ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 107|ئىنكاس: 0

كومپىيۇتېرنىڭ قوزغالماسلىقىدىكى سەۋەپلەر .. [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
742
تىللا
578
شۆھرەت
1133
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-4 20:48:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ ئۇچرايدىغان كومپيۇتېرنىڭ قوزغىلالماسلىقىدىكى 10 تۈرلۈك سەۋەب
سىز كومپيۇتېرىڭىزنى قوزغاتقان ۋاقتىڭىزدا كومپىيۇتېرىڭىز قوزغىلالماي قارا ئىكران ھالىتىدىن ئۆتەلمەي تۇرۋالدىغان ئىشلارغا ئۇچرىدىڭىزمۇ؟ ئۇچرىغان بولسىڭىز قارا ئىكراندا كۆرسەتكەن خاتالىق ئۇچۇرىغا تۆۋەندىكىلەرنى سىلىشتۇرۇپ چىقىڭ ، ئاندىن ئۇچۇر ئەسكەرتمىسىدە دىيىلگىنى بويىچە كومپيۇتېرىڭىزنى ساقايتىۋىلىڭ.
CMOS Battery failed
ئۇيغۇرچە مەنىسى : CMOS باتارىيىسى مەغلۇب بولدى.
بۇ كومپيۇتېر ئانا تاختىسىدىكى CMOS ئۇچۇرلىرىنى ساقلاشقا ئىشلىتىلىدىغان باتارىيىنىڭ توكى قالمىغانلىقىنى ياكى توك ساقلىماس بولۇپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، سىز بۇ چاغدا باتارېيە ئالماشتۇرسىڭىزلا بولىدۇ.
CMOS check sum error-defaults loaded
ئۇيغۇرچە مەنىسى : CMOS بارلىق سىستېمىنى تەكشۈرۈش ئىلىپ بارغاندا خاتالىق كۆرۈلدى،سىىستېمىنىڭ ئەسلىدىكى تەڭشىكىنى ئەكىرىڭ.
بۇ خىل خاتالىق ئۇچۇرى چىقىشنىڭ بىر نەچچە خىل ئىھتىمالى بولۇپ بەلكىم ئانا تاختىدىكى باتارىيە تۈگەيلا دەپ قالغان بولىشى مۇمكىن ، شۇڭلاشقا سىز باتارىيەنى ئالماشتۇرۇپ سىناڭ ئەگەر يەنە مۇشۇ خاتالىقنى كۆرسىتىپ قوزغىلالمىسا بۇ CMOS RAM دا مەسلە كۆرۈلگەنلىكتىن دېرەك بىرىدۇ، بۇ چاغدا سىز ئانا تاختىنى ئالماشتۇرشىڭىز ياكى سىز كومپيۇتېر سىتىۋالغان جاي بىلەن ئالاقىلىشىپ زاۋۇقا ئەۋەتىپ رېمونت قىلدۇرىشىڭىز كېرەك.
Press ESC to skip memory test
ئۇيغۇرچە مەنىسى : ESC كونۇپكىسىنى بىسىپ ئىچكى ساقلىغۇچ تەكشۈرشىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كىتىشكە بولىدۇ.
CMOS تەڭشىگەندە ئىچكى ساقلىغۇچنى ئىككىنچى ، ئۈچىنچى، تۆتىنچى تەكشۈرۈشتىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كىتىدىغان قىلىپ تەڭشىمىگەنلىكتىن مۇشۇ ئەھۋال كېلىپ چىققان ، بۇنداق بولغاندا كومپيۇتېر ھەر بىر قېتىم قوزغالغاندا ئىچكى ساقلىغۇچنى تۆت قتىم تەكشۈرۈپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ،بۇ جەرياندا ESC كونۇپكىسىنى بىسىپ ئاتلاپ ئۆتۈپ كىتىشكە بولىدۇ، لېكىن ھەر قېتىم كومپيۇتېر قوزغالغاندا بۇنى بىسىش ئاۋارىچىلىق ،سىز كومپيۇتېرىڭىزنىڭ CMOS تەڭشەك تۈرىدىن BIOS FEATURS SETUP تاللايسىز ئاندىن بۇنىڭ ئىچىدىن Quick power On Self Test تۈرىنى Enabled قىلىپ تەڭشىۋەتسىڭىزلا بۇ ئاۋارىچىلىقتىن قۇتۇلالايسىز.
Keyboard error or no keyboard present
ئۇيغۇرچە مەنىسى : باستاختىدا خاتالىق بار ياكى باستاختا ئۇلانمىغان .
بۇ خاتالىق ئۇچۇرى چىققاندا سىز باستاىتىنىڭ ئۇلانغان ياكى ئۇلانمىغانلىقىنى ياكى ئۇلاش ئورنىنىڭ بوشاپ قالغان ياكى قالمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ چىڭىتىپ قويسىڭىز بولىدۇ.
Hard disk install failure
ئۇيغۇرچە مەنىسى: قاتتىق دىسكا  ئورنىتىش مەغلۇپ بولىدى.
بۇ خاتالىق قاتتىق دېسكىنىڭ ئېلېكتر سىمى ياكى ئۇچۇر سىمىنىڭ ياىشى ئۇلانمىغانلىقىنى ياكى قاتتىق دىسكا تەڭشىكىنىڭ جايىدا تەڭشەلمىگەنلىكىدىن كېلىپ چىققان. بۇ خاتالىق كۆرۈلگەندە سىز قاتتىق دىسكا سىملىرىنىڭ ياىشى ئۇلانغان ياكى ياىشى ئۇلانمىغانلىقىنىمۇ تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ ، ئاندىن سىز بىر كومپيۇتېرغا ئىككى قاتتىق دىسكا ئۇلاپ ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز ئۇنداقتا سىستېما قاچىلانمىغان (كېيىن ئكزىڭىز قوشۇۋالغان دېسكا) دېسكىنىڭ تەڭشىكىنى Slave قىلىپ تەڭشەڭ .ئەگەر يەنە مۇشۇ خاتالىق چىقىۋالسا قاتتىق دىسكا رەتلەش يۇمشاق دېتاللىرى بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ سىناڭ، ئەگەر يەنە قوزغىلالمىسا ، قاتتىق دېسكىنى ئالماشتۇرۋىتىڭ(بۇزۇلۇپتۇ).
Secondary slave hard fail
ئۇيغۇرچە مەنىسى:قوشۇمچە قاتتىق دېسكىنى بايقىيالمىدى.
ئەھۋالدىن قارىغاندا سىز CMOS نى توغرا تەڭشىيەلمەپسىز،يەنى كومپيۇتېرىڭىزغا قوشۇمچە قاتتىق دىسكا ئۇلانمىغان بولسىمۇ سىز CMOS نى قوشۇمچە قاتتىق دېسكا بار دەپ تەڭشەپ قويۇپسىز ، شۇڭلاشقا بۇ خاتالىق چىققان گەپ ، سىز CMOS قا كىرىپ IDE HDD AUTO DETECTION قىلىپ تەڭشىۋەتسىڭىز بولىدۇ ، ئەگەر يەنە خاتالىق چىقسا مۇشۇ يازمىمىزنىڭ 5.تۈرىدە دىيىلگىنى بويىچە مەشغۇلات قىلىڭ.
Floppy Disk(s) fail ياكى Floppy Disk(s) fail(80) ياكى Floppy Disk(s) fail(40)
ئۇيغۇرچە مەنىسى: يۇمشاق دىسكا قوزقاتقۇچىسىنى قوزغىتالمىدى
ھازىر چىققان كومپيۇتېرلاردا يۇمشاق دىسكا قوزغاتقۇچ سەپلەنمىگەچكە بۇ خىل خاتالىق كۆرۈلمەيدۇ، لېكىن مەكتەپ ئىشخانىلاردىكى بۇرۇنقى كومپيۇتېرلاردا يۇمشاق دىسكا قوزغاتقۇچ بار شۇڭلاشقا بۇ خاتالىقتىن ساقلىنىش قىيىن ، بۇ خاتالىق چىققاندا سىز يۇمشاق دىسكا قوزغاتقۇچنىڭ ئۇچۇر سىمى ۋە توك سىملىرىنىڭ بوشاپ قالغان ياكى قالمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ بىقىڭ.
Hard disk(s) diagnosis fail
ئۇيغۇرچە مەنىسى: قاتتىق دېسكىغا دىئاگنوز قويغاندا خاتالىق كۆرۈلدى
بۇ خىل خاتالىق قاتتىق دېسكىدا فىزىكىلىق بۇزۇلۇش كۆرۈلگەندە چىقىدىغان بولۇپ ، سىز قاييىق دېسكىنى سۆكۈپ ئىلىپ باشقا ئۇلاپ سىناڭ،يەنە مۇشۇ خاتالىق كۆرۈلسە قاتتىق دىسكا رەتلەش يۇمشاق دېتاللىرى بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ سىناڭ، ئەگەر يەنە قوزغىلالمىسا ، قاتتىق دېسكىنى ئالماشتۇرۋىتىڭ(بۇزۇلۇپتۇ).
Memory test fail
ئۇيغۇرچە مەنىسى: ئىچكى ساقلىغۇچنى تەكشۈرۈش مەغلۇپ بولدى.
بۇ بىر بولسا ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ ئوقۇرغا ياخشى سىلىنمىغانلىقىدىن بولىدۇ، بۇ چاقدا سىز ئىچكى ساقلىغۇچنى چىقىرىپ تىگىشىش ئۇچلىرىنى تازىلىۋىتىپ سالسىڭىز بولىدۇ، بىر بولسا ئىككى ئوقۇرغا سىلىنغان ئىككى ئىچكى ساقلىغۇچ ئۆزئارا ماسلىشالماپتۇ، ئوخشاش تىپلىق ئىچكى ساقلىغۇچ سىلىپ سىناڭ.
Override enable-Defaults loaded
ئۇيغۇرچە مەنىسى:  نۆۋەتتىكى CMOS تەڭشىكىدە سىستېمىنى قوزغىتالمىدى،ئەسلىدىكى BIOS تەڭشىكى كۆڭۈلدىكى قىممىتىنى قايتۇرۇڭ.
ئادەتتە CMOS تەڭشىكىدە خاتالىق كۆرۈلگەندە يۇقارقىدەك خاتالىق ئۇچۇرى چىقىدىغان بولۇپ سىز CMOS قا كىرىپLOAD SETUP DEFAULTS نى تاللاپ ساقلاپ چىكىنگەندىن كىيىن كومپيۇتېرنى قايتا قوزغىتىۋەتسىڭىز بۇ خاتالىق كۆرۈلمەيدۇ.



ئۆزتاج بىلوگى
ئاللاھنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغانلىقىدىن،ئىسلامنىڭ دىنىم بولغانلىقىدىن،مۇھەممەدنىڭ پەيغەمبىرىم بولغانلىقىدىن مەمنۇنمەن .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-11-13 03:47 , Processed in 0.075302 second(s), 16 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش