توربەتلىرىمىزدە باشقىلارنى ئۇستۇلۇق بىلەن ئالدايدىغان ئىشلار جىق ئەمەس دەپ قارايتتىم، بايا قارىسام http://www.yol.la دا بىرنەرسە ئىزدەۋېتىپ « ئاستىدىكى رەسىمنى چەكسىڭىز ئۆچىدۇ» دېگەن خەتنى كۆرۈپ قالدىم، بۇ قىپقىزىل يالغانچىلىق بولۇپ ئۇ دەۋاتقان «رەسىم» ئەمەلىيەتتە ئېلان بولۇپ ئۇنى چەكسە ھەرگىزمۇ ئۆچمەيدۇ.
كىنو- فىلىم توربەتلىرىدە ئومۇملاشقان يەنە بىرخىل ئالدامچىلىك « بۇنى چەكسىڭىز كىنو قويۇلىدۇ» دېگەندەك.
بۇ تېمىنى يوللىشىمدىكى مەقسەت دەل يۇقارقىدەك ئالدامچى توربەتلەرنى سازايى قىلىپ ، كۆپچىلىككە ئىبرەت قىلىش.
باشقا مۇشۇنداق ئالدامچىلىق قىلىۋاتقان توربەتلەر يەنە بولۇشى مۇمكىن. بىلىدىغاننى قوشۇپ باشقىلارنى ئالدانماسلىققا، بۇ توربەتلەرنىڭ ئاتامانىنى باشقىلارنى ئالدىماسلىققا ئۈندەيلى ! |