ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 333|ئىنكاس: 7

تەۋسىيە: دوختۇرخانا باشلىقى ۋە كومپىيۇتېر رىمونتچىسى     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1257
تىللا
1212
شۆھرەت
1888
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 11:12:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
哈密瓜525

دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ كومپىيۇتېرى بۇزۇلۇپ قېلىپ بىر چوڭ رېمونخانىغا ئېلىپ بېرىپتۇ.
رېمونتخانىدىكى خادىم :  « OK ، كومپىيۇتېرنى ئېچىش ھەققى  50يۈەن  ».
دوختۇرخانا باشلىقى: «نېمىشقا رېمونت قىلمايلا ئاۋۋال پۇل تاپشۇرىمەن».
رېمونتخانىدىكى خادىم :  « بۇ رېمونتخانىمىزنىڭ قائىدىسى، سىلەرنىڭ دوختۇرخاناڭلارنىڭمۇ كېسەل كۆرسەتمەي تۇرۇپلا ئاۋۋال نومۇر ئالىسىلەرغۇ؟ »
دوختۇرخانا باشلىقى گەپ قىلالماي 50 يۈەن تاپشۇرۇپتۇ.
رېمونتخانىدىكى خادىم : « ياخشىمۇسىز، كومپىيۇتېرىڭىزنىڭ قەيىرىدىن چاتاق چىقتى؟»
دوختۇرخانا باشلىقى:« شۇ سۈرەتلەر چىقمايۋاتىدۇ، ھېچقانداق ئىنكاس يوق»
رېمونتخانىدىكى خادىم :  « قارىغاندا كومپىيۇتېرىڭىزنىڭ ئىچكى قىسمىدا مەسىلە كۆرۈلگەن ئوخشايدۇ، ئىچكى بۆلۈمدە ئوڭشاتسىڭىز بولىدىغان ئوخشايسىز، سىز ئادەتتىكى تېخنىكقا كۆرسىتەمسىز ياكى ئالىي تېخنىكىمىزغا كۆرسىتەمسىز، ئادەتتىكى تېخنىكنىڭ رىمونت ھەققى 20 يۈەن، ئالى تېخنىكنىڭ 30 يۈەن».
دوختۇرخانا باشلىقى: « شۇ كومپىيۇتېرنى ئوڭشاشقۇ؟ ياساپ بەرسەڭلارلا بولدى ، مېنىڭ ئۇنداق ئادەتتىكى تېخنىك ، ئالىي تېخنىك بىلەن كارىم نىمە؟ ».
رېمونتخانىدىكى خادىم :  « ئوخشىمايدۇ، ئالىي تېخنىكنىڭ تېخنىكىسى يۇقىرى، ھەر قانداق بۇزۇلغان كومپىيوتېرلارنى رېمونت قىلالايدۇ، رېمونتتىن كېيىن قايتا بۇزۇلۇش نىسبىتى تۆۋەن، لېكىن رېمونت ھەققى سەل يۇقىرراق، شۇڭا خېرىدار سىز ئۆزىڭىز تاللايسىز».
دوختۇرخانا باشلىقى: « مېنىڭ كومپىيۇتېرىمدا مەسىلە ئۇنچە مۇرەككەپ ئەمەس، ئادەتتىكى تېخنىك ئوڭشىسىلا بولىدۇ».
رىمونتخانىدىكى خادىم :  « ئەمىسە ياخشى، 20 يۈەن رېمونت ھەققى تۆلەڭ».
دوختۇرخانا باشلىقى: «نېمە ئۈچۈن رېمونت قىلماي تۇرۇپلا پۇل تۆلەيمەن؟»
رېمونتخانىدىكى خادىم :  «بۇ رىمونتخانىمىزنىڭ تۈزۈمى ، سىلەرنىڭ دوختۇرخانىمۇ شۇنداققۇ، كېسەل كۆرمەي تۇرۇپلا پۇل تاپشۇرىدىغۇ؟»
دوختۇرخانا باشلىقى گەپ قىلالماي قېلىپ ، ئاخىرى 20 يۈەننى تاپشۇرۇپ، كومپىيۇتېرنى كۆتۈرۈپ ئىچىدىكى ئۆيگە ئېلىپ كىرىپتۇ. تېخنىك كومپىيوتېرنى بىر قۇر تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئۇچ پارچە تالوننى كېسىپ دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ تۆلىشىگە تاپشۇرۇپتۇ:
1.   ئۇنىۋېرسال ئۆلچىگۈچلۈك ئەسۋاپتا تەكشۈرۈش 20 يۈەن
2.   دولقۇن كۆرسەتكۈچتە تەكشۈرۈش 50 يۈەن
3.   تەسۋىر كۆرسەتكۈچتە تەكشۈرۈش 80 يۈەن.
دوختۇرخانا باشلىقى ھەيران بولۇپ سوراپتۇ: «نېمە ئۈچۈن خېرىداردىن بۇنداق ئۆلچەش ھەققى ئالىسىلەر، بۇ سىلەرنىڭ رېمونت تېخنىكىڭلارغا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈنمۇ»؟
تېخنىك: « توغرا، بىزنىڭ تېخنىكلارمۇ بۇرۇن ئۆزىنىڭ تەجرىبىسىگە ئاساسەن ئاۋۋال ‹كۆرۈش، پۇراش، سوراش، تۇتۇش، ئاڭلاش› قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قىلاتتى، ھازىر پەن تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، ھەر قانداق تەكشۈرۈش ئەسۋابى بار، تېخنىكلارمۇ ئەسۋابلار ئارقىلىق توغرا بولغان ھۆكۈمنى چىقىرىدۇ، شۇنداقلا ھازىر ئېنىق ئەمەس بولغان مەسىلىلەرنىمۇ تېپىپ چىقالايدۇ. يەنە بىز بۇ تەكشۈرۈش ئەسۋابلىرىغا نۇرغۇن مەبلەغ سالغان، شۇڭا بىز مۇۋاپىق ھالدا ھەق ئالىمىز.  سىزنىڭ ھەر ھالدا ياخشى، باشقا ئەسۋابلارنى ئىشلەتمىدۇق، ئالدىنقى قېتىم بىر خېرىدار بىر كومپىيۇتېرنى ئېلىپ كەپتىكەن، بىز تور ئارقىلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ باردۇق ، ئۇ بىر تۈرنىڭلا تەكشۈرۈش ھەققى 150 يۈەن، ئۇ خېرىدارمۇ تەكشۈرتتى. بىز ھەر ۋاقىت خېرىدارلارنى ئويلايمىز، ئامال بار ئازراق تەكشۈرۈش قىلىمىز، بۇمۇ خېرىدارلارنىڭ پۇلىنى تىجەپ قېلىش ئۈچۈن. سىز تەكشۈرتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ،لېكىن بىز رېمونت داۋامىدا خاتا دىياگىنوز قويۇپ قېلىپ زاپچاس ئالماشتۇرساق ئوخشاشلا خېرىدارلار زىيادە چىقىمدار بولۇپ قالمامدۇ، بۇ تەكشۈرۈشلەرنى قىلمىسىڭىز ئىختىيارىڭىز، ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا سىزنىڭ ۋاقتىڭىز زايا بولىدۇ.  »  
    دوختۇرخا باشلىقى 150 يۈەن تەكشۈرۈش ھەققى تاپشۇرۇپتۇ،  تېخنىك يېرىم سائەت تەكشۈرۈپ، بىر پارچە توك يولى خەرىتىسىنى بېسىپ چىقىرىپتۇ، ئۇنىڭدا بىر ئۈچ قۇتۇپلۇق لامپىنىڭ كۆيگەنلىكى چىقىپتۇ،  تېخنىك بىر نەچچە مىنۇت ھەپىلىشىپ ، ئىككى يۈەنلىك ئۈچ قۇتۇپلۇق لامپىنى ئالماشتۇرۇپ كومپىيوتېرنى ئوڭشاپ بېرىپتۇ.
    تېخنىك بېسىپ چىقارغان توك يولى خەرىتىسىنى دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپتۇ ۋە يەنە بىر پۇل تاپشۇرۇش تالونىنى كۆرستىپتۇ ۋە دوختۇرخانا باشلىقىغا بېسىپ چىقىرىش ھەققى ئۈچۈن 8 يۈەن ئاپتۇ،  دوختۇرخانا باشلىقى بۇنى چۈشەنمەي: «بېسىپ چىقىرىش ھەققىنىمۇ مەن تۆلەمدىم؟» دەپ سوراپتۇ، «شۇنداق ، بۇ بۇ يەرنىڭ قائىدىسى، بېسىپ چىقىرىش ھەققىنى خېرىدار ئۆزى تۆلەيدۇ، ھېلىقى توك يولى خەرىتىسىنى سىزگە بەرگەندىمەن؟»، «لېكىن مەن بۇ خەرىتىنى چۈشەنمىسەم؟»، «سىلەرمۇ دوختۇرخانىدا بىمارلارنى  B تىپلىق ئولتىرا بىنەپشە نۇر(B超) دا تەكشۈرۈسىلەر  ، ئوخشاشلا بىمارلار ئۇنىڭدىكى نەرسىلەرنى چۈشەنمەيدىغۇ؟ بۇ دېگەن كەسپىي قائىدە».
    دوختۇرخانا باشلىقى ئامالسىز قېلىپ پۇلنى تاپشۇرۇپتۇ.
    ئەڭ ئاخىرىدا تېخنىك دوختۇرخانا باشلىقىغا بىزنىڭ ھەممە ئىشلىرىمىزنى كومپىيۇتېردا باشقۇرۇلىدۇ، سىز مۇلازىمەت سۇپىسىغا بېرىپ مالنى ئېلىۋېلىڭ دەپتۇ.
    مۇلازىمەت سۇپىسىدىكىلەر دوختۇرخانا باشلىقىغا بىر پۇل تاپشۇرۇش تىزىملىكى بېرىپتۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە: «مال باھا ئىدارىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، دۇكىنىمىز تۈرلەرگە ئايرىپ ھەق ئېلىش تۈزۈمىنى يولغا قويدۇق ، خېرىدارلارنىڭ ئىستىمال ئەھۋالىنى ئېنىق بىلىۋېلىشى ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىڭ، سىزنىڭ بۇ قېتىملىق رېمونتقا كەتكەن ھەققىڭىز تۆۋەندىكىچە »:
35W لۇق ئاقنۇر ماركىلق داغمال ئىشلىتىش ھەققى (بۇزۇش ، داغماللاش بىر قېتىمدىن): 10 يۈەن
بىر قېتىملىق داغمال بېشىنى تازلاش قەغىزى : 2 يۈەن
سۈمۈرۈش ئەسۋابىنى ئىشلىتىش بىر قېتىم: 5 يۇەن
φ0.8 مۇھىت ئاسرايدىغان قەلەي سىم 10 گىراملىق : 5 يۇەن
ئۇچ قۇتۇپلۇق لامپا پۇتىنى ئۇلاش ئەسۋابى :  5 يۇەن
داغماللىغاندىن كېيىن داغمالنى يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ھەققى : 5يۇەن
ئۇچ قۇتۇپلۇق لامپىنى ئېلىش، ۋە داغمال تاختىسىنى تازلاش قاتارلىق ھەقلەر: 20 يۇەن
جەمئىي :54 يۇەن
دوختۇرخانا باشلىقى بۇنى كۆرۇپ ھوشىدىن كېتىشكە ئاز قاپتۇ، دوختۇرخانا باشلىقى جەمئىي 282 يۇەن خەجلەپ ئوڭشاتقان كومپىيۇتېرغا ئاران 2 يۇەن قىممىتىدىكى زاپچاسنى ئالماشتۇرۇپ بېرىپتۇ.


مەنبە: ئۆزۈم، بۇنى بىرسى كوت كوت توپىغا يوللاپتىكەن ، دوسلار بىلەن بىللە ھوزۇرلىنىش ئۈچۈن تەرجىمە قىلىپ قويدۇم .  خاتا كەتكەن يەرلىرى بولسا كەچۈرەسىلەر
2

باھا خاتىرىسى

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
219
تىللا
459
شۆھرەت
439
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 16:54:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىكەن مەنىسى بەك چوڭقۇر كەن

Rank: 2

تۆھپە
29
تىللا
57
شۆھرەت
37
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 17:10:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوختۇرخانا باشلىلىقىمۇ بىمارلىرى تارتىۋاتقان دەرىتنى تارتىپتىدە.

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
1063
تىللا
1373
شۆھرەت
1888

تىرىشچان دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 19:05:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپلا ........
مۇشۇ يۇمۇرنى ھەرقايسى چۇڭ دوختۇرخانا باشلىقلىرىغىمۇ ئامال قىلىپ كۆرسەتكىلى بولغان بولسا نىمىدىگەن ياخشى بولاتتى؟

دەلىللەنگەن

ھەقىقەت

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
1045
تىللا
5829
شۆھرەت
1717

ئاكتىپ تەشۋىقات دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 19:54:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما يوللىغۇچىنىڭ مەزكۇر تېمىنى تەرجىمە قىلغان ئەمگىكىگە كۆپ تەشەككۇرلەر ياغسۇن ! مەنمۇ بۇنىڭ خەن تىلىدىكىسىنى بىر يىل ئاۋال كوت-كوتتىن كۆرگەن ئىدىم . تەۋسىيە قىلغۇدەك ياخشى تېما بۇ .
‹‹ ئىنتىل سەيناسى ›› ھەقىقەتەن بىر بىلىم باغچىسى ئىكەن .
yasin   [ئىشەنچلىك ئەزا]  实名认证 

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
889
تىللا
1248
شۆھرەت
1646

تەشۋىقات ئاكتىپ تۆھپە

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 22:51:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جايىدا گەپ بوپتۇ دىمىسىمۇ دۇختۇرخانىدا بولۋاتقان ئىشلارنى يېزىپتۇ 1 ئاينىڭ ئالدىدا پۇتۇمغا 300 كىلو گىرام ئېغىرلىقتىكى نەرسە چۈشۈپ كىتىپ پۇتۇمنىڭ ھەممە يېرى قانغا بۇيالغان ئىدى لىكىن خۇدايىم ساقلاپ سۇڭەك سۇنماپتىكە ،دۇختۇرخانىغا پۇتۇمنى سۈرەپ ئاران بارسام ئۇيەرگە بۇيەرگە تۈكشۈرتۈشنى بۇيرۇپ مىنى قىيناپ ھالىمنى قويمىغان ،بۇ يۇمۇر تازا جايىدا يېزىلغانكەن.

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
368
تىللا
344
شۆھرەت
527
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 23:42:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ھېلىمۇ ھېچنىمە بولماپسىز!!ئەگەر چاتاق چىقىپ،مەسئۇلىيەت دوختۇردىن ئۆتسە،سوتلىشىشتىن يانمايسىزدە قېرىندىشىم!!!!
قىيىن ئىش يوق ئالامدە،كۈڭۈل قويغان ئادەمگە!!

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
409
تىللا
323
شۆھرەت
611
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 02:32:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يامىنى رىمونىتچى.مۇشۇ دەل دوختۇر ئۆزى شۇ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-10-5 22:20 , Processed in 0.108258 second(s), 17 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش