ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 72|ئىنكاس: 1

بۇ فىلاش دەرىسلىكنى پۇتتۇرۈشۈپ بەرسەڭلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
61
تىللا
47
شۆھرەت
46
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 14:26:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


بۇ بىر ماتېماتىكىلق مۇستەھكەملەش مەشقى بۇلۇپ ،مەن مۇختەر روزى ئەپەندىنىڭ فىلاش دەرسلىگىدىن بايدىلىنىپ مۇشۇنچىلىك قىلالىدىم.
ئەسلى مەخسەت ئاستىكى ماس بولغان سانلارنى كاتەكچىنىڭ ئىچىگە ئەككىرگەندە توغرا بولسا شۇ كاتەكچە ئىچىدە تۇرىدىغان،ھەمدە ئىرىشكەن نۇمۇر رامكىسىغا 100نۇمۇر قۇشۇدىغان،خاتا بولسا ئەسلىدىكى جايىغا قايتىپ كىتىدىغان قىلماقچى ئىدىم ،سەۋىيەم چەكلىك بولغاچقا ئەمەلگە ئاشۇرالمىدم.فىلەش ئۇستىللىرىنىڭ بۇ مەسىلىنى ھەمكارلىشىپ ھەل قىلىشىپ بىرىشىڭلارنى سورايمەن.
خام ماتىرىيال چۈشۈرۈش ئادىرىسى
چۈشۈرۈش بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   musajan88 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-20 14:28  

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
683
تىللا
956
شۆھرەت
1316
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 00:37:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدىراشچىلىقتا سەيناغا كىرمىگىلىمۇ نەچچە كۈنلەر بوپكىتىپتۇ. كىرىپلا سىزنىڭ تەكلىپ ۋە ياردەم توغرىسدىكى ئىككى تېمىڭىزنى كۆردۈم. قارىغاندا سىزنىڭ فىلاشقا خېلىلا ئىشقىڭىز بارئوخشايدۇ.
بۇنى تامامەن قىلغىلى بولىدۇ. ئەسلى ئۆزۈم بىۋاستە قول سېلىپ ئىشلەپ سىزگە ئەۋەتىپ بەرسەم بولاتتى، ئەمما مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىغا يىللىق مەلۇمات جەدىۋەللىرىنى ئۆتكۈزۈپ بولۇشۇم كىرەك. شۇڭا كېيىنكى ھەپتە ئاندىن بۇنى قىلىشقا ۋاقتىم چىقىدۇ.
ئەگەر ئالدىرىسىڭىز مۇنداق تەپەككۇر يولى بىلەن ھەل قىلسىڭز بولىدۇ
سىز تەييارلىغان يۈەنجەنلەر(ئۇيغۇرچىسىنى نىمە دىيىشنى بىلمىدىم، يەنى سىز تەييارلىغان ئىككى ساننىڭ مۇناسىۋىتى ئىپادىلەنگەن ئىپادە شۇ )نىڭ ئورنىغا ئاساسەن ھۈكۈم قىلدۇرۇپ، شۇ يۈەنجەننىڭ ئورنىنى بىكىتىش.
مىسالغا ئىيتسام،ئاۋال 7 تورغان كاتەكچىنىڭ x,y قىممىتى بويىچە ئورنىنى بىكىتىمىز. ئاندىن يۈەنجەن 3+4 نىڭ ئىچىگە شەرت ئارقىلىق ئۇنىڭ ئورۇن قىممىتى 7 تۇرغان كاتەكچە رايۇنىنىڭ قىممەت دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن كەتمىگەنلىكىگە ھۈكۈم قىلىمىز. ئەگەر قىممەت دائىرىسى ئىچىدە بولسا، يۆتكەپ ئاپارغاندىن كېيىنكى ھازىرقى ئورنىنى ساقلىسۇن، ئەگەر دائىرىدىن ھالقىپ كەتكەن بولسا، ئەسلىدىكى ئورنىغا كەتسۇن دەپ كود يازساق بولىدۇ.
ئاندىن قىممىتى يەتتىگە تەڭ ئىپادىلەر(يۈەنجەن) گە بۇ كودنى كۆپەيتىپ چاپلىساق بولىدۇ. ئاخىرىدا 6نىمۇ مۇشۇ خىل ئۇسۇل بويىچە ئۆزگەرتىپ چىقساق بولىدۇ.
ھازىرچە ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇشۇنچىلك دەپ تۇراي. مۇشۇ تەپەككۇر يولى بويىچە ئۆزىڭىزمۇ ئىزدىنىپ باققاچ تۇرۇڭ....
يەنە تەكلىپىم خەنزۇچە بولسۇن ياكى ئۇيغۇرچە بولسۇن ئەمىلى مىساللارنى كۆپرەك كۆرۈڭ.
خەرىتە قۇراشتۇرۇش ئويۇنى
بۇ ئادرىستىكى ئويۇننى چۈشۈرۈپ، ئەسلى كودقا ئايلاندۇرۇپ، كۆرۈپ بېقىڭ. چۇقۇم چوڭ ياردىمى تىگىدۇ. مەيلى ھەل قىلىڭ ياكى قىلالماڭ سەيناغا نەتىجىسىنى يوللاشنى ئونۇتماڭ....
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-10-5 08:47 , Processed in 0.078880 second(s), 16 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش