newstar
بىزكۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىۋاتقان ھەر خىل ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ھەممىسىدە توكيولى تاختىسى بارلىقىنى ئېچىپ كۆرۈپ باققانلار بىلىدۇ،مەسىلەن رادىئو نىڭ توك يولىتاختىسى،تېلېۋىزورنىڭ توك يولى تاختىسى،تېلېفۇننىڭ توك يولى تاختىسى،كومپيۇتېرنىڭتوك يولى تاختىسى،يەنە نېمە نېمىلەرنىڭ توك يولى تاختىسى دېگەندەك(يەنى مودائاتىلىشى جۇبەن) . توك يولى تاختىسىنى كۆرگەنلەر سەللا ئىنچىكە قارايدىغان بولسائۇنىڭدىكى مىژ-مىژ سىزىقلارنى كۆرۈپ باش ئاغرىيدۇ.خوش ...ئۇنداق بولسا سىز بۇسىزىقلارنىڭ قانداق لاھىيىلىنىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
تۆۋەندە بىلگىنىمچە تورداشلارغا ئاز-پاز سۆزلەپ بېرەي...بىلىدىغانلار بولساڭلارئادەم سېسىتماي،چۈشەنچە بەرسەڭلار بولىدۇ.توك يولىتاختىسىنىڭ سىزىلىشى ئادەتتە ئېلېكترون سېستىمىسىنى لاھىيىلەش دېتاللىرى ئارقىلىقسىزىلىدۇ.بۇيەردە مەن كۆپچىلىككە ئاۋسترالىيە Protel شىركىتىنىڭ، بىر قەدەر كۆپ ئىشلىتىلىدىغان،ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان DXP يۇمشاق دېتالى ھەققىدەئاز-پاز چۈشەنچە بېرىپ ئۆتەي.
DXPيۇمشاق دېتالى بولسا) EDA (Electronic Design Automation) ئېلېكترونسېستىمىسىنى لاھىيىلەشنى ئاپتۇماتلاشتۇرۇش ) نى لاھىيىلەش دېتالى بولۇپ .ئاساسلىقى توك يولىلاھىيىلەش،تەقلىدى توك يولىنى سىناش،ۋە بېسىپ چىقىرىلىدىغان توك يولى (PCB) نى لاھىيىلەش قاتارلىقلارغائىشلىتىلىش بىلەن بىرگە،دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك توپلاشتۇرۇلغان توكيولى قاتتىق دېتالىنى تەسۋىرلەش تىلى (WHDL)غا نەقمەيداندا تەسۋىرلىگىلى بولىدىغان پروگراممىغا تەرتىپ لاھىيىلەش ئېلىپ بېرىش قاتارلىقلارغائىشلىتىلىدۇ.
Protelشىركىتىنىڭ قىسقىچە تەرەققىيات تارىخى: Protel شىركىتى 1985-يىلى ئاۋستىرالىيىنىڭسىدنىي شەھىرىدە قۇرۇلغان.شۇيىلى بىرىنچى ئەۋلات دوس (DOS) نەشىرىدىكى لاھىيىلەشدېتالىنى ئىشلەپ چىققان.1998-يىلى Protel يۇمشاق دېتالىنىڭ ئىپتىدائى شەكلى TANGOيۇمشاق دېتال بولىقى دۇنياغا كەلگەن.ئۇ پىرىنسىپ سېخىمىسى،PCB(Printed Circuit Board)) باسما توك يولى تاختىسى) نىڭلاھىيىلىنىش ۋە بېسىپ چىقىرىلىشى (پىرىنتېرلاش) نى قوللايدۇ.شۇ يىلى Protelشىركىتى ئامېرىكىنىڭ كېرمىنىي جىلغىسى ئېچىش تەتقىقات مەركىزىدە لاھىيىلىگەن ،دەرىجىسىئاشۇرۇلغان نەشىردىكى Prptel For Dos جۇڭگوغا كىرگەندىن كېيىن،قولايلىقى،ئۈگۈنۈشكەئاسانلىقى،ئەمىلىي قوللىنىلىشتىكى ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن كەڭ كۆلەمدە قوللىنىشقائېرىشكەن.20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن كېيىن،شەخسلەر كومپيۇتېرى قاتتىق دېتاللىرىئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ۋە Windows مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ ئوتتۇرىغاچىقىشىغا ئەگىشىپ، 1991-يىلى Protel شىركىتى دۇنيادىكى تۇنجى Windows مۇھىتىدىكى EDA قورالىنى(كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالىجۇمۇڭلار،AK47 گە ئوخشاشمىكىن دەپ قالماڭلار..چاقچاق) ئېلان قىلىپ،ئۈستەل يۈزى EDA سېستىمىسىكىدى ئۈستۈنلۈك ئورنىنىئىگەللىگەن.
1998-يىلى Protel شىركىتى 98Protelنىمەيدانغا چىقارغان.پىرىنسىپ سېخىمىسى، PCB لاھىيىلەش،چاقماقسىز(كاتەكچىسىز)سىمئورۇنلاشتۇرغۇچ،تەھرىرلىگىلى بولىدىغان لوگىكىلىق زاپچاسلارنىڭ لاھىيىلىنىشى،توكيولىنى تەقلىد قىلىش ۋە ئارلاشما توك يولى ئانالوگىنى تەقلىد قىلىش توپلاشتۇرۇلغانلاھىيىلەش مۇھىتى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن.شۇنىڭغا ئەگىشىپ 99 Protel ۋە 99SE Protel قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىئىشلەپ چىققان.2002-يىلى بۇ شىركەت نامىنى Altium شىركىتىگە ئۆزگەرتكەن،يەنە ( Protel DXP (Design Explorer ئىشلەپ چىققان. DXPProtel نى ئىلگىرىكى 99SE Protel بىلەن سېلىشتۇرغاندا،مەشغۇلات يۈزى ۋە مەشغۇلاتقەدەم-باسقۇچلىرىدا ناھايتى زور ئىلگىرىلەشلەر بولۇپ،مەشغۇلات يۈزى تېخىمۇيېقىشلىق،كۆرسەتمىلىك،بولۇپ ئىشلەتكۈچىلەرگە تېخىمۇ قولايلىق. تۆۋەندىكى رەسىم بولسا Protel DXP دا سىزىپ چىقىلغان توك يولى باسما تاختىسىنىڭ رەسىمى (سۈزۈك رەسىمىنى يوللاشقا ئامال تاپالمىدىم)
|