ئامېرىكا فىلىمىدە شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتى تىلغا ئېلىندى[كۆچۈرۈلمە]
تۆنۈگۈن كەچتىن باشلاپ، ئۈندىداردىكى دوستلار چەمبىرىكىدە مۇنداق بىر پارچە سۆرەت ۋە خەتلەر مودا بولۇشقا باشلىدى. سۆرەتتە بىر ئايال «شىنجاڭدىكى ۋاقتىمدا، تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتتا تەييارلىق ئوقۇغانتىم» دەۋاتقانىدى. دوستلار چەمبىرىكىدىكى سۆرەت ئۈستىدە مۇنداق چۈشەندۈرۈش بار ئىدى: «ئەسلىدە تىببىي ئۇنىۋېرسىتېت شۇنچىلىك داڭلىقكەن، ‹يېشىل ئوقيالىق پالۋان› (绿箭侠) 2-بۆلۈم 3-قىسىمىنىڭ 3 مىنۇت 41 سىكونتلۇق يىرى، ھەرگىزمۇ ياسالغان سۆرەت ئەمەس» دېيىلگەن ئىدى. كىشىلەر بىر ئىشىنىپ، بىر ئىشەنمەي، ‹يېشىل ئوقيالىق پالۋان› فىلىمىنى ئىزدەپ تېپىپ كۆردى.
فىلىم ئامېرىكىنىڭ مودا بولۇۋاتقان كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى بولۇپ، 2-بۆلۈمنىڭ 3-قىسىمى تۆنۈگۈن كەچتە يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان. فىلىمدە ئايال باش پېرسوناژ بىر جەسەتنى تەكشۈرۈۋاتقاندا، ئەر باش پېرسوناژ يېنىغا كېلىپ:
- «قارىغاندا بۇ ئىشنى ئىلگىرى قىلىپ بېقىپتىكەنسىز ھە» دېگەندە، ئايال ئۇنىڭغا:
-«شىنجاڭدىكى چېغىمدا، تىببىي ئونىۋېرسىتېتتا تەييارلىق ئوقۇغانتىم»، دەپ جاۋاپ بەرگەن.
ئەر ئۇنىڭغا ياندۇرۇپلا: -«سىز راستىنلا كۆپ ئىقتىدارلىق ئايالكەنسىز» دەيدۇ.
بۇ فىلىم يۇقىرى پەن-تېخنىكا ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى فىلىم بولۇپ، فىلىمدىن قارىغاندا، شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتى دۇنيادا ناھايىتى داڭلىق تىببىي بىلىم يۇرتى دېگەن مەنىلەر چىقىپ تۇرىدۇ. كىشىلەر بەس-بەستە بۇ بۆلەكنى كۆرگەندىن كېيىن، يۇقىرىدىكى سۆرەت ۋە خەتلەرنى ئۆزىنىڭ ئۈندىدارىغا يوللاشقا باشلىدى.
چەتئەل تاراتقۇ ۋە كۆڭۈل ئېچىش خارەكتىرىدىكى فىلىم ۋە مەدەنىيەت بۇيۇملىرىدا شىنجاڭ ئاساسەن تىلغا ئېلىنىپ باقمىغان بولۇپ، ھەتتا دۆلەت ئىچىدە ئىشلەنگەن مەدەنىيەت بۇيۇملىرىدىمۇ كەمدىن كەم تىلغا ئېلىنغان. 2008-يىلى ئىشلەنگەن «ئاياللار ئەسكى ئەمەس» (女人不坏) ناملىق فىلىمنىڭ باشلىنىشىدا شىنجاڭ ئاشخانىسى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان، دۆلەت ئىچىدە مودا بولغان «مۇھەببەت تۇرالغۇلىرى» (爱情公寓) ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا 2 جايدا شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك قىستۇرما بار. بىراق يۇقىرىدا ئېيتىلغان «يېشىل ئوقيالىق پالۋان» فىلىمىدىكىدەك ئىجابىي جەھەتتىن يۇقىرى باھا بىلەن تىلغا ئېلىنىپ باققان يوقتا يەرلىك. يېقىندا «دۇنياغا نەزەر» (Vista 看天下) ژورنىلى «ئەتراپىمىزدىكى شىنجاڭلىقلار» دېگەن تېمىدا بەت ئاجرىتىپ، مەخسۇس تېما چىقاردى. دۆلەت ئىچىدىكى نوپۇزلۇق ژورنالنىڭ بىر ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايوننى بۇنداق كۆلەمدە ئىجابىي جەھەتتىن مەخسۇس تونۇشتۇرۇشى كەمدىن-كەم ئۇچرايدۇ. بەزى تەھلىكلەردە مۇنداق دېيىلدى: شىنجاڭنىڭ بۇنداق ئىجابىي تونۇشتۇرۇلۇشى ۋە چەتئەلنىڭ مۇدا بولۇۋاتقان تېلېۋىزىيە فىلىملىرىدە قىستۇرۇلۇشى، شەكسىزكى شىنجاڭنىڭ سىرتتىكى بىلىنىش دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىگە مەلۇم دەرىجىدە ئىجابىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ، دېيىلدى.
يۇقارقى خەۋەرگە قارىتا بىلگەجان مۇنداق ئىزاھات بەرگەن:
توغرا تەرجىمىسى:
مەن شىنجاڭدىكى ۋاقتىمدا، بىر «دەسلەپكى مىدىتسىنا كەسپى (مىدىتسىنا يۆنىلىشىدىكى بىئولوگىيە تولۇق كۇرس كەسپى)» ئوقۇغۇچىسى ئىدىم.
چۈشەنچە:
بۇ يەردىكى pre-med دىگەن سۆزنىڭ ئۇيغۇرچە ياكى خەنزۇچىسى يوق چۈنكى بۇنداق ئۇقۇم جۇڭگودا ياكى شىنجاڭدا تىپىلمايدۇ، شۇڭا مەن ۋاقتىنچە دەسلەپكى مىدىتسنا ياكى مىدىتسىناغا تەييارلىق تولۇق كۇرس كەسپى دەپ ئاتىدىم.
pre-med دىگەن نىمە؟
بۇ دىگەنلىك ئامرىكا مەكتەپلىرىدە مىدىتسىنا كەسپىگە تولۇق ئوتتۇرىدىن بىۋاستە ئېمتىھان بىرىپ ئۆتكىلى بولمايدۇ، ئاۋۋال (pre-med (pre-medicine دەپ ئاتىلىدىغان بىئولوگىيەنىڭ مەلۇم كەسپىلىرىدە 4 يىل تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن خۇددى ئاسپىرانىتلىق ئېمتىھانىغا ئوخشاش ئېمتىھان بىرىپ ئەڭ ياخشى ئوقۇغان بەك ئاز ساندىكى كىشىلەرلا ئاندىن مىدىتسىنا كەسپىدە ئوقۇيالايدۇ. مۇشۇنداق بولغاچقا مىدىتسىنا ئۇنۋانى دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى بىلەن باراۋەر بولۇپ، مىدىتسىنا ئۇنۋانىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئالىي مەكتەپتىن باشلاپ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 12 يىل، دوختۇرلۇق كېنىشكىسى بار دوختۇرغا ئايلىنىش ئۈچۈن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 15 يىل كېتىدۇ. دىمەك بۇ يەردىكى pre-med دىگەن سۆزگە ماس كىلىدىغان كەسىپ بىر بولسا تىببىي ئۇنىۋىرستتىنىڭ باكلاۋۇرلۇق كەسپى ياكى بىئولوگىيە باكلاۋۇرلۇق كەسپىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. ئامرىكا مىدىتسىنا مەكتەپلىرىگە كىرىش شۇنداق قېيىن، نۇرغۇن جەھەتتىن شەرتلىرى قاتتىق بولغاچقا، جۇڭگودىكى مىدىتسىنا ئۇنىۋىرستىتلىرى پۈتۈنلەي ئامرىكىغا ئوخشىمايدۇ ۋە بېيجىڭ، شاڭخەي مىدىتسىنا ئۇنىۋىرىستىتلىرىدەك جۇڭگودا نامى بار تىببىي ئۇنىۋىرىستىتلارمۇ ئازراقمۇ داڭلىق ھېسابلانمايدۇ.
خۇلاسە:
سۆزلىگۈچى شىنجاڭدىكى ۋاقتىمدا، pre-med ئوقۇغان دەۋاتىدۇ. دىمەڭ شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋىرستىتىنىڭ ئىسىمى پەقەت تىلغا ئېلىنىمىغان. گەرچە شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋىرستىتى يامان ئەمەس مەكتەپ بولسىمۇ، ئەپسۇسكى ئۇنىڭ داڭلىق بولۇش بولماسلىقى بۇ فىلىم بىلەن قىلچە مۇناسىۋەتسىز. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Bihayat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-31 14:48
|