ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 149|ئىنكاس: 5

ئەڭ ياخشى بۆلۈش نۇقتىسى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
340
تىللا
234
شۆھرەت
443
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-2 23:13:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلى ماۋزۇ:  ئالتۇن بۆلۈش نۇقتىسى
ئاپتورى: faith

مەن بىر سىن كۆرۈپ قالدىم، ئەمما سىننى ئەڭ ئاخىرىغا يوللايمەن. مەن سۆزلىمەكچى بولغان گەپ ئالتۇن بۆلۈش نۇقتىسى

                                                             ئالتۇن بۆلۈش نۇقتىسى


ئېنىقلىمىسى:
بەلگىلىك خالىغان ئۇزۇنلۇقتىكى تۈز سىزىقنى ئىككى بۆلەككە بۆلسەك ئەگەردە ئۇزۇن بۆلىكىنىڭ قىسقا بۆلىكىگە بولغان نىسبىتى بىلەن پۇتۇن ئۇزۇنلۇقنىڭ ئۇزۇن بۆلەككە بولغان نىسبىتى تەڭ بولسا ئۇنداقتا بىز بۆلگەن ئاشۇ نۇقتىنى ئالتۇن بۆلۈش نۇقتىسى دەيمىز. بۇ نىسبەتنى ئالتۇن نىسبەت دەيمىز. (The Golden Ratio، 黄金比例 )
ئۇنداقتا بۇ نىسبەتنىڭ قىممىتى قانچە، تۆۋەندە ماتىماتىكىلىق ھېسابلاپ كۆرەيلى.
بۇ ماتىماتىكىلىق جەريان ئىنتايىن ئاددى بولۇپ تولۇقسىز ماتىماتىكا سەۋيىسىدە تامامەن چۈشەنگىلى بولىدۇ
ئېنىقلىمىدىن مۇنۇ تەڭلىكنى قۇرىمىز


بۇيەردىكى  φ دەل بىز دەۋاتقان ئالتۇن نىسبەت.
a/b غا نىسبىتى φ بولغانلىقتىن b/a غا نىسبىتى φ/1 بولىدۇ
بۇنىڭدىن ماۋۇنىڭغا ئېرىشەلەيمىز




ئىككىنچى دەرىجىلىك بۇ تەڭلىمىنى يەشسەك قىممىتى تۆۋەندىكىدەك

دىمەك بۇيەردىكى ئالتۇن بۆلۈش نىسبىتى تەخمىنەن 1.618 بولىدىكەن.
دىمەكچى ھەرقانداق بىر ئۇزۇلۇقتىكى سىزىقنىڭ ئىككى ئالتۇن بۆلۈش نۇقتىسى بولىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ ھەرگىزمۇ سىمىتىرىك نۇقتىسى بولالمايدۇ. چۈنكى سىمتىرىك نۇقتا تەڭ بۆلەككە بۆلگەچكە ئۇمۇمىي ئۇزۇنلۇقنىڭ تەڭ بۆلۈنگەن خالىغان بىر بۆلەككە بولغان نىسبىتى ھامان 2 بولىدۇ. مەلۇم ئۇزۇنلۇقتىكى سىزىقنىڭ ئالتۇن بۆلۈش نۇقتىسى دەل ئاشۇ سىزىقنىڭ سىمتىرىك نۇقتىسىنىڭ ئىككى تەرىپىدە بىردىن بولىدۇ.
مەسىلەن مەن ھېسابلاش ئاسان بولۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك سىزىۋالدىم.مەن 1618 ئۇزۇنلۇقتىكى(بىرلىكى مۇھىم ئەمەس) سىزىقنى 1000 ۋە 618 گە بۆلدۈم. بۇنداق بۆلۈش ئىككى خىل بولىدۇ.

ئەمدى ماۋۇ سىننى كۆرۈڭلار. بۇ كەبىنىڭ سىرى دېگەن سىن بولۇپ ئۇنىڭدا كەبىنىڭ يەرشارىنىڭ ئالتۇن بۆلۈش نۇقتىسى ئىكەنلىكى بايان قىلىنپتۇ.دىمەكچى بولغىنى يەرشارى ئىككى قۇتۇبىغىچە بولغان ئارلىقنىڭ ئالتۇن بۆلۈش نۇقتىسى دەل كەبە ئىكەن. ئەمما قائىدە بويىچە يەرشارى ئىككى قۇتۇپتىن كەبىدىن ئۆتىدىغان مېردىئان سىزىقى ئارىسىدىكى ئارلىقتا يەنە بىر ئالتۇن بۆلۈش نۇقتىسى بار بولىشى كېرەك. ئەلۋەتتە يەنە ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن مېردىئان ۋە كەڭلىك سىزقىلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئىككىدىن ئالتۇن بۆلۈش نۇقتىسى بولىدۇ. يەنى دىمەكچى كەبە بىلەن ئوخشاش بىر كەڭلىكتىكى بارلىق جايلارمۇ ئالتۇن بۆلۈش نۇقتىسى بولالايدۇ. ئەلۋەتتە كەبىنىڭ دەل ئاشۇ ئالتۇن بۆلۈش نۇقتىسىدا بولىشى ئالاھىدە ئەھۋال.

ئۇنداقتا ئالتۇن بۆلۈش نۇقتىسىنىڭ ئەھمىيتى نىمە؟  يۇقارقى سىندا ئادەم بەدىننىڭ تۈزۈلۈش ئالاھىدىكىلى ئاشۇ نىسبەت بويىچە بولغان.ئەمما مېنىڭ كاللامدىن ئۆتمىگىنى كەبىنى يەرشارىنىڭ ۋە دۇنيانىڭ ئالتۇن بۆلۈش نۇقتىسى قىلغانلىقدا!
1

باھا خاتىرىسى

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
340
تىللا
234
شۆھرەت
443
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-2 23:22:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقارقىسى قارىماققا ياردەم تېمىسىدەك قىلغان بىلەن ئۇنىڭدا مۇئەييەن بىلىم باركەن، شۇڭا تۆۋەندىكىلەرنىمۇ قوشۇپ قوياي:

                                                                                                                                                                        



ھازىرقى لايىھە ئىشلىرىدىمۇ مۇشۇ نىسپەت بويىچە ماركا لايىھىلەيدىغان بوپ كىتىپتۇ ...

~~~~~~~~~~~~~~~
ماۋۇ توربەتتە مۇشۇنى چۈشەندۈرۈپ يىتىۋېتىپتۇ.
http://frc.sbcc.edu/4sbccfaculty/lecture/2000s/lectures/Peter_Georgakis.html

~~~~~~~~~~~~~~~~~~

قۇلۇلىنىڭ قېپىمۇ مۇشۇ نىسبەت بويىچە ماڭىكدىكەن.



~~~~~~~~~~~~~
ۇقارقى سىن ئەينى ۋاقىتتا(人人)تورىغا يوللانغان ۋاقتىدا، بىرەيلەن (ئۇيغۇر)زاڭلىق قىلغان تەلەپپۇزدا«ئىككى قۇتۇپ ئارىسىدىكى ئالتۇن بۆلۈنۈش نۇقتىسى دېگەن تولا گەپ»دەپ ئىنكاس قالدۇرۇپتىكەن. مېنىڭچە ئازتولا ماتېماتىكا ئۆگەنگەن ئادەم بولسىلا بۇنى بىلمەي قالمايدۇ. لېكىن بىز سىننى ئاخىرىغىچە كۆرسەك يەنە تۆۋەندىكى مەزمۇنلار بار:

* مەككىدىن جەنۇبى قۇتۇپقىچە بولغان ئارىلىقنىڭ ئىككى قۇتۇپ ئارىسىدىكى ئارىلىققا بولغان نىسبىتى 1.618گە تەڭ.
* خەلقئارانىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن ئۆلچەملىك دۇنيا خەرىتىسىنىڭ ئالتۇن بۆلۈنۈش نۇقتىسى دەل مەككە.
* يۇقارقى خەرىتىدە مەككىدىن شەرق تەرەپكە ۋە غەرب تەرەپكە بولغان ئىككى ئارىلىقنىڭ نىسبىتى 1.618گە تەڭ.
* يەنە يۇقارقى خەرىتىدە مەككىدىن غەربكە سوزۇلغان ئارىلىق بىلەن كەڭلىكنىڭ نىسبىتى 1.618گە تەڭ.
* دېڭىز-ئوكيانلارنى چىقىرىۋېتىپ،پەقەت قۇرۇقلۇق قىسمىنىڭ مېردىئان ۋە كەڭلىكى بويىچە ئۆلچىسەكمۇ،يەرشارىنىڭ ئالتۇن بۆلۈنۈش نۇقتىسى يەنىلا مەككە.
* «سۈرەئىمران»نىڭ 96-ئايىتىدە جەمئىي 47ھەرپ بولۇپ،«مەككە»سۆزىنىڭ ئالدىدىكى ھەرپ سانى بىلەن كەينىدىكى ھەرپ سانىنىڭ نىسبىتى 1.618گە تەڭ.
* ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ ئالتۇن بۆلۈنۈش نۇقتىسى مەككە،مەككىنىڭ ئالتۇن بۆلۈنۈش نۇقتىسى بولسا بەيتۇللا.

بۇ يەردىكى مۇھىم نۇقتا:مەككىدىن ئىككى قۇتۇپقىچە بولغان ئارىلىقنىڭ نىسبىتىنىڭ 1.618گە تەڭ بولۇپ قېلىشى تاساددىپىلىق بولىشى مۇمكىن.ئەمما يۇقارقىدەك «تاساددىپىلىق»لارنىڭ بىر مەككە ئۈستىدە جەم بولىشى بىزنىڭ ئۇنى مۆجىزە دەپ ئاتىشىمىزغا يېتەرلىك .
~~~~~~~~~~~



ئەمدى مەن سۆزلەپ باقاي، يەرشارى يۇمىلاق ھالەتتە. ھەم ئىككى قۇتۇبى سەل قىسىلغان ھالەتتىكى ئېللىپىس شەكىلدىكى شارسىمان جىسىم. ئەمما شۇنىىسى ئېنىقكى يەرشارى سىمىتېرىك شارسىمان جىسىم. بۇيەردىكى سېمىتىرىكلىك ئەلۋەتتە بەك مۇھىم. مەسىلەن ئېكىۋاتور يەرشارىنى جەنۇبىي يېرىم شار ۋە شىمالىي يېرىم شار دەپ تەڭ ئىككىگە بۆلىدۇ. ھەمدە شۇنداقلا شەرقىي يېرىم شار ۋە غەربىي يېرىم شار دەپ ئىككىگە بۆلىدۇ.

ئىككى قۇتۇپنىڭ ئارلىقىدىكى ئالتۇن نۇقتا چەمبىرىكىمۇ دەل ئىككى بولىدۇ. رەسىمدىكى CD ۋە JK تۈز سىزىق ئۇستىكدىكى بارلىق نۇقتىلار يەرشارى ئىككى قۇتۇبىنىڭ ئالتۇن نۇقتىسى بولالايدۇ. بىرى شىمالىي يېرىم شاردا، يەنە بىرى جەنۇبىي يېرىم شاردا. چۈنكى ھەرقانداق بىر ئارلىقنىڭ چوقۇم ئىككى ئالتۇن بۆلۈش نۇقتىسى بولىدۇ. بۇنى ئىسپاتلاپ بەرمىسەممۇ چۈشنىسىلەر ھەقىچان. ئوخشاشلا غەرىپ ،شەرىق ئارلىقلارنىڭمۇ ئالتۇن نۇقتا چەمبىرىكى ئىككى تال. رەسىمدىكى EF,AB سىزىقلار ئۈستىدىكى بارلىق نۇقتىلارمۇ يەرشارى غەرىپ شەرىق ئۇزۇنلۇقىنىڭ ئالتۇن نۇقتىسى بوللايدۇ. بۇنۇ جەمئىي تۆت تال سزىقلارنىڭ كېسىشى نۇقتىسى دەل مۇشۇ سىندا دەۋاتقان يەرشارىنىڭ ئالتۇن نۇقتىسى بولالايدۇ. دىمەكچى بۇنداق نۇقتىدىن جەمئىي 4 سى بار. سىمىتىرىك قانۇنىدىن دۇنيا خەرىتىسىنىڭ ئىككى بۇلۇڭ ئۇزۇنلۇقىنىڭ ئالتۇن نۇقتىسىمۇ تۆت . ئەمدى مەككىنىڭ ئەرەپ يېرىم ئارىلىنىڭ ئالتۇن نۇقتىسى بولىشى ئۇنىڭ يەرشارىنىڭ ئالتۇن نۇقتىسى ئىكەنلىكنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدۇ دىمەكچى

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
340
تىللا
234
شۆھرەت
443
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-2 23:29:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالتۇن بۆلۈش نىسبىتى نەزىريىسى
1، ئالتۇن بۆلۈش نىسبىتى نەزىريەسىنىڭ كېلىپ چىقىشى
ماتىماتىك فابۇلەنس 13 - ئەسىردە يازغان كىتاۋىدا بىر قاتار قىزىقارلىق سانلار بىرىكمىسىنى تىلغا ئالغان بولۇپ ، ئۇلار : 1،1،2،3،5،8،13،21،34،55،89،144،233 قاتارلىق سانلار  ، بۇ بىرىكمىدىكى ھەر قانداق سان ئالدىدىكى ئىككى ساننىڭ يىغىندىسىغا تەڭ بولىدۇ، مەسىلەن :1+1 = 2 ، 2+1 = 3 ،  3+2 =5  ، 5+3 =8   دىگەندەك .
بەزىلەر ئۇ تىلغا ئالغان بۇ سان بىرىكمىلىرىنى  دەل ئۇ ئەلئېھرامنى  تەتقىق قىلغاندا ئېرىشكەن سان - سىفىرلار ھەمدە ئەلئېھرامدىكى قىزىقارلىق سانلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدۇ . ئەلئېھرام گىئومىتىرىيىلىك شەكىل جەھەتتىن  بەش يۈزى، سەككىز قىرى بولۇپ ،قارىماققا  13بۈلەككە بۈلۈنگەن ،ھەر بىر تەرەپتىن قارىغاندا  3 قەۋەتنى كۆرگىلى بولىدۇ .  ئۇنىڭ ئۇزۇنلىغى 5813سوڭ  (13-8-5) ، يۇقۇرقى يۈزى يۈزى بىلەن تۈۋەنكى يۈزىنىڭ نىسبىتى 0.618 بولۇپ بۇ دەل يۇقۇرقى سېھىرلىق سان بىرىكمىسىدىكى خالىغان ئىككى ئۇلۇنۇپ كەلگەن   ساننىڭ نىسبىتىگە توغرا كېلىدۇ . مەسىلەن : 55 نى 89 غا بۆلسەك 0.618 غا تەڭ ، 89نى 144 گە بۆلسەك 0.618 غا تەڭ ، 144 نى 233 گە بۆلسەك 0.618 تەڭ .
ئۇندىن باشقا  5 بۇرجەكلىك پىرامىدانىڭ خالىغان بىر تەرىپىنىڭ ئۇزۇنلىغى دەل بۇ 5 بۇرجەكلىك  شەكىلنىڭ دىئاگۇنالىنىڭ 0.618 سىغا تەڭ كېلىدۇ . ئاستىنقى قەۋەت 4 تەرىپىنىڭ يىغىندىسى 36524.22سوڭ بولۇپ ، بۇ سان يۇرۇقلۇق يىلىنىڭ 100 ھەسسىسىگە باراۋەر .يۇقۇرقى بىرىكمە سانلار ئىنتايىن قىزىقارلىق بولۇپ 0.618نىڭ ئەكس سانى 1.618 . مەسىلەن : 14نى 89 غا بۆلسەك 1.618 غا تەڭ ، 233نى 144غا بۆلسەك 1.618غا تەڭ ، ئاندىن 0.618نى 1.168غا كۆپەتسەك دەل 1 گە تەڭ .
يۇقۇرقىلاردىن باشقا يەنى بەزى كىشىلەر ئاپتاپپەرەسنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا ئۇنىڭ 89ياپرىقى بولىدىغانلىغىنى 55 ياپرىغىنىڭ بىر تەرەپكە قارايدىغانلىغىنى قالغان 34 ياپرىغىنىڭ يەنە باشقا تەرەپكە قارايدىغانلىغىنى بايقىغان .
يۇقۇردا ئېيتىپ ئوتكەن 0.618، 1.618 دەل ئالتۇن ئايرىش نىسبىتىدۇر .
2، ئالتۇن بۆلۈش نىسبىتىنىڭ ئالاھىدىلىگى ئەڭ ئاساسىي فورمئالتۇن بۆلۈش نىسبىتى ۇلاسى بولسا 1 نى 0.618ۋە 0.382 گە بۈلۈش بولۇپ ، ئۇلارنىڭ تۈۋەندىكىدەك بىر قانچە ئالاھىدىلىگى بار .
(1)سان بىرىكمىسىدىكى ھەرقانداق بىر سان ئالدىنقى ئىككى ساننىڭ يىغىندىسىغا تەڭ .
(2)ئالدىنقى بىر سان بىلەن  كېيىنكى بىر ساننىڭ نىسبىتى بىر تۇراقلىق سانغا تەدرىجىي يېقىنلىشىدۇ ، بۇ تۇراقلىق سان 0.618.
(3)كېيىنكى بىر سان بىلەن  ئالدىنقى  بىر ساننىڭ نىسبىتى 1.618 غا تەدرىجىي يېقىنلىشىدۇ .
(4)1.618 بىلەن 0.618 دەل بىر بىرسىگە ئەكس سان بولۇپ ، ئۇلارنى ئۆز - ئارا كۆپەيتسەك دەل 1 گە تەڭ بولىدۇ .
(5)ھەر قانداق ساننى كېيىنكى ئىككى سان بىلەن نىسبەتلەشتۇرسەك قىممىتى 2.618 غا تەدرىجى يېقىنلىشىدۇ . ناۋادا ئالدىدىكى ئىككى سان بىلەن نىسبەتلەشتۇرسەك قىممىتى 0.382 گە تەدرىجى يېىقىنلىشىدۇ.
يۇقۇرقىلارنى يىغىنچاقلىساق ئالتۇن ئايرىش نىسبىتىنىڭ يۇقۇرقىدەك قىزىقارلىق نىسبەتلىرى بولغاندىن سىرت يەنە تۈۋەندىكىدەك قىزىقارلىق نىسبەت قىممەتلىرى بار .
(1)0.809 ،0.618 ،0.5 ،0.382 ،0.191 .
(2) 2.618 ، 2.382 ، 2 ، 1.618 ، 1.5 ، 1.382 ، 1
3ئالتۇن بۆلۈش نىسبىتىنىڭ مەبلەغ سېلىشتا قوللۇنۇلىشى .
پاي باھاسىنى مۇلچەرلىگەندە يۇقۇرقى ئىككى يۈرۈش ئالتۇن ئايرىش نىسبىتىنى تەۋەندىكىدەك  ئىككى خىل تەھلىل قىلىش ئۇسولى بار :
(1) پاي باھاسىنىڭ يېقىنقى مەزگىللىك مۇھىم بولغان يۇقۇرى نۇقتىسى ۋە تۈۋەن نۇقتىسىنى كەلگۈسى بازار ۋەزىيىتىنى ھىسابلاش ۋە مۆلچەرلەشتىكى ئاساس قىلىش .  پاي باھاسى ئۆسكەندە تۈۋەن  پاي باھاسىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ چۈشۈش كۈلۈمى مەلۇم ئالتۇن ئايرىش نىسبىتىگە يەتكەندە  تىرەككە ئىگە بولۇش ئېھتىماللىقى بار  . بازار ۋەزىيىتى ئاخرلىشاي دەپ قالغاندا پاي باھاسى جىددى ئۆرلەش ياكى جىددى چۈشۇشتىن كېيىن ئۇنىڭ چۈشۈش ۋە ئۈسۈش كۈلۈمى مەلۇم بىر مۇھىم ئالتۇن ئايرىش نىسبىتىگە يەتسە بازار ۋەزىيىتىدە بۇرۇلۇش شەكىللىنىشى مۇمكىن .
(2)بازار ۋەزىيىتىدە بۇرۇلۇش شەكىللەنگەندىن كېيىن مەيلى چۈشۈشتىن توختاپ ئۆسسۇن ۋە ياكى ئۈسۈشتىن توختاپ چۈشسۇن ، يېقىنقى بازاردىكى مۇھىم بولغان يۇقۇرى نۇقتا ۋە مۇھىم بولغان تۈۋەن نۇقتا ئوتتۇرسىدىكى ئۈسۈش سوممىسىنى ھىسابلاشنىڭ ئاساسى قىلىپ ،ئەسلىدىكى ئۈسۈش چۈشۈش كۈلۈمىنى  0.191 ، 0.382 ، 0.5 ، 0.618 ، 0.809  غا ئاساسەن 5 ئالتۇن ئايرىش نۇقتىسىغا ئايرىۋالىمىز . پاي باھاسى بۇرۇلۇش ياسىغاندىن كېيىنكى بازار ۋەزىيىتى دەل مۇشۇ ئالتۇن ئايرىش نۇقتىسىدا ۋاقىتلىق تىرەك ۋە بېسىمغا ئىگە بولىدۇ .
مىسال ئالساق : بازارنىڭ چۈشۈش ۋەزىيىتى ئاخرلىشىشتىن بۇرۇن ، مەلۇم پاي چېكىنىڭ ئەڭ تۈۋەن باھاسى 10 يۇەن ، ۇنداقتا پاي باھاسى چۈشۈشتىن توخـتاپ ئۈسۈشكە قاراپ ماڭغاندا ، مەبلەغ سالغۇچىلار ئالدىئالا ئوخشاش بولمىغان بېسىمغا قارشى نۇقتىنى ھىسابلاپ چىقىۋالسا بولىدۇ .يەنى   يۇەن 11.9 = (%19.1 + 1 )* 10  ،يۇەن 13.8=(%38.2+1)*10 ،  يۇەن 16.2 =(%61.8+1)*10 ، يۇەن 18.1=(%80.9+1)*10 ، يۇەن20=(%100+1)*10  ، يۇەن21.9=(%119.1+1)*10   قاتارلىق ، ئاندىن ئەمىلىي پاي باھاسى ئارقىلىق مۇچاپىق تەڭشەش ئېلىپ بارسا بولىدۇ .
ئەكسىنچە ئۈسۈش ۋەزىيىتى ئاخرلىشىشتىن بۇرۇن ، مەلۇم پاينىڭ ئەڭ يۇقۇرى باھاسى 30يۇەن بولسان ، ئۇنداقتا پاي باھاسى ئۇسۇشتىن توختاپ چۈشۈشكە باشلىسا ،مەبلەغ سالغۇچىلار يەنە تۇۋەندىكى ئۇسول ئارقىلىق ئوخشاش بولمىغان سېتىۋېلىش باھاسىنى بەلگىلىۋالسا بولىدۇ ، مەسىلەن : يۇەن24.3=(%19.1-1)*30 ، يۇەن18.5=(%38.2-1)*30 ، يۇەن11.5=(%61.8-1)*30 ، يۇەن5.7=(%80.9-1)*30  . ئاندىن ئەمىلىي ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا ئاساسەن مۇۋاپىق تەڭشەش ئېلىپ بارسا بولىدۇ .
ئالتۇن بۆلۈش  نىسبىتىدىكى سېھىرلىك سانلار نەزىريەنى ئاساس قىلمىغانلىقتىن بەزىلەر ئۇنى خۇراپىلىق ، ئۇدۇل كەپ قېلىش دەپ تەنقىت قىلىدۇ  . دىمىسىمۇ دۇنيا  قىزىقارلىق تەساددىپىلىق تولغان بولغاچقا سېھىرلىق سانلارنى نەزىريىۋى جەھەتتىن چۇشەندۇرۇش ھەقىقەتەن تەس .
ئالتۇن بۆلۈش نىسبىتى ئېليۇت ئۆزىنىڭ دولقۇن نەزىريىسىدە قوللانغان ، بۇ دولقۇن نەزىريىسى دۇنياغا داڭلىق غوللۇق نەزىريىنىڭ بىرسى بولۇپ  ، كەڭ مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ پايدىلىنىش قۇرالىغا ئايلانغان .سېھىرلىك سانلار راستلا تەساددىپى ئۇدۇل كېلىپ قالغانمۇ ؟ ياكى بولمىسا كەڭ تەبىئەت دۇنياسىدىكى ھەر قانداق شەيئىنى قىزىقارلىق سان بىلەن چۇشەندۇرگىلى بولامدۇ ؟ دىگەندەك بىر قاتار مەسلىلەرنى پەقەت ئۆزىمىزنىڭ سەۋىيىمىزگە ئاساسەن چۇشەنسەك بولىدۇ .ئەمما ئالتۇن ئايرىش نىسبىتىنى پاي بازىرىدا بىلمەيدىغان ھەم قوللانمايدىغان  ئادەم يوق ،  مەبلەغ سالغۇچى بولۇش سۇپىتىمىز بىلەن بۇنىڭغا ئىشەنمەسلىككىمۇ ھەم ھەددىدىن زىيادە تايىنىۋېلىشقىمۇ بولمايدۇ .
http://www.uyghurstock.com/List.asp?ID=3695 دىن


ئالتۇن بۆلۈش
2000 يىلىدن كۆپرەك بۇرۇن يۇنانىستانلىق ماتېماتىك ئېۋدوكىس : ئەگەر بىر كېسىكنى ، ئۇزۇن قىساق ئىككى بۆلەككە بۆلگەندە ، ئەگەر قىساقا كېسىكنىڭ ئۇزۇن كېسىككە بولغان نىسبىتى ، ئۇزۇن كېسىكنىڭ پۈتۈن كېسىككە بولغان نىسبىتىگە تەڭ بولسا ، ئۇھالدا بۇ نىسبەت قىممىتىنىڭ تەخمىنەن 0.618  گە تەڭ بولىدىغانلىقىنى بايقىغان . بۇنى گېئومېترىيە بويىچە مۇنداق مەسىلىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ:
بىر كېسىك ئۈستىدىن شۇنداق بىر نۇقتا تېپىڭكى ، بۇ نۇقتا كېسىكنى شۇنداق ئىككى كېسىككە بۆلسۇن ، نەتىجىدە ئۇزۇنراق كېسىك ، قىسقىراق كېسىك بىلەن پۈتۈن كېسىكنىڭ تاناسىپلىق ئوتتۇرا ئەزاسى بولسۇن .



مەسلەن ، يۇقارقى رەسىمدىكىدەك AC كېسىكنى ، B نۇقتا ئارقىلىق AB ,  BC  دىن ئىبارەت ئىككى بۆلەككە بۆلسەك ، ھەم AB نى ئۇزۇنراق بىر بۆلىكى ، BC نى قىسقىراق بىر بۆلىكى دەپ پەرەز قىلىپ ، AC=a , AB=x  دېسەك ئۇھالدا ، BC=a-x بولىدۇ . مەسلىنىڭ مەنىسدىن :


بولىدىغانلىقىنى بىلىشكە بولىدۇ . بۇنىڭدىن   :   

ئىكەنلىكىگە ئېرىشىمىز . دېمەك بۇ نۇقتا مۇشۇ كېسىك ئۇزۇنلۇقىنىڭ 0.618 ھەسسىگە تەڭ بولغان يېرىدىكى نۇقتدىن ئىبارەت بولۇپ ، بۇ نۇقتىنى ئالتۇن بۆلۈش نۇقتىسى دەپ ئاتايمىز . كېسىكنى بۇنداق بۆلۈش ئالتۇن بۆلۈش دەپ ئاتىلىدۇ .  بۇ خىل بۆلۈش ئۇسۇلى ھەم بۇ ئالتۇن سان ئەمەلىي قوللىنىشلاردا ئىنتايىن مۇھھىم . تەبىئەت دۇنياسى ۋە كىشلىك تۇرمۇشتا مۇشۇ ئالتۇن سان قۇنۇيتىگە بوي سۇنىدىغان ئەھۋاللار ئىنتايىن كۆپ . مەسلەن ، ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ كىندىكى ئاشۇ  ئادەم بوي ئېگىزلىكىنىڭ ئالتۇن بۆلۈش نۇقتىسى بولىدۇ ، يەنى ئادەمنىڭ كىندىكىدىن تاپانغىچە بولغان ئارلىق ، ئادەم بوي ئېگىزلىكىنىڭ 0.618 ھەسسىگە توغرا كېلىدۇ ؛ئادەمنىڭ تىزى بولسا ، كىندىكتىن تاپانغىچە بولغان ئارلىقنىڭ ئالتۇن بۆلۈش نۇقتىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ ، يەنى تىزدىن كىندىككىچە بولغان ئارلىق تاپاندىن كىندىككىچە بولغان ئارلىقلىنىڭ 0.618 قىسىمىغا توغرا كېلىدۇ ؛ يەنە تىزىڭىز پۇتىڭىزنىڭ ئالتۇن بۆلۇش نۇقتىسى بولىدۇ ، يەنى تىزىڭىزدىن  تاپانغىچە بولغان ئارلىق پۇت ئوزۇنلىقىڭىزنىڭ 0.618 قىسىمىغا توغرا كېلىدۇ ؛  قولىڭىزنى تىك كۆتۈرگەن ۋاقتىڭىزدا جەينىكىڭىزدىن كىندىكىڭىزگىچە بولغان ئارلىق ، كىندىكىڭىزدىن قولىڭىزنىڭ ئۇچىغىچە بولغان ئارلىقنىڭ 0.618 قىسىمىغا تەڭ ؛ يەنە جەينىڭىزدىن قولىڭىزنىڭ ئۇچىغىچە بولغان ئارلىق بارلىق قول ئۇزۇنلىقىڭىزنىڭ 0.618 قىسىمىغا تەڭ ، دېمەك جەينىكىڭىزمۇ قولىڭىزنىڭ ئالتۇن بۆلۈش نۇقتىسى ؛ ئىڭىكىڭىزدىن قولىقىڭىزنىڭ ئۈستىگىچە بولغان ئارلىق ، ئىڭىكىڭىزدىن بېشىڭىزنىڭ چۇققىسىغىچە بولغان ئارلىقنىڭ  0.618 قىسىمىغا توغرا كېلىدۇ ؛ تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ .



يەنە كىتابخانىلاردا سېتىلدىغان كىتابلارمۇ مۇشۇ ئالتۇن بۆلۈش قانۇنىيتىگە بوي سۇنىدۇ . يەنى كىتابنىڭ كەڭلىكى ئۇنىڭ ئوزۇنلۇقىنى 0.618 قىسىمىغا تەڭ بولىدۇ ، يەنى كىتابنىڭ كەڭلىكىنىڭ  ئوزۇنلۇقىغا بولغان نىسبىتى 0.618 بولىدۇ دېگەن گەپ ؛ يەنە ئۆيلەردىكى ئىشىك ، دېرىزىلەرنىڭ كەڭلىكىنىڭ ئوزۇنلۇقىغا نىسبىتى يەنىلا 0.618 بولىدۇ ؛ داڭلىق نوتۇق سۆزلىندىغان جايلاردا ، نوتۇق سۆزلىگۈچىنىڭ ئورنىنى شۇ جاينىڭ ئالتۇن بۆلۈش نۇقتىسىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ ، بۇنداق بولغاندا ، نوتۇق سۆزلۈگۈچىنىڭ ئاۋازى ئەڭ ياخشى چىقىدۇ ؛ يەنە بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ غولىدىكى قوشنا ئىككى يوپۇرماق سېپى ئارىسىدىكى بۇلۇڭ 137 گرادۇس 28 سېكۇنت بولۇپ ، بۇ دەل چەمبەر ئايلانمىسىنى 1:0.618
نىسبەتتە بۆلىدىغان ئىككى رادىئۇس ئارىسىدىكى بولۇڭدۇر . تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە ، بۇ بولۇڭ ئۆسۈملۈكلەر ئارا شامال ئۆتۈشۈش ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يورۇقلۇقتىن پايدىلىشتىكى ئەڭ ياخشى بولۇڭ ئىكەن .
بىناكارلار 0.618 گە تولىمۇ قىزىقىدۇ ، مەسلەن ، قەدىمكى زاماندىكى مىسىر ئېھراملىرى  بولسۇن ، پارىژدىكى  بۈۋى مەريەم چېركاۋى بولسۇن بولسۇن ياكى ئېفىل تۆمۈر مۇنارى بولسۇن ، ھەممىسى 0.618 گە ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك . رەسىمگە قاراڭ :












سەنئەتكارلار تارىلىق چالغۇلارنىڭ خەرىكى تارىنىڭ 0.618 ئورنىدا بولغاندا ، سازنىڭ ئاۋازى تېخىمۇ لەرزان ۋە يېقىملىق چىقىدۇ دەپ قارايدۇ .
0.618 گە ماتېماتىكلار تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ ، ئۇنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن نۇرغۇن قىيىن ماتېماتىكىلىق مەسىلىلەر ( مەسلەن ، چەمبەر ئايلانمىسىنى تەڭ 10 غا بۆلۈش ، تەڭ 5 كە بۆلۈش ؛ 18 گرادۇسلۇق ، 36 گرادۇسلۇق بۇلۇڭلارنىڭ سىنوس ، كوسنوس قىممەتلىرىنى تېپىش قاتارلىقلار ) ھەل بولۇپلا  قالماي ، يەنە ئەلالىرىنى خىللاشمۇ رېئاللىققا ئايلاندى .
مەسلەن ، پۇلات تاۋلىغاندا مەلۇم خېمىيىۋى ئېلېمېنتلار قوشۇلۇپ ، پولاتنىڭ كۈچلۈكلىكى ئاشۇرۇلدۇ ، ئەگەر ھەر توننا پولاتقا مەلۇم خېمىيىۋى ئېلېمېنتتىن 1000-2000 گرامغىچە قوشۇش كېرەكلىكى مەلۇم بولسا ، ئەڭ مۇۋاپىق مىقدارنى تېپىش ئۈچۈن 1000 گرام بىلەن 2000 گرام ئارلىقىدا تەجىربە ئىشلىنىدۇ . ئادەتتە بۇ ئارلىقنىڭ ئوتتۇرا نۇقتىسى ( مەسلەن ، 1500 گرام ) ئېلىنىپ تەجىربە قىلىنىدۇ ، ئاندىن تەجىربە نەتىجىسى ئايرىم - ئاريرىم ھالدا 1000 گرام ۋە 2000 گرام ئۈستىدە قىلىنغان تەجىربە نەتىجىلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇلۇپ ، ئۇنىڭ ئىچىدىن پۇلاتنىڭ كۈچلۈكلىكىنى بىرقەدەر يۇقىرى كۆتۈردىغان ئىككى نۇقتا يېڭى ئارلىق قىلىپ تاللىنىدۇ ، كېيىن مۇشۇ ئارلىقنىڭ ئوتتۇرا نۇقتىسى تەجىربە قىلىنىپ ، يەنە ئىككى نۇقتا نۇقتا بىلەن سېلىشتۇرۇلىدۇ ، تاكى ئەڭ كۆڭۈلدىكى نەتىجىگە ئېرىشكىچە مۇشۇ تەرتىپ بويىچە داۋاملاشتۇرۇلىدۇ . مۇنداق تەجىربە ئۇسۇلى جۈپ بۆلۈش ئۇسۇلى دېيىلىدۇ . بىراق ، بۇ تەجىربىنى تېز تاماملاش ئۇسۇلى ئەمەس ، ئەگەر تەجىربە نۇقتىسى 1000 گرام بىلەن 2000 گرام ئارلىقىنىڭ 0.618 ئورنىدىن ئېلىنسا ، تەجىربە قېتىم سانى زور دەرىجىدە ئازىيدۇ ، ئارىلىقنىڭ 0.618 ئورنى تەجىربە نۇقتىسى قىلىنىدىغان مۇنداق ئۇسۇل بىر ئۆلچەملىك خىللاش ئۇسۇلى بولۇپ ، 0.618 ئۇسۇلى دەپمۇ ئاتىلىدىۇ . تەجىربىلەر ئىسپاتلىدىكى ، بىر ئامىللىق مەسىلىلەردە « 0.618 ئۇسۇلى » بىلەن 16 قېتىم تەجىربە قىلىپ ، « جۈپ بۆلۈش ئۇسۇلى » بىلەن 2500 قېتىم تەجىربە قىلىپ يەتكەن ئۈنۈمنى تاماملىغىلى بولىدۇ . شۇڭا ، بۈيۈك رەسسام داۋىنچى 0.618 نى ئالتۇن سان دەپ ئاتىغان .

مەنبە:ئىلىم - پەن بىلوگى

توپلىغىنىم مۇشۇ، بىلمىگەنلەر بىلىۋالغاي، بىلىدىغانلار تولۇقلىغاي.

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
62
تىللا
115
شۆھرەت
110

شەرەپ تۆھپە سالاپەت پىداكار ھەمكارلىق ئىشەنچ

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 14:32:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەندە ئەگەر يۇقۇردىكى ماتىماتكىلىق .ئۇسۇللارنى چۈشەنگۈدەك ئىقتىدار بولغان بولسا. مىنىڭ  تۇرمۇشۇم  تۈپتىن ئوخشىمىغان بولاتتى.مۇشۇ تىمىنى يوللىغۇچى .ئەسلى ئاپتۇرنىڭ بايقىشى ۋە بىلىمىگە قايىلمەن .. بارىكاللاھھھ........
turpan 实名认证 

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
2985
تىللا
2999
شۆھرەت
5527

ئاكتىپ تىرىشچان ئىشەنچ دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 15:18:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك ئۇقۇمكەن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turpan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-3 15:20  

ياخشىمۇ سىلەر قېرىنداشلار!!!
mars36   [ئىشەنچلىك ئەزا]  实名认证 

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
637
تىللا
1175
شۆھرەت
1241

شەرەپ تىرىشچان

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 16:28:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تولىمۇ كەڭ مەنىدىكى ئۇقۇم. تۇرمۇشتا، لايىھىلەشتە (قۇرۇلۇش، فوتوگىرافلىق، يۇمشاق دېتال...)، تەبىئەت دۇنياسىدا... ھەممە يەردە بۇنىڭ ئىزناسىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان چېغىمدا مەلۇم بىر ماتېرىيالدىن كۆرگەندىن باشلاپ قىزىقىپ ئۆگىنىپ قويغان. ھازىر قانداق جايلاردا ئىشلىتىشنى بىلىمەن. باشقىلارمۇ چۈشىنىپ، ئىشلىتىپ كۆرۈڭلار. ياراتقۇچىنىڭ كامالىتىنى بىلگەندىن سىرت، باشقا پايدىلىرىمۇ بار.
يۇمشاق تۈگۈلگەن مۇشت ياش سۈرتۈشكە يارايدۇ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-11-8 12:06 , Processed in 0.122323 second(s), 20 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش