ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 88|ئىنكاس: 1

مۇراجەت نامە ( تاما تاما كۆل بولار ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

تۆھپە
23
تىللا
16
شۆھرەت
11
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 16:32:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك مۇنبەر ئەھلى ، ھەممىڭلارغا ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن ، ئاللاھ تىنىڭلارنى سالامەت ئىشلىرىڭلارنى ئاسانىشلىق قىلىپ بەرگەي .
مەن ساخاۋەتچىلەر تورنىڭ تۇنجى قېتىملىق  خەيىر- ساخاۋەت پائالىيىتىدەيىغىلغان . ئازغىنە 1450 يۈئەن پۇلنى قەيەرگە ئىشلىتىشنى بىلمەي تۇرغان ۋاقتىمدا، باشقىلاردىن  ئاقسۇ شەھەر شايار نايە قايلۇر يېزىسىدىكى 15 ياشلىق شېر ئەلى جاننىڭ 2011- يىلى 5- ئايدا تۇيۇقسىز بېشى ئاغرىپ يىقىلىپ چۇشۈپ تەكشۈرۈتكەندىن كىيىن ئاق قان كىسلى بۇلۇپ چىققانلىقىن،ى  بۇنى ئۇققان  شىرئەلى جاننىڭ دادىسى بىلەن ئانىسى ئائىلىدىكى پۈتۈن بىساتنى سېتىپ داۋالاتقانلىقى،  داۋالىتىش جەريانىدا ئىقتسادىي يىتىشمەي ئولتۇرۋاتقان ئۆينى شۇنداقلا بىردىن- بىر تىرىكچىلىك مەنبەئىي بولغان 9.2 مو يىرنىمۇ ساتقانلىقى، ھەم جەميەت ۋە ھەرقايسى ساھادىكى ساخاۋەتچى كىشلەرنىڭ ياردەم قىلغانلىقى ( ئاقسۇ شەھەرلىك ساخاۋەتچى ئانىلار كوللىكتىپى 30.000 يۈئەن ، شۇنداقلا ئۈرۈمچى ئاتلان تىل تەربىلەش مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى قاسىمجان ) قاتارلىق كىشلەرنىڭ ياردىمى بىلەن ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق دوختۇرخانىسىغا( 2 -دوختۇرخاندا) 11 ئاي ئىچىدە 9 قېتىملىق خىميىلىك داۋالاش ئىلىپ بىرىش ئارقىلىق قان پىلاسمىسنىڭ ياخشىلنىپ قايىتقانلىغىنى . بۇقېتىم  2012-يىلى 9- ئاينىڭ 6 -كۈنى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق دوختۇرخانىسىغا( 2 -دوختۇرخانغا)يەنە قان ئالماشتۇرۇپ خىميىلىك داۋالىنىش ئۇچۇن كەلگەنلىكىنى ئۇقۇپ  ئۇلاردىن ئەھۋال سۇرىغاچ ئازراق كۆڭلىمىزنى بىلدۈرۈش  ئۇچۇن شېرئەلى جاننى يوقلاپ چىقتۇق .
بىزكىرگەن ۋاقىتتا شىرئەلى جاننى ھەقىقەتەن خىميىلىك داۋالاۋاتقان بۇلۇپ ئانىسى  ھۆرىنسا ھەدىمىز بالىسىنى داۋالىتشى ئۇچۇن تارتقان ئەرزىيەتلەرنى سۆزلەپ كۆزگە ئىسسىق ياش ئالدى .
بۇ ھۆرىنسا ھەدىمىزنىڭ بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا قىلغان ئىلتىجاسى.


ئەسكەرتىش: بۇنى تىلفۇندا تارقانلىغىم ئۈچۈن يانتۇ بۇلۇپ قاپتۇ ھەرقانچە قىلىپمۇ ئوڭشىيالمىدىم

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار،بىز ھەمىمىز قېرىنداشمىز جانابى ئاللاھ ھىچكىمنىڭ زەررەچىلىك ياخشىلىغىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ . بۈگۈن ئاللاھ بىزلەرنى سالامەت قىلىپ باشقىلارنى مۇھتاج قىپتۇ،  بىزنى سالامەت قىلغىنى ئاللاھنىڭ بىزگە بەرگەن ئىلتىپاتى . باشقىلارنى بىزلەرگە مۇھتاج قىلغىنى بولسا ئاللاھنىڭ بىزگە بىرگەن سىنىقى بۇلىشى مۇمكىن  . بولسا تورداشلارنىڭ ئاشۇ بىچارە قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قىلىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۇمۈت قىلىمىز .

تۆۋەندە پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ بىر ھەددىسى سىلەرگە سوۋغا قىلنىدۇ .

ئەبۇ سەئىيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: قانداق بىر مۇسۇلمان يالىڭاچ قالغان يەنە بىر مۇسۇلمانغا كىيىم ئېتىپ بەرسە، ئاللاھ ئۇ كىشىگە جەننەتنىڭ يېشىل تونلىرىدىن كىيىم ئېتىپ بېرىدۇ، قانداق بىر مۇسۇلمان ئاچ قالغان يەنە بىر مۇسۇلمانغا تائام بەرسە، ئاللاھ ئۇ كىشىگە جەننەتنىڭ مىۋىلىرىدىن تائام بېرىدۇ، قانداق بىر مۇسۇلمان ئۇسسۇز قالغان يەنە بىر مۇسۇلماننى سۇ بىلەن سۇغارسا، ئاللاھ ئۇ كىشىنى جەننەتتە رەھىيقۇلمەختۇم دىيىلىدىغان پىچەتلەنگەن شاراپ بىلەن سۇغۇرىدۇ، ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى توپلىغان، ئەلبانى زەئىپ دىگەن،

شېرئەلى جانغا ياردەم قۇلىنى سۇنۇشنى خالايدىغان قىرىنداشلار ئۇچۇن .

شىرئەلى جاننىڭ ھازىرقى ئورنى :ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق دوختۇرخانىسى( 2 -دوختۇرخانا)جىددى قۇتقۇزۇش بىناسى 7  -قەۋۋەت 25- كارۋات

شىرئەلى جان ۋە ئاپىسىنىڭ تىلىفۇن نۇمۇرى : 13619914385

يېزا ئىگىلىك بانكا كارتا نۇمۇرى: 6228480890674773019    ئىسمى :ياسىن رجەپ  亚森·热吉普   

كىسەللىك ئىسپاتى









10 كويدىن 5 كويدىن بولسىمۇ ھەممىمىز ياردەم قىلساق ... شۇ كۈنلەردىن بىزنى ۋە بىزنىڭ باللىرىمىزنى ئاللاھ ئۇزى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن ...
ئاز ئاز بوپ قالمايدۇ ، جىق جىق بوپ كەتمەيدۇ ، ھەممە ئادەم بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشىلىقى ئۈچۈن مەيلى بۇ دۇنيادا بولسۇن ياكى قىيامەتتە بولسۇن ساۋابىغا ئېرىشىدۇ ...
xawkat521   [ئىشەنچلىك ئەزا]  实名认证 

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
1224
تىللا
1245
شۆھرەت
2098

ئاكتىپ تەشۋىقات تۆھپە

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 21:18:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
http://static.video.qq.com/TPout.swf?auto=1&vid=k04021b10jj بۇ يازمىنى xawkat521 دا 2012-9-27 21:19 تەھرىرلىگەن

سىز يوللىغان سىن چىقماپتۇ ، مەن تۈۋەنگىلا تەھرىرلەپ قويدۇم ، مۇشۇ يەردىن كۆرۋىلىڭلار ياكى باشقۇرغۇچىلار ئوڭشاپ قويسۇن بۇ يازمىنى xawkat521 دا 2012-9-27 21:21 تەھرىرلىگەن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-10-5 21:44 , Processed in 0.076478 second(s), 17 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش