- توردا
- 54 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-5
- تىزىملاتقان
- 2012-2-21
- شۆھرەت
- 614
- تىللا
- 324
- تۆھپە
- 411
- ھوقۇقى
- 30
- جۇغلانما
- 2129
- ئالبوم
- 0
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 0
- يازما
- 166
- تېما
- 38
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 3948
- تۆھپە
- 411
- تىللا
- 324
- شۆھرەت
- 614
|
مەن ئىنتىلدىكى ئاددى بىر ئەزا بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئىنتىلدىكى ،جۈملىدىن باشقۇرغۇچى ئۇستازلارغا سەينادىكى بارلىق تىرىشچان، ،ئاقكۆڭۈل ،خۇش چاقچاق ئەزالارغا ۋاكالىتەن ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ ۋە ئۇيغۇرتوربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بۇتېمىنى يوللاپ قالدىم( ئەلبەتتە بۇ تېمام ئارقىلىق يۇقارقى تەرەققىياتلارنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولمايدۇ........ تىرىشىشىمىز كىرەكقۇ ؟ ) .. مىنى ھەقىقەتەن ئاقسا ، يارىماس ،گىپى جىق نىمىكەن دەپ قىلىشىڭلارمۇ مۇمكىن . مەن ئۇنداق ئەمەسمەن . يەنى سۆيۈملۈك رەببىم ئاللاھنىڭ ئاجىز قۇلىمەن . شۇنداق بىر ئىچىم قايناپ بۇتېمىنى يوللاشقا مەجبۇر بولۇپ بولۇپ قالدىم .. قەتئىي توغرا چۈشەنسەڭلا .. ئاللاھ رازى بولسۇن ..!!!!
___________
ھەممىڭلارغا مەلۇمكى ھازىرقى مۇشۇنداق تەرەققىيات دەۋرىدە ئۇيغۇر يىزىقىمىز ھالسىزلىنىپ قىلىۋاتقان يەنى ئىملايىمىز،سۆزىمىز ،ھەركىتىمىز جايىدا ئەمەس.
ئىنتىل سەيناسى ھەممىمىز بىلىمىز بىلىمنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان مۇرەككەپ توربەتلەرنىڭ بىرى . بەزى بىر ئەزالارغا قارىساق تېمىنىڭ باش ماۋزۇسى بىلەن مەزمۇنى ئوخشىمىغان . كاللا دەپ ئىسىم قويۇپ پاچاقنىڭ گىپىنى قىلىۋاتقان . ئىملا خاتالىقى ، ياردەم تېمىنى دەسلەپتە ياردەم : مانداق ..مانداق ئىش دىسە بولمىدىمۇ ؟ مەسىلەن :‹ مەن ئاخىرى ئالدىم › دەپ ئىسىم قويۇپ تېمىغا مۇناسىۋەتسىز گەپلەرنى قىلىپ بولۇپ ئاخرىدا بۇنى قانداق قىلىدۇ ؟ دەپ يىزىۋاتقان . ‹مۇشۇنداق مۇنبەرلەرنى..› دەپ ئىسىم قويۇپ ئاخرىدا شۇماۋزۇغا مۇناسىۋەتسىز تىتىقسىز بىرنىمىلەرنى يىزىپ يۇرسە .‹ بىرنىمىنى بىرنىمە قىلىش دېتالى .› دەپ ئىسىم قويۇپ . ماڭا مۇشۇ دېتال لازىمتى دەپ يىزىۋاتقان . قېنى بۇنىڭدىكى ‹‹ياردەم›› دىگەن سۆز ؟؟؟؟ https://uyghur-archive.com/intil/home/forum. ... amp;extra=#pid62706
_____
ئىملالىرىمىز شۇنداق خاتا بىر ئىككى ھەرىپمۇ ئەمەس كۆپ يەرلىرى خاتا چىقىۋاتقان .. بۇنى بەزى باشقۇرغۇچىلىرىمىز تەستىقلاپلا قويىۋاتقان
ئۇيغۇر توربەتلىرىمىزدە بولۇپمۇ ئىنتىلدەك توربەتلەردە ئىنتايىن پاكىزە ، رەتلىك ، ئىنىق ، باش ئاخىرى ماسلاشقان ،چۈشىنىشلىك بولىشى ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىشى كىرەك ئىدى باللا . نىمىدىگەن قالايمىقان يوللانغان تېمىلار بۇ . ئىگە بولىدىغان باشقۇرغۇچىلار ئازلاپ كىتىۋاتىدۇ .
تەرەققىي قىلايلى .. بىزمۇ ئالدىنقى قاتاردىكى ئەخلاقلىق ،تىرىشچانلاردىن بولالايمىزغۇ .
سەينادا كۆپلەپ كىتىۋاتىدۇ مۇشۇنداق تىتىقسىز تېمىلارنى يوللىغۇچىلار ..
++++++++++++++++++++++++++++++++++++++
ئۆتۈنۈش : جاپاكەش باشقۇرغۇچى ئۇستازلار ؛ خاپا بولماي مۇشۇنداق ئىشنىڭ ئالدىنى ئىلىپ قويساڭلا ..! شەرەپلىك مەجبۇرىيتىڭلارنىڭ ئاخىرىنى چىقارساڭلا ..!! قاتتىق قوللۇق بىلەن تېمىلارنى رەتلىك پاكىز بىرتەرەپ قىلساڭلا ...!!! شۇنداق ئەخلاقسىزلارغا ئۇچۇر قىلىپ ‹‹ دىقققەت قىلىڭ ..! مانداق-مانداق خاتالىق بار ،قايتا بايقالسا تەستىقلانمايدۇ.ھەمكارلىشىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن .! ››
دىگەندەك ئەسكەرتىش بەرسەڭلا چوقۇم بۇ ئىشلار كىيىنچە ھەل بولىدۇ . ھەرگىزمۇ بۇ قالايمىقانچىلىق كۆپەيمەيدۇ .
مىنىڭلا ئەمەس ھەممىمىزنىڭ ئاچچىقى كىلىشى كىرەك .ھەم نەپرەتلىنىشىمىز كىرەك بۇنداقلارغا . نىمە ئۇ، ئادەم زاڭلىق قىلغاندەك .
+++++++++++++++++++++++++++
ئاخىرىدا بارلىق تورداشلىرىمغا مۇھىم دەيدىغىنىم : 1- سىياسەتكە ۋە دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ تېما يوللانمىسا......................................................... !
2- ياردەم تېمىسىدا ئامال بار ‹‹ ياردەم ›› نى بىشىغا قىستۇرۇپ قويساق........................................ !
3- تېما يوللىساق ماۋزۇ بىلەن مەزمۇن بىردەك ماس كىلىدىغان بولسا......................... ...................!
4-ئىملايىمىزغا بەكمۇ دىقققەت قىلىپ ئانا تىلىمىزنىڭ ھۆرمىتىگە قوينىمىزنى كەڭرى ئاچساق.................. !
5- يوللىغان تېمىلىرىمىزغا ئىگە بولۇپ تاشلىۋەتمىسەك . ئاخىرىدا ياكى ھەل بولدى ياكى بولمىدى دىسەك.....!
6- باشقۇرغۇچى ئۇستازلارنىڭ شەرەپلىك خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ،قاتتىق جارىي قىلدۇرسا ....!
7-مۇمكىن بولسا سەيناغا مەخسۇس ‹ھەل قىلىنمىغان تېمىلار › دىگەن سەھىپە قوشۇپ قويۇلسا .مۇشۇنداق بولغاندا ھەل بولمىغان تېمىلار بىريەردە مەخسۇس ساقلىنىپ ئاستىدا قالمىغان بولاتتى . ( ئويلۇشۇپ باقساڭلا ..!)
يازمامدا ئىملا خاتالىقى كۆرۈلۈپ قالغان بولسا توغرا چۈشىنىپ كەچۈرۈشىڭلارنى سورايمەن.! ۋە تۈزۈتىشكە دىققەت قىلىمەن . ئەڭ ئاخىرىدا بارلىق تورداشلىرىمغا دەيدىغىنىم ‹ يىگانە سۆيۈملۈك رەببىم ئاللاھ › ھەممىڭلارنى تىنىچ ئامان ، ئىمانغا باي قىلسۇن .. ئامىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا islamjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-29 01:41
|
-
1
باھا خاتىرىسى
-
|