ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 83|ئىنكاس: 1

ئەسقېتىپ قالار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

robot 实名认证 

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
796
تىللا
861
شۆھرەت
1312
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىزمەت ئىزدىگەندە ئەسقاتىدىغان 14سۇئال

بەزىدە  ،خىزمەت ئىزدەپ بارغاندا ،قارشى تەرەپ سىزدىن بەزى سۇئاللارنى سورايدۇ ....مەن  ئادەتتە  سورايدىغان 14تۇرلۇك سۇئالنى يىزىپ قويدۇم ،ھەر قانداق ئورۇنغا خىزمەت ئىزدەپ بارغاندا ئەسقاتىدۇ........ قارشى تەرەپ سۇئال سوراش ئارقىلىق سىزنى چۇشىنىپ باقىدۇ ۋە مۇشۇ خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالامدۇ يوق ،پۇرسەت بىرىش ۋە بەرمەسلىكنى قارار قىلىدۇ.........ياخشى بولغان تەييارلىق سىزگە ئويلىمىغان پۇرسەتلەرنى ئىلىپ كىلىدۇ.......

1-ئۆزىڭىزنى تونۇشتۇرۇپ بىقىڭ ؟؟؟
ئەڭ ياخشىسى : قىسقىچە ۋە چۇشىنىشلىك بولسۇن . قارشى تەرەپكە تەييارلىغان ماتىريال بىلەن ئوخشاش بولسۇن.

2-ئائىلە ئەھۋالىڭىز توغرىسىدا سۆزلەپ بىقىڭ ؟؟؟
ئائىلە ئەزا سانى ،ئائىلىە كىشىلىرىنىڭ ئىناق ئۆتىدىغىنىنى ،ئائىلىدىكىلەرنىڭ ئۆزىنى قوللايدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئائىلىگە بولغان مەسئۇلىيىتىنى سۆزلىسە  ياخشىراق بولىدۇ.

3-ئىشتىن سىرىتقى ۋاقىتلاردا نىمە قىلىشنى ياخشى كۆرىسىز؟؟؟
كىتاب ئوقۇش ،مۇزىكا ئاڭلاش دەپلا تۇگەتمەڭ .....بولمىسا قارشى تەرەپ سىزنى  يالغۇزلۇقنى ياكى تەنھا يۇرۇشنى ياخشى كۆرىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالمىسۇن . ياخشىسى  : كۆپچىلىك بىلەن بىللە  ساياھەت قىلىشنى ، بىرەر پائالىيەتكە قاتنىشىنى ياخشى كۆرىدىغىنىڭىزنى دەڭ.

4-سىز كىمگە چوقۇنىسىز؟؟؟
ئادەتتە  بىزنىڭ چوقۇنىدىغان ئادىمىمىز بولمايدۇ.......بىرەر ناخشىچى ياكى بىرەر كىنو ئارتىسىنى ياخشى كۆرىمىز ،بۇ ياخشى كۆرۇش ھەرگىزمۇ شۇ كىشىگە چوقۇنغانلىق ۋە شۇ كىشىنى ياخشى كۆرگەنلىك بولمايدۇ ،بەلكى شۇ كىشىنىڭ ئوقۇغان ناخشىسى ۋە رول ئالغان كىنولىرىدىكى ئوبرازىنىڭ ياخشىلىقى سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.
شۇڭا  ئەڭ ياخشىسى مەلۇم بىر كىشىنىڭ :ئىسىل ئەخلاق -پەزىلىتى ماڭا بەك تەسىر قىلىدۇ ياكى ھۆرمەتلەشكە ئەرزىيدۇ دىسىڭىز ياخشى بولىدۇ.

5-سىزنىڭ تۇرمۇشتىكى پىرىنسىپىڭىز نىمە ؟؟؟
ئەڭ ياخشىسى : غەلبە ئۇچۇن ئامال ئىزدەش ، مەغلۇبىيەت ئۇچۇن باھانە ئىزدىمەسلىك دەپ جاۋاب بەرسىڭىز ياخشى بولىدۇ.

6-سىزنىڭ قانداق كەمچىلىكىڭىز بار ؟؟؟
ئەلۋەتتە ،ھەر قانداق كىشىنىڭ كەمچىللىكى بولىدۇ ...مۇكەممەل ئادەم بولمايدۇ.ئالاھىدىلىكىڭىزنى ھەرگىزمۇ كەمچىللىك قاتارىدا دىسىڭىز بولمايدۇ.  خىزمەتكە تەسىر يىتىدىغان ياكى مۇناسىۋىتى بار كەمچىللىكنى دىسىڭىز تىخىمۇ بولمايدۇ. قارشى تەرەپنى ئۇمىدسىزلەندۇردىغان كەمچىللىكنى دىسىڭىز قەتئىي بولمايدۇ.
ئەڭ ياخشىسى : خىزمەت تەجىربىسى توغرىسىدا ياكى  بەزى ئۇگىنىشكە تىگىشلىك ئىشلار توغرىسىدا دىسىڭىز ياخشىراق بولىدۇ.

7-سىز نىمىشقا بىزنىڭ ئورۇننى تاللىدىڭىز ؟؟؟
ئەڭ ياخشىسى : كەسىپ ،كارخانا ،خىزمەت ئورنى جەھەتتە  جاۋاب بىرىڭ.  مەسلەن  : خىزمەتچىلەرگە ياخشى پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بىرىدىكەن،  خىزمەتچىلەرنى ھۆرمەتلەيدىكەن. ياكى  مىنىڭ بۇ يەردە رولىم تولۇق جارى بولىدىغان  پۇرسەت باركەن دىگەندەك...... ئەگەردە مۇشۇ خىزمەتنى قىلسام ،سىلەرنىڭ مەندىن كۇتكەن ئۇمىدىڭلارنى يەردە قويمايمەن دىگەندەك.......

8-بۇ خىزمەتكە نىسپەتەن سىزدە قانداق قىيىنچىلىقلار بار؟؟؟
بىۋاستە  قىيىنچىلىقنى دىسىڭىز بولمايدۇ....ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزگە ئىشىنىشىڭىز كىرەك.
قىيىنچىلىق بار لىكىن بۇنى يىڭىشكە تىرىشىمەن ، قىيىنچىلىق بەلكىم مەن ئۇچۇن بىر ھەركەتلەندۇرگۇچ كۇچ بولۇشى مۇمكىن دىگەندەك گەپلەر قارشى تەرەپنىڭ قۇلىقىغا خوش ياقىدۇ....

9-ئەگەر قوبۇل بولسىڭىز خىزمەتلەرنى قانداق ئىشلەيسىز ياكى ئورۇنلاشتۇرسىز؟؟؟
ئەڭ ياخشى جاۋاب بولسا :ئالدى بىلەن رەھبەرلەرنىڭ يوليۇرقىنى ۋە يىتەكلىشىنى قوبۇل قىلىمەن ،ئاندىن ئەمىلىي ئەھۋالغا ئاساسەن پىلان تۇزۇپ  رەھبەرلەرگە كۆرسىتىپ تەستىقىنى ئالغاندىن كىيىن خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرمەن دىسىڭىز  ياخشى بولىدۇ.

10-باشقۇرغۇچى بىلەن پىكىرىڭىز ئوخشاش چىقمىسا قانداق قىلىسىز؟؟؟
مۇمكىن بولسا ،باشقۇرغۇچىغا  تەكلىپ ياكى چۇشەندۇرۇش بىرىمەن ،ياكى باشقۇرغۇچىنىڭ يوليۇرقى بويىچە ئىش قىلىمەن. ئەگەردە كارخانىنىڭ مەنپەتىگە زىيان سالىدىغان ئىش بولسا ،يۇقىرغا مەلۇم قىلىمەن ياكى كارخانىنىڭ تۇزۇلمىسى بويىچە ئىش قىلىمەن دىسىڭىز ياخشى بولىدۇ.

11-بىز نىمە ئۇچۇن سىزنى قوبۇل قىلىدۇق؟؟؟
چۇنكى مىنىڭ كەسپىم ياكى تەجىربەم ،پەزىلىتىم ،ۋە ياكى باشقا سەۋەبلەر سىلەرگە يارىغان بولۇشى مۇمكىن، مەنمۇ مۇشۇ كارخانىنىڭ بىر ئەزاسى بولغىنىمدىن پەخىرلىنىمەن ۋە كارخانىنىڭ كەلگۇسى ئۇچۇن بىر كىشلىك ھەسسە قوشىمەن دىسىڭىز ياخشى بولىدۇ.

12-سىز بىزنىڭ كارخانىمىز ئۇچۇن نىمە ئىش قىلىپ بىرەلەيسىز؟؟؟
بۇنىڭغا ئۆز كەسپىڭىزگە ياكى قىلماقچى بولغان خىزمىتىڭىزگە ئاساسەن جاۋاب بەرسىڭىز بولىدۇ.

13-سىز يىڭى ئوقۇش پۇتتۇرگەن ئوقۇغۇچى ،سىزنىڭ خىزمەت تەجىربىڭىز يوق ،مۇشۇ خىزمەتنى سىزگە بەرسەم ھۆددىسىدىن چىقالامسىز؟؟؟

ئەلۋەتتە ،ھۆددىسىدىن چىقالايمەن ،ئۇگەنگەن بىلىملىرىمغا ۋە ياخشى بولغان  تىرىشچانلىقىمغا، مەسئۇلىيەتچانلىقىمغا ،ماسلىشىش ئىقتىدارىمغا تايىنىپ ،كارخانىنىڭ مەندىن كۇتكەن ئۇمۇدىنى يەردە قويمايمەن.

14-سىز قانداق كىشىلەر بىلەن بىللە ئىشلەشنى خالايسىز؟؟؟
بۇنىڭغا ئارتۇقچە جاۋاب بىرىش كەتمەيدۇ ،ئەڭ ياخشى جاۋاب بولسا : يىڭىدىن كەلگەن بولغاندىكىن ئاۋال شۇ يەرنىڭ مۇھىتىغا ماسلىشىڭ.

مەنبە : ئۇيغۇر ئىگىلىك تورى

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
427
تىللا
330
شۆھرەت
627
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 20:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولىدىغان گەپ .......ئەجرىڭىزگە بارىكاللا .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-10-6 07:22 , Processed in 0.075881 second(s), 16 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش