﻣﯘﻻﻳﯩﻢ، ﻗﺎﺳﺴﺎﭖ.
ﻳﺎﺳﯩﻲﻥ : ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
ﻳﻪﻗﯘﺏ : ﺑﯩﺮ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ.
ﻳﯘﺳﯘﻑ : ﺑﯩﺮ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ.
ﻳﯘﻧﯘﺱ : ﺑﯩﺮ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ.
ﻳﻪﮬﻴﺎ : ﺑﯩﺮ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ.
ﺟﺎﻣﺎﻝ : ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻚ.

ﻗﯩﺰ ﺋﯩﺴﻤﯩﻠﯩﺮﻯ

ﺋﻪﺑﺮﺍﺭ : ﺳﺎﺩﺍﻗﻪﺗﻤﻪﻥ، ﻛﯚﻳﯜﻣﭽﺎﻥ،
ﺋﻪﻣﺎﻥ : ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ، ﺗﯩﻨﭽﻠﯩﻖ، ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ، ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻣﻠﯩﻚ، ﺋﺎﺭﺍﻣﻠﯩﻖ، ﻗﻮﻏﺪﯨﻤﺎﻕ، ﺋﻪﮬﺪﻩ، ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺕ، ﻗﻪﺭﺯ.
ﺋﺎﻣﯩﻨﻪ : ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ، ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺗﻮﻕ، ﺳﺎﻏﻼﻡ.
ﺋﻪﻣﯩﻴﻨﻪ : ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﻠﯩﻚ، ﺳﺎﺩﯨﻖ، ﯞﺍﭘﺎﺩﺍﺭ، ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭ.
ﺋﻪﻧﯟﺍﺭ : ﻧﯘﺭﻻﺭ، ﻳﻮﺭﯗﻗﻠﯘﻗﻼﺭ.
ﺋﻪﻧﯩﻴﺴﻪ : ﻛﯚﻳﯜﻣﭽﺎﻥ، ﺧﯘﺷﺨﯘﻱ، ﺋﯜﻟﭙﻪﺕ.
ﺋﯩﻤﺎﻥ : ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ، ﺗﻪﺳﺪﯨﻖ، ﺋﯩﺸﻪﻧﭻ.
ﺑﯘﺷﺮﺍ : ﺧﯘﺵ ﺧﻪﯞﻩﺭ، ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻚ، ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻘﻠﯩﻖ، ﮬﯚﺳﻦ- ﺟﺎﻣﺎﻝ.
ﺑﯩﻠﻘﯩﻴﺲ : ﺳﻪﺑﻪﺋ ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﯨﻤﻰ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺳﯘﻟﻪﻳﻤﺎﻥ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺪﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ، ﺳﯘﻟﻪﻳﻤﺎﻥ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻐﺎ ﺗﻪﺳﻠﯩﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ.
ﮔﯜﻟﻨﺎﺭ : ﺋﺎﻧﺎﺭ ﮔﯜﻟﻰ.
ﺟﻪﻣﯩﻴﻠﻪ : ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ، ﺋﯘﺯ، ﮔﯜﺯﻩﻝ، ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪﻥ.
ﮬﻪﺑﯩﻴﺒﻪ : ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ.
ﮬﻪﻓﯩﻴﺰﻩ : ﻣﯘﮬﺎﭘﯩﺰﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﯘﭼﻰ، ﺳﺎﻗﻼﻧﻐﯘﭼﻰ.
ﮬﻪﻟﯩﻴﻤﻪ : ﺋﯧﻐﯩﺮ- ﺑﯧﺴﯩﻖ ﯞﻩ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻚ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﮬﻪﻣﯩﻴﺪﻩ : ﺷﯜﻛﯜﺭ ﺋﯧﻴﺘﻘﯘﭼﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﻣﺎﺧﺘﺎﺷﻘﺎ ﺋﻪﺭﺯﯨﻴﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﮬﻪﻧﯩﻴﻔﻪ : ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﺑﯘﺭﺍﻟﻐﯘﭼﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﺗﻮﻏﺮﯨﻨﻰ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﮬﻪﯞﯞﺍ : ﮬﻪﯞﯞﺍ ﺋﺎﻧﺎ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ، ﻳﯧﺸﯩﻠﻐﺎ ﻣﺎﻳﯩﻞ ﻗﺎﺭﺍ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎ ﻣﺎﻳﯩﻞ ﻗﯩﺰﯨﻞ.
ﮬﯘﺭﯨﻴﻪ : ﭘﻪﺭﻯ، ﮬﯚﺭ، ﺭﻩﯕﮕﻰ ﺋﺎﻗﭙﯩﺸﻤﺎﻕ ﭘﻪﯞﻗﯘﻟﺌﺎﺩﺩﻩ ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺧﺎﻟﯩﺪﻩ : ﻣﻪﯕﮕﯜ، ﺩﺍﺋﯩﻢ.
ﺧﺎﻟﯩﺴﻪ : ﺳﺎﭖ، ﭘﺎﻛﯩﺰ، ﺧﺎﻟﯩﺲ، ﺑﻪﻙ ﺋﺎﻕ.
ﺧﻪﺩﯨﻴﺠﻪ : ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰ ﺑﺎﻻ.
ﺯﺍﻛﯩﺮﻩ : ﺋﻪﺳﺘﻪ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﻰ، ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ، ﺋﺎﯓ.
ﺯﺍﻛﯩﻴﻪ : ﭘﯘﺭﯨﻘﻰ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻘﺎ ﻳﯧﻴﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﯘﭼﻰ.
ﺯﻩﻛﯩﻴﻪ : ﮬﯘﺷﻴﺎﺭ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﭼﯧﭽﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﺯﯦﺮﻩﻙ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺭﻩﺷﯩﻴﺪﻩ : ﮬﯩﺪﺍﻳﻪﺕ ﺗﺎﭘﻘﯘﭼﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﺋﺎﯕﻠﯩﻖ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺭﻩﻧﺎ : ﺑﻪﻙ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﻣﯧﮭﺮﯨﻨﻰ ﺋﯜﺯﻩﻟﻤﻪﻱ ﺋﯘﺯﯗﻧﻐﯩﭽﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪ.
ﺯﺍﻛﯩﻴﻪ : ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯚﺳﻜﯜﭼﻰ.
ﺯﺍﮬﯩﺪﻩ : ﺋﺎﺧﺮﻩﺗﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﻤﯩﮕﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺯﺍﮬﯩﺮﻩ : ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﻳﯜﺯﻯ ﻳﻮﺭﯗﻕ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺯﯙﮬﺮﻩ : ﭼﻮﻟﭙﺎﻥ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻯ، ﯞﯦﻨﯧﺮﺍ، ﺋﺎﭘﺌﺎﻕ، ﺳﯜﺯﯛﻙ ﺭﻩﯓ.
ﺯﻩﻛﯩﻴﻪ : ﭘﺎﻙ، ﮔﯘﻧﺎﮬﺴﯩﺰ، ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﻠﯩﻚ، ﺳﺎﭖ، ﺋﯚﺳﻜﯜﭼﻰ.
ﺯﻩﮬﺮﺍ : ﺭﻩﯕﮕﻰ ﺳﯜﺯﯛﻙ ﯞﻩ ﻧﯘﺭﻟﯘﻕ، ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﻯ ﻓﺎﺗﯩﻤﻪﻧﯩﯔ ﻟﻪﻗﯩﻤﻰ.
ﺯﻩﻳﻨﻪﺏ : ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺧﯘﺵ ﭘﯘﺭﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺩﻩﺭﻩﺥ، ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﻛﺎﻛﻜﯘﻛﻨﯩﯔ ﻣﻪﺷﯘﻗﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﯩﯟﻯ ﻗﯘﺷﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ.
ﺯﯨﻴﻨﻪﺕ : ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﮬﯚﺳﻦ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘﻳﯘﻡ، ﺑﯧﺰﻩﻙ، ﮬﯚﺳﻦ.
ﺳﺎﺟﯩﺪﻩ : ﺳﻪﺟﺪﻩ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﺑﺎﺵ ﺋﻪﮔﮕﯜﭼﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺳﺎﺭﺍ : ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ، ﺗﺎﻟﻼﻧﻐﺎﻥ، ﺳﻪﺭﺧﯩﻞ.
ﺳﺎﻟﯩﻤﻪ : ﻗﯘﺗﯘﻟﻐﯘﭼﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﺑﯧﺠﯩﺮﯨﻢ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﺳﺎﻕ- ﺳﺎﻻﻣﻪﺕ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺳﻪﺩﺍﺩ : ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ، ﺭﺍﺳﺘﭽﯩﻠﻠﯩﻖ.
ﺳﻪﺋﺪﻩ : ﺑﻪﺧﺘﻠﯩﻖ، ﺑﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﻚ.
ﺳﻪﺋﯩﺪﻩ : ﺑﻪﺧﺘﯩﻴﺎﺭ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﺗﻪﻟﻪﻳﻠﯩﻚ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﺳﺎﺋﺎﺩﻩﺗﻤﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺳﺎﻻﻣﻪﺕ : ﺑﯧﺠﯩﺮﯨﻢ، ﺋﻪﻳﯩﺒﺴﯩﺰ، ﺳﺎﻕ.
ﺳﺎﻻﻡ : ﺳﺎﻻﻡ ﺑﻪﺭﻣﻪﻙ، ﺳﺎﻻﻡ، ﺗﯩﻨﭻ- ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﺳﻮﺭﯨﻤﺎﻕ،
ﺳﻪﻟﻤﺎ : ﮬﯧﭻ ﺋﻪﻳﯩﺒﻰ ﻳﻮﻕ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺳﻪﻟﯩﻴﻤﻪ : ﻗﯘﺗﯘﻟﻐﯘﭼﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﺋﻪﻳﯩﺒﺴﯩﺰ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺳﻪﻣﺮﺍ : ﺑﯘﻏﺪﺍﻱ ﺋﯚﯕﻠﯜﻙ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺳﻪﻣﯩﻴﮭﻪ : ﻣﻪﺭﺩ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﺳﯧﺨﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﻗﻮﻟﻰ ﻛﻪﯓ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺳﻪﻣﯩﻴﺮﻩ : ﻛﯧﭽﯩﺪﻩ ﻣﯘﯕﺪﺍﺷﻘﯘﭼﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﻛﯧﭽﯩﺪﻩ ﺳﯚﮬﺒﻪﺗﻠﻪﺳﻜﯜﭼﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺳﯘﻣﻪﻳﻴﻪ : ﺋﯩﺴﻼﻣﻨﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺷﻪﮬﯩﺪﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﺎﮬﺎﺑﻪ ﺋﺎﻳﺎﻝ(ﺍﻟﻠﻪ ﺗﻪﺋﺎﻻ ﺋﯘ ﺋﺎﻳﺎﻟﺪﯨﻦ ﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ).
ﺳﻪﻳﻴﯩﺪﻩ : ﺧﺎﻧﯩﻢ، ﺧﯧﻨﯩﻢ، ﺧﺎﻧﺰﺍﺩﻩ.
ﺳﯩﻴﻤﺎ : ﺋﺎﻻﻣﻪﺕ، ﺑﻪﻟﮕﻪ، ﻧﯩﺸﺎﻥ، ﺋﻪﻥ، ﺗﺎﻣﻐﺎ، ﺗﻪﻗﻰ- ﺗﯘﺭﻗﻰ، ﺳﯩﺮﺗﻘﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
ﺷﺎﺩﯨﻴﻪ : ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺷﻪﺭﯨﻴﻔﻪ : ﺷﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻚ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﺋﺎﻟﯩﻴﺠﺎﻧﺎﺏ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺷﻪﻓﯩﻴﻘﻪ : ﺷﻪﭘﻘﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺷﻪﻣﺲ : ﻗﯘﻳﺎﺵ، ﻛﯜﻥ، ﺑﻪﻙ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﺪﻩ ﻣﻪﺟﺎﺯﻩﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﺷﻪﮬﯩﺪﻩ : ﺍﻟﻠﻪ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺷﻪﮬﯩﺪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺷﯧﺮﯨﻦ : ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ، ﻟﻪﺯﺯﻩﺗﻠﯩﻚ، ﺑﻪﻙ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻚ ﺑﻪﻙ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﻣﻪﺟﺎﺯﻩﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﺳﺎﺩﯨﻘﻪ : ﺭﺍﺳﺘﭽﯩﻞ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﺋﯩﺨﻼﺳﻤﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺳﺎﻟﯩﮭﻪ : ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﻮﻝ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺳﻪﺑﯩﻴﮭﻪ : ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺳﻪﺩﯨﻴﻘﻪ : ﺭﺍﺳﺘﭽﯩﻞ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺳﻪﻓﯩﻴﻪ : ﺳﺎﭖ،، ﭘﺎﻙ، ﺳﯜﺯﯛﻙ، ﺭﻭﺷﻪﻥ، ﺗﺎﻟﻼﻧﻐﺎﻥ، ﺳﯩﺮﺩﺍﺵ ﺩﻭﺳﺖ، ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺩﻭﺳﺖ.
ﺗﺎﻟﯩﺒﻪ : ﺋﯧﺰﺩﻩﻧﮕﯜﭼﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﺋﻮﻗﯘﭼﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺗﺎﮬﯩﺮﻩ : ﭘﺎﻙ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﭘﺎﻛﯩﺰ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺗﻪﻳﻴﯩﺒﻪ : ﮬﺎﻻﻝ، ﭘﺎﻛﯩﺰ، ﺋﯘﺑﺪﺍﻥ، ﺑﻪﻟﻪﻥ.
ﺯﻩﺭﯨﻴﻔﻪ : ﮬﯘﺷﻴﺎﺭ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﺯﯦﺮﻩﻙ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﭼﯧﭽﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺋﺎﺋﯩﺸﻪ : ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﻼﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﯞﻩ ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ، ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺋﺎﺗﯩﻜﻪ : ﻗﯩﭙﻘﯩﺰﯨﻞ ﯞﻩ ﺋﯧﺴﯩﻞ.
ﺋﺎﺭﯨﻔﻪ : ﺋﯩﻠﯩﻢ- ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﺋﺎﻟﯩﻴﻪ : ﺋﯩﮕﯩﺰ، ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ، ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ، ﺋﺎﻟﯩﻴﺠﺎﻧﺎﺏ.
ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ : ﺗﺎﺋﻪﺕ، ﻧﺎﻣﺎﺯ، ﻗﯘﻟﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻕ، ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻕ، ﺩﯨﻨﻰ ﺋﻪﮬﻜﺎﻣﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﻤﺎﻕ.
ﺋﻪﺯﯨﻴﺰﻩ : ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ، ﮬﯚﺭﻣﻪﺗﻠﯩﻚ، ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﻚ، ﺋﯧﺴﯩﻞ. ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ.
ﺋﻪﺗﯩﻴﻪ : ﺳﻮﯞﻏﺎ- ﺳﺎﻻﻡ، ﮬﻪﺩﯨﻴﻪ.
ﺋﻪﻓﯩﻴﻔﻪ : ﺋﯩﭙﭙﻪﺗﻠﯩﻚ، ﭘﺎﻙ.
ﺋﻪﻟﯩﻴﻪ : ﺷﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻚ، ﺋﯩﮕﯩﺰ، ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ، ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ.
ﺋﯩﻨﺎﻳﻪﺕ : ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﻤﻪﻙ، ﻏﻪﻣﺨﻮﺭﻟﯘﻕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻕ، ﺳﺎﻗﻠﯩﻤﺎﻕ، ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﻣﺎﻕ.
ﻓﺎﺋﯩﺰﻩ : ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﻣﯘﺭﺍﺩﯨﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜﭼﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﻓﺎﺋﯩﻘﻪ : ﮬﯚﺳﻦ- ﺟﺎﻣﺎﻟﻰ ﺑﻪﻙ ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪﻥ.
ﻓﺎﺗﯩﻤﻪ : ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ (ﺳﯜﺗﯩﺪﯨﻦ) ﺋﺎﻳﺮﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﻓﯩﺮﺩﻩﯞﺱ : ﺑﺎﻍ، ﺑﻮﺳﺘﺎﻥ، ﮔﯜﻟﺒﺎﻍ، ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ.
ﻓﻪﺭﯨﻴﺪﻩ : ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ، ﻣﯩﺴﻠﯩﺴﯩﺰ، ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﮔﯚﮬﻪﺭ.
ﻗﻪﻣﻪﺭ : ﺋﺎﻱ.
ﻛﯘﻟﺴﯘﻡ : ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﻪﯕﺰﻯ ﯞﻩ ﻳﯜﺯﻯ ﮔﯚﺷﻠﯜﻙ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﻛﻪﯞﺳﻪﺭ : ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﺳﯘ، ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﺳﺘﻪﯓ.
ﻻﻣﯩﺌﻪ : ﻧﯘ ﭼﺎﭼﻘﯘﭼﻰ، ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ.
ﻟﻪﺗﯩﻴﻔﻪ : ﻣﯘﻻﻳﯩﻢ، ﻣﻪﺭﮬﻪﻣﻪﺗﻠﯩﻚ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ.
ﻟﻪﻳﻼ : ﺑﻪﻙ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘ ﯞﻩ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻛﯧﭽﻪ، ﻣﻪﺳﺘﻠﯩﻚ، ﻣﻪﺳﺘﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺸﻰ، ﮬﺎﺭﺍﻗﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﭙﻰ.
ﻣﺎﺭﯨﻴﻪ : ﺋﺎﻗﭙﯩﺸﻤﺎﻕ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﻣﻪﺭﻳﻪﻡ : ﺳﯘﺭﯨﻴﺎﻧﯩﻴﭽﯩﺪﻩ ﺋﯩﮕﯩﺰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺋﯩﻴﺴﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ.
ﻣﻪﻟﯩﻴﻜﻪ : ﻣﯜﻟﯜﻛﺪﺍﺭ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﻣﯘﻧﯩﻴﺮﻩ : ﻧﯘﺭﻟﯘﻕ، ﻳﯜﺯﻯ ﻳﯘﺭﯗﻕ، ﮔﯜﺯﻩﻝ، ﻧﯘﺭ ﭼﯧﭽﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﯘﭼﻰ.
ﻧﺎﺋﯩﻠﻪ : ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﯜﭼﻰ، ﺳﻮﯞﻏﺎ- ﺳﺎﻻﻡ.
ﻧﺎﺟﯩﻴﻪ : ﻗﯘﺗﯘﻟﻐﯘﭼﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﺗﯧﺰ ﻣﺎﯕﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯚﮔﻪ.
ﻧﺎﺩﯨﺮﻩ : ﮬﯩﻜﻠﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﯚﺯ، ﻟﻪﺗﯩﭙﻪ، ﺋﯚﺯ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺪﺍ ﺗﻪﯕﺪﯨﺸﻰ ﻳﻮﻕ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﻧﺎﺩﯨﻴﻪ : ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ، ﻳﯩﻐﯩﻦ، ﻛﯘﻟﯘﺏ.
ﻧﺎﺭﯨﻤﺎﻥ : ﭘﺎﺭﯨﺴﭽﻪ ﺋﺎﻧﺎﺭﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﻧﻪﺟﺎﺕ : ﻗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻕ، ﺧﺎﻻﺱ ﺗﺎﭘﻤﺎﻕ.
ﻧﻪﺟﯩﻴﺒﻪ : ﺗﯧﮕﻰ- ﺗﻪﻛﺘﻰ ﺋﯧﺴﯩﻞ، ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﻠﯩﻚ، ﺯﯦﺮﻩﻙ، ﻧﻪﭘﯩﺲ، ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ.
ﻧﻪﺟﯩﻴﻪ : ﺳﯩﺮ، ﺳﯩﺮﺩﺍﺵ ﺩﻭﺳﺖ.
ﻧﻪﺭﮔﯩﺲ : ﺗﻪﯕﮕﯩﭽﻪ ﺋﺎﻕ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﯧﺮﯨﻖ ﮔﯜﻟﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﮔﯜﻟﯩﮕﻪ ﻛﯚﺯﻟﻪﺭ ﺋﻮﺧﺸﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﻧﻪﺯﯨﻴﮭﻪ : ﺋﯩﭙﭙﻪﺗﻠﯩﻚ، ﺭﻩﺯﯨﻠﻠﯩﻜﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ.
ﻧﻪﺳﺮﯨﻦ : ﺋﻪﺗﯩﺮﺩﻩﻙ ﭘﯘﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﻕ ﮔﯜﻝ.
ﻧﻪﺳﯩﻴﻤﻪ : ﻣﻪﻳﯩﻦ ﺷﺎﻣﺎﻝ، ﺋﯩﻠﻠﯩﻖ ﮬﺎﯞﺍ.
ﻧﯘﺳﺮﻩﺕ : ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ، ﺯﻩﭘﻪﺭ، ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﺵ.
ﻧﻪﺯﯨﻴﺮﻩ : ﺋﻮﺧﺸﯩﻐﯘﭼﻰ.
ﻧﻪﺋﯩﻴﻤﻪ : ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﯞﻩ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ.
ﻧﯘﺭ ﺟﺎﮬﺎﻥ : ﺟﺎﮬﺎﻧﻨﯩﯔ ﻧﯘﺭﻯ.
ﮬﺎﺟﻪﺭ : ﺋﯩﺒﺮﺍﮬﯩﻢ ﺋﻪﻟﻪﮬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ.
ﮬﺎﺩﯨﻴﻪ : ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﻳﺎﺳﻪﻣﯩﻦ : ﺧﯘﺵ ﭘﯘﺭﺍﻗﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻙ.
ۋاقتى: 2014-2-6 13:57:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىم قويۇشتىكى بەزى پەرھىزلەر

ۋەلى كەرىم كۆكئالپ


دەۋرۋەقە، خەلقىمىزدە ئىسىم قويۇشتا بەزى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر مەۋجۇت. يېڭى پەرزەنتلىك بولغان ئاتا-ئانىلار پەرزەنتىگە ئىسىم تاللىغاندا، مانا بۇ نۇقتىلارغا چوقۇم دىققەت قىلىشى، ئالدىراقسانلىقتىن ساقلىنىشى، پەرزەنتىگە چوقۇم مۇناسىپ، ماس كېلىدىغان، مەنىسى چوڭقۇر ئىسىملارنى تاللاپ قويۇشى كېرەك. تۆۋەندە ئىسىم قويۇشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىرقانچە زۆرۈر مەسىلىنى شەرھلەپ ئۆتىمىز.

1. ئالدىراپ بىر بوغۇملۇق تاق ئىسىم قويۇشقا بولمايدۇ.

خەلقىمىز ئارىسىدا ھازىر «ئاق»، «تۇر»، «نۇر»، «نۇھ»، «گۈل»، «ئاي» دېگەندەك بىر بوغۇمدىن تۈزۈلگەن تاق ئىسىملار مەۋجۇت بولۇپ، ھەرقايسى رايونلاردا بۇ ئىسملارنىڭ قويۇلۇش نىسبىتى ئوخشىمايدۇ. تاق ئىسىملارنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، بىرقەدەر ئاددىي، مەنىسى ئاشكارا، لېكىن خەلقىمىزنىڭ ئاتاش-چاقىرىش ئادەتلىرىگە بەزىدە تازا ماس كېلىپ كەتمەيدۇ. ئاتىغاندا كۆپىنچە كىشىلەر ئىسمنىڭ ئۆزىنى ئاتىماي، ئۇنىڭغا «ئاخۇن»، «جان» دېگەن سىلىقلاش قوشۇمچىلىرىنى قوشىدۇ. يەنە بەزى تاق ئىسىملار باركى، ئاتاش-چاقىرىش جەريانىدا تېخىمۇ زور ئۆزگىرىشلەرگە سەۋەبچى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پەرزەنتلەرگە بىر بوغۇملۇق تاق ئىسىملارنى قويغاندا ئەتراپلىق ئويلىشىش، تەلەپپۇزغا، ئاتاش-چاقىرىش ئادەتلىرىمىزگە ماس كەلگەن-كەلمىگەنلىكىنى دەڭسەپ كۆرۈش كېرەك.

2. قارىغۇلارچە ئېقىمغا ئەگىشىشكە بولمايدۇ.

نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار باركى، پەرزەنتى تۇغۇلغاندا ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇ-ئارمىنى بويىچە ئىسىم تاللىماي، پالانچى ئوغلىغا مۇنداق ئىسىم قويۇپتۇ، بىزمۇ شۇنى قويايلى؛ پۇستانچى قىزىغا مۇنداق ئىسىم قويۇپتۇ، بىزمۇ شۇنى قويساق بولغىدەك، دەپلا قارىغۇلارچە ئېقىمغا ئەگىشىپ ئىسىم قويىدۇ. نەتىجىدە بىر مەھەللە، بىر يۇرتتا تەكرار ئىسىملارنىڭ ھەسسىلەپ كۆپىيىشىگە «تۆھپە» قوشىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىسىمغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىشتا بىرمۇنچە ئاۋارىچىلىكلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىگە ئىسىم تاللىغاندا ھەرگىز ئېقىمغا ئەگەشمەسلىكى، كۆز نۇرى بولغان پەرزەنتىگە ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئىپادىلەيدىغان ئىسىملاردىن تاللاپ قويۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى، ئۆزلىرى ئويلاپ يېتەلمىگەندە ئۇقۇمۇشلۇقلاردىن مەسلىھەت سورىشى لازىم.

3. ئۆزى بىلگەنچە ئىسىم قۇراشتۇرۇشقا بولمايدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شەھەرلەردە بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئۆزى بىلگەنچە ئىسىم قوراشتۇرۇپ قويۇۋالىدىغان ئەھۋاللىرى كۆپىيىپ قالدى. بۇ قانداقتۇر «يېڭى ئىسىم ئىجات قىلىش» بولماستىن، بەلكى، بىلمەسلىكتىن، ئېقىمغا ئەگىشىپ خالىغانچە ئىسىم قۇراشتۇرۇشنىڭ ئاقىۋىتىدۇر. بۇنداق ئىسىم قۇراشتۇرغۇچىلار «پۇرقەت» دېگەن ئىسىمنىڭ چىرايلىق، مەنىسى چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپلا، «نۇرقەت» دېگەن ئىسىمنى، «تۈركەنئاي» دېگەن ئىسىمنىڭ چىرايلىق، يېقىملىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپلا «نۇركەنئاي» دەپ ئىسىم قوراشتۇرىدۇ. «پۇرقەت» (ئەسلىي تەلەپپۇزى فۇرقەت) نىڭ مەنىسى ھىجران، جۇدا بولۇش دېگەنلىك بولىدۇ، 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا پەرغانە ۋە يەركەندە ياشاپ ئۆتكەن لىرىك شائىر زاكىرجان خالمۇراد ئوغلىنىڭ تەخەللۇسىغا نىسبەت بېرىلىپ قويۇلغان ئىسىمدۇر. ئەمما «نۇرقەت»نىڭ مەنىسى زادى نېمە، بۇنى بىلگىلى بولمايدۇ. «تۈركەنئاي» دېگەن ئىسىمنىڭ تۈرگۈن، چەبدەس ئايدەك گۈزەل قىز، دېگەن مەنىسى بار، ئەمما «نۇركەنئاي» دېگەن ئىسىمنىڭ نېمە مەنىسى بارلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ. دېمەك، خەلقىمىز قوللانغان ھەرقانداق ئىسىمنىڭ ئۆزىگە خاس مەنىسى بولىدۇ، ئەمما خالىغانچە قۇراشتۇرۇۋېلىغان «ئىسىم»لارنىڭ ھەرگىز مەنىسى بولمايدۇ. ھەرقانداق نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ بۇنداق ئىسىم قۇراشتۇرۇش ئۇسۇلىنى ئېتىراپ قىىلشقا بولمايدۇ.

4. چۈشىنىكسىز ئىسىم قويۇشقا بولمايدۇ.

بەزى ئاتا ئانىلار (بۇنىڭ ئىچىدە ساپاسى يۇقىرى زىيالىيلارمۇ بار) پەرزەنتى دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن كېيىن ئالەمچە خۇشاللىققا چۆمىدۇ، شۇنداقلا پەرزەنتىگە ئەڭ چىرايلىق، ئەڭ يېڭىچە، مەنىسى تولىمۇ چوڭقۇر ئىسىم قويماقچى بولىدۇ-دە، بىرنەچچە كۈن ماتېرىيال ئاختۇرۇپ، بىرنەچچە مەنىسى چوڭقۇر سۆزنى بىرىكتۈرۈپ، ئىسىم قۇراشتۇرۇپ چىقىدۇ ۋە پەرزەنتىگە ئىسىم قىلىپ قويىدۇ. بۇنداق مەجبۇرىي قۇراشتۇرۇلغان ئىسىملار ئاڭلىماققا ھەيۋەتلىك، مەنىسى چوڭقۇردەك بىلىنگىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە مۇستەقىل مەنىلىك بوغۇملار مەجبۇرىي بىرىكتۈرۈلگەن، ئىسىمنىڭ بوغۇم سانى ئۈچ بوغۇمدىن ئېشىپ كەتكەن بولغاچقا، مەنىسى تۇتۇق بولۇپ قالغاننىڭ ئۈستىگە، ئاتاش-چاقىرىشقىمۇ قولايسىز بولۇپ قالىدۇ. بىز ئىسىمنىڭ بوغۇم سانىغا چەك قويماقچى ئەمەسمىز، ئەمما ئىسىمنىڭ بوغۇم سانى كۆپ بولغان تەقدىردىمۇ تەبىئىي بىرىككەن بولۇشى، مەنىسى ماس كەلگەن بولۇشى ۋە ئاتاش-چاقىرىشقا ماس كەلگەن بولۇشى كېرەك. ئەنە شۇ چاغدىلا بىز قويغان ئىسىم ئاسان سىڭىدۇ، ئەگەر ھەقىقەتەن يېڭى، يېقىملىق ئاڭلىنىدىغان ئىسىم بولسا تېز ئارىدىلا كەڭ تارقىلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.

5. چەت ئەلچە ئىسىم قويۇشقا بولمايدۇ.

ئۇچۇر دەۋرىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، بىزنىڭ زامانىۋى دۇنيا بىلەن بولغان ئارىلىقىمىز چەكسىز يېقىنلاپ باردى، غەربنىڭ ئىلغار مەدەنىيىتى بىزگە سىڭىپ كىرىپ، تۇرمۇشىمىزغا تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى. شۇ قاتاردا بەزى كىشى ئىسىملىرىمۇ بىزگە سىڭىپ كىرىپ، پەرزەنتلىرىمىزگە قويۇلۇشقا باشلىدى. ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا «تېلمان»، «ئاپرېل»، «ۋېنىرا»، «مېردىئان» دېگەندەك ئىسىملار رۇسلاردىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداش تۈركىي تىللىق مىللەتلەرگە ۋە ئۇلاردىن بىزگە سىڭىپ كىرگەن بولسا، بۈگۈنكى كۈندە بىۋاسىتە ھالدا «رېنات»، «رومىئو»، «رافائىل»، ئافىت، دېگەندەك ئىسىملار كىرىپ كېلىپ، ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىدە «غەلىتە» ھادىسىلەرنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەبچى بولماقتا. ئەگەر بەزى ئاتا-ئانىلار چوڭلار قوشۇلمايدۇ دەپ تەپتارتمىغان بولسا، ئېلزابىت، رامبو، شىۋاسېنگېر، جېكسون دېگەن ئىسىملارنىمۇ پەرزەنتلىرىگە قويغان بولاتتى. ئىسىمنى چەت ئەلچە قويۇش بىلەنلا ئۇلارنىڭ تەرەققىياتىغا يېتىشىۋالغىلى بولمايدۇ، مۇھىمى تېخنىكا ۋە بىلىمدە ئۇلاردىن ئۆگىنىپ، ھەتتا ئۇلاردىن ئېشىپ كېتىش كېرەك.

6. ئاتاشقا قولايسىز، تىلغا راۋان چۈشمەيدىغان ئىسىملاردىن ساقلىنىش كېرەك.

خەلقىمىزنىڭ ئىسىم قويۇش ئەنئەنىسىدە تەبىئىيلىك بىرىنچى ئورۇنغا قويۇلغان، يەنى ئىسىم ئۇزۇن بولسۇن ياكى قىسقا بولسۇن، ئاتاشقا ئەپچىل بولۇش، تىلغا راۋان كېلىش، ئەستە تۇتۇشقا ئاسان بولۇش مۇھىم ئورۇنغا قويۇلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىگە ئىسىم تاللىغاندا، چوقۇم تىلغا راۋان كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىغا، ئاتاش-چاقىرىشقا قولاي بولۇش-بولماسلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك.

7. گۆدەكلەرچە ئىسىم قويۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.

يېڭى تۇغۇلغان پەرزەنتكە ئىسىم قويغاندا، ئۇنى ھەرگىز كىچىك بالا ھالىتىدە ئەمەس، بەلكى يېتىلگەن، كەلگۈسىدە چوڭ-چوڭ ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلالايدىغان ئادەم دەپ تەسەۋۋۇر قىلىپ تۇرۇپ ئىسىم قويۇش كېرەك. ھەرگىز گۆدەكلەرگە خاس، ئەركىلەتمە ئىسىمدىن باشقا مەنە ئاڭلاتمايدىغان ئىسىملارنى قويۇشقا بولمايدۇ. بولمىسا، بالا چوڭ بولغاندا ئۆزىنىڭ ئىسمى تۈپەيلىدىن تۇرمۇشتا نۇرغۇن قولايسىزلىقلارغا يولۇقىدۇ، مەسخىرىگە، كۈلكىگە قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار بالىغا ئىسىم قويغاندا بۇ تەرەپكە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك.

8. ئاھاڭداش ئىسىم قويۇشتىن ساقلىنىش لازىم.

ئاداڭداش ئىسىم دېگىنىمىز، ئىككى بوغۇمدىن تۈزۈلگەن ئىسىم بولسا، ئالدىنقى بوغۇمدىكى سۆزنىڭ تەلەپپۇزى بىلەن كېيىنكى بوغۇمدىكى سۆزنىڭ تەلەپپۇزىنىڭ ئوخشاش بولۇپ قېلىش (يەنى قاپىيىداش بولۇپ قېلىش)نى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق ئىسىملارنى تەلەپپۇز قىلغىنىمىزدا، تىلغا راۋان چۈشمىگەننىڭ ئۈستىگە، قارشى تەرەپكە بىر خىل ھەجۋىي تەسىر بېرىدۇ، كىشىلەر ئارىسىدا كۈلكىگە قالىدۇ. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئىسىم ئىگىسى ئۆز ئىسمىدىن نومۇس قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ.

9. ئىسىمنىڭ مەنىسىنى بىلمەسلىكتىن ساقلىنىش كېرەك.

ئىسىم قويۇش مۇقەددەس ئىش، بۇ ئىش ئاتا-ئانىلاردىن ئېغىر مەسئۇلىيەتنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كۆز قارىچۇقى بولغان پەرزەنتكە قارىغۇلارچە ئىسىم قويماسلىق، ئىسىم قويۇشنى ئاددىي ئىش دەپ بىلمەسلىك، چوقۇم ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەردىن مەسلىھەت سوراپ ئاندىن قويۇش كېرەك. قىسقىسى، پەرزەنتكە ئىسىم قويۇشتا ئىسىمنىڭ مەنىسىنى بىلمەسلىكتىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك. بولمىسا، ئاتا-ئانىلار پەرزەنتىنىڭ ئالدىدا ئۆتەشكە تېگىشلىك تۇنجى مەجبۇرىيىتىدىن باش تارتقان، مەسئۇلىيەتتىن قاچقان ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق قىلىش كېيىنچە تېخىمۇ كۆپ باش ئاغرىقىغا سەۋەب بولۇشىمۇ مۇمكىن.

10. ئىسىمنىڭ تەلەپپۇزىنى ئۆزگەرتىپ قويۇشتىن ساقلىنىش لازىم.

دىققەت قىلىدىغان بولساق، تېگى ئۇيغۇرچە بولغان ئىسىملارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى تەلەپپۇز قىلىنىش جەريانىدا ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ، ئەمما يىلتىزى ئەرەبچە، پارسچە بولغان ئىسىملارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى تەلەپپۇز قىلىنىش جەريانىدا ئاز-تولا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، ھەتتا بەزى ئىسىملارنىڭ تەلەپپۇزى بەكمۇ كۆپ ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. بەزى ئىسىملارنىڭ تەلەپپۇزىغا قاراپ ئەسلىسىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلىمۇ بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار پەرزەنتىگە ئىسىم قويغاندا چوقۇم ئىسىمنىڭ ئەسلىي تەلەپپۇزىنى قويۇشقا دىققەت قىلىشى، تىلغا كەلمەيدىغان، تەلەپپۇز قىلىشقا ئەپسىز ئىسىملارنى ئامال بار تاللىماسلىقى كېرەك. بەزى كىشىلەر بالىغا ئىسىم قويغاندا ئەسلىسىنى يادىغا كەلتۈرمەي، ئىسىملارنىڭ ئۆزگەرگەن تەلەپپۇزىنى قويۇپ قويىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بىر تۈپ ئىسىمنىڭ بىرمۇنچە ۋارىيانتلىرى پەيدا بولۇشىغا سەۋەبچى بولىدۇ (مۇھەممەد – مەممەت، مەمەت، مەخەت، مەت... دېگەندەك).

11. خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىسىگە يات ھالدا ئىسىم قويۇشقا بولمايدۇ.

خەلقىمىز ئۇزاق ئەسىرلىك تارىخي تەرەققىيات جەريانىدا ئۆزىگە خاس ئىسىم قويۇش ئەنئەنىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن، مەڭگۈتاش يادىكارلىقلىرىدىكى ۋە ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە قوللىنىلغان ساپ ئۇيغۇرچە ئىسىملار، ئىسلام دىنىغا كىرگەندىن كېيىنكى ئەرەبچە ۋە پارسچە ئىسىملارنىڭ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىچكى قانۇنىيىتىگە ماسلاشقانلىقى، ئەرەبچە، پارسچە ئىسىملارغا ئۇيغۇرچە تەركىپلەرنىڭ كۆپلەپ قوشۇلۇشى ۋە ئىسىملارنىڭ ئۆزىگە خاس مىللىيلىككە ئىگە بولۇشى قاتارلىقلار شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. دېمەك، خۇددى ئۇيغۇر تىلىغا ئەرەبچە، پارسچە سۆزلەر قانچە كۆپ كىرىپ ئۆزلەشكەن تەقدىردىمۇ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆزىگە خاس ئىچكى قانۇنىيىتىنى ساقلاپ قالغانغا ئوخشاش، ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىمۇ ئەرەبچە، پارسچە ئىسىملارغا ئۇيغۇرچە تەركىپلەرنى ۋە سىلىقلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدىغان باشقا قوشۇمچىلارنى كۆپلەپ قوشۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتاش-چاقىرىش ئادىتىگە ماسلاشتۇرغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىگە ئىسىم قويغاندا ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ مانا مۇشۇ ئەنئەنىسىگە تولۇق ۋارىسلىق قىلىشى، غەلىتە، چۈشىنىكسىز ئىسىملارنى قويۇشتىن قەتئىي ساقلىنىشى لازىم.

12. ھەددىدىن زىيادە مودىلىقنى، غەلىتە بولۇشنى قوغلىشىشقا بولمايدۇ.

بەزى ياش ئاتا-ئانىلار باركى، ئۇلار پەرزەنتى تۇغۇلغاندا، ھەددىدىن ئارتۇق خۇشالىققا چۆمىدۇ ۋە پەرزەنتلىرىگە ئەڭ ياخشى، ئەڭ مەزمۇنلۇق ئىسىملاردىن تاللاپ قويۇشقا ئالدىرايدۇ. ھالبۇكى، غەلىتە يېرى شۇكى، بۇنداق ئاتا-ئانىلار خەلقىمىز ئىچىدە پەرزەنتلەرگە قويۇلۇۋاتقان ئىسىملارنىڭ تەكرارلىنىدىغانلىقىنى، باشقا ھەرقانداق تىلدىكى كىشى ئىسىملىرىنىڭ مەلۇم چەكلىمىدە ئىكەنلىكىنى يادىدىن چىقىرىپ قويۇپ، پەرزەنتىگە «ئەڭ غەلىتە، ئەڭ مودا، ھېچكىم قويۇپ باقمىغان» ئىسىملاردىن تاللاپ قويماقچى بولىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا «تاللاپ-تاللاپ تازغا ئۇچراپتۇ» دېگەندەك، ئاخىردا مەنىگىمۇ كەلمەيدىغان، ئىنتايىن غەلىتە، چۈشىنىكسىز، ئاتاش-چاقىرىشقا قولايسىز «ئىسىم»دىن بىرنى قويۇۋالىدۇ. كېيىنچە بالا چوڭ بولغانسېرى، ئىسىمغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك ئىشلاردا قەدەمدە بىر پېشكەللىككە يولۇقىدۇ. ياش ئاتا-ئانىلار پەرزەنتىگە ئىسىم قويۇشتا ھەددىدىن زىيادە مودىلىقنى، غەلىتە بولۇشنى قوغلىشىشقا ھەرگىز بولمايدۇ.

13. ئىسىم قويۇشتەك مۇقەددەس ئىشنى ئويۇنغا ئايلاندۇرۇۋېلىشتىن ساقلىنىش لازىم.

ئاتا-ئانىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا پەرزەنت خۇشاللىقىغا يېتىدىغان يەنە بىر خۇشاللىق بولمايدۇ. ئاتا-ئانىغا مانا مۇشۇنداق چەكسىز خۇشاللىق بېغىشلايدىغان پەرزەنتكە ئىسىم قويۇش خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىسىدە ئەڭ مۇقەددەس ئىش ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىگە ئىسىم قويۇشتا چوقۇم يىراققا نەزەر تاشلىشى، ئاقىللاردىن مەسلىھەت ئېلىشى، ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىغا لايىقلاشقان، ئەڭ مۇناسىپ ئىسىمدىن بىرنى تاللاپ پەرزەنتىگە قويۇشقا ھەرىكەت قىلىشى كېرەك. ھالبۇكى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بەزى ئاتا-ئانىلار مانا مۇشۇنداق مۇقەددەس ئىشقا سەل قاراپ، ئۇنى ئويۇنغا ئايلاندۇرۇشتەك غەلىتە ئىشلار كۆرۈلۈۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، «ئىسىم پەقەت ئادەمنىڭ بەلگىسى، ئۇنىڭ قاندقا تىلدا بولۇشى مۇھىم ئەمەس، پەقەتلا مەنىسى بولسىلا بولدى، شۇنىڭ ئۈچۈن كونىلارنىڭ ئىزىدىن ماڭماي، خالىغانچە ئىسىم قويسا بولۇۋېرىدۇ...» ئەگەر مۇشۇنداق قاراش ئەۋج ئېلىپ كەتسە، بەش-ئون يىلغا بارمايلا پاجىئەلىك خەتەرلىك ئەھۋاللار كۆرۈلۈشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، پەرزەنتكە ئىسىم قويۇشتىن ئىبارەت مۇقەددەس ئىشنى ھەرگىز ئويۇن ئورنىدا كۆرۈشكە بولمايدۇ.
ۋاقتى: 2014-2-6 18:20:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ،كۆپ بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-9 10:11 , Processed in 0.166418 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat