تىزىملىتىش |كىرىش

ئىنتىل تورىدەرۋازا › تېما كۆرۈش

ياردەم: XP ۋە Win7 ھەققىدە

يوللىغۇچى: ibrat| يوللانغان ۋاقتى: 2010-10-1 23:41| كۆرۈلۈشى: 95| ئىنكاس سانى: 3

ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم سەينا ئەھلى ۋە شۇنداقلا ئۇزۇن مەزگىل كومپىيوتېر ساھەسىدە خىزمەت قىلغان بىلىمدانلار، مەن ئەسلى كومپىيوتېرىمغا xpنى قاچىلاپ ئىشلەتكەنتىم، كىيىن win7 نى قاچىلاپ ئىشلەتتىم، ھازىر ماڭا كومپىيوتېرنىڭ يۈكى ئېغىرلاپ كەتكەندەك بىلىندۇ، شۇڭا ھەپتىدە بىرەت قىتم، بەزىدە ئىككى ھەپتىدە بىرەر قىتىم زاپاسلىۋالغان ھۆججەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ تۇرىمەن شۇنىڭ بىلەن سەل-پەل سۈرئەت تىزلەشكەندەك ھېس قىلىمەن، ئىشلەتكەن كومپىيوتېرنىڭ سەپلىمىسى مۇنداق:
ASUS نىڭ تىپى F81se ، مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچىسى 1.8 لىق، قوشيادرو!
مىنىڭ بىلمەكچى بولغىنىم تۆۋەندىكىچە:
1- GHOST نى پات-پات قايتۇرۇپ تۇرسا كومپىيوتېرغا زىينى بارمۇ؟
2- ئەسلى Win7 نى ئىشلەتكۈم بار ئىدى،(كاساپەتنىڭ كۆرۈنمە يۈزىمۇ شۇنداق چىرايلىق) لىكىن بەزىلەر Win7 نىڭ سۈرئىتى xp دىن ئاستا دەپ قارايدىكەن، شۇڭا مەن قايسىسنى تاللىسام بولار؟
WIN7بىلەن xp دىن قايسىسىنىڭ سۈرئىتى تېز؟ قايسىسىنىڭ كومپىيوتېر سەپلىمىسىگە بولغان تەلىپى تۆۋەن؟
3-مىنىڭ كومپىيوتېرىمغا قايسى سېستىما ئەڭ مۇۋاپىق كىلەر؟ سۈرئەت تېز-تېز بولسا بولاتتى....
4-مومكىن بولسا كەسىپ ئەھلىلىرى يول كۆرسىتىپ بولغاندىدن كىيىن شۇ ئۆزەڭلەر تەۋسىيە قىلغان سېستىمنىڭ چۈشۈرۈش ئاددىرسىنى تەمىنلەپ بەرگەن بولساڭلار.....
ئۇدۇل كەلگەن خەقتىن سورىسا ھەممىسى ئۆزئالدىغا ھېكايە سۆزلەيدىكەن، توردىن ئىزدىسىغۇ جىقكەن، لىكىن ئاران تەستە چۈشۈرۈپ بولۇپ قاچىلىسا نەچچىسى تازا مۇۋاپىق كەلمەيدىكەن.....

يېڭى ئىنكاسلار

turan تۈنۈگۈن  11:22
بەزىلەر Win7 نىڭ سۈرئىتى xp دىن ئاستا دەپ قارايدىكەن.ئۇنداق ئەمەس،Win7 نىڭ سۈرئىتىxpدىن تېز بولسا بولىدۇكى ھەرگىز ئاستا ئەمەس!!!شۇنداقلا ئۇنىڭ سەپلىمىگە بولغان تەلىپىمۇ تۆۋەن!!!!  
GHOST نى پات-پات قايتۇرۇپ تۇرسا كومپىيوتېرغا زىينى بارمۇ؟
ئەلۋەتتە كومپىۇتېرنىڭ قاتتىق دىسكىسىغا نىسىبەتەن زىيىنى بار.
كومپىيۇتېرىڭىزنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچى قانچە؟بۇنىمۇ يېزىپ قويۇڭ!!!!
irpan تۈنۈگۈن  11:40
2- ئەسلى Win7 نى ئىشلەتكۈم بار ئىدى،(كاساپەتنىڭ كۆرۈنمە يۈزىمۇ شۇنداق چىرايلىق) لىكىن بەزىلەر Win7 نىڭ سۈرئىتى xp دىن ئاستا دەپ قارايدىكەن، شۇڭا مەن قايسىسنى تاللىسام بولار؟

بەزىلەرنىڭ قارىشى ئۆزىگە ھېساپ سىزسگە قايسى ياققان بولسا شۇنى ئىشلىتىڭ.
ghostنى پات-پات قايتۇرۇپ تۇرغاننىڭ قاتتىق دىسكىغا نىسپەتەن زىيىنى بولىشى مومكىن،مەنمۇ تولا ghost قايتۇرىمەن ئەمما ھازىرچە زىيىننى ھېس قىلمىدىم .
ibrat تۈنۈگۈن  12:21
ئىچكى ساقلىغۇچ 1GB ئىدى؟
ئۇنداقتا Win7 بىلەن xp دىن قايسىسىنىڭ سەپلىمىگە بولغان تەلىپى يۇقىرراقتۇ؟
ئاڭلىسام SP2 نىڭ سەپلىمىگە بولغان تەلىپى تۆۋەنرەكمىش ، لىىكىن توردىن چۈشۈرگىنىم تازا قاملاشمىدى. قاچىلىنىپ بولۇپ ئىككى ئۈچ مىنۇتقا قالماي كومپىيوتېر قىتىپ قالىدۇ، بۇچاغدا كۆرسەتكۈچ كارتىنىڭ گىرادۇسى 78 گىرادۇس
يەنە بىرگەپ Cدىسكىنىڭ ئىچىدىكى ماتىريياللارنىڭ (سىستىمىنىڭ ) ئىگەللىگەن بوشلىقى قانچە چوڭ بولسا سۈرئەت شۇنچە ئاستىراق بولىدۇ ،،،، دىگەننىڭ ئاساسى بارمۇ؟

intil.cn 因特乐 知识信息网 Uyghur Office ( 新ICP备10003688号)|ئالاقىلىشىڭ

GMT+8, 2010-10-3 19:15.

Powered by Discuz! X1(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.