Android مەشغۇلات سىستېمىسى كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگە كەڭ تارقالغاندىن بېرى نۇرغۇن ئىشلەتكۈچى ھەم ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ كەلدى. بۇ سىستېمىنىڭ كود مەنبەسى پۈتۈنلەي ئوچۇق بولۇشى، ئۆزگەرتىش، تەھرىرلەشكە قولايلىق بولۇشى، يېڭىچە قىياپىتى بىلەن يانفۇن، تاختا كومپيۇتېر، رەقەملىك ئاپپارات، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېۋىزور... قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرگە ئىشلىتىشكە باشلىدى.
Android ھەققىدە كۆپ سۆزلىمىسەممۇ بۇ تېمىغا قىزىققۇچىلار ئەلۋەتتە ئۆزىنىڭ بىلىش دائىرىسىدە چۈشەنچىسى بار.
شۇڭا، نەق گەپكە كېلەيلى.
بۇندىن كېيىن «شاھدىيارسوفت» مەزكۇر «شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى مۇنبىرى» دە Android قا يۇمشاق دېتال ئېچىش توغرىسىدا داۋاملىق دەرسلىك سۆزلەپ ماڭىدۇ.
دەرسلىكنىڭ ئاۋۋالقى قىسمى Android نى تونۇشتۇرۇشتىن باشلانسا ياخشى بولاتتى، ئەمما بۇ ھەقتە ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە بەك كۆپ ماتېرىياللار بار. شۇڭا دەرسلىكنىڭ بېشىنى مۇھىت ھازىرلاش قىسمىدىن باشلىدىم.
بىرىنجى باسقۇچ: Android SDK نىڭ سىستېما تەلەپلىرىنى چۈشۈرۈش
ئىككىنجى باسقۇچ: JDK نى قاچىلاش
ئۈچىنچى باسقۇچ: Eclipse نى قاچىلاش
تۆتىنچى باسقۇچ: Android SDK نى قاچىلاش
بەشىنچى باسقۇچ: JDK نى سىناش ۋە Android SDK نى قاچىلاش
ئالتىنچى باسقۇچ: ADT بىلەن Eclipse نى باغلاش
يەتتىنچى باسقۇچ: Android SDK Home نى تەڭشەش
Android قا پىروگرامما تۈزۈش مۇھىتى ھازىرلاش (8) سەككىزىنچى باسقۇچ: Android تەقلىدلىگۈچىنى ئىشلىتىش
تەييارلىق دەرس جەمئىي 8 دەرس بولۇپ، 8- دەرس تېخى ئىشلەنمىدى (ئالدىراشچىلىق). بۇ دەرستىن كېيىن "Android قا پىروگرامما تۈزۈش" دەپ يېڭىدىن دەرسلىك باشلىنىپ پىروگرامما قىسمىغا كىرىپ كېتىمىز. بۇ يەردە پىروگراممىغا قىزىقىدىغانلار خېلى كۆپ بولغاچقا، دەرسلىكنىڭ ئادېرىسلىرى يىغىپ چۇغلاپلا يوللاندى. دەرسلىكككە قارىتا ئىنكاس بولسا مۇناسىۋەتلىك دەرسلىكنىڭ ئاستىغا (مەنبەگە) قالدۇرغايسىز.
|