- توردا
- 4278 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-5
- تىزىملاتقان
- 2010-7-21
- شۆھرەت
- 29551
- تىللا
- 21243
- MSN
- intil.biz@hotmail.com
- تۆھپە
- 16943
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 104972
- ئالبوم
- 2
- بلوگ
- 86
- خاتىرە
- 14
- يازما
- 7664
- تېما
- 1204
- نادىر
- 4
- ھەمبەھر
- 31
- UID
- 10
- تۆھپە
- 16943
- تىللا
- 21243
- شۆھرەت
- 29551
|
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى ، «ئەنجانباي» ، «مۆمىننىڭ مومىغا چىقىشى» نىڭ ئاپتۇرى نۇر روزى 2012-يىلى 9- ئاينىڭ 23 -كۈنى شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 14:30 ئەتراپدا ئالەمدىن ئۆتتى.
مەنبە: مىسرانىم تور بېكىتى
ــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــ
مارشالنىڭ بايانى:
مەزكۇر تېما چىققاندىن كېيىن،مەن يازغۇچى ھاجى مىرزاھىد كېرىمى بىلەن تېلىفۇندا كۆرۈشۈپ،مەرھۇم يازغۇچى نۇر رۇزى ئاكىمىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمالى توغۇرلۇق بەزى بايانلارنى ھازىر سورىدىم.يازغۇچى ھاجى مىرزاھىد كېرىمى بىلەن نۇر رۇزى ئۇزاق مەزگىل قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدا ئىشلىگەن بولۇپ،ئۇلارنىڭ ئۆيى بىر بىنادا،يېقىن خوشنىلاردىن بولۇپ ئۆتكەن.يازغۇچى ھاجى مىرزاھىد ئاكىمىزنىڭ مەن بىلەن تېلىفۇندا كۆرۈشكەندىكى ئاغزاكى بايانىنى مەزكۇر تېمىغا قوشۇپ قويۇشنى لايىق تاپتىم:
<<مۆمىننىڭ مومىغا چىقىشى>>،<<ئەنجانباي >>قاتارلىق ئەسەرلىرى بىلەن ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا ياخشى تەسىرلەرنى قوزغىغان پىشقەدەم يازغۇچى نۇررۇزى1938-يىلى يەكەندە تۇغۇلغان،باشلانغۇچ -ئوتتۇرا مەكتەپنى ئۆز يۇرتىدا تاماملىغاندىن كېيىن،1955-يىلى سابىق شىنجاڭ ئىنىستۇتىتىنىڭ ئاگرانۇم فاكۇلتىتى ماشىنسازلىق سىنىپىدا ئوقۇغان.1958-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ،بىڭتۈەنگە تەقسىم قىلىنىپ،خىزمەتكە قاتناشقان.كېيىن قەشقەر كونا شەھەر ناھىيلىك دېھقانچىلىق سايمانلىرى زاۋۇتىدا ئىشلىگەن.1985-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىغا يۆتكىلىپ كېلىپ،باسما زاۋۇتىنىڭ باشلىقى بولغان.1993-يىلى 8-ئايدا پىنسىيەگە چىققان.
مەرھۇم يازغۇچى نۇررۇزىنىڭ <<مۆمىننىڭ مومىغا چىقىشى>>دېگەن ھېكايىسى تۇلۇقسىز ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن،<<ئەنجەنباي>>رومانى ئىككى قېتىم نەشىر قىلىنغان،يەنە ئىككى ھېكايىلەر توپلىمى نەشىردىن چىققان.
يازغۇچى نۇر رۇزى 2000-يىللاردىن كېيىن،كېسەل سەۋەبى بىلەن كۆپ داۋالانغان،2012-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى74 يېشىدا قەشقەردە ۋاپات بولدى.مەرھۇمنىڭ مېيت نامىزى ئەتە دۈشەنبە كۈنى بامدات نامىزىدىن كېيىن قەشقەر ھېيتگاھ جاماسىدە چۈشۈرىلىدۇ.
-ھاجى مىرزاھىد كېرىمى
مەرھۇمغا جەننەت ئىنئامى تىلەيمىز.يۇقۇرقى بايانلارنى ھازىر ھاجى مىرزاھىد كېرىمى ئاكىمىز تېلفۇندا سۆزلىشىش ئارقىلىق مەرھۇم يازغۇچى نۇررۇزىنىڭ قىسقىچە تەرجىمالىنى دەپ بەردى.مەن بۇ بايانلارنى ئىنكاس شەكلىنىڭ ئورنىغا يېزىشنىڭ ئورنىغا،تېمىنىڭ ئىچىگە قۇشۇپلا يېزىپ يوللىۋەتتىم.
مىسرانىمدىن Atala يازمىسى |
|