ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 71|ئىنكاس: 1

ئۇيغۇرچارۋامال ئەمچىلىك ئىلمى تۇنجى قېتىم ئىلىم پەن سەھنىسىگە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

turan 实名认证 

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
3241
تىللا
3037
شۆھرەت
5359

تۆھپە ئاكتىپ داڭدار دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 12:26:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر چارۋا-مال تىبابەتچىلىك(ئەمچىلىك) ئىلىمى تۇنجى قېتىم ئىلىم پەن سەھنىسىگە ئېلىپ چىقىلدى

   

      ئويغۇر مىللىتىىڭ مەدەنىيەت پەن-تىخنىكا مىراسلىرى ئىچىدە ئۇيغۇر چارۋا-مال دۇختۇرلىق ئىلمى كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇرىدۇ، ئۇيغۇر چارۋا-مال دوختۇرلىقى بولسا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ   ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان كۆچمەن چارۋىچىلىق،دېھقانچلىق بىلەن شوغۇللىنىش جەريانىدا بارلىققا كەلگەن ۋە تەرققىي قىلغان.
ئۇيغۇر چارۋا-مال دوختۇرلۇقى ۋەتىنىمىز مەدەنىيەت غەزىنىسىدىكى بىر گۆھەر،ئۇنى توپلاپ،رەتلەپ كىيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈشتەك،شەرەپلىك ئۇلۇغ تارىخى ۋەزىپە زىممىمىزگە يۈكلەندى. ئۇيغۇر مەدەنىيەت خەزىنىمىزنى تېخىمۇ بېيىتىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەمدە كىيىنكى ئەۋلادلىرىمىزغا يەتكۈزۇش مەقسىتىدە، ئۇيغۇر چارۋا-مال دوختۇرلۇق ئىلمى مىراسلىرىنى يىغىپ توپلاپ –رەتلەش تەتقىقات ئىشلىرى 2009-يىلى ئىيۇلدا جوڭگۇ يېزا-ئىگىلىك ئۇنۋىرىسىتى ئوقۇغۇچىسى ئابلەتجان قۇربان تەرىپىدىن باشلانغان بولۇپ، ‹‹ئۇيغۇر ئەنئەنۋى مال دوىتۇرلۇق ئىلمىنى توپلاش، رەتلەش تەتقىقاتى›› ماقالىسى 2010-يىلى ئۇنۋىرسىنىڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسى بولۇپ باھالانغان. 2010-يىلى يىل 10-ئايدا جوڭگۇ يېزا-ئىگىلىك ئۇنۋىرىسىتى ئاساسى ئىلمى تەتقىقات ئىشلىرى مەخسۇس تۈر مەبلەغگە ئېرىشكەن. 2011-يىلى 11-ئايدا گۇاڭجۇدا  ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگۇ چارۋا مال تېبابىتى جۇڭگوچە چارۋا مال تېبابىتى شۆبە جەمئىيىتىنىڭ 19-قېتىملىق ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىدا ‹‹ ئۇيغۇر چارۋا مال تېبابىتى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان ›› دېگەن تېمىدا مەخسۇس دوكىلات بەرگەن ۋە مۇنەۋۋەر ماقالە بولۇپ مۇكاپاتلانغان. ھارىز دۆلەتلىك ‹‹ تەبئىي پەنلەر فوندى ›› مەبلىغى تەتقىقات تۈرىگە ئىلتىماس سۇنۇش تەييارلىق خىزمىتى ئىشلىنىۋاتىدۇ.
     مۇشۇ ساھەدە، بۇرۇن بۇ توغرۇلۇق ھېچقانداق تەتقىقاتنىڭ ئېلىپ بېرىلمىغانلىقى ، مەبلەغ ، ئىختىساسلىقلار ،بىرىنچى قول ماتېرىياللار (،ئاتا-بۇۋىلىرىمىزدىن داۋاملىشىپ كەلگەن ۋە ئۆزىمىزنىڭ داۋالاش ئەمەلىيىتى جەريانىدا سىناقتىن ئۆتكەن رېتسىپ، دىئاگنۇز قويۇش ۋە داۋالاش ئۇسۇللىرىنى مەسىلەن : ھەزىم قىلىش،نەپەسلىنىش،سۈيدۈك ئاجرىتىش،كۆپىيىش،پۇت-بۇغۇم،تىرە،پارازىت قۇرت،ھەر-خىل زەھەرلىنىش... قاتارلىق كېسەللەرنىڭ يەرلىك ئىسمى، كېسەللىك سەۋەبى، كېسەلنىڭ ئالامەتلىرى،داۋالاش ئۇسۇلى ) كەمچىلىك سەۋەبىدىن ، پۈتۈن ئويغۇر مىللىتىمىزنى ئۆز مىللى خاسلىققا ئىگە  ماتىرىياللار رەتلەنمىگەن، ھەمدە يېقىنقى زاماندا ئىلىم ساھەسىدە تىلغا ئېلىنمىغان. ئۆزىمىزنىڭ مىللى تىبابەت ئىلمىنى باشقا مىللەتلەرنىڭ تىبابەت ئىسىملىرى بىلەن ئاتىغان ( مەسلەن جوڭيىچە، ياكى يەرلىك ئۇسۇل ۋە باشقىلار).
     مۇشۇ مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلغۇچى پېشقەدەم ئۇستازلارنىڭ ،بۇ مەدەنىيەت غەزىنىسىنى تېخىمۇ بېيىتىش ئۈچۈن،بىرىنچى قول ماتېرىياللار بىلەن  تەمىنلىشىڭلارنى ، ئۇيغۇر مەدەنىيتىمىزنى بېيىشنى ۋە تۆھپە قوشۇشنى خالايدىغان مىللەتپەرۋەر قېرىنداشلارنىڭ يېقىندىن قوللاپ كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!
    بۇ ساھەدە ئۈنسىز خىزمەت قىلىۋاتقان  قېرىنداشلىرىمىز ئاز ئەمەس، بىز ئورتاق كۈچ چىقارساق ئىشىنىمىزكى يېقىن كەلگۈسىدە ئۇيغۇر تىبابىتىمىزگە ئوخشاش ئۇيغۇر چارۋا مال تېبابىتى شانلىق نەتىجىلەرگە ئېرىشكۈسى!  ئەگەردە ئۇيغۇر مىللىتىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى خالايدىغانلار ئۈچۈن بىرىنچى قول بىلەن تەمىنلەيدىغان خەدىۋەل بار، ئىلى خەت ساندۇقىغا خەت يازسىڭىزلەر تەكشۈرۈش جەدۋەلىنى يوللاپ بىرىمىز.


ئالاقىلاشقۇچى:ئابلەتجان: 18099586807  (0996)
ablimitjan726@hotmail.com
583370632@qq.com
ananbolgin@sina.cn
2275983535@qq.com
ئەسكەرتىش: تېخىمۇ كۆپ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ خەۋەردىن ۋاقىپ بولىشى ئۈچۈن باشقا تور بىكەتلەرگە ھېچكىمدىن سورىماي كۆچۈرۈپ يوللىساڭلار بولىۋېرىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-23 12:29  

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
268
تىللا
454
شۆھرەت
515
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 21:10:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ كەسپىم  مال دوختۇرلۇق ..لىكىن خىزمەتكە چىققىلى ئۇزۇن بولمىدى  ..ماڭىمۇ ئېۋەتىپ بىرىڭە كۈرۈپ باقاي  ياردىمىم تىگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس...
541469257@qq.com
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-10-5 13:44 , Processed in 0.083788 second(s), 18 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش