- توردا
- 27 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-9
- تىزىملاتقان
- 2012-8-18
- شۆھرەت
- 397
- تىللا
- 210
- تۆھپە
- 313
- ھوقۇقى
- 50
- جۇغلانما
- 1437
- ئالبوم
- 0
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 0
- يازما
- 120
- تېما
- 22
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 4969

- تۆھپە
- 313
- تىللا
- 210
- شۆھرەت
- 397
|
بىر مىللەت تىلىنىڭ تەرەققىياتى شۇ تىلنى قوللانغۇچى خەلقنىڭ ئۆز تىلىغا تۇتقان پوزىتسىيىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئانا تىلنى قوغداش ھەققىدىكى چاقىرىقلار خېلىلا كۆپىيىپ قالدى. ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا ۋە تاراتقۇلاردا ئۇيغۇر تىلىنى توغرا قوللىنىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغان بولدى. لېكىن، بىر قىسىم مەمۇرى ۋە كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئاز بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىشى بىلەن سىرتلاردىكى ئېلان-ۋېۋىسكىلاردا ۋە ئاممىۋى سورۇنلاردا ئىككى خىل تىلنى ئورتاق ئىشلىتىش جەريانىدا بىر قىسىم ئانا تىلغا ھۆرمەت قىلماسلىق ئەھۋالىرى يۈز بەردى. بۇ ئەھۋاللار بىر تۇرۇپ كۈلكىمىزنى قىستىسا، بىر تۇرۇپ نەپرىتىمىزنى قوزغايدۇ.بۇلارنىڭ بەزىلىرى قارغۇلارچە تەرجىمە قىلىشتىن، بەزىلىرى سۆزلەرنى توغرا يازماستىن كېلىپ چىققان. بىزدە « چالا تەرجىمان ئادەم ئۆلتىرەر» دەيدىغان ھېكمەتلىك سۆز بار.
مانا بۇنداق تەرجىمانلار «ئادەم ئۆلتۈردىغان» تەرجىمانلاردۇر. بەزى سۈرەتتىكىسى تەرجىمىدىكى خاتالىقلا بولماستىن، ئىملا جەھەتتىكى خاتالىقتۇر. مۇمكىن بولسا ئەتىراپىمىزدىكى مۇشۇنداق ئەھۋاللارغا كۆپرەك دىققەت قىلىپ، پاش قىلىپ تۈزەتكىلى بولىدىغانلىرىنى مۇناسىۋەتلىك يەرلەرگە مەلۇم قىلساق. ئانا تىلنى توغرا ئىشلتىش ۋە قوللىنىش ھەممىمىزنىڭ ئورتاق مەجبۇرىيىتىدۇر. ناۋادا، ئۆزىمىزدە مۇشۇ خىل ئەھۋاللار بولسا تۈزەتسەك ھەم دېققەت قىلساق. ئۆزىمىزنى كۈلكىگە قويىدىغان ئىشلاردىن ساقلانساق.
ئىنتېر تورىدىن توپلاندى
بۇنىمۇ كۆرۈپ قويۇڭ ئانا تىل ۋە يېزىق- ۋىۋىسكىدىكى خاتالىقلار بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alwasti1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-2 16:22
|
|