ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 144|ئىنكاس: 1

شىياڭگاڭ سۇمرۇغ تېلىۋېزىيەسى-ھەربىي ئىشلار كۆزەتخانىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تۆھپە
276
تىللا
182
شۆھرەت
338
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

chewendaz




شىياڭگاڭ سۇمرۇغ تېلىۋېزىيەسى <<ھەربىي ئىشلار كۆزەتخانىسى>> پىروگراممىسى سۇمرۇغ تېلىۋېزىيەسىنىڭ ھەربىي ئىشلارغا ئائىت نادىر پىروگراممىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. سۇمرۇغ تورى بولسا جۇڭگودىكى ئەڭ داڭلىق توربەتلەرنىڭ بىرسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. سۇمرۇغ تېلىۋېزىيەسىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقارادىكى نوپۇزىغىمۇ سەل قارىغىلى بولمايدۇ. 1996-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى رەسمىي ھالدا قويۇلغاندىن باشلاپ تاكى ھازىرغىچە ئۆزىنىڭ ئىناۋىتىنى تىكلەپ دۇنيادىكى جۇڭگولۇقلار ئىچىدە ئەڭ زور نوپۇزغا ۋە تەسىر كۈچىگە ئىگە مېدىيا ۋاستىسىغا ئايلاندى.
بۈگۈن تونۇشتۇرماقچى بولغان <<ھەربىي ئىشلار كۆزەتخانىسى>> بولسا دەسلىپىدە ئىراق ئۇرۇشى پارتىلىغاندا پەيدا بولغان بولۇپ 2003-يىلى 3-ئايدا دوڭجاياۋ(董嘉耀) ۋە مادىيەنشىڭ(马鼎盛) نىڭ رىياسەتچىلىكىدە روياپقا چىققان. ئەينى ۋاقىتتا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەنلىكتىن  ئىراق ئۇرۇشى ئۈچۈن ھازىرلىغان ئالاھىدە پىروگراممىدىن مەخسۇس پىروگراممىغا ئۆزگەرتىلگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ پىروگرامما سۇمرۇغ تېلىۋېزىيىسىنىڭ يۇقىرى كۆرۈلۈش نىسبىتىگە ئىگە پىروگراممىسىنىڭ بىرىگە ئايلانغان.


<<ھەربىي ئىشلار كۆزەتخانىسى>> نىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى بولسا قىسقىغىنە 30 مىنۇت ئىچىدە دۇنيادىكى بىر ھەپتىدىن بۇيانقى مۇھىم ھەربىي ئۇچۇرلار ۋە ھەربىي ئۆزگۈرۈشلەرنى تونۇشتۇرۇش ۋە مەخسۇس ئانالىزچىلارنى تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق ئەتراپلىق مۇلاھىزە  ۋە قىياسلارنى ئېلىپ بارىدۇ. تەكلىپ قىلىنىدىغان ئانالىزچىلار شىياڭگاڭ، تەيۋەن، چوڭ قۇرۇقلۇق، ئامېرىكىدىكى داڭدار ھەربىي ئىشلار مۇتەخەسسىسلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ھەربىي ئىشلار كۆزەتخانىسىنىڭ رىياسەتچىسى مەن كۆرگەن ئەڭ تىز سۆزلەيدىغان رىياسەتچى، خەنچە ئاڭلاش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرمەكچى بولغانلارغا تەۋسىيە قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ. رىياسەتچىنىڭ ئەڭ نادىر سۆزى بولسا :<<بىز 30 سىكونتتا 10 تەھلىلچىنىڭ ئوخشىمىغان پىكىرىنى يەتكۈزۈپ بېرەلەيمىز بۇ بىزنىڭ قىسقا ۋاقىتتا زور ئۇچۇر يەتكۈزۈش ئىقتىدارىغا كاپالەتلىك قىلىش پىرىنسىپىمىزدۇر>>. ئەگەر بۇنى مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانىسىدا قويىدىغان بولسا CCTV نىڭ رىياسەتچىلىرى بىر سائەتتە ئاڭلىتىپ بولامدىكىن دەپمۇ قالىمەن.
<<ھەربىي ئىشلار كۆزەتخانىسى>> ھەپتىدە بىر سان قويۇلىدىغان پىروگرامما بولۇپ قويۇلۇش ۋاقتى تۆۋەندىكىچە: ھەر ھەپتىنىڭ چارشەنبە كۈنى كەچ ئۈرۈمچى ۋاقتى: 8:00~8:35 گىچە. قايتا قويۇلۇش ۋاقتى پەيشەنبە كۈنى كۈندۈز ئۈرۈمچى ۋاقتى: 1:15~1:50گىچە. توردىن كۆرۈش ئادرىسى: http://phtv.ifeng.com/program/jqgcs توردا يېڭى سان پىروگرامما قويۇلۇپ كېلەركى قېتىملىق يېڭى سان پىروگرامما قويۇلغىچە كۆرەلەيسىز.
1

باھا خاتىرىسى

yasin   [ئىشەنچلىك ئەزا]  实名认证 

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
889
تىللا
1248
شۆھرەت
1646

تەشۋىقات ئاكتىپ تۆھپە

يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى خەۋەركەن مەنغۇ كۈندىلا كۆرەتتىم تىلۋىزوردا مەن 2 دانە سۇنى ھەمرا قۇبۇللىغۇچنى 1 دانە باش ئاپراتقا چىتىپ بىرىدە دۆلەت ئىچى يەنە بىرىدە دۆلەت سىرتىدىكى قاناللارنى چۈشىدىغان قىلۋالغان ،بۇرۇن مەن بەك ئۇستىتىم بۇنى تەڭشەيدىغانغا ھازىر كومپىيوتېر بىلەن بەك قېرشىپ ئانچە خۇشام قالمىدى،شۇڭا تىلۋىزورنى ئانچە كۆرمەس بولدۇم،يەنە بىر قانال بار خەلقارا خەۋەر بېردىغان ئاجېزېرا دەپ خەۋەر دىگەننى ئالامەت بېرىپ قۇيدۇ بۇلار.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-10-6 00:33 , Processed in 0.080458 second(s), 18 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش