- توردا
- 31 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-11-8
- تىزىملاتقان
- 2012-8-18
- شۆھرەت
- 443
- تىللا
- 234
- تۆھپە
- 340
- ھوقۇقى
- 30
- جۇغلانما
- 1591
- ئالبوم
- 0
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 0
- يازما
- 131
- تېما
- 27
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 4969
- تۆھپە
- 340
- تىللا
- 234
- شۆھرەت
- 443
|
بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز ئوزۇقلۇققا ئەھمىيەت بېرىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ تەن ساقلىقىنى تەڭشەپ كەلگەن، بۈگۈن تور بەتلىرىنى ئاختۇرۇپ يۈرۈپ بۇ مەزمۇنغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. ھەمدە مۇنبەرداشلار بىلەن بەھرىلىنىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. كەڭ مۇنبەرداشلارنىڭ ئىلىم ئەھلى سۈپىتىدە تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
قوي گۆشىنىڭ تەمى تاتلىىق، تەبىئىتى مۆتىدىل شۇنداقلا زەھەرسىز بولۇپ، تال، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ. قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇپ، ماغدۇر تولۇقلايدۇ، تال، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەپ، پۇت- قوللارنى كۈچلەندۈرىدۇ. قاتتىق جىسمانىي ئەمگەك قىلىپ ئورۇقداپ كېتىش، پۇت – قوللىرى ماغدۇرسىزلىنىش، تۇغۇتتىن كېيىنكى دەرمانسىزلىق، قۇرساق ئاغرىپ، سوغۇقتىن سانجىق تۇرۇپ قېلىش، كۆڭلى ئېلىشىش قاتارلىقلارنى داۋالايدۇ. ناۋادا قاراتمىلىق ھالدا رېتسىپلەشتۈرسە، دورا بىلەن گۆشنى بىللە دۈملەپ پىشۇرۇپ، شورپىسى بىلەن بىللە ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. گۆشىنى ۋە شورپىسىنى ئايرىم ئىستېمال قىلسىمۇ بولىدۇ، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ، ئەرلىكنى كۈچەيتىپ، تۇرمۇشىڭىزنى تېخىمۇ بەختلىك قىلىدۇ.
كىرەش، زەنجىۋىل قوي گۆشى شورپىسى
رېتسىپ: كىرەش 10 گرام، زەنجىۋىل 30 گىرام، قوي گۆشى 250 گرام. سۇدا قاينىتىپ، گۆشنى يۇمشاق پىشۇرۇپ، شورپىسى چىقىرىلىدۇ. شورپىسى بىلەن قوشۇپ ئىچسە گۆشىنى ئايرىم يېگەندىن كۆپ مەنپەئەت قىلىدۇ.
تەسىرى: جىگەرنى ئىللىتىش، قان تولۇقلاش، سوغۇقنى ھەيدەش، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش
داۋالاش دائىرىسى: بەدىنى سوۋۇپ ماغدۇرسىزلىنىش، روھسىز بولۇش، تولا ئەسنەش ياكى سوغۇقتىن سانجىق تۇرۇپ قۇرساق ئاغرىش، تۇغۇتتىن كېيىنكى ئاياللاردىكى قان ئازلىق قاتارلىقلار.
ئالقات، يۆگەي، مالىنا، شىزاندىرا، پاقا يۇپۇرماق ئۇرۇقى قوي گۆشى شورپىسى
رېتسىپ: ئالقات 15 گرام، يۆگەي 15 گرام، مالىنا 10 گرام، شىزاندىرا 15 گرام، پاقا يۇپۇرماق ئۇرۇقى 10 گرام، قوي گۆشى 250 گرام.
تەسىرى: باھنى قۇۋۋەتلەپ يىلىك تولۇقلايدۇ، كىچىك تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇپ، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەندۈرىدۇ.
داۋالاش دائىرىسى: بۆرەك ئاجىزلىقتىن ئېھتىلام بولۇش، مەنىي بالدۇر كېتىش، كىچىك تەرەت ئۈزەلمەي كېلىش، ئۇزۇنغىچە تۇغماسلىق قاتارلىق كېسەللىكلەر.
مورىندا چاتقىلى، كۇركۇلىگۇ گۈلى، يىنياڭخو ئوتى قوي گۆشى شورپىسى
رېتسىپ: مورىندا چاتقىلى 15 گرام، يىنياڭخو ئوتى 15 گرام، كۇركۇلىگۇ گۈلى 15 گرام، قوي گۆشى 250 گرام.
تەسىرى: بۆرەكنى كۈچەيتىپ باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
داۋالاش دائىرىسى: بۆرەك ئاجىزلىقتىن بولغان كېسەللىكلەر.
داۋايى قوي گۆشى شورپىسى
رېتسىپ: بۇغا مۈڭگۈزى 10 گرام، كىل 30 گرام، كۇرنۇس 15 گرام، قوي گۆشى 250 گرام.
تەسىرى: بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ
داۋالاش دائىرىسى: بۆرەك ئاجىزلىق، بالدۇر ئېھتىلام بولۇش، سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش، بەك چارچاپ كېتىش، بەل ئاغرىش، تىزلىرى ئۇيۇشۇش قاتارلىقلار.
كەتىرا قوي گۆشى شورپىسى
رېتسىپ: دارچىن 10 گرام، ئاق چوغلۇق 15 گرام، زەنجىۋىل 10 گرام، چىلان 10 گرام، چۈچۈكبۇيا 6 گرام (قۇرغاق)، قوي گۆشى 250 گرام.
تەسىرى: تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ، بۆرەك ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ.
داۋالاش دائىرىسى: سوغۇقتىن بولغان ئاشقازان ئاغرىش، پۇت – قوللىرى تېلىپ ئاغرىش، بەل – تىزلىرى ماغدۇرسىزلىنىش، كەچتە كىچىك تەرەپ كۆپ بولۇش.
كىشىلەر يۇقارقى ئوزۇقلۇقلار ئارقىلىق داۋالانغاندا، زۇكامداپ قىزىش، ياكى مەنپىيىلىك زەئىپلىششتىن قىزىغاندا ئىستېمال قىلىشنى توختىتىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.
تەڭرىتاغ مۇنبىرىدىن
|
|