ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 196|ئىنكاس: 6

ئات ساغرىسىنىڭ كەڭلىكى 1435mm   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1257
تىللا
1212
شۆھرەت
1888
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 17:03:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻣﺎﯞﺯﯗ: ﺋﺎﺗﻨﯩﯔ ﻗﻮﯕﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﯕﻠﯩﻜﻰ؟

     ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﺎﻟﻪﻡ ﺋﺎﻳﺮﻭﭘﯩﻼﻧﻰ ﺭﺍﻛﯧﺘﺎ ﺋﯩﺘﺘﯩﺮﮔﯜﭼﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﯩﮕﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﺪﯗ، ﺋﯩﺘﺘﯩﺮﮔﯜﭼﻨﯩﯔ ﭼﻮﯕﻠﯘﻗﻰ ﺋﯘﭼﯘﺷﻘﺎ ﭼﻮﯓ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ . ﺋﯘﻧﻰ ﭼﻮﯕﺮﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺳﯩﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻣﺪﯗ؟
    ﺋﯩﺘﺘﻪﺭﮔﯜﭺ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﺷﺘﺎﺗﺘﺎ ﻳﺎﺳﯩﻠﯩﭗ ﭘﻮﻳﯩﺰ  ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﺷﯘﻟﯘﭖ ﻛﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯗ، ﻳﻮﻟﺪﺍ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺗﻮﻧﯩﻠﻼﺭ ﺑﺎﺭ، ﺗﻮﻧﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﻪﯕﻠﯩﻜﻰ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﺳﺎ ؟
    ﺗﻮﻧﯩﻠﻨﻰ ﻳﺎﺳﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﯞﺍﮔﻮﻧﻨﯩﯔ ﻛﻪﯕﻠﯩﻜﯩﻼ ﻧﻪﺯﻩﺭﺩﻩ ﺗﯘﺗﯘﻟﻐﺎﻥ.
    ﯞﺍﮔﻮﻧﻨﻰ ﻳﺎﺳﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺭﯦﻠﯩﺴﻨﯩﯔ ﻛﻪﯕﻠﯩﻜﯩﻼ ﻧﻪﺯﻩﺭﺩﻩ ﺗﯘﺗﯘﻟﻐﺎﻥ.
    ﺭﯦﻠﯩﺴﻨﯩﯔ ﻛﻪﯕﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯩﻢ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ؟ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﺑﺎﻗﺎﻳﻠﻰ:
    ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﻻﻳﯩﮭﯩﻠﯩﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ﺭﯦﻠﯩﺴﻨﯩﯔ ﻛﻪﯕﻠﯩﻜﯩﻨﻰ 1435 ﻣﯩﻠﻠﯩﻤﯧﺘﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻻﻳﯩﮭﯩﻠﻪﭘﺘﯩﻜﻪﻥ.
    ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ؟
    ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﻳﻮﻝ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭙﺘﯩﻜﻪﻥ.
    ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﻳﻮﻝ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﻰ ﻧﯧﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ؟
    ﺩﻩﺳﻠﻪﭖ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﻳﻮﻝ ﻻﻳﯩﮭﯩﻠﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﺗﺮﺍﻟﻠﯩﺒﯘﺳﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﯕﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭙﺘﯩﻜﻪﻥ.
    ﺗﺮﺍﻟﻠﯩﺒﯘﺳﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﯕﻠﯩﻜﻰ ﻧﻪﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ؟
    ﺗﺮﺍﻟﻠﯩﺒﯘﺱ ﻳﺎﺳﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﭘﻪﻳﺘﯘﻥ ﻳﺎﺳﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻻﺭ ﭘﻪﻳﺘﯘﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭼﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭙﺘﯩﻜﻪﻥ.
    ﭘﻪﻳﺘﯘﻥ ﭼﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ 1435 ﻣﯩﻠﻠﯩﻤﯧﺘﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ؟
    ﭘﻪﻳﺘﯘﻥ ﻳﺎﺳﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﺕ ﮬﺎﺭﯞﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﭼﺎﻕ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭙﺘﯩﻜﻪﻥ.

    ﺋﺎﺕ ﮬﺎﺭﯞﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﭼﺎﻕ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﻰ ﻧﻪﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ؟
    ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﮬﺎﺭﯞﯨﻨﻰ ﺭﯨﻤﻠﯩﻘﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﭗ ﻳﺎﺳﯩﻐﺎﻥ، ﺭﯨﻤﻠﯩﻘﻼﺭ ﮬﺎﺭﯞﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﭼﺎﻕ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ.
    ﺭﯨﻤﻠﯩﻘﻼﺭ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺳﯩﻐﺎﻥ؟
    ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺭﯨﻤﻠﯩﻘﻼﺭ ﭼﺎﻕ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺳﯩﻤﯩﺴﺎ، ﻳﻮﻟﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﭼﺎﻕ ﺋﯩﺰﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﺱ ﻛﻪﻟﻤﻪﻱ، ﮬﺎﺭﯞﯨﻨﯩﯔ ﭼﺎﻗﻰ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﻛﺎﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ.
    ﻳﻮﻟﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﭼﺎﻕ ﺋﯩﺰﻟﯩﺮﻯ ﻧﻪﺩﯨﻦ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ؟
    ﺋﯘﻧﻰ ﺭﯨﻤﻨﯩﯔ ﺟﻪﯓ ﮬﺎﺭﯞﯨﻠﯩﺮﻯ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﺋﯘ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﮬﻪﺭﺑﯩﻲ ﻗﻮﺷﯘﻧﺪﺍ ﺳﺎﻧﺴﯩﺰ ﺟﻪﯓ ﮬﺎﺭﯞﯨﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺗﯚﻣﯜﺭﺩﯨﻦ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﻳﻮﻟﻼﺭ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﭼﺎﻕ ﺋﯩﺰﻟﯩﺮﻯ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.
    ﺟﻪﯓ ﮬﺎﺭﯞﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﭼﺎﻕ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﻰ ﻧﻪﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ؟
    ﺭﯨﻢ ﺟﻪﯓ ﮬﺎﺭﯞﯨﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﺕ ﻗﯧﺘﯩﻠﯩﺪﯗ ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﺕ ﮬﺎﺭﯞﺍ ﺷﻮﺗﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﭘﺎﺗﺴﯩﻼ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺩﯦﻤﻪﻙ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﺗﻨﯩﯔ ﻗﻮﯕﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﯕﻠﯩﻜﻰ ﺟﻪﯓ ﮬﺎﺭﯞﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﭼﺎﻕ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ.
    ﺋﺎﺗﻨﯩﯔ ﻗﻮﯕﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﯕﻠﯩﻜﻰ ﻧﻪﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ؟
    ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﻨﯩﯔ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑوﻟﯩﺸﻰ، ﺋﺎﻟﻪﻡ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﭼﻪﻛﻠﻪﭖ ﻗﻮﻳﻐﯩﻨﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﺩﺍ ﺋﺎﺗﻨﯩﯔ ﻗﻮﯕﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﭼﯩﻘﺘﻰ!

ﻣﻪﻧﺒﻪ : ﺳﺎﻗﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻢ

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
49
تىللا
60
شۆھرەت
56
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 19:13:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي-ۋۇي، ئالامەت ئىنىقلاش بوپتىغۇ بۇ
yasin   [ئىشەنچلىك ئەزا]  实名认证 

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
889
تىللا
1248
شۆھرەت
1646

تەشۋىقات ئاكتىپ تۆھپە

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 19:17:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بىز قىزقارلىق تېما بوپتۇ ،لىكىن ئىملا خاتالىغى بەكلا ئېغىركەن،بەزى يەرلېرىنى ئۇقيالمىغىلى تاسلا قالدىم.

باھا سۆز

adminbiz  ئىملا تۈزۈتۈلدى  يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 13:44:23

Rank: 2

تۆھپە
22
تىللا
22
شۆھرەت
13
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 11:18:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتتىگەننى سەت كۈلىۋەتتىم دېسەم ماۋۇ تېمىنى كۆرۈپ

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
233
تىللا
403
شۆھرەت
398
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 11:58:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆمۈر يول رېلىسىنىڭ ئىككى ئات كاسا ئۆلچىمىنى ئاساس قىلغىنى راست،لېكىن يۇقارقى بايانلارنى پۈتۈنلەي توغرا دېگىلى بولمايدۇ.
بۇرۇنقى رېلىس خاڭلاردا كۆمۈر سۆرەش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن،ئۇ چاغدىكى رېلىسلىق ھارۋىغا ئىككى ئات قوشۇلغاچقا رېلىس كەڭلىكى ئات كاسىسىنى ئۆلچەم قىلغان،كېيىن رېلىس باشقا جايغىمۇ كېڭەيتىلگەن لېكىن ئۆلچەم ئۆزگەرمىگەن.

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
368
تىللا
344
شۆھرەت
527
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 12:05:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئاخىرى بېرىپ ئىسانىيەتنىڭ ياخشى دوستى بولغان ئات گۇناكار بولدىمۇ ئەمدى؟

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1257
تىللا
1212
شۆھرەت
1888
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bilimsiz يوللىغان ۋاقتى  2012-9-26 12:05
ئاخىرى بېرىپ ئىسانىيەتنىڭ ياخشى دوستى بولغان ئات گۇن ...

بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟ ئاتنى ھېچكىم گۇناھكار دېمىدى، بىلىمدىن خەۋەردار بولۇڭ دەپ يوللىغان.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-10-5 20:05 , Processed in 0.257626 second(s), 17 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش