- توردا
- 276 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-3
- تىزىملاتقان
- 2010-12-17
- شۆھرەت
- 1316
- تىللا
- 956
- تۆھپە
- 683
- ھوقۇقى
- 40
- جۇغلانما
- 4479
- ئالبوم
- 0
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 0
- يازما
- 203
- تېما
- 23
- نادىر
- 1
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 1028
- تۆھپە
- 683
- تىللا
- 956
- شۆھرەت
- 1316
|
ئاخىرى پۈتتۈرۈپسىزدە، يامان ئەمەس ياساپسىز. سىز يوللىغان بۇ لايىھەنى(فىلاش) پۈتتۈرۈپ باقايلى تېمىنى كۆرگەندىن كېيىنلا تىزلا ئىنكاس قايتۇرغان ئىدىم. مانا سىزمۇ تىزلا پۈتتۈرۈپسىز.
مەنمۇ بىر ھەۋەسكار، شۇنداق بولغاچقا ئەجرىڭىزنى كۆرۈپ، يەنە بىرقانچە ئېغىز تەكلىپ بەرگىم كەلدى. يىتەرسىزلىك تۈگىسە تېخىمۇ مۇكەممەل بولىدۇ دىمەكچىمەن....
1. رەڭ جەھەتتىن ئويلىشىپ باقسىڭىز، يەنى سىز ئىشلەتكەن قېنىق شاپتۇل چىچىكى رەڭلىك تەگلىك ئادەمنىڭ كۆزىنى ھاردۇرىدىكەن.
2. ئىملاغا كۆپرەك دىققەت قىلسىڭىز، دوستلار دىگەندەك نۇمىرىڭىز دىگەننى نۇمۇرىڭىز دىگەنگە، ئەككىرىڭ دىگەننى ئەكىرىڭ ياكى ئېلىپ كىرىڭ دىگەنگە، قايتىدىن بىركىلەي دىگەننى قايتىدىن باشلاش .... دىگەندەك ئۆزگەرتىپ باقسىڭىز قانداق بۇلار. ئەلۋەتتە دىمەكچى بولغىنىم ئىملا ياكى سۆز ئۇرامىمۇ بىر پىرۇگىرامما مۇھىتىدا ئىنتايىم مۇھىم ئامىل.
3. ئاساسلىق مەسىلە ھەل بوپتۇ، لېكىن لاھىيەدە مىنىڭچە 7، 6 دىگەن سانلارنى كاتەكچىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە، سۆرۈپ ئېلىپ كىرىدىغان ئىپادىلەرنى سول تەرەپكە ئورۇنلاشتۇرساق تېخىمۇ چۈشىنىشلىك بۇلارمىكىن دەيمەن، چۈنكى بۇنداق بولغاندا ئىپادە ۋە قىممەت تەرتىپلىنىدۇ.
4. يەنە بىر ھەل قىلغۇچ نەرسە نەتىجە. ئەلۋەتتە سىز لايىھەدە توغرا تارتىپ ئەكىرسە 100 نۇمۇر بىرىدىغان، خاتا ئەكىرسە تارتىدىغان قىلماقچى. لېكىن سىز تۇلۇق سىناپ باقسىڭىز بۇ مەقسە تۇلۇق ئىشقا ئاشمىغان. مەسىلەن بەزى ئىپادىلەرنى خاتا سۆرۈپ ئەكىرگەندە نۇمۇر تارتىلمىغان، پەقەت توغرا تارتىپ ئەكىرگەندىلا تۇلۇق800 نۇمۇر بىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان. يەنە بىر ھالقىلىق مەسىلە باركەن، سىز سىناپ باقتىڭىزمۇ بىلمىدىم، ئىشلەيدىغان ئىشلەپ بولۇپ، قايتىدىن باشلاشقا بۇيرۇق بىرىلگەندە ، گەرچە قىممەت نولدە تۇرسىمۇ، لېكىن خالىغان بىرسىنى توغرا سۆرەپ ئەكىرسە ئالدىنقى قېتىمقى نەتىجە بىراقلا چىقىۋالىدىكەن. مىنىڭچە بۇنى تۈزىتىش تولىمۇ مۇھىم. يەنى قايتىدىن باشلاش دىگەن كونۇپكا بېسىلغان ھامان ئۆزگىرىشچان قىممەت يوللانغان سان نۆلگە تەڭ بولۇش، ھەم توغرا سۆرەپ ئەكىرگەندە بىرىلىدىغان قىممەت(نۇمۇر) دەل شۇ نۆلگە قوشۇلىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىلسە بولاتتى....
قېنى، قايتىدىن سىناپ ئۆزگەرتىپ بېقىڭ، گەپلىرىم سەل قۇلاشماي قالدى، ئارتۇق كەتكەن جايلىرى بولسا كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ. |
|