ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 172|ئىنكاس: 6

كومپىيۇتىرنى فورماتلاشتىن ياردەم (yarkanboy)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
459
تىللا
1074
شۆھرەت
1049

تىرىشچان ئىشەنچ دەلىللەنگەن ئەزا تەشۋىقات ئاكتىپ

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-7 01:28:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلار
كومپىيۇتىرىم يىقىندىن بىرى قوزغىلىشىمۇ غەلىتە، تولاراق كۆك ئىكران بولىۋالىدۇ، ...... بەزىدە تېخى قايتا قوزغاتسام قوزغالماي تورىۋالىدۇ.  ... ئىنگىزچە ئىككى ئۈچ قۇر خەت چىقىۋىلىپ،............ كومپىيۇتىرنى ئۆچۈرۋىتىپ بىرەر سائەت تۇرغاندىن كىيىن ئاچسام ئاندىن نۇرمال قوزغىلىدۇ.  
قوزغالغان تەقدىردىمۇ قىتىۋىلىش ئىھتىماللىقى تولىراق، بولۇپمۇ كۆپرەك دىتاللارنى قوزغىتىپ قالسام ياكى كۆپرەك توربەتنى ئىچىپ قالسام قىتىۋىلىپلا كۆك ئىكران بولىۋالىدۇ. .......
سېستىمىنى مۇشۇ ئاي ئىچىدىلا بەش ئالتە قىتىم قايتا قاچىلاپ بولغاندىمەن.......  يەنىلا ھەل بولمىدى .........  مەن كومپىيۇتىرىمنىڭ قاتتىق دىسكىسىدىن سەل گۇمانلىنىپ قالدىم بۇزۇلغان سىكتور بارمىكىن دەپ ........
شۇڭا كومپىيۇتىردىكى بارلىق ماتىرياللارنى كۆچىرۋالدىم .......... مەقسەت قاتتىق دىسكىنى بىر قىتىم فورماتلاپ، قايتىدىن رايۇنلارغا بۆلۈپ باقايمىكىن دىگەن..........
بولسا ياردەم قىلغان بولساڭلار .........  مەن ھازىرغىچە قاتتىق دىسكىنى رايۇنلارغا بۆلۈپ باقماپتىكەنمەن .......

ياردەم ئىككى تۈرلۈك:   1. ھازىر ئىشلىتىۋاتقان كومپىيۇتىرنى فورماتلىۋىتىپ، قايتىدىن رايۇنلارغا بۆلۈش.
                               2. قاتتىق دىسكىنى تەكشۈرۈپ، بۇزۇلغان سىكتورلارنىڭ بار يوقلىقى ئىنىقلاش، بار بولسا ئۇنى قايسى ئۇسۇل ئارقىلىق يوشۇرۋىتىپ، ئىشىپ قالغان قىسمىنى رايۇنلارغا بۆلۈش.

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
813
تىللا
640
شۆھرەت
1239

ئاكتىپ

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-7 02:01:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەتتە سىستېما پىلاستىنكىسىنى سالسىڭىز ياكى توردىن بىرەر ياخشىراق سىستېمىنى چۈشۈرۈپ قوزغاتسىڭىز شۇ سىستېمىنىڭ ئىچىدە ئاپتۇماتىك رايۇنغا ئايرىش ئىقتىدارى بار. فورماتلاپ يۈرمەي ئاپتۇماتىك رايۇنغا ئايرىش بۇيرىقىنى بېرىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ . مىنىڭچە داۋاملىق ئىشلىتىدىغان ئىش بولغاندىكىن  يىڭى دېسكىدىن بىرنى سىتىۋېلىپ ئىشلەتسىڭىز كىيىنكى ئاۋارىچىلىقنىڭ تەكرارلىنىشىدىن قۇتىلىسىز . رايۇنغا ئايرىدۇقمۇ دەيلى . كۈنلەرنىڭ بىرىدە مۇھىم نەرسىلىرىڭىز بىلەن قوشۇلۇپ بۇزىلىدۇ ھەممىسىنى يوقايدۇ . ئۇ چاغدا......................   

ماۋۇ تېمىنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

https://uyghur-archive.com/intil/home/forum. ... 7%D9%86%D8%BA%D8%A7
ئاللاھنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغانلىقىدىن،ئىسلامنىڭ دىنىم بولغانلىقىدىن،مۇھەممەدنىڭ پەيغەمبىرىم بولغانلىقىدىن مەمنۇنمەن .
ablkim 实名认证 

مۇشاۋۇر

ئابلىكىم

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
673
تىللا
958
شۆھرەت
1212

ئاكتىپ

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-7 20:58:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رايونغا بۆلۈشكە دائىر جەھەتلەرنى مەن سۆزلىمەي.سىزگە قولدا رايونغا بۆلۈشتە قانداق قىلغاندا پۈتۈن سان بويىچە بۆلىدىغان فورمىلاسىنى دەپ بېرەي ،مۇشۇ فورمۇلاغا سېلىپ ھېسابلاپ چىققان ساننى كىرگۈزۈپ بۆلىسىڭىزلا پۈتۈن سان بويىچە بۆلىنىدۇ.
مەسىلەن ،بىز كۆپىنچە ۋاقىتلاردا دېسكا رايونىمىزغا قارىساق پۈتۈن ئەمەس ،يەنى 68.9 GB دىگەندەك. ئەمدى پۈتۈن قىلىش ئۈچۈن  تۆۋەندىكى فورمۇلانى ئىشلىتىمىز.
X-1)*4+1024*X=Y)

X: دىگىنىمىز بىز ئايىرىماقچى بولغان پۈتۈن سانلىق دېسكا رايونى .مەسىلەن مەن 70 GB غا بۆلەي دەپ قىلغان بولسام ،بۇ يەردىكى  X دەل 70 دىگەن گەپ. بىرلىكى GB

Y: دىگىنىمىز بولسا ئەڭ ئاخىردا ھېسابلاپ چىققان سان،يەنى بىز كىرگۈزمەكچى بولغان سان.بىرلىكى MB


ئەمدى مەن 250 GB لىق قاتتىق دېسكىنى 4 رايونغا بۆلۈپ سۆزلەپ ئۈتەي. مەسىلەن مەن c رايونغا 30 GBنى،  d رايونغا 80MB نى، eرايونغا  70GBنى ، f رايونغا 70GB نى مۇشۇ تەقسىمات بويىچە بۆلەي دەپ قارىسام تۆۋەندىكىدەك ھېسابلايمىز.
X-1)*4+1024*X=Y)
30836=30*1024+*4(30-1)
30836=30720+ 4*29
30836 =116+30720
  دىمەك ئاخىردا بىز c دېسكا رايونىغا 30836MB نى كىرگۈزۈپ يازساقلا پۈتۈن 30 GB غا بۆلىنىدۇ دىگەن گەپ.قالغانلىرىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش. چۈشەنمىگەنلەر بولسا ئىنكاس قايتۇرسا چۈشەندۈرۈپ قويىمەن. ئاپتۇماتىك رايونغا بۆلسەك بۇنداق پۈتۈن بۆلمەيدۇ شۇڭا بىلمەيدىغانلار بولسا بىلىۋالسۇن دەپ يوللاپ قويدۇم. لازىم بولغانلار پايدىلىنىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

ئەسكەرتىش: يۇقارقى مەشغۇلاتلار سىز يېڭىدىن رايونغا بۆلگەندە ياكى يېڭىدىن سېستىما قاچىلاش ئۈچۈن رايونغا بۆلۈش توغرا كىلىپ قالغان بولسا (پۈتۈن رايوننى بۆلۈش) مۇشۇ ئۇسۇلنى ئىشلىتىڭ ،ئادەتتە نورمال ۋاقتىدا ئىشلەتمەڭ !!!! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablkim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-7 21:02  

باھا سۆز

ياخشى: 5.0
yarkanboy  ياخشى: 5
بەك تەپسلىي چۈشەندۈرۈپسىز رەھمەت سىزگە! بۇ ھۈنەرلەرمۇ ئەسقاتتى.  يوللىغان ۋاقتى 2012-10-11 00:52:25
بىلىم كۈچ!

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
832
تىللا
701
شۆھرەت
1499
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-8 10:59:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆك ئېكران مەسىلىسىى قاتتىق دېسكىدىن چىقىش ئېھتىمالى ئەڭ تۆۋەن ئاساسلىق ئىچكى ساقلىغۇچ ئاساسى تاختا قاتارلىقلاردىن چىقىش ئېھتىمالى ئەڭ يۇقىرى ،مېنىڭ بۇرۇنقى كومپىيوتېرىممۇ بەك تولا كۆك ئېكران بۇلۇۋالاتتى ،ئىچكى ساقلىغۇچ قاتارلىق زاپچاسلىرىنى ئالماشتۇرۇپمۇ ئوڭشالماي مەنمۇ قاتتىق دېسكىدىن كۈرۈپ ئالماشتۇرساممۇ بولماي كىيىن ئۇنى سېتىۋىتىپلا قۇتۇلدۇم ،شۇ دېسكىنى ھازىرقى كومپىيوتېرىمدا ئىشلىتىۋاتىمەن، كۈندە سەككىز-ئون  سائەت ئىشلەتسەممۇ كۆك ئېكران بۇلۇشقۇ ئۇياقتا تۇرسۇن ھەتتا بىرەر قېتىم قېتىپمۇ قويمايدۇ يا قىزىپ كەتمەيدۇ شۇنداق مۇقىم ئىشلەۋاتىدۇ .سىز ئەڭ ياخشىسى كومپىيوتېرنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچ cpu  ئاساسى تاختا قاتارلىقلارنى بىر قېتىم تەكشۈرۈپ كۈرۈڭ توپا -چاڭ بولغان بولسا تازىلاڭ ئالماشتۇرۇپ بېقىڭ ،سىملىرىنى چىقىرىپ چىڭىتىپ قايتا سېلىڭ ،مەنغۇ كۆك ئېكران مەسىلىسىنى ئاساسى تاختىدىنلا كۆرىدىغان بۇلۇپ قالدىم، ئەگەر قاتتىق دېسكىنى زادى تەكشۈرۈپ باقاي دىسىڭىز ماۋۇ دىتالنى ئىشلىتىپ بېقىڭ .windows ھالىتىدە ئىشلەيدۇ (HDTune) ھازىرقى سېستىمىلارنىڭ ھەممىسىدە بار بۇ دىتال. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   chaqmaq137 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-8 11:03  

بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قۇربان ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن ،ئىنتىل سەيناسىدىكى بارلىق دوسىتلارغا ئايەملىك سالام!
bostan305   [ئىشەنچلىك ئەزا]  实名认证 

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
1060
تىللا
786
شۆھرەت
1750

تىرىشچان ئىشەنچ دەلىللەنگەن ئەزا ئاكتىپ

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-8 13:29:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭمۇ بىر تەكلىۋىم بار:- سىز ئاۋال ئىشلىتىۋاتقان سېتىمىڭىزنى ئالماشتۇرۇپ بېقىڭ ، مەسىلەن xpبولسا win7گە ئالماشتۇرۇپ سىناپ بېقىڭ، مىنىڭچە win7گە ئالماشتۇرۇپمۇ يەنە مۇشۇ خاتالىق يۈز بەرسە ئاندىن يۇقارقى ئۇسۇللارنى سىناڭ
بىلىم ئۈگۈنۈش ھەربىر مۇسۇلمانغا پەرز!!!!!!!!
كۆكلەي دېسەڭ ئۇيغۇرۇم، سۇ بۇلايمۇ يىلتىزمۇ؟

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
98
تىللا
159
شۆھرەت
156
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-9 18:18:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە 1. سىزنىڭ كومپىيۇتېرىڭىزنىڭ cpuقىززىپ كىتىدىكەن . سىز كومپىيۇتېر بازىرىدىن cpuنىڭ ئۈستىگە سۈركەيدىغان يىلىمنى سېتىۋىلىپ ئاساسىي ماشىنىڭىزنى ئېچىپ cpuئۈسىتىدىكى شاملدۇرغۇچنى ئاجرىتىپ ئېلىپ ، يىلىمىنى سۈرتۈپ بولۇپ ( كۆپرەك سۈركەڭ ) قايتا جايىغا سېلىپ ئىشلىتىڭ . 2. سىزنىڭ كومپىيۇتېىترىڭىزنىڭ ئىچىدىكى شامالدۇرغۇچنىڭ ئورنىتىلىش ئەھۋالىغا قاراپ بېقىڭ . يەنى ئاساسىي ماشىنىنىڭ قىپىنى ئېچىپ ماشىنىغا ئورنىتىلغان شامالدۇرغۇچلار نورمالمۇ ياكى توختىۋالغانلىرى بارمۇ؟ ئەگەر نورمال بولسا ئورنىتىلغان شامالدۇرغۇچلارنىڭ چىقارغان ئىسسىقلىقى قايسى تەرپكە قاراپ چىقىدۇ . ( قاتتىق دىسكا ۋە باشقا ئۈسكىنلىەر چىققان ئىسسىقلىقتىن خالىي مۇ ئەمەسمۇ؟) 3. يۇقارقىلار نورمال بولسا سىز كومپىيۇتېرىڭىزنىڭ كۆرسىتىش كارتىسى ، ئىچكى ساقلىغۇچلىرىنى چىقىرۋىلىپ ئاساسىي تاختا ئوقۇرىنى ( كۆرسىتىش كارتىسى ، ئىچكى ساقلىغۇچ سالغان جاي ) چىش چوتكىسى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىنچىكە قىللىق نەرسىلەر بىلەن پاكىزسۈرتۈڭ ۋە توپا ، چاڭ-توزانلارنى پۈۋلەپ پاڭىزچىقىرۋەتكەندىن كېيىن سىناپ بېقىڭ . مېنىڭچە چوقۇم ئوشىلىپ قالىدۇ . قوزغىلىپ ئازراق ئىشلەتكەندىن كېيىن كۆك ئىكران بولۇش مەسىلىسى ئاساسلىقى يۇقارقى سەۋەبلەردىن بۇلىدۇ . قاتتىقدىكا بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن مۇناسىۋىتى يوق دىيەرلىك .

باھا سۆز

ياخشى: 5.0
yarkanboy  ياخشى: 5
سىز دىگەن بۇ مەسىلىلەرمۇ باركەن، سىز دىگەن ئۇسۇل بويىچە cpu قىزىتمىسى چۈشتى!  يوللىغان ۋاقتى 2012-10-11 00:54:58

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
459
تىللا
1074
شۆھرەت
1049

تىرىشچان ئىشەنچ دەلىللەنگەن ئەزا تەشۋىقات ئاكتىپ

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-11 01:12:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپچىلىككە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن .   كۆپچىلىكنىڭ ياردىمىدە دەسلەپكى قەدەمدە كومپىيۇتىرىمنى ئوڭشىۋالدىم ... قانداق ئوڭشىغانلىقىمنى قالدۇرۇپ قوياي.  كىيىن ماڭا ئوخشاش ئىشقا دۇچ كەلگەنلەر مۇشۇ تىمىدىن پايدىلىنىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس...
يۇقاردا كۆپچىلىك ئوتتۇرغا قويغان مەسىلىلەر مىنىڭ كومپىيۇتىرىمدا ھەقىقەتەن بار ئىدى. ..
يەنى cpu تىمپىراتۇرسى يۇقىرى، قىتىۋىلىش، كۆك ئىكران بولىۋىلىش دىگەندەك.........

بۇنى ئالدى بىلەن كومپىيۇتىرىنى ئىچىپ بىر قىتىم ئىچىنى پاكىزە تازلىغاندىن كىيىن cpu نىڭ تىمىپىراتۇرسى شالاققىدە 20 گىرادۇس چۈشۈپ كەتتى .........  مەسىلىلەر ئازراق ھەل بولدى.  بۇنىڭلىق بىلەن تولۇق ھەل بولمىدى.....
ئاندىن يۇقاردىكى ئۇستازلار دىگەن ئۇسللار  بويىچە بىر قانچە قىتىم، بىر قانچە سېستىما دىسكسىىنى سىناق قىلىش ئارقىلىق قاتتىق دىسكامنى ئاخىرى فورماتلاپ، قايتىدىن رايۇنلارغا بۆلدۈم.  خۇداغا شۈكرى ........  شۇندىن ئىتىبارەن نۇرمال ئىشلەۋاتىدۇ.
كۆپچىلىكنىڭ ياردىمىگە يەنە بىر قىتىم تەشەككۈرلەر بولغاي!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-11-27 18:58 , Processed in 0.136554 second(s), 17 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش